كۈزنىڭ ئالتۇن غازىڭى بىزگە،
سۆيگۈ بېرىپ گۈلدەستە تۇتقان.
سالقىن ھاۋا پەپىلەپ-بەزلەپ،
يېرىم بولغان كۆڭۈلنى ئۇتقان.
كۈزنىڭ ئالتۇن غازىڭى بىزگە،
ئۇلۇغ ھېكمەت ئۆگىتىپ قويغان.
ۋىسال ئىزلەپ قاقرىغان جانلار،
گۈزەل ھايات مېھرىگە تويغان.
كۈزنىڭ ئالتۇن غازىڭى بىزگە،
ئىككى دۇنيا ساۋىقى بەرگەن.
ئەقىل كۆزى ھەممىنى كۆرۈپ،
ئەلدىن قۇتلۇق جاۋاھىر تەرگەن.
كۈزنىڭ ئالتۇن غازىڭى بىزگە،
ئۇزاق، ئۇزاق سۆزلىگەن قىسسە.
يوقاپ كەتكەن ئېزىتقۇ ھېستىن،
شەيتان سالغان ۋەسۋەسە-غۇسسە.
كۈزنىڭ ئالتۇن غازىڭى بىزگە،
ھالال ئاشىق سەۋداسى سالغان.
ئادەم ئاتا روھىدىن چاقناپ،
ئۆلمەس نۇرلار تەۋەرۈك قالغان.
مەنبە: ئىجادىيىتىم