كىچىككىنە قارا كۆز...
كۆزلىرىڭ بۇلاقلىرىغا چۆكۈۋاتقان ھېسلىرىمنى سىزەلمىدىڭمۇ؟ تەلمۈرۈپ بىقارار ئۆتكەن كۈنلىرىمنى بىلەلمىدىڭمۇ؟ يولىرىڭ نىگاھلىرىغا چېچىلغان ئىزلىرىڭنى ئىستىبان خىيال دەرياسىدا قىينىلىپ سەن ھەققىدىكى چۆچەكلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئاشق يۈرىكىمنىڭ تىپىرلاشلىرىنى ئاڭلىيالمىدىڭمۇ؟ بىقارارمەن سەنسىز كېچىلەردە ئۇيقۇ دۈشمىنىگە ئايلانغان...
سۈكۈتلىرىم ئۈنسىزلىككە باش قويدى. سېغىنىشلىرىم سېنى مەنا قىلدى.
جانان كوچىسىدا تال- تال چاچلىرىڭنى ئوينىتىپ، ئەتلەس كۆڭلىكىڭنىڭ گۈزەللىك بالقىپ تۇرغان بەدەنلىرىڭدىن ئويناۋاتقان تۇيغۇلىرىنى، گىلەم دوپپاڭدىن چاقناپ تۇرغان ئۇيغۇر لىرىكىسىنى ئوقۇپ، «كىچىككىنە قارا كۆز» ناخشىسىنى زىكرى قىلىۋاتقان ئەكسىڭ سىزىلغان. ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ شەرمى ھاياسىغا چۆمۈلۈپ، چىن مۇھەببەتنى پەپىلىتىۋاتقان قارا كۆز يايرىم تەنلىرىم ياپراقلىرى ساڭا قۇچاق ئېچىۋاتىدۇ. خۇدا ئاتا قىلغان پاك نىيەتلىرىڭنى ۋە توقسەن توققۇز پىرسەن شەرم ھايانى جىلۋىلەندۈرۈپ يۈرىكىم تەكتىگە ئوت ياققىن. كېچىلىرىمنىڭ ھالرەڭ چۈشلىرىدە ئاشق كۆزلىرىمنى، سەۋدا سىمايىنى كۆرەلمىگەن بولساڭ، سەھەر گۈلشەنىدە قىزىلگۈل بولۇپ يۈز ئاچقىن. مەن بولبۇل بولۇپ خەندان قىلاي. شەرم- ھايالىرىڭدا ئېقىپ كېتەي. بىز مۇھەببەتنى ئەشۇ يەردە پەپىلتەيلى...
«كىچىككىنە قارا كۆز» يايرىم، ئەجدادلىرىمدىن، ھايالىق ئانىلىرىمىزنىڭ ئەخلاق بابىدا يىگانە تەربىيلىگەن قىزلىرىدىن ئودۇم ئېلىپ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرىدا يېيىلغىن... بارغانسىرى ئۆچۈپ كەتكەن ھايا، يالاڭباش، يالاڭپاچاق، يالاڭ بىلەك، يالاڭلاۋاتقان نۇمۇس، پەردىشەپنى ئۇنۇتقان، ھەر خىل گىرىمدىن رەڭ ئالغان يۈزلىرىدىكى نۇمۇسسزلىقنى ھايالىرىڭ بارماقلىرىدا قاتتىق قامچىلىغىن. ئۇلار سەن ئارقىلىق ھەقىقەتنى تۇنۇۋالسۇن. شەھۋەت قايناۋاتقان مەيدىلىرىنى يېپىۋالسۇن... ئۇلارغا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ساپ، سەمىمىي ۋە پاك قەلبىنى تۇنۇتقىن. ئۇلار ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەسلىنى، نەسلىنى، يېلتىزىنى تېپىۋالسۇن. شەرق گۈزەلىرى ئۇلارنىڭ ھايالىرىدىن ئەيمەنسۇن...
«كىچىككىنە قارا كۆز» يايرىم... ماڭا سەمىمىي مۇھەببىتىڭنى بىغىشلىغىن. بىز كەلگۈسىنى يارىتايلى. ئەنئەنىمىزنىڭ ئەخلاق قاراشلىرىنى قېزىپ كەلگۈسىگە ئېلىپ بارايلى. زېمىن، ئاسمان، قۇياش، ئاي، يۇلتۇز... ھەممە- ھەممىسى ئەيمەنسۇن، ھەيران قالسۇن...
«كىچىككىنە قارا كۆز» يايرىم... بەخىت قوينىمىزدا «خانلەيلۇن» غا جۆر بولسۇن. غۇلجىنىڭ كەڭ يايلاقلىرىدەك يېشىللىقىمىزنى ھاياتنىڭ سېھرلىك بەتلىرىدە نۇرغا چۆمدۈرەيلى...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-20 06:58 PM