مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 46604|ئىنكاس: 108

خالىدە ئىسرائىل ئىلىم چېيىدا   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىس

بېكەت باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 39
مۇنبەر پۇلى : 15925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7620 سائەت
تىزىم: 2010-5-16
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 12:38:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم تورىدىكى ئەزىز تورداشلار، بىر جەمئىيەتنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىلغارلىشىشىنى شۇ جەمئىيەتتىكى ئىلغار ئىدىيەلىك كىشىلەر سانىنىڭ ئاز – كۆپلىكى بىلەن ئۆلچەش مۇمكىن. ئىدىيەسى ئىلغار كىشىلەرنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن مەلۇم تۇپراق كېرەك، بۇ تۇپراق بەلكىم ئىلغار ئىلمىي سورۇن بولۇشى مۇمكىن.  ئىلغار ئىلمىي سورۇنلار ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، ئۇنى تۈزۈش كېرەك. دۇنيادا ئەسلى يول يوق ئىدى، كىشىلەر ماڭغاندىن كېيىن يول بارلىققا كەلگەن، ھازىرقى ھالىتىمىزدىن قاقشاش، زاماندىن زارلاش بىلەن ھېچقانداق ئىشنى ھەل قىلالمايمىز، دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز، مۇدھىش قاپلىغان مۇھىت ئىچىدە ھالاك بولۇشنى كۈتۈپ تۇرماستىن، قولىمىزدىن كېلىشىچە ھازىرىقى ھالىتىمىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. ئادەم ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ئىدىيەسى ۋە ناچار ئادىتىنى ئۆزگەرتىشتىن باشلىنىدۇ، ناچار ئادەتنى يوقىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ـــ ناچار ئادەت ئورنىغا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشتۇر. ئەلۋەتتە، جەمئىيىتىمىزگە قارايدىغان بولساق ئەھمىيەتسىز قاتار چاي، كەيىپ – ساپا قاپلىغان ئولتۇرۇشلار ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. بىز «ئىلىم چېيى»، «پىكىرلىشىش چېيى»  قاتارلىق يېڭىچە چاي شەكىللىرىنى تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كىرىپ، بۇنى ئەنە شۇنداق ئەھمىيەتسىز ئولتۇرۇشلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، ھەمدە ئىلىم چېيى ، پىكىرلىشىش چېيى قاتارلىقلارنى جەمئىيەتتە بىر تۈرلۈك ساغلام بولغان مەنىۋى ھاۋاغا ئايلاندۇرۇشنى ئارزۇ قىلىپ «ئىلىم چېيى» مىزنى باشلىۋالغانىدۇق،

03.jpg



بىزدە «سورۇن ئادەم تەربىيەلەيدۇ» دېگەن گەپ بار، ئىلىم چېيى سورۇنىمىز دەل ھەربىرىمىزنىڭ بىلىمىنى تاكامماللاشتۇرىدىغان، ئىلىم ئېلىش يولىدىكى مەنىسىزلىك تۇيغۇمىزغا خاتىمە بېرىدىغان سۆھبەت سورۇنى بولۇپ داۋاملىشىپ كەلدى. دېمىسىمۇ، بىر جەمئىيەت كىچىك – كىچىك مىكرو سورۇنلاردىن تەركىب تاپىدۇ، مىكرو سورۇنلىرىمىزنى ئىلغارلاشتۇرالىساق، پۈتكۈل جەمئىيىتىمىزنى ئىلغارلاشتۇرۇش يۆلىنىشىگە يۈزلەندۈرەلىشىمىز مۇمكىن. دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان مەنىۋىي ئىختىرالار، ئىجادىي قاراشلار ئىلغار پىكىرلىكلەرنىڭ ئۆز – ئارا مۇنازىرلىشىشىدىن كەلگەن.

015.jpg



014.jpg



018.jpg


020.jpg


04.jpg


ئالدىنى قېتىملىق، يەنى 4 – قېتىملىق «ئىلىم چېيى» مىزنىڭ سىن نۇسخىسى مىسرانىم تورىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تورداشلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئامما ئارىسىدا ئىنتايىن ياخشى تەسىر قوزغىدى. بىز كۆپلىگەن تەشەككۇر تېلېفونلىرىنى قوبۇل قىلدۇق، كۆپلىگەن دوستلىرىمىز  كېيىنكى قېتىملىق ئىلىم چېيىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۈرۈمچىنىڭ سىرتىدىكى قىسمەن دوستلىرىمىز ئۆز رايونلىرىدا ئىلىم چېيىنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى، بىزگە ئەڭ كۆپ بىلدۈرۈلگەن ئىنكاس «ئىلىم چېيىڭلار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن» دېگەندىن ئىبارەت بولدى، بىز بۇ ئىنكاسلاردىن ئىلىم چېيىمىزنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چۇڭقۇر چۈشەنگەندەك بولدۇق. 5– سان ئىلىم چېيىمىز 12 – ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەنىدى. بىز بۇ نۆۋەتلىك «ئىلىم چېيى» دا ئاتاقلىق يازغۇچى خالىدە ئىسرايىل خانىمنىڭ «كەچمىش» رومانى ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق. سۆھبىتىمىزگە خالىدە ئىسرايىل خانىم ئالاھىدە قەدەم تەشرىپ قىلدى.  بىز بۇ نۆۋەتلىك ئىلىم چېيىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن تورداشلارنى ئورتاق بەھرلەندۈرۈش مەقسىتىدە بۇ سان ئىلىم چېيمىزنىڭ سىن نۇسخىسىنى تورداشلار ھوزۇرىغا سۇندۇق. تورداشلىرىمىزنىڭ بۇ سان ئىلىم چېيىمىزنىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ، مەنىۋىي دۇنياسىنى بېيىتىشىنى، ئىمكان بولسا ئەتراپىدىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش ئىلمىي مۇنازىرە كەيپىياتىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

5- قېتىملىق ئىلىم چېيى سۈرەتلىك فىلىمى ھوزۇرۇڭلاردا:



ئەگەر نورمال قويۇلمىسا بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
http://v.youku.com/v_show/id_XNjQwMjUzNjk2.html


5 – سان ئىلىم چېيىغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار تىزىملىكى
ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى، ئىلىم چېيىمىزنىڭ يىگىت بېشى زۇلپىقار بارات ئۆزباش
ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاتاقلىق يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسى مۇنبەت تۇپراق پىروگرامما گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئابلىمىت ئابدۇللا
مىسرانىم تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، يازغۇچى سائادەت ساتتار ئايتۇغ
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر مەركىزىنىڭ تەرجىمانى قەيسەر ئابلەت
تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىنىڭ مۇخبىرى ۋە رىياسەتچىسى توختىنىياز ئىسمايىل نىدايى
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى، مەزكۇر ئىلىم چېيىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر
مىسرانىم تورىنىڭ قۇرغۇچىسى، باشقۇرغۇچىسى ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم
مىسرانىم تورىنىڭ مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى، تور يازغۇچىسى، ئىلىم چېيىمىز ئۈچۈن كورلىدىن كەلگەن مېھمان «مارشال»
يېتىلىۋاتقان ياش شائىر، ئۆسمۈر رىياسەتچى ئابدۇۋەلى ئابدۈشكۈر
ئۈرۈمچى توغرۇلتېكىن كىتابخانىسىنىڭ غوجايىنى ئابدۇغېنى توختى توغرۇلتېكىن
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇغۇپۇر ئابدۇراھمان
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىنىڭ مۇخبىرى دانىيار
شىنجاڭ ئىلىم – پەن ئۇچۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ياش قەلەمكەش مەمەتجان
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
arkam@ak + 300 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 01:17:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مارشالمۇ باركەن ھە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28592
يازما سانى: 697
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13057
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 1115 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 01:17:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىدىقجان غوپۇر ئاكاممۇ تۇرامدۇ نېمە؟ ياكى ئوخشىتىپ قالدىممۇ نېمە؟

تولىمۇ ياخشى ئۇچرىشىش، پىكىرلىشىشلەر بولۇپتۇ. مۇشۇنداق ئۇچرىشىشلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئالىمجان توختىمەت (جانبەر)

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 01:18:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خالىدە ئىسرايىلنىڭ تاغلار دىگەن شېئىرى ھازىرمۇ يادىمدا .

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4576
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44525
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15755 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 01:24:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ ئىلىم - پەن ئۇچۇر ئىنۇستىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ،ياش قەلەمكەش مەمەتجانغا بىر ھاۋالام بار ئىدى . چ چ 550970084

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81615
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4595
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 01:43:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى بولدى ،4-سان ئىلىم چىيىنى كۆرۈپ بىر كىتاپ ئوقۇغاندەك ھىسياتقا كەلگەنتىم ،بۇ قىتىممۇ يەنە شۇنداق بىر ھىسياتقا كىلدىغان بولدۇمدە
1-،2-،3- سانلىرنى نىمىشقا يوللىمايسىلەر؟يوللاپ بولغان بولساڭلار يا مەن كۆرمەي قالدىممۇ

‹ دۇرۇس بولمىغان ئىشلارنى كۆرگەندە ھالال ياشاپ ئادەتلەنگەن ئادەمنىڭ ۋىجدانى قاينايدۇ: بوشاڭلارنى كۆرگەندە تىرىشچان، ئىشچان ئادەمنىڭ ئىچى تىت تىت بولىدۇ ›

باشقىلار كۆكتە ئ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 3523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3639
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 01:45:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىم بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرغان كىشىنىڭ يوللىرى ئوچۇق بولغۇسى..... ئىلىم چېيىڭلارنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1084
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7335
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1779 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 02:14:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزباش بىلەن خالىدەگە سالام!

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3020
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5909
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2524 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 02:49:41 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشلىرىڭلارغا نۇسرەت تىلەيمەن مارشال بۇرادەر،

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1311
يازما سانى: 2538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17589
تۆھپە نۇمۇرى: 1167
توردا: 14790 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 02:53:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ  مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەردىن  بىزنى ھەر ۋاقىت ۋاقىپلاندۇرۇپ تۇرغانلىقىدىن چەكسىز خوشالمىز!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش