مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6327|ئىنكاس: 52

سىزنىڭمۇ ھورۇن خۇتۇنىڭىز بارمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99550
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 422
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2013-11-13
ئاخىرقى: 2013-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 01:30:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سىزنىڭمۇ ھۇرۇن خۇتۇنىڭىز بارمۇ ؟


مەن بىر كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ،ئۈگۈنۈش نەتىجەم ئادەتتىكىچە ،باللىقمدا ئالاھىدە تىلغا ئالغۇدەك ئەسلىمىلىرىم يوق بىر يىگىت .ئوغۇلنىڭ ئىككىنچىسى شۇنداقلا ئۆينىڭ ئەڭ كىچىكى .ئاكام ماڭا قارىغاندا نەتىجە ۋە گەپ ئاڭلاش جەھەتلەردە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولسىمۇ ناھايتى ياۋاش بولغاچقا ئائىلىدە ئانام داداملار ماڭا كۆپرەك ئامراقلىق قىلىشاتتى . ئانام ناھايتى ئىدىتلىق ، تەلەپچان ئايال ئىدى .كىچىكىمىزدىن ئائىلە ۋە خىزمەتنىڭ ھۆدىدىسىدىن چەپدەسلىك بىلەن چىقىپ ،ھەممىزنى تەرتىپلىك تەربىيلەشكە كۈچ چىقىرىپ كەلگەن ،كۆزىگە  ئازراقمۇ قالايمىقانچىلىق ، چېچىلاڭغۇلۇقنى سىغدۇرالمايدىغان خاراكتىرى ھەممىمىزنى ھەمىشە رەتلىك يۈرۈشكە كۆندۈرۈپ قويغان ئىدى .ئاتا-ئانام ئۆزلىرى خىزمەتچى بولغاچقا بىزنىڭمۇ ياخشى ئوقۇپ ھۈكۈمەت ئىلكىدە خىزمەت قىلىشىمىزنى  تۇلىمۇ ئارزۇ قىلشاتتى .ئىككىيلەن مۇئاشىدىن تىجەپ يىغىپ بىزنى ئوقۇتۇشقا كۆپ كۈچ چىقاردى .لىكىن بىز باشتىلا ئوتتۇرا سەۋيىدە ئوقۇپ كەلگەچكە ئىزچىل تۈردە مەيلى قەيەردە ئوقۇمايلى ئوتتۇرا سەۋيىدىن ھالقىيالماي  ئوقۇپ ،ئاكام بىلەن  ئىككى يىل پەرقتە ئارقا -ئارقىدىن ئوقۇش پۈتتۈردۇق. ئاكام ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا  تۈرلۈك ئىمتىھانلارغا قاتنىشىپ ھەمىشە 5-10نۇمۇر پەرىق بىلەن شاللىنىپ قېلىۋىرىپ خىزمەت ئىشى ھەل بولماي بىر ئۆي سېتىش شىركىتىدە ۋاقىتلىق تۇنۇشتۇرۇپ ئۆي ساتقۇچى  بۇلۇپ ئىشلەپ يۈردى .مەن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئاران دىگەندە ئىمتىھاندىن ئۈتۈپ چارۋىچىلىق ئىدارىسنىڭ ناھىيمىزگە يېقىن يىزىسىدا تېخنىك بۇلۇپ ئىشلەشكە ئىشقا چۈشتۈم .ئەتتىگىنى ئەل قوپماستا ماڭاتتىم .كەچلىكى ئەل جىمىققاندا ئۆينى تاپاتتىم . دەسلەپ يېزىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇشلىرىغا كۈنەلمىدىم .ئۇنىڭدىن سىرىت خىزمىتىمدىن بارابارا كۆڭلۈم سۇۋۇدى نىمىشقا دىگەندە ،بىز چارۋىچىلىق تېخنىك خادىملىرى ھەمىشە ئائىلمۇ- ئائىلە، ئېغىل -قۇتانلاردا يۈرۈپ دىھقانلارنىڭ مال -چارۋىلىرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ،يۇقۇملۇق كىسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش دۇرىسى ۋە ئۇكۇلىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تارقىتىپ ،چارۋىلارنىڭ يەم بۇغۇزلىرىغا قارىتا تېخنىكىدا يىتەكچىلىك قىلىش ،كۆيدۈرگە كىسىلى ،يۇقۇملۇق قۇش زۇكاملىرى قاتارلىق تۈرلۈك مال -چارۋا ،ئۆي قۇشلىرى  كىسەللكلىرىنى كونتىرول قىلىش قاتارلىق بىر قاتار خىزمەتلەرنى ئىشلىشىمىزگە توغرا كىلەتتى .بەزىدە چارۋىلارغا كىسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئۇرغىچە قوي كالا پوقلىرىدا بۇلغانغان ئاياغلىرىمنى تازلاپ بۇلالماي تۇلمۇ بىزار بۇلاتتىم . كەچتە كەلسەم  ئانام ،‹‹ ۋاي ئاللا ،قىغ پۇراپلا قاپسەنغۇ ...›› دەپ ۋايساپ قۇياتتى .مەنمۇ ۋايسايىتتىم ،قاقشايىتتىم ،لىكىن خىزمەتنى تاشلاپ   چىقىشقا ئامالىم يوق ئىدى .خىزمەتتىن ئازراق ئاغرىنغىنىمنى ئاڭلىغان  دادام   مەن تولا دادامدىن ئاڭلاپ  يادا بۇلۇپ كەتكەن  ‹‹تەيپۇنەم ›› زامانىدىكى ئۆزىنىڭ تارىتقان جاپالىرىنى بىر باشتىن ئىرىنمەي سۆزلەپ ئېغىزىمنى ئاچۇرمايىتتى .شۇنداق قىلىپ خىزمەتنىمۇ چىشىمنى چىشلەپ ئىشلەپ كۈنۈپ قالغانمۇ بولدۇم .. .

كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئانام -دادام، ئاكام ئىككىمىزنى يېنىغا چاقىرىپ توي ئىشىمىز ئۈستىدە مەسىلھەت سالدى .يەنى ئانام ئاللا بۇرۇن ئاكا-ئۇكا ئىككىمىزگە لايىق تېپىپ قويغان بۇلۇپ خۇدا خالىسا چوڭ چاينى كىلەر ھەپتە ئېلىپ بارماقچى بۇلۇشقىنىنى ، بىزنىڭ باشقىچە ئويلىرىمىز بار يوقلۇقىنى ،قارشى تەرەپ بىلەن كۈرشۈپ باقسىاقمۇ بۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى  .ئاكام ئىككىمىز ھازىرغىچە توي ئىشى ھەققىدە ھىچقانداق ئويلىشىپ باقمىغاچقا ئىشلارنى  يەنىلا دادام-ئاناملارغا قويدىغانلقىمىزنى بىلدۈرۈشتۇق.شۇنداق بۇلۇپ ئالدى ئارقا ،چوڭ كىچىك چايلار ، توي خىتى ئېلىش  ۋە تەييارلىقلاردىن كىيىن بىزنىڭ تۇيىمىز بولدى .بىرىنچى كۈنى ئاكامغا ، ئىككىنچى كۈنى ماڭا قىز يۆتكىدۇق ، بۇ جەرياندا شۇنداق چارچاپ ھارغان ئىدىمكى شۇ تاپتا پۇت قۇلۇمنى ئۇزۇن سۇزۇپ ئۇخلىۋالغىم كىلەتتى. لىكىن نەچارە ،باشقا كۈنى ئۇخلىساممۇ ‹‹ھېرىپ قاپتۇ ›› دەپ توغرىسىنى چۈشنىشەر ،ئەمما زە بۈگۈن …….

قاراڭغۇ چۈشۈپ ،ئالدىراشلىقلار بىر قۇر بېسىقىپ ،يەڭگىلەر باشقا ئۆيلەرگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇپ خېلى ئۇزۇندىن كىيىن  .ئاغىينىلىرىمنىڭ ھەييارلىق بىلەن شەرەتلىشى ئارقىسىدا ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ ئاستا ماڭا تەييارلانغان ھۇجىرىغا قاراپ ماڭدىم . ۋاي ئاللا ، دوستلىرىمنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئالدىدا توي قىلغىنى مەن بولغاچ ،يەنە كىلىپ ئاكاممۇ تۈنۈگۈنلا توي قىلغاچ مەن توي كۈنى قانداق‹‹ رەسمىيەتلەر ››بارلىقىنى تېخى باشقىلاردىن سۇراپمۇ يۈرمىگەن ئىكەنمەن . ھۇجىرىغا كەلگۈچە توي خىېتى ئالغان كۈنى مەن بىلەن رەسىمگە چۈشكەن ‹‹خۇتۇنۇم ›› نىڭ سىماسىنى ئويلاپ تاتلىق ھىسلارغا چۈمۈلۈشكە باشلىدىم .كۆڭلۈمدە بىرخىل دىلغۇللۇقمۇ بار ئىدى . ئۇنى چۈچۈتۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ ئۆيگە كىردىم .ئۆي ئىچى تىمتاس ئىدى .خۇتۇننى ئىزلەپ قاراپ  بۇ ئالامەتتىن ھەيران قالدىم . خۇتۇن سافا ئۈستىدە  بېشىنى كۆكسىگە ساڭگىلاتقانچە ئولتۇراتتى  .قاراپ غەلىتە بۇلۇپ كەتتىم .خۇدىدى تىرىك مۇردا فىلىملىرىدىكى بېشىنى ساڭگىلىتىپ تۇرغان ئايال ئالۋاستى (يەنە كىلىپ توي كۆينىكى كەيگەن ) يولدىشى يېنىغا كىلىشى بىلەن ئاستا بېشىنى كۈتۈرۈپ قان ئېقىپ تۇرغان ئېغىزىنى كالچارىتىپ كۈلۈپ ،كىلىدىغاندەكلا . بۇ خىيال كاللامغا كىلىشى بىلەن بېشىمدىن بىر چىلەك سۇ قۇيغاندەك غۇژژىدە بۇلۇپ قالدىم . ئىشىكتىن كىرگىچە سۈرگەن تاتلىق خىياللىرىم نەلەرگىدۇ غايىپ بولدى .ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتىش مەخسىتىدە ئاستا گېلىمنى قىرىپ قويدۇم .

-جىم ....

گېلىمنى يەنمۇ چىڭراق قىرىپ قويدۇم .

يەنە -جىم ……

ئىچىم تىتىلداپ يېنىغىراق كىلىپ چاي ئۈستىلى ئۈستىدىكى پەتنۇسنى قۇلۇمغا ئالدىم -دە قەستەنگە چاي ئۈستىلىگە ئاۋاز چىقىرىپ تاشلىدىم .‹‹تاراڭ ›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئايالىم چاچراپ ئورنىدىن تۇردى -دە كۆزلىرىنى پىيالىدەك چەكچەيتىپ ئۆندەرىگەندەك ماڭا قاراپ تۇردى .ئۇنىڭ بۇ ئەپتىدىن  ئۈزۈممۇ چۈچۈپ كەتتىم ،قارىغاندا ئۇ ئۆزىنى ئاپىسىنىڭ ئۆيدىكىدەك ھىس قىلىپ مىنىڭ يېنىدا تۇرغىنىمغا ھەيران قالغانلىقى چىقىپ تۇراتتى .ئەسلى  ئۇ بايا مۈگىدەپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قاپتىكەندە؟ - ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە ئۇنىڭ چاچراپ تۇرغان ھالىتى قايتا يادىمغا يىتىپ قىزىق تۇيۇلۇپ كۈلۈپ تاشلىدىم . ئۇمىنىڭ كۈلگىنىمنى كۈرۈپ ھۇدۇقۇپ كارۋات تەرەپكە ماڭماقچى بولدى بولغاي كۆينىكىنىڭ ئۇزۇنلىقىنمۇ ئەستىن چىقىرىپ ئۈچ قەدەم ماڭا -ماڭماي كۆينەككە دەسسىۋېلىپ دۈم چۈشتى .بۇ ھالەت تېخمۇ قىزىق تۇيۇلغاچقا يەنە  ئاۋاز چىقىرىپ كۈلۈپ تاشلاپتىمەن .ئۇ خىجىل بولدىمۇ ياكى ئاچچىقلاندىمۇ ئەتىمالىم دۈم ياتقان يىرىدىن قوپمىدى . بېرىپ قارىسام بۇرنىدىن شورقىراپ قان ئاققىلى تۇرۇپتۇ . ئۇ بولسا ھۇشىدىن كەتكەن ئىدى .يۈگۈرۈپ بېرىپ ئىلغۇچتىكى لۈڭگىنى ئالدىم- دە ،ئۇنى يۈلەپ بۇرنىغا لۈڭگىنى باستىم . لۈڭگە بىردەمدىلا قانغا بۇيالدى .قان ھىچ توختايدىغاندەك ئەمەس .ئەمدى ئۆيدىكلەرگە دىمىسەم بولمىدى .ئۇنى دوختۇرغا ئاپارمىساق بىرەر مەسلە چىقسا قانداق قىلغۇلۇق .شۇنىڭ بىلەن مەن ئانامنى چاقىردىم .ئانام كىرىپ قاننى كۈرۈپ خۇددى مەن ئۇنى شۇنداق قىلىپ  قويغاندەك شۇنداق سەت بىرنى ئالايدى-دە ،

-تاكسى چاقىر ،- دىدى قۇپال قىلىپ .

مەن قاتتىق خىجالەتچىلىك ئىچىدە تاكسى ھەيدەيدىغان بىر دوستۇمغا تىلفۇن قىلىپ چاقىرىپ كەلدىم .بۇ ۋاقىتتا ئانام يەڭگىلەر بىلەن ئۇنىڭ كىيملىرىنى ئالماشتۇرۇپ تەخ بولغان ئىدى .بىز دوختۇرخانىغا باردۇق .بىر قاتار تەكشۈرتۈشلەردىن كىيىن دوختۇر ئۇنىڭ قورقۇپ كىتىپ تۇيۇقسىز زەربىدىن ئايلىنىپ قالغىنىنى ھازىرچە ساختا ئۇيقۇ ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى ،بۇرنىدىن ئاققان قان تۇختىغانلىقىنى ، ھاياتىغا خەۋىپ يەتمەيدىغىنىنى ،لىكىن ئىككى ،ئۈچ كۈن ياتاقتا ياتمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى . شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ توي قىلغان بىرىنچى ئىككىنچى كىچەم  دوختۇرخانىدا خۇتۇننى بېقىپ ئۆتتى ....

كۈنلەر ناھايتى تىنىچ ئۈتۈشكە باشلىدى. ئائىلمىزگە تەڭلا كىرگەن  ئىككى كىلىن كۈنلەرنىڭ ئۈتۈشى بىلەن بارغانچە سېلىشتۇرما بۇلۇپ قېلىۋاتاتتى .ئاكامنىڭ ئايالى ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ ناھايتى شوخ ،ئۇچۇق مىجەزلىك ،كۆڭلىدىكىنى تۈزگە ئېيتىۋىردىغان ئايال ئىدى .ئۇنىڭ تەسىرىدىنمىكىن ئاكامنىڭ ئىلگىركى كەم سۆزلىكلىرى تۈگەپ ،سورۇنلاردا بىمالال ئولتۇردىغان ،ئىشلارنى تاس -تۇس بىجىرىدىغان بۇلۇپ قالغاچقا ئۇنىڭ ئايالى ئۆيمىزدىكلەر بىلەن تىزلا ئىچقۇيۇن -تاشقۇيۇن بۇلۇپ كەتتى .يەڭگەم مىنىمۇ قېينى ئىنسىدەك ئەمەس ئۆز ئىنىسىدەك كۈرۈپ ئىززەتلەيىتتى .مەنمۇ ئۇنى ئاچامدەكلا ھۆرمەتلەپ ‹‹ خان ئاچا ›› دەپ ئاتايىتتىم .

مىنىڭ خۇتۇنۇم بولسا  دوختۇرخانىدا سىستىرالىق قىلاتتى .مىجەزىگە كەلسەك نىمىسىنى دەي ،مىنىڭ بۇ ئايالىم ئاجايىپ ئىدى  . چىرايى خۇددى سىزىپ قويغاندەك چىرايلىق ،ئۇسقانلىرىمۇ ناھايتى كىلىشكەن ،ئۆز ئىشىنى بىر كىم دىمىسىمۇ ئۆزى تېپىپ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ،بېشىنى چۈكۈرۈپ قىلىدۇ .بەزىدە ئازراق پالاكەت ، گەپ قىلىشنى ئانچە  ياقتۇرمايدۇ .سەن بىر ئېغىز گەپ سۇرىساڭ ،پەقەت ،پەقەت ۋە پەقەت بىر ئېغىزلا جاۋاپ بىرىدۇ .گەپ قىلمىساڭ ھەتتا بەزىدە پۈتۈن كۈن  بىر ئېغىزمۇ گىپى  يوق . ئۇمىنىڭ يېنىمدا ئولتۇرۇشنى خالىمايتتى .مەن ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز قېلىشقا ئىنتىلگەنچە ،ئۇ مەندىن قاچاتتى ،بەزىدە مەن ئەركىلىتىپ ئۇنىڭدىن تاتلىق بىر كۈلۈشنى كۈتكەندە ،ئۇنىڭدىكى نۇمۇسچانلىق ۋە  قورۇنۇشنى كۈرۈپ تىڭىرقاپ قالاتتىم .يەنە بىرسى ئۇ چارچاپ كىتەمدىكىن كىچىلىرى ئۇخلىسا ھىچنىمنىى تۇيماي  قاتتىق ئۇخلايىتتى .تىنغىنىنىمۇ بىلگىلى بولمايىتتى .ھەتتا توۋلاپمۇ ئويغاتقىلى بولمايىتتى .بەزىى كىچىلىرى   ئۇنى تۇيۇقسىز ئۈلۈپ قالدىمىكىن دەپ قورقۇنۇچ ئىچىدە تۇمۇرىنى تۇتۇپ باققان ۋاقىتلىرىممۇ بولدى .ئۇ مەندىن يا ئاغرىنمايىتتى  ،يا بىر نەرسە تەلەپ قىلمايتتى ،ئۈن -تىنسىز  ئىشنىلا قىلاتتى . بەزىدە ئۇنىڭ نىرۋىسدا ئازراق چاتاق بارمىكىن دەپمۇ ئويلاپ قالاتتىم.كۈنلەر ئۈتۈشگە ئەگىشىپ ئۇنى بەكلا ياخشى كۈرۈپ قالدىم  . ئۇ گەرچە مىنىڭ كۆڭلۈمدە ئويلىغاندەك شىرىن سۆزلۈك ،خۇشچاقچاق ،تاتلىق قىلىقلىق  بولمىسىمۇ ئۇنىڭ ساددىلىقلىرى ،ئىشچانلىقى ،خۇددى كىنولاردىكى ياپۇن ئاياللىرىدەك ئىتائەتچانلىقى مىنىڭ ئىچمىنى كۆيدۈرەتتى .

كۈنلەر -كۈنلەرنى ،يىللار يىللارنى قوغلاپ ئۈتۈپ بىر دەمدىلا تۆت يىلنى ئۆتكۈزدۇق .4- يىلى  ئاكاملارنىڭ 2- بالىسى تۇغۇلدى .بۇ جەرياندا بىز بالىلق بۇلۇش ئۈچۈن  بارمىغان دوختۇرخانا ،كۈرۈنمىگەن تىۋىپ قالمىدى دىسەكمۇ بۇلىدۇ .ھەممىسدىلا ئايالىمنىڭ تۇغالمايدىغانلىقىنى ئېيتىشتى .بىز بىر پەرزەنتىمىز بولسا دەپ كىچە -كىچىلەپ تىلەپ كىتەتتۇق.ئاللاھ بۇيرىمىسا ئامال يوقكەن .ئاخىر تەقدىرگە تەن بىرىپ بالا بېقىۋېلىش قارارىغا كەلگەندە ئۇ رازى بولمىدى .ئۇنىڭ ماڭا باشقىلارنىڭ بالىسىنى باقتۇرغىسى يوقكەن .  يەڭگەمنى يوقلاپ دوختۇرخانىغا كىرگەندە ،ئۇ بۇۋاقنى  قۇلىغا ئېلىپ مۆلىلدەپ قاراپ  كەتتى،ئۇنىڭغا قاراپ ئىچىم سىيرىلدى .لىكىن ئاللا بەرمىسە نىمە ئامال .دوختۇرمۇ  3 يېرىم يىلدىن بىرى داۋالاپ ئاخىرى ئۇنىڭدا زادىلا ئۈمۈد يوقلىقىنى ئىقتىسادىمىزنى بىكاردىن ئاۋارە قىلماسلىقىمىزنى  ئېنىق ئېيىتتى .دوختۇرخاندىن قايتىپ كىلىپ ئۇنىڭ مەيدەمگە بېشىنى قۇيۇپ ئۆكسۈپ  تۇرۇپ : - بىز ئاجرىشىپ كىتەيلى،سىلى قايتا توي قىلىپ بەختلىرىنى تاپسىلا ....›› دەپ يىغلىغانلىقلىرى ھازىرغىچە يادىمدىن چىقمايدۇ  . شۇ چاغدا مەن ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ :-جېنىم ساڭا نىمە بولدى ،مەن سىنى بالا تۇغۇشۇڭ ئۈچۈنلا ئالمىغان ،بالا بولمىسا نىمە بوپتۇ ،ماڭا سەن بولساڭ بولدى ..چۇڭقۇر ئويلاپ كەتمە،- دىگىنىم بىلەن يۈرەكلىرىم ئۇنىڭدىن بەكرەك ئازاپلىنىپ كەتكەن ئىدى  .

ئۇ يالغۇز قالسىلا  يىغلايىتتى ،ئازاپلىناتتى ،ئىلگىركىدىنمۇ جىمغۇرلىشىپ كەتكەن ئىدى .بالا بېقۋېلىش ھەققىدىكى نەسھەتلەرنى تىڭشاشنى خالىمايىتتى .ھەردائىم ئۇنىڭ كۆزلىرى ياش، مۇڭلۇنۇپ ئولتۇرغىنىنى كۈرۈپ مەنمۇ تۈگۈشۈپلا كىتەتتىم . نەچچە قېتىم  ئۇنىڭغا ‹بالا بېقىۋالايلى›- دىيشىمگە  تېخمۇ يىغلاپ :‹‹ مىنىڭ ئۈزۈم تۇغقۇم بار ،ئاللا ماڭا پەرزەنىت بەرسە ئۆزلىرىنىڭ بالىسىنى تۇغۇپ بەرگۈم بار...سىلىگە باشقىلارنىڭ بالسىنى باققۇزغۇم يوق...  ›› دەپ تېخمۇ ئازاپلاندى .ئۇنىڭ ساداقىتىدىن شۇنداق تەسىرلىنىپ كىتەتتىم .شۇڭا ئۇنىڭ رايىغا بېقىپ ،ئۇنى ئاياپ بالا بېقىۋېلىشنى قايتا ئاغزىمغا ئالمىدىم .  ئۇزۇن ۋاقىت ئىچى سىقىلىپ يۈرگەچكىمۇ،ئۇنىڭ تاجىسىمان يۈرەك  كىسىلى ئېغىرلاپ ، بىز توي قىلىپ   7   يىل بولغاندا يۈرەك كىسىلىنىڭ زەربىسدە شۇنچە داۋالاتساممۇ ئۈنۈمى بولماي مەن بىلەن مەڭگۈلۈككە خوشلاشتى .مەن پۈتۈن دۇنيانى يۇقۇتۇپ قويغاندەك ئازاپلاندىم .رۇھىم چىقىپ كەتكەندەكلا بۇلۇپ قالدىم .گەرچە توي قىلىپ ئۇنىڭ تاتلىق بىر ئەركىلىشىنى كۆرمىگەن بولساممۇ، ھەرۋاقىت ماڭا ھەمراھ بۇلۇپ ،ئۈن -تىنسىز خىزمىتىمنى قىلىپ مىنى راستىنلا كۆندۈرۈپ قويغان ئىكەن .ئۇنى شۇنداق سېغىندىم .نىمىشقىمۇ ئۇنىڭ ئۇنمىغىنىغا قارىماي بالىدىن بىرنى بېقىۋېلىپ ئۇنى خۇشال قىلىمىغانلىقمغا ئۈكۈندۈم .....

مۇشۇنداق رۇھسىز يۈرۈپ بىر يېرىم يىل ئۆتكەندە   ئانام ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ  بېشىمنى ئوڭلاپ قويماقچى بۇلۇپتۇ .ئامال قانچە دۇنيادىن يالغۇز ئۈتۈپ كىتەلمەيمەندە .شۇنىڭ بىلەن ئانام ۋە مەن ئىككىمىز قېينى ئاناملارنىڭ ئۆيىگە  مىنىڭ قايتا توي قىلىشىمغا قانداق قارايدىغانلىقنى بىلىش ، قىسقىسى ئۇلارنىڭ سەمىگە سېلىپ  قۇيۇش ئۈچۈن باردۇق .چۈنكى ئايالىم ئۈلۈپ كەتكەندىن كىيىنمۇ مەن ھەرھەپتىسى ئۇلارنى يوقلاشنى تاشلاپ قويمىغان ئىدىم .قېينى ئانام ئۇزۇن كۆز يېشى قىلغاندىن كىيىن :‹‹ رەھمەت بالام قىزىمنى شۇنداق بەلەن تۇتقان ئىدىلە، ھىلىمۇ بىر يېرىم يىل قىزىمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن چىرايلىق تۇردىلا ،رەھمەت ،دۇنيادا يالغۇز ئۆتكىلى بولمايدۇ. ۋاقتىدا باشلىرىنى ئوڭشىسىلا ،بىز رازى بالام ...››دەپ كۈزى قىيمىسىمۇ رازىلىق بەردى .

بىر ئاي ئۈتۈپ تويۇم بولدى .مىنىڭچە بولغاندا ھەرقانداق ئايال زاتى كۈيۈمچان ،يۇۋاش خۇتۇنۇمنىڭ ئۇرنىنى باسالمايتىتى .ئەمما كىيىنكى ئۆمرۈمنى يالغۇز ئۆتكۈزەلمەيمەن -دە ؟  .بىر يېرىم يىلدىن بۇيان خۇتۇنسىز بويتاقلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارىتقاچقىمىكىن .توي قىلىپ دەسلەپكى مەزگىللەردە خۇتۇنۇمغا خېلى يول قويدۇم  ،بۇ خۇتۇنۇم سۇ كادىرى  ئىدى .ئىلگىرى بىر باي سودىگەر بىلەن توي قىلغان بۇلۇپ ،بۇ باي ئىچىملىك ،چىكىملىكنىڭ پەيزىنى كۈنلەپ -تۈنلەپ سۈرۈشكە ئادەتلەنگەچكە خۇتۇنغا تۇلا ئازار بىرىپ ،ئۇرۇپ دۇمبالىغانلىقى ئۈچۈن  ،ئۇ دەرىتكە چىدىماي باي ئىرى بىلەن داۋاملىق ئۈتۈشكە كۆزى يەتمەي ،قۇرسىقىغا ئۈچ ئايلىق بولغاندا ئىرىگە گەپ سۆز قىلمايلا بالىنى ئالدۇرۇۋىتىپ  خىتىنى ئالغان ئىكەن .

دەسلەپكى چاغلاردا بۇ خۇتۇنۇم ئىلگىركى خۇتۇنۇمغا  يەتمىسىمۇ ھەر ھالدا ئۇنى كۆڭلۈمگە سىغدۇرۇشقا تىرىشتىم  ،لىكىن نىمىشقىكىن ھەمىشە كۆڭلۈمدە ئۇنى ئىلگىركى ئىتائەتچان كەمسۆز ئايالىمغا سېلىشتۇرۇپ قالاتتىم . دەمال بىر توي قىلغاچقىمىكىن  ،ئۇنڭ ئەركىلەشلىرى ،تاتلىق قىلىقلىرى مىنى بارا-بارا رام قىلىپ ،كۈندىن كۈنگە ياشارتىۋەتكەندەك بولدۇم . ياخشىنىڭ يامان تەرپىمۇ بولغىنىدەك ،كۆپ ئۆتمەي ئۇنىڭ كەمچىللىكلىرىمۇ بىلىنىشكە باشلىدى .خىزمىتىنى دەستەك قىلىپ ھەپتە ھەپتىلەپ كىر يۇيمايدىغان .كەچلىكلىرى ئىشتىن كىيىن چۈشكىنىنى باھانە قىلىپ: ‹تاماق ئەتمەي سىرىتتىن يەپ كىرەيلى › دەپ بىزىرىپ تۇردىغان .ئۆيلەرگە ھەپتە ئايلاپ سۈپۈرگە سالمايدىغان ،ئاناملارنىڭ ئۆيىگە چىققاندا  يەڭگەمگە قىر كۆرسىتىپ ئۈزەڭگە سۇقۇشتۇردىغان .ئىش قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن تەييارنى يىگىچىمۇ تۇزلۇقكەن ،تۇزسىزكەن  دەيدىغان بۇلۇۋالدى .ئايدا يىلدا دەم ئالغانكۈنلەردە چۈشكىچە ئۇخلايىتتى ،ئۇخلاپ قوپقاندىن كىيىن ، چاچلىرى ئارۋاڭ -سارۋاڭ چىگىلەشكەن ھالدا ،ھەررەڭ- سەررەڭلا بىر نىملەرنى كىيىپ پالاكەت ساپما كەشىنى سۆرەپ ،خۇددى نەچچە يىل كىسەل تارىتقان ئادەمدەك چۈشكۈن يۈرەتتى . ئۇنىڭ بۇ ھاللىرى مەن ئۆمرۈمدە كۈرۈپ باقمىغان يەنە بىرخىل ئاياللارنىڭ سىماسىنى ئاكىس ئەتتۈرۈپ بىرەتتى .ئۇنۇڭ بۇنداق بىچىقىم ھالىتىنى كۆرسەم بەك  بىزار بۇلاتتىم .ئىلگىركى ئايالىمنى شۇنداق سېغىناتتىم .چۈنكى  مەن بۇرۇنقى ئايالىمنىڭ بۇنداق رەتسىز ،قالايمىقان ھالىتىنى7يلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە  بىر قېتىممۇ  كۈرۈپ باقمىغان ....‹دۇنيادا كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ ،كۆرمىگەننى كۆرسەن ئۆلمىگىنىڭ ›دىگەن سۆز راسىت توغرا ئېيتىلغانكەن .‹ھاياتلا بولسام يەنە نىملەرنى كۈرەرمەن ›دەپ ئويلىنىپ قالاتتىم .

گەرچە خۇتۇننى  خاپا قىلىپ قۇيۇشتىن بەكلا قورقۇپ تۇرساممۇ لىكىن ئۇنىڭ قاملاشماي قېلىۋاتقان قىلىقلىرىنى ئۆزگەرتىمىسەم بولمايدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ باش قاتۇردىغان بۇلۇپ قالدىم .بىر كۈنى ئانام  بىزنىڭ ئۆيگە بىر نەرسە سۇراپ كىرگەنمۇ ئەتىمالىم  تۇيۇقسىز  كىرىپ  قالدى .(بىز ئاناملار بىلەن خوشنا ئۆيگە ئۆي ئايرىپ چىقرىلغان ) .ئانام ئۆزى ئىدىتلىق بولغاچقا ،بەكلا سەزگۈر ئىدى ،ئىلگىرىكى خۇتۇنۇم بار چاغدا  ئۈيۈمنىڭ چىنىدەك  ،ھويلا مەھەلىلەرنىڭ ھىلىلا مىھمان كىلىدىغاندەك سۇ سىپىلگەن ھالدا  تۇردىغانلىقىنى، ئايالىمنىڭ ئىشچانلىقىنى بەش قولدەك بىلەتتى .قېرىشقاندەك بۈگۈن ئانام ئۆيگە كىرگەندە ھويلىلا ئەمەس ئۆي ئىچىمۇ ‹بەش خىيمان › بۇلۇپ ،ئۆي ئىچىدىكى ئىشتان كۆينەكلەر قالايمىقان تاشلانغان ،كىرلەشكەن يوتقان كۆرپىلەر ھەررەڭ -سەررەڭ پۈرلەشكەن ،ئۈستەل ئۈستىگە چېقىلغان گازىر شۈپۈكلىرى دۈۋلەنگەن ...ئىشقىلىپ جاھاندا بار قالايمىقانچىلىقلار ئىچىدە بوينىنى قىسىپ تۇرغان ئۆيگە نەزىرى چۈشۈش بىلەن چىرايى غەزەپتىن قاريىپ كەتكەندەك بولدى . مەن نۇمۇس ئىچىدە نىمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم .ئانام سۇراپ كىرگەن نەرسىنمۇ سۇرىماستىن ‹كىلىن بالا قاچان كىلىدۇ ›- دىدى .

مەن كىكەچلەپ تۇرۇپ ،‹بۈگۈن تەكشۈرۈش بار ،كىيىنرەك كىلىمەن ، دىگەن›دىدىم قىزىرىپ.

ئانام ماڭا ،ئاچچىق بىلەن قاراپ ،‹ئەركىشى ئائىلىدە ئۆز رۇلىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك جۇمۇ ؟!ھازىر بۇ ئۆيۈڭ ئۆيگە ئوخشىماي قېلىۋاتامدۇ نىمە ؟›-دىدى ئۇرغۇلۇق قىلىپ ۋە ئارقىغا بۇرۇلۇپلا چىقىپ كەتتى . مەن ئولتۇرۇپ قاتتىق ئويلاندىم ،ئەمدى خۇتۇننىڭ  بۇنداق قىلىۋىرشىگە يول قويسام بولمايىتتى .خۇتۇن كىشى دىگەن ئۆز رۇلىنى ھەممىدىن بەك ئائىلىدە جارى قىلدۇرۇشى كېرەك .ئۇ ئائىلىنى تاشلاپ ئىدارىدا شاپاشلاپ زادى نىمە مەخسەتكە يەتمەكچى ؟زۈرۈر بولغاندا ئۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرسىمۇ ئۇنى باققۇچىلىكىم بار .‹بولماپتۇ ،بۈگۈندىن باشلاپ ئۇنى تۈزەشكە باشلاي ›دىگەن نىيەتكە كەلدىم -دە ،سائىتىمگە قاردىم .نۇرمال ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتتىن ئىككى سائەت ئۈتۈپ كەتكەن ئىدى .ئايالىمغا تىلفۇن قىلدىم .

تىلفۇن ئۇلىنىشى بىلەن ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى .

-ۋەي !

-نەدە ؟

-مەن پونكىتتا  تەكشۈرۈش ئۈمىكى بۈگۈن كەلمىدى ،ئەتە كىلەرمىش ،شۇڭا تەكشۈرۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتمەن . نىمە بولدى ؟

-قاچان كىلىسىز ؟

-يەنە بىرەر سائەتتىن كىيىن قايتارمەنمىكىن ،مىنى ساقلىماي تاماق يەۋىرىڭ -ھە !

مەن گەپ قىلىشقا ئاغزىمنى ئۆمەللەپ بولغۇچە ئۇ‹- خوش ئەمسە ›-دەپ تىلفۇننى قۇيۇۋەتتى .

ئولتۇرۇپ ئويلانسام ھازىر خۇتۇن ئىككىمىزنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغاندەك تۇراتتى .تېخمۇ ئاچچىقىم كەلدى .لىكىن ئۇنىڭغا چېچىلىپ ئۇرۇشۇپ قالسام ئۇنىڭغا گەپتە تەڭ كىلەلمەيىتتىم .شۇڭا يەنلا پەم بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن كاللا قاتۇردۇم . دەرھال بىر ئىش يادىمغا يىتىپ ئاۋال باش كۆزلىرىمنى ئەتىر سوپۇندا يۇيدۇم .كىيىم ئىشكاۋى ئالدىغا كىلىپ كىيىم ئالماشتۇراي دەپ قارىسام كىيىم ئىشكاۋى ئۆيدىنمۇ بەتتەر مالىمان بۇلۇپ كىتىپتۇ .ئاختۇرۇپ يۈرۈپ ماڭا ئەڭ يارشىدىغان بىر قۇر كىيىمنى تېپىپ  كەيدىمدە ئۇزۇندىن بىرى ئىشلەتمەي سېلىپ قويغان رەھمەتلىك ئايالىم تۇغۇلغان كۈنۈمگە ئالاھىدە ئېلىپ بەرگەن فىرانسىيىنىڭ داڭلىق ئەرلەر ئەتىرىنى ئېلىپ بۇيۇنلىرىم ۋە كەستىيۇمنىڭ قۇيۇن يانچۇق تەرەپلىرىگە پۇرقىدىم .چاچلىرىمنى  ،يارشىملىق تاراپ ،ئاياقلىرىمنى پارقىرتىپ مايلاپ كىيىپ سىرىتقا تاماققا ماڭدىم.تاماق يەپ كىرسەم ئايالىم سافا ئۈستىدە لاپچىيىپ ئولتۇراتتى .مەن كىرىپ ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي ،كىيىم ئىشكاۋى ئالدىغا كىلىپ قەستەن ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ بارماقلىرىم بىلەن چاچلىرىمنى تاراپ قويدۇم ،ۋە ئالدى ئارقىغا چامداپ خۇددى ئۇچرىشىشتىن قايتىپ كىلىپ ئۆزۈمگە سەپسېلىپ قاراۋاتقاندەك ھىسياتنى ئىپادىلىدىم .كۈزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا ئۇنىڭغا قارىسام ئۇ ھەيرانلقتا ماڭا قاراپ تۇراتتى ،ئىچىمدە خۇشال بۇلۇپ كەتتىم .پىلانىم خېلى ئۇڭۇشلۇق بۇلدىغاندەك قىلاتتى ،.ئاندىن مەن غىڭشىپ ناخشا ئوقۇغاچ كىيىملىرىمنى سالدىم ۋە قاتلاپ ئىلغۇچقا ئاستىم بۇ جەرياندا ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمىدىم . كىيىملەرنى ئېسىپ بولۇپ ئاشخانىغا قاراپ ماڭدىم .زىرىكىشلىكى ئاشخانمۇ قالايمىقان بۇلۇپ ،يۇيۇلىمىغان قاچلار بىلەن ئىشكاپلار تۇلۇپ كەتكىنى تاس قالغان ئىدى .ئىشكاپتىن پاكىزە بىر پىيالنى تەستە تاپتىم -دە،  چەينەكنى يۇيۇپ ناۋات سېلىپ چاي دەملەپ ، چاي ئۈستىلى ئۈستىگە كىلىپ ئولتۇرۇپ ئالدىرماي قۇيۇپ ئىچىشكە باشلىدىم .

مەن بىر پىيالە چاينى ئىچىپ بولغاندىن كىيىن ،ئۇ ئاستا يېنىمغا كىلىپ ئولتۇردى .ۋە ھىچ ۋاقىتتا كۈرۈلۈپ باقمىغان ئەستايىدىللىق بىلەن :‹كىم بىلەن تاماق يىدىڭىز ؟›دەپ سۇرىدى .توي قىلىپ ھازىرغىچە ئۇ ئۆزى كەچ  قالغان ۋاقىتلاردا مىنىڭ نىمە تاماق يىگىنىم ،كىم بىلەن يىگىنىمگە كۈڭۈل بۈلۈپ سۇراپ باقمىغان ئىدى .بىر تۇرۇپ كۈلگۈم كەلدى .شۇنداقتىمۇ ئۈزۈمنى بېسىۋېلىپ تەمكنلىك بىلەن :‹ئاغىينەم  غېنىى بىلەن  تاماق يىدۇق، ھەي! غېنىگە تۇرۇپلا ئىچىم ئاغرىپ قالدى › دىدىم خۇددى راسىتىتەكلا .

ئۇ ھەيرانلىقتا :‹ نىمىشقا؟ › - دەپ سۇرىدى . مەن ئۇنىڭ خېلى قىزقىۋاتقانلىقىدىن خۇشال بۇلۇپ ،سۈزۈمنى داۋام قىلدىم .  ‹ ئەركىشىى ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر بەخىتسىزلىكنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟ ئۇدەل ئايالىنىڭ ھۇرۇن ،بىپەرۋا بۇلۇپ قېلىشى .غېنىنىڭ  خۇتۇنى بىر ھۇرۇن خۇتۇنكەن ،ھەدىسلا خىزمەتكىلا ئالدىرايدىكەن .ھەتتا دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ يوق دىيەرلىك ئىكەن .ئائىلگە ،باللىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىكەن .ئۆي تازلاش ئۇ خۇتۇننىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقماسمىش ،كىرلەرنىمۇ يىغىپ قۇيۇپ ھەپتە -ئايدا بىر يۇيىدىغان خۇيى باركەن ،ئاران بىر دەم ئالغان  چاغلىرىدا بولسا ،چۈشكىچە ئۇخلاپ چاچلىرىنىمۇ تارماي رەتسىز يۈرىدىكەن …….دەپ ئايالىمدا بار كۆپىنچە كەمچىلىكلەرنى سۆزلەپ ئۆتكەچ ئايالىمغا سەپسالدىم . ئۇنىڭ يۈزى ھىلىدىن ھىلىغا قىزىراتتى .ئۈن -تىنسىز سۈزۈمنى ئاڭلىماقتا ئىدى .مەن تېخمۇ قىزىپ سۆزلىدىم .

‹ھەي ،ھازىرقى ئاياللار نىمىنى ئويلايدىكىن تاڭ ،ئائىلىدىكى مەجبۇرىيەت ئاياللار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلمەمدىكىنا ؟بۇنداق كىتىۋەرسە ھەرقانداق ئەركەك زاتى چىدىمايدۇ-دە .ئاخىرى غېنىمۇ چىدىماي ئاجرىشىشنى ئېيتىپتۇ . ئۇنىڭ ئايالى خاپا بۇلۇپ ،‹ ئاجراشساق -ئاجراشتۇق › دەپ ئاپسىنىڭكىگە يامانلاپ چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ  . غېنى ئىككى بالا بىلەن قىينىلىپ قاپتۇ .ئۇ ئەمدى ئايالىم ئۆزگەرسە ئۆي تۇتىمەن ،ئۆزگەرمىسە خىتنى بىرىپ ئىشچان ،رەتلىك يۈرىدىغان خۇتۇندىن بىرنى ئالىمەن دەيدۇ .لىكىن ئىككى بالىنى يىتىم قىلىش راستىنلا ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرىدۇ -دە . مەن ئۇنىڭغا ئايالىڭ چۇقۇم ئۆزگىرىدۇ ،ئۇنىڭغا چىرايلىق ئولتۇرۇپ سەۋەنلىكلىرىنى ئېيتىپ باققىن ،ئالدىراپ باللىرىڭنى يىتىملىك ئازابىغا دۇچارقىلما، دىدىم ،ئۇ چۇڭقۇر ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى .مەنمۇ شۇنداق دىگىنىم بىلەن بۇنداق خۇتۇن ئەگەر مىنىڭ خۇتۇنۇم بۇلۇپ قالدىغان بولسا مىنىڭمۇ ئۆي تۇتۇشقا ئامالىم قالمىغان بۇلاتتى ،ھىلمۇ ياخشى سىز ئۇ تۈردىكى ئايال ئەمەسكەنسىز ! › دەپ سۈزۈمنى ئاياقلاشتۇرۇپ ئۇنىڭغا سەپ سالدىم .ئۇنىڭ تۇرقىدىن ناھايتى ئۇڭايسىزلىنىپ قالغانلىقى كۈرۈنۈپ تۇراتتى .ئۇنى يەنە خىجىل قىلىپ قويماسلىق ،ئاساسلىقى ئۇنىڭغا ئۆزى ئۈستىدە جىمجىت ئويلىنىپ بېقىشقا شارائىت يارتىپ بىرىش ئۈچۈن ئۇيقۇم كەلگەننى باھانە قىلىپ ياتاق ئۆيگە كىرىپ بالدۇرلا يېتىۋالدىم .

يەنە يېڭى بىر كۈن باشلاندى .ئورنۇمدىن ئىرىنچەكلىك بىلەن تۇردۇم،لىكىن ئەتراپىمغا قاراپ ھەيران قالدىم.

ئاھ خۇدا ،بۇ ئوڭۇممۇ -چۈشۈممۇ ؟ توي قىلغاندىن بىرى بۇ ئۆينىڭ بۇنچىلىك رەتلىك ،پاكىز بولۇپ قالغىنىنى تۇنجى قېتىم كۈرشۈم ئىدى ،ئاستا ئىشىكنى ئېچىپ ياتاق ئۆيدىن چىقتىم ،مىھمانخانا ،ئاشخانا ...قىسقىسى ھەممە ئۆيلەر شۇنداق رەتلىك يىغىشتۇرۇلغان .ئۆيدە كۈندە كۆزگە چېلىقىپ تۇردىغان كىر لۈڭگىلەرنىڭ ئورنىغا يېڭى ،ھالرەڭ لۈڭگىلەر ئالماشتۇرۇلغان . تاماق ئۈستىلىگە ئەتگەنلىك ناشتام تەييارلاپ قۇيۇلغان بۇلۇپ ،پىيالە ئاستىغا مۇنۇ خەت يېزىلغان بارغاقچە قىستۇرۇلغان ئىدى .

‹‹ مىنىڭ ئەقىللىق ئىرىم !

مىنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ،‹ ئۈزۈمنى يۇقاتقان چۈش › تىن ئويغاتقانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە رەھمەت .ئاخشام دوستىڭىزنىڭ ئايالى ھەققىدە ئېيىتقانلىرىڭىزنى ئاڭلاپ خىجىللىقتا ئۆزۈمنى قۇيىدىغان يەر تاپالمىدىم .چۈنكى ئۇ ئايالنىڭ قىلىقلىرى دەل  مىنىڭ قىلىقلىرىمغا ئوخشاشلا ئىكەن . ئاخشام خېلى بىر ۋاقىتقىچە ئويلۇنوپ سىزنى ھەقىقەتەن ياخشى كۈردىغانلىقىمنى ،ئۈزۈمنىڭ راستىلا بىچەرۋالىق قىلىپ چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگىلى قىل قالغىنىمنى ھىس قىلىپ  ،خۇددى چۈشتىن ئويغانغاندەك بولدۇم ،ۋە ئۆيلەرنى رەتلەپ ئەسلى ھالىتگە ئېلىپ كەلدىم .سىزنىڭ كەڭ قۇرساقلىق بىلەن ماڭا كايىماستىن ئۈزۈمنى تۈزتىش پۇرسىتى يارتىپ بەرگىنىڭىزگە خۇشالمەن ،شۇنداقلا سىزدەك ئوقۇمۇشلۇق ،ئەقىللىق ،تەدبىرلىك ئەرنىڭ خۇتۇنى بولغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن ،نەچچە ۋاقىتتىن بىرى مىنىڭ ھۇرۇنلۇق قىلغىنىمنى  بىر قېتىم كەچۈرەرسىزمۇ ؟ سىزدىن  ئۈتۈنىمەن .ئەمدى ئۇنداق ئىش مەڭگۈ ئالدىڭىزغا ئۇچرىمايدۇ . سىزنى چۇڭقۇر سۈيۈپ، ئىشچان ئايالىڭىز- بۇزورام

يەنە بىر خوش خەۋەرنى دىيىشنى ئۇنتۇپتىمەن .7 ئايدىن كىيىن سىز دادا بۇلىدىغان بولدىڭىز !›

ئاھ خۇدا ! خەتنى تۇتقان قوللىرىم ھاياجاندا تىترەپ كەتتى ،شۇ تاپتىكى خۇشاللىقىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلدىم . بىر ئەرئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ خۇشال بولغۇدەك نىمە بار دەيسىز ؟ خۇددى ئاسماندا لەيلىگەندەك بىر خىل خۇشاللىق ئىچىدە ناشتا قىلىپ بۇلۇپ ئۇ سۈرتۈپ پارقىرتىۋەتكەن ئايقىمنى كىيىپ ئىشقا ماڭدىم .يول بۇيى ھەممە نەرسە مىنىڭ خۇشاللىقىمغا تەنتەنە قىلشىۋاتقاندەك ،قۇياشمۇ سىخي نۇرىنى ماڭلا سىپىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولدۇم .

خاتىمە :

مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە  5يىل ئۈتۈپ كەتتى .بالامنى يەسلىگە ئېلىپ بارغۇچە ئۇنىڭ ساماندەك سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىش ،مىنڭ ئاەڭ خۇشاللىق ئىشلىرىمنىڭ بىرىگە ئايلاندى .بەزىدە ئويلىنىپ قالمەن .

ئادەملەر ئاجايىپ قىزىق بۇلىدىكەن ،كۈپىنچە كىشىلەر تەقدىردىن زارلاپ ‹‹تەقدىر ماڭا كۈلۈپ باقمىدى يەي ، باشقىلار مىنىڭ قەدرىمنى بىلمىدى يەي ، شۇنچە ئەقىدەمگە تىگىشلىك  ياخىشى نەتىجە كۆرمىدىم يەي ..›› دەپ ئاغرىنىدىكەن .قىلچىمۇ ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىپ ،مەسىلىنى ھەل قىلىشتا پەم ئىشلىتىپ باقمايدىكەن .بەلىكىم ئۇلار‹‹ ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۈمۈرچىسى ›› دىگەن ھىكمەتنى بىلمىسە كېرەك . تۇرمۇشتا ئۇنداق ياكى مۇنداق كۈڭۈلسىزلىكلەرگە يۇلۇقۇپ تۇرىمىز ، بىز پەقەت ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن ئۇ قىينچىلىقلارغا دادىل يۈزلەنگەندىلا ئەقل تاپقاندەك بولۇپ مۇرەككەپ ئائىلۋى مۇناسىۋەتلەرنى  ئەقىل بىلەن ھەل قىلغىلى ،يەنە كىلىپ كۈتكەندىنمۇ ياخىشى نەتىجىگە ئىرىشكىلى بۇلىدىغانلىقىنى ھس قىلىپ قالدىم .

مەن بۈگۈن كۆپچىلىككە ئۆزبېشىمدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلەرنى سۆزلەپ بىرىپ .تەقدىردىن زارلاپ قاقشاپ يۈرگەن، ئائىلە زىدىدىيىتىدىن قۇتۇلالماي  قىينىلىۋاتقان  كىشلىرمىزگە ئازراق بولسىمۇ مەنپەت ئېلىپ كەلسە  ئەجەپ ئەمەس دىگەن مەخسەتتە بۇ يازمىنى يوللىدىم .





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-27 07:37 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mosajan0997 + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
guzali9.6 + 10
zulqinay + 271 رەھمەت...

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 291   باھا خاتىرىسى

ئۇنى  كۈرۈپ كۈلمەڭ ،بەلكىم  ئەتىدىكى كۈلكە ئوبىكتى سىز بۇلۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99550
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 422
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2013-11-13
ئاخىرقى: 2013-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 03:52:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمامنىڭ ئاخىردا لوگىكىلىق خاتالىق بۇلۇپ قاپتۇ:
‹ مەن بۈگۈن كۆپچىلىككە ئۆزبېشىمدىن  ئۆتكەن كەچۈرمىشلەرنى سۆزلەپ بىرىپ .تەقدىردىن زارلاپ قاقشاپ يۈرگەن، ئائىلە زىدىدىيىتىدىن قۇتۇلالماي  قىينىلىۋاتقان  كىشلىرمىزگە ئازراق بولسىمۇ مەنپەت ئېلىپ كەلسە  ئەجەپ ئەمەس دىگەن مەخسەتتە بۇ يازمىنى يوللىدىم .›دەپ ساپتىمەن .ئەمەلىيەتتەئۈزۈمنىڭ  بشىمدىن ئۆتكۈزمىگەن ،تۈزىتىپ چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن .......›

ئۇنى  كۈرۈپ كۈلمەڭ ،بەلكىم  ئەتىدىكى كۈلكە ئوبىكتى سىز بۇلۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن !

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5808
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36328
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7179 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 04:21:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا بەكمۇ ياقتى ماۋۇ ئەسەر.

خۇددى بىرسى بېشىدىن ئۆتكەن ئىشنى چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ ئېيتىپ بېرىۋاتقاندەك ھىسياتتا ئوقۇپ تۈگەتتىم.

17 مەبىتىم بولدىغان، ئاقىۋەت 21-مەبىتىمنى ئالدىم. قاتارى ئۆي تۇتۇپ باققىلى بولمىسا يا

تىللاپ مىنى ئەمدى ھە...كىم تىللىسا شۇ ھېلىقى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zapar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-27 06:10 PM  


باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100022
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2013-11-24
ئاخىرقى: 2013-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 04:44:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ  راسلا بەك ياخشى يىزىپسىز .ئىلگىركى ئايالىڭىزنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن .قەلمىڭىز ھارمىغاي .مومكىن بولسا بۇ ھىكاينىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋەتسىڭىز تىما جەلىپكارلىقى ئاشاتتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 352
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2013-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 04:51:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز، لىكىن كۈڭلۈم ئالدىنقى ئايالىڭىز بىلەن كەتتى، بىچارە.............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91419
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 365
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 117 سائەت
تىزىم: 2013-2-9
ئاخىرقى: 2013-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 05:07:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر بىر ئائىلىدە ،ھەر بىر ئادەم  بىر قېتىمدىن ئوقۇپ چىقىدىغان كەچۈرمىشلەر ئىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 352
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2013-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 05:13:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياقتۇردۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 352
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2013-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 05:13:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياقتۇردۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4400
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8389
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 1822 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2013-12-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 05:15:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭىمۇ ياقتى.جىدەللەشمەي مۇشۇنداق ھەل قىلساقمۇ بولىدىكەن مەسىلىلەرنى.لىكىن دۆترەك ئايال بولسا يەنە ئۆزى بىلگەن بويچە يۈرىۋىرىدۇ

بىر مىللەتنىڭ دىننى سورۇنىدا ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشى،شۇ مىللەت دىنىنىڭ سۇسلىشىۋاتقانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95043
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 930
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2013-4-19
ئاخىرقى: 2013-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 05:18:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ پاھ پاھ...................  يىگىت بولا مۇشۇنچىلىك بولا  جۇما

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش