سۈكۈتتىكى چۇقان
(ئەبجەش يازمىلار)
تۇرسۇنبەگ ياسىن
قىممەت توغۇرلۇق ئويلار تۇغۇلدى . ...
كىچىلىكلەر كۈندە بىردىن توغرا كەلگۈدەك بولۇپ كەتتى ، ناخشىچىلار ئالدىنئالا تەييارلىۋالغان ناخشىنى سەھنىنىڭ ئوتتۇرىدا قولىغا مىكرافۇن تۇتىۋېلىپ ،ئىنجىقلاپ تۇرۇپ قويۇپ بىرىپ ئۈچ مىنۇتتا نەچچە مىڭ سوم ھەق ئالدى ، مۇئەللىمنىڭ مۇنبەردە ئوتتۇز كۈن ئىنجىقلاپ تۇرۇپ قىلغان ئەمگىكىنىڭ ھەققى ئۇنىڭ ئۈچ مىنۇتلۇق ناخشىسىنىڭ ھەققىگە تەڭ كەلمىدى ، شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىم مۇنبەردىن جاق تويدى ، ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆزىنى سەھنىگە ئاتار بولدى .ساپساپچىلىق بىلەن ئىجدىھاتلىق ئەمگەكنىڭ قىممىتى شۇنداق بولار بولدى.
…
مۇھەببەت دەپ توۋلار بولۇندى ،يىگىتلەرنىڭ ھاراق سورۇنىدىمۇ مۇھەببەتنىڭ گىپى ، ئىككى قىز بىر يەرگە كەلسىمۇ شۇ گەپ ،باشلانغۇچتىكى باللار ساۋادى چىقىشتىن بۇرۇن مۇھەببەت تۇتىۋېلىشار بولۇشتى ، بۇرۇن ساداقىتى بىلەن پەخىرلىنىدىغان مۇھەببەت ئەمدى سانى بىلەن پەخىرلىنىدىغان بولۇندى، ياشلىرىمىز مۇھەببەت دەپ شام كەبى ئىرىپ ، مۇز كەبى مۇزلاپ ، پوجاڭزا كەبى پارتىلاي دەپ قالغان قەلبىگە مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان ناخشىچىنىڭ [مۇھەببەت ]تىمىسىدىكى ناخشىلىرىدىن داۋا تاپماقچى بولدى –يۇ ، دېڭىز سۈيى ئىچىۋالغاندەك ئۇسسۇزلۇق قانماس، مۇھەببەتلىك كۈنلەر تۈزى كام ئاشتەك تېتىمسىز بىلىنەر بولدى .
…
كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىلىمسىزلىقىنى داڭلىق ماركىلىق كىيىم -كىچەك ، ھوقۇق-ئەمەل بىلەن يېپىشقا ئۇرۇنار بولدى ، ئون يەتتە يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان سىتۇدېنتنىڭ سۈرلۈك سىمىز باشلىقنىڭ ئالدىدا موچەنلىك ئىناۋىتى بولماي ئاچچىقىدا دىپلومنى بۇلۇڭغا ئاتتى ، مانا بۇ دىپلومنىڭ قىممىتى بولدى.
... جاھاننىڭ رەپتارىنى بىلگەن بىرسى شاپاشلاپ يۈرۈپ يامىشىپ باشلىق بولۇپ ئەمەل تۇتتى ، ئالىي مەكتەپتە كىتابخانىداشاپاشلىغانلار كىچىككىنە خىزمەت ئۈچۈن ئۇنىڭ يولىغا تەلمۈرۈپ غەمگە پاتتى .ھەممىسى شاپاشلىدىيۇ ئەمما ئىرىشكەن قىممىتى ئوخشاش بولمىدى. سىتۇدېنتنىڭ 20يىلغا يېقىن ئوقۇغىنىنىڭ قىممىتىنى باشلىقنىڭ قولىدىكى تامغا بەلگىلەر بولدى.
…
تۈنۈگۈن كەچتە شىرىن ۋەدە بىلەن ئېچىلغان ياتاققا قەدەم تەشىرىپ قىلغان قىز بۈگۈن ئەتىگەن [ئىككىنجى كۆزۈمگە كۆرۈنمە ، يوقال ] دىگەن جاۋابنى ئاڭلىدى ، دادىسى ئۇنىڭدىن تاندى ، ئاپىسى ياقا يىرتىپ يىغلىدى ، ئاكىسى پىچاق كۆتۈرۈپ قوغلىدى ، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆزى قىيماستىن بۇ شەھەرگە بىر قارىۋىتىپ يىگىرمىنجى قەۋەتتىن جىممىدە پەسكە ئۆزىنى قويىۋەتتى . مانا بۇ ئەڭ تىز تۆۋەنلەيدىغان قىممەت بولدى .
... يېڭى توي قىلغان يىگىتنىڭ بېشى كۈندىن كۈنگە قاتار بولدى ، بەزىلەر 20 يىل كىيىن تۇغۇلۇپ قالغان بولسامچۇ دەپ ئارزۇ قىلسا ،ئۇ 20يىل بۇرۇن ئۆي ئەرزان ، خوتۇن ئەرزان ،ماي ئەرزان ...ۋاقىتلاردا تۇغۇلۇپ قالسامچۇ دەپ ھەسرەت چەكتى ، بەزىلەر تۇلۇم كەبىسەمرىپ پۇل خەجلەرگە جاي يوق بولار بولدى ، بەزىلەر قوي گۆشىنىڭ باھاسىغا بويلىشالماي كۈندە ئۆيدە جىدەل قاينار بولدى. ... بىرلەر ئىجارە ئۆينىڭ غېمىدىن قۇتۇلۇپ بولالماي بېشىغا ئاق كىرىپ كەتتى ، بىرلەر ‹چەتئەلگەكۆچمەن بولۇش› رەسمىيتنىڭ بالدۇر پۈتمەيۋاتقىنىدىن ئىچى پۇشۇپ قالدى . ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 52arslan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-26 09:49 PM
|