بىز بۇ بىناغا كۆچۇپ كەلگىلى يىرىم يىل بولدى قوشنىلىرىمىزنىڭ نىمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغىنىنى بىلمەيمەن ،ئۇلارنى كۆرۇپمۇ باقمىدىم . . بىز ئۇچىنچى قەۋەتتە303 -ئۆيدە ئولتۇراتتۇق.404ئۆيدىكى يەنى بىزنىڭ ئۇستىمىزدىكى قوشنىمىزنىڭ ئۆيىدىن كۇندە كەچتە ئىككى ئايالنىڭ پاراڭلاشقان ئاۋازى ئاڭلىناتتى . ماڭا شۇنداق تۇيۇلاتتى ، ئاچامدىن سورىغىنىمدا «ئۇنداق ئەمەسقۇ» دەپلا جاۋاپ بىرەتتى . ئۇلارنىڭ ئاۋازى خۇددى قۇلاقنى قۇلاققا يىقىپ پىچىرلاشقاندەك ، ئەمما ناھايىتى جاراڭلىق ئاڭلىناتتى . بۇ ئۆي ماڭا بارا بارا غەلىتە تۇيۇلۇشقا باشلىدى .
مانا بۇگۇنمۇ شۇنداق يوتقانغا كىرىپ يىتىشىم بىلەن ئۇستۇنكى ئۆيدىن پىچىرلاشقان ئاۋازلار ئاڭلىنىشقا باشلىدى . ئۇخلىماي ياتتىم ،بىرەر سائەت ئۆتسىمۇ ئۇلارنىڭ پارىڭى تۇگەي دىمەيتتى . ئاخىر چىدىيالماي ئورنۇمدىن تۇردۇم ، ئۇخلاش كىيىمىمنىڭ ئۇستىگىلا چاپىنىمنى كىيىپ ئۇستۇنكى قەۋەتكە قاراپ ماڭدىم . كەچلىرى يالغۇز مىڭىپ كۆنۇپ كەتكەچكە بۇنچىلىك ئىشلار مەن ئۈچۈن ئادەتتىكىچە ئىدى . ئۆزۇممۇ خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشنى ياقتۇراتتىم . 404-ئىشىك ، ئىشىكنى چەكمەكچى بولۇپ قولۇمنى كۆتۇرۇشۇم غىىىىىچ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئىشىك ئىچىلىپ كەتتى . ئىتتىرىپ ئۆيگە كىردىم. ئۆي ئىچى قاپقاراڭغۇ، « قىززىق ئادەملەركىنە ، ئىشىكنى تاقاپ چىقىپ كەتمەي » كۆڭلۇمدە شۇنداق ئويلىدىم . مەنچە بولغاندا ئۇلار مەن چاپان ئاياقلىرىمنى كىيىپ بولغىچە سىرتقا چىقىپ كەتكەنىدى . ئەجەبلىنەرلىكى ، ئىچكىرى بىر ئۆينىڭ يەنى ئاچا سىڭىل ئىككىمىزنىڭ ھوجرىسىنىڭ ئۇستىگە توغرا كىلىدىغان ئۆينىڭ چىرىقى يورۇپ تۇراتتى . « مەن يىشىل رەڭگە بەك ئامراق لىكىن ئۇنىڭ چىراقنىڭ رەڭگى بولسا ئادەمنى شۇركەندۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن ، بۇلار قانداقمۇ چىداپ ئولتۇرغاندۇ .» ئۇ ئۆينىڭ ئىشىكى ئازراق ئوچۇق تۇراتتى . ئىچىدىن چىراقنىڭ نۇرىدەك يىشىل نۇر چىقىپ تۇراتتى . ئىشىكنى ئىتتىرمەكچى بولۇپ قولۇمنى ئاپىرىشىم مۇرەمنى بىرى تۇتتى . قۇلاق تۇۋۇمدە بىرىنىڭ نەپەسلەنگەن ئاۋازى ئاڭلاندى . ئاستا كەينىمگە ئۆرۇلدۈم .
_ سىڭلىم بۇيەردە نىمە ئىشى قىلىۋاتىسىز ؟ _، ياش بىر ئايال كۇلۇمسىرەپ تۇرۇپ ماڭا قاراۋاتاتتى .
_ ھە قارىسام ئۆينىڭ ئىشىكى ئوچۇق تۇرۇپتۇ، ئىچىدە ئادەم بولسا ئىيتىپ قوياي دىگەن ئىدىم .
_ شۇنداقمۇ رەھمەت سىزگە ، مەن سىرتقا چىقسام ئىشىكنى تاقاشنى ئۇنتۇپ قالىمەن ، دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۇنىگە بىرىپ ھازىر قايتىپ كىلىشىم ، بىر چۇشتىن كىيىنىم بىكار بولدىدە .
_ نىمە ؟ سىز باياتىندىن بىرى ئۆيدە ئەمەسما ، ئىچىدىن ئىككى ئايالنىڭ پاراڭلاشقىنى ئاڭلىنىۋاتاتتىغۇ .
_ نىمە دىدىڭىز ؟؟؟_، ئۇ ئايالنىڭ سۈرلۈك قاراشلىرىدىن ھودۇقۇپ كەتتىم ، دىمەسلىك كىرەك بولغان نەرسىنى دەپ نىمە قىلا بولغۇيتتۇم .
_ ھە، ھىچنىمە شۇ سىز بۇ ئۆيدە يالغۇز تۇرامسىز دىدىم .
_ ھەئە .
_ مەن ئۆيگە چىقىپ كىتەي شۇنچە كەچ بولغاندا سىزنى ئاۋارە قىلدىم كەچۇرۇڭ .
_ ياقەي ، چاي ئىچىپ چىقىڭە .
_ رەھمەت ، بولدى مەن چىقاي . ئۆيدىن چىقىپ ئۇھ دىدىم . كۇلۇشلىرى كىشىنى مەس قىلىدىغان ئەمما كۆزلىرى كىشىنى ھۇدۇقتۇرىدىغان بۇ ئايالدىن قۇتۇلغۇنۇمغا شۇكرى دىدىمدە ئۆيگە كىرىپ كەتتىم . ئۇ ئۆيگە بولغان قىزىقىشىم تىخىمۇ كۇچەيدى .
ئاخشام چۇشۇمدە ئۇ ئايالنى كۆردۇم . « بىلمەسلىككە تىگىشلىك نەرسىلەرنى بىلىپسەن ، ئەمدى ئۆلۇشۇڭ كىرەك . ئۇ قولىنى سوزۇپ مىنىڭ گىلىمنى سىقماقچى بولدى دەل شۇچاغدا ئۇنىڭ قولىنى بىرسى تۇتۇۋالدى . شەپقەتچىمنىڭ كىملىكىنى بىلىش ئۈچۈن قارىدىم مەن بىلەن تەڭتۇش 15 ياشلاردىكى بىر قىز ئۇنىڭغا قاراپ « ئۇنى قويۇۋەت بۇنداق قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئەمەسسەن ، ماڭا زىيانكەشلىك قىلغىنىڭدەك ئۇنىڭغىمۇ زىيانكەشلىك قىلىشىڭغا يول قويالمايمەن » ئۇ ھىلىقى ئايالنىڭ قولىنى سىلكىۋەتتى . ۋە قولۇمدىن تۇتۇپ قاچتى . ئىككىمىز يۇگرەۋاتىمىز ، ئۇ ئايال قوغلاۋاتىدۇ . مانا يىتىشەيلا دەپ قالدى شۇ ۋاقىتتا ئۇ قىز قولۇمغا بىر ئاچقۇچنى تۇتقۇزدى ۋە « بۇ ئاچقۇچنى يوقىتىپ قويماڭ ، بۇ ئادەتتىكى ئاچقۇچ ئەمەس . سىز قىزىققان ئۆينىڭ ۋە ئۆي ئىچىدىكى باشقا نەرسىلەرنىڭ سىرىنىبىلگۇڭىز بولسا ئاچقۇچنى قەلبىڭىزگە بويسۇندۇرۇڭ يەنى ئۇنىڭغا ئىشىنىڭ ئۇمۇ سىزگە ئىشەنسۇن . ئۇ شۇنداق دەپلا ھىلىقى ئايالنىڭ يىنىغا كەتتى . مەن ئاچقۇچقا قارىدىم.ئالتۇندەك سىرىق ۋە نۇر چاچىدىغان ئۇستىگە ، يىشىل ،قىزىل ، ۋە سىرىق رەڭلىك كۆزلەر قويۇلغان نەپىس بىر ئاچقۇچ ئىدى .
ئويغىنىپ كۆرگەن چۇشۇمدىن ھەيران قالدىم . قىززىق ئىش دىسە ، تۆنۇگۇن كۆرگەن كىشىنى بۇگۇن چۈشۇمدە كۆرۆشۇم تۇنجى قىتىم ئىدى . بەلكىم ئۇ باشقا كىشىلەردىن ئالاھىدىدۇ ، تۇيۇقسىز قولۇمدا بىر بىر نەرسە بارلىقىنى ھىس قىلدىم . ئاستا قولۇمنى ئاچتىم . چۇشۇمدىكى شۇ نەپىس ئاچقۇچ ،ئىشىنەلمىدىم . كۆزلىرىمنى ئۇۋىلىۋىتىپ قارىدىم . يەنىلا شۇنداق . يۇزۇمنى ، قوللىرىمنى چىمدىدىم . ئاغرىۋاتىدۇ دىمەك چۇش ئەمەسكەن . ئاچقۇچنى خۇشاللىق ئىچىدە يانچۇقۇمغا سىلىپ قويدۇم .
كۇتۇۋاتقان كۇنلىرىم ئاخىر كەلدى . ئۇ ئايالنىڭ بىنادىن چىقىپ كەتكىنىنى ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆرگەندىن كىيىن تۆتىنچى قەۋەتكە چىقتىم . چۇشۇمدىكى قىز بەرگەن سىرىق ئاچقۇچنى ئىشىككە سالدىم ........
كەچۇرۇڭلار ، ۋاقتىم قىس بولغاچقا قىسقا بولۇپ قالدى . داۋامىنى ئاللاھ خالىسا تىزلىكتە يوللايمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-28 01:59 AM