ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزىزلەر،ھەممىڭلار سالامەت تۇردۇڭلارمۇ؟مەنكى مۇسىلىنە ھەممىڭلارنىڭ تېنىڭلارغا سالامەتلىك،تۇرمۇشۇڭلارغا خاتىرجەملىك ،ئائىلەڭلەرگە بەخت تىلەيمەن،بەخت- ئامەت مەڭگۈ سىلەرگە يار بولسۇن...! نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مۇنبەرداشلارنىڭ ئۆزۈم ياقتۇرغان نادىر ئىمزالىرىنى يىغىپ قويغان ئىدىم،بۈگۈن يوللاپ قويدۇ،ياقتۇرغايسىلەر....
ھەر بىر ئىمزادىن بىر ھېكمەت چاقناپ تۇرىدۇ...
سۈمەييە
ھايات بىر چۇش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر .
باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق باھا بەرگىنگە ئەمەس قانداق ئادەمنىڭ باھا بەرگىنگە قارا
سەن ئەڭ زىرىككەن ھازىر ، كىيىن ئارزۇ قىلساڭمۇ قايتالمايدىغان ئۆتمۈش.
Mahbusman
مۇنارلار نەيزە،قۇببىلەر قالقان، مەسجىدلەر گازارما،مۇئمىنلەر ئەسكەر، بۇ ئىلاھى قۇشۇن دىنىمنى قوغدار، ئاللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر!!! بىز ھەممىمىز كۆرۈنمەس قورغاندىكى مەھبۇس.........!!!
Sirdax998
ئۆلمەسلىك ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتكەنلەر ساناقلىقلا، ئۆلۈش ئۈچۈن ياشاۋاتقانلار ساماندەك تولا.
Ayguzal007
ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن.
قاتىل
پالانى ياشىسۇن ،پۇكۇنى ياشىسۇن دەپ شۇئار تۇۋلاشتىن بۇرۇن ، ئۆزەڭنىڭ قانداق ياشاۋاتقانلىقىڭغا قاراپ باق.
تاڭنۇر
مەندە كىچىكىنە يۈرەك بار ، لىكىن ئۇنىڭغا چەكسىز مىھىر مۇھەببەت قاچىلايمەن.
مەلىكە
ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟
Othor
كىملەردىن ئاغرىناي ئۆتكەن كۈنۈمگە، كىملەرنىڭ تەغدىرى كىمنىڭ قىلىدا؟ كىملەردۇر كۈلىدۇ تەنھالىقىمغا، كىملەرسىز ياشايمەن ھايات يولىدا.
Turpan004
ئى رەببىم!ماڭا كۆڭۈل-خاھىشىمنىڭ تومشۇقىغا سېلىنغان يۇگەننىڭ چۇلۋۇرىنى ئەقىل-ئىدراكىمنىڭ قولىغا تۇتقازغۇدەك جۇرئەت ۋە ئىقتىدارنى مەندىن ئايىمىغىن...
Ketmen
ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق.
Gulsumay
ھەممە رەزىللىكلەرنى،يامانلىقلارنى ئۆزىمىز قىلىپ ئاندىن‹رەھىمسىز دۇنيا›دەپ قويىمىز.رەھىمسىزلىكلەرنى ئۆزىمىز قىلمىساق بۇ دۇنيانىڭ قولىدىن نېمە رەھىمسىزلىك كەلسۇن؟!...
Zulyar-apandi
باشقىلارنى ئېتىراپ قىلمايدىغان كىشىدىن ئۈمىت كۈتمەڭ.ئۇ ناداندۇر.
ئۆز كىشىلىرىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان كىشىدىن ئۈمىت كۈتمەڭ. ئۇ گۇمراھتۇر.
Uyghur05
زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.
Arkzada
ھاياتنى دائىم ئۆزۈڭ ئېگە بولالمىغان بىرەر نەرسىگە شەيدا بولۇپ ئۆتكۈزىشىڭ كېرەك. ئىنسان يۈكسەكلىككە تەلپۈنگەندە تېخىمۇ مۈكەممەللىشىدۇ.
Dilara124
بۇ دۇنيادا ياشىغان ئىكەنمىز ،ۋىجدان بىلەن پاك ياشايلى!!!قىلغان ھەر بىر گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلايلى!
1نامەلۇم
سىزگە تەۋە بولمىغان نەرسىلەرگە تەمەگەرلىك بىلەن قارىماڭ , كۆز ئالدىڭىزدىكى نەرسىلەرنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىۋىلىڭ .
Entiljan
بىر مىللەتنىڭ دىننى سورۇنىدا ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشى،شۇ مىللەت دىنىنىڭ سۇسلىشىۋاتقانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر!
Gulbar5
ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن.
پادىشاھ
دۇنيادا ئەۋلادلارنىڭ مۇھتاجلىققا قېلىشىدىن قورقۇنۇچلۇق ئىش يوق،شۇ سەۋەبلىك پەرزەنتلەرنى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم...
Tasawwur138
ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزمىغان ئادەم ھامان بىر كۈنى زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.
Saptilak
بىر مىللەتتە ساپ ئەقىل، ساپ ئەخلاق، ساپ تىلەك بولغاندىلا شۇ مىللەتنىڭ كەلگۇسىدە ئۆمىد بار.
Undax
ئۈمىد پەرقلەندۈرەر بىزنى شەيتاندىن، ئۈمدسىز شەيتانمىش بىنەسەپ جاندىن. مەڭگۈ قارا زۇلمەتتە قالماس بۇ ۋەتەن، ئۈمدنى ئۈزمىگىن سەن سۈبھى تاڭدىن.
مەنبە : مۇنبەرداشلارنىڭ ئىمزالىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-27 11:31 PM