مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6181|ئىنكاس: 56

«غېرىب-سەنەم»كۆپ قىسىملىق قىلىپ ئىشلەنمەكچى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99441
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 230
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2013-11-10
ئاخىرقى: 2014-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 06:47:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆلمەس مۇھەببەت داستانى «غېرىب-سەنەم»كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلىنىشى خەلقىمىز ئۈچۈن زور خوشاللىق بىر ئىش. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا نىسبەت كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان قارا كۆز مۇنبەرداشلىرىمىزمۇ قىززىقىدۇ دەپ قارايمەن. ئۇنداقتا نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن:
5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق راىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسىدە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «غېرىپ -سەنەم»نى قانداق قىلغاندا سۈپەتلىك، خەلق ياقتۇرىدىغان فىلىم قىلىپ ئىشلەپ چىققىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىس، يازغۇچى، سەنئەتكارلارنى بىر يەرگە يېغىپ سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
  كۆپچىلىك مۇنداق دېيىشتى:«غېرىپ-سەنەم» كىلاسسىك مۇھەببەت داستانى، خەلقىمىز مۇشۇنداق بىر ئېسىل ئەسەرنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى قىلىنىپ ئىشلىنىشىگە تەشنا، شۇڭا ئىشنى سېنارىيەنى ياخشى پىشۇرۇش، ئاندىن سۈرەتكە ئېلىش لازىم. شۇنداق قىلغاندا فىلىم مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىدۇ؛ رېژىسسور ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك خادىملار بۇ فىلىمگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ئىلگىركى فىلىملەردە كەتكۈزۈپ قويغان نوقسانلاردىن ئىبرەت ئېلىپ، فىلىمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەشكە تېرىشىشى لازىم.
  كۆپچىلىك يەنە مۇنداق دېيىشتى: سەھنىدە ئوپىرا قىلىنىپ ئىشلەنگەن، 1980-يىلى ئېكرانغا ئېلىپ چىقىلغان بىر ئەسەرنى كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلەش پۈتۈن جەمئيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. «غېرىپ-سەنەم» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئوق لېنىيەسى غېرىپ بىلەن سەنەمنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا كېڭەيتىپ يېزىش، قوشۇلغان ھېكايە ۋەقەلىكى چوقۇم مۇشۇ ھېكايىنى ئاساس قىلىش كېرەك. «غېرىپ-سەنەم»دە ئاساسىي پېرسوناژلارنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، «غېرىپ-سەنەم»نازۇك تېما، چوڭ  بىر تېما. بۇ ئەسەردە 14-ۋە 15-ئەسىردىكى ۋەقە تارىخي ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىشى لازىم. شۇڭا ئاپتۇر بولغۇچى ئالدى بىلەن تارىخى چىنلىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى ئۆزگۈچىلىكلىرىنى، پىسخىكا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكىس ئەتكۈزۈشى لازىم. سېنارىينى قەستەن سوزىۋەتمەسلىك، نەچچە قىسىم ۋەقەلىك بولسا شۇنچىلىك يېزىش، ئەسلى ئەسەردىن چەتنىمەسلىك كېرەك. چۈنكى بۇ خەلق داستانى، بۇنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ، ئۇزارتىشقا بولمايدۇ، غېرىپنى ئەتىدىن كەچكىچە مۇھەببەت دەپلا يۈرۈيدىغان، كۆيدۈم، پىشتىم، دەپلا تېپىرلايدىغان مۇھەببەت سارىڭى قىلىپ قويماسلىق، غېرىپنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى قىزىش لازىم. بۇ فىلىمدىن خەلقىمىز ئۇيغۇرنىڭ ھەقىقى سىماسىنى كۆرۈشى، ئۇيغۇرنىڭ سەلتەنەتلىك تارىخىنى بىلىشى كېرەك.
بۇ ئەسەرنى مەيلى كىملا يازسۇن، ئەسلى كىنو  بىلەن ئەسلىي ئوپىرانى تەكرار-تەكرار كۆرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، تىل ئادىتى قاتارلىق نوقتىلارغا ئالاھىيدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. بۇ ساپ، تەبىئي ئەسەرگە خالىغانچە، قارغۇلارچە مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ. ئەسەردە چىنلىققا ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر يەنى تۇرمۇش چىنلىقى بىلەن بەدىئي چىنلىق دېگەنلەرگە ئەھمىيەت بەرمىگەندە ئاسانلا مەسىلە كىلىپ چىقىدۇ، بۇ فېلىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى تۇلۇق ئەكىس ئەتكۈزۈلىشى لازىم.
ئەسلىي فىلىمدە نۇرغۇن بوشلۇق بار، بەزى پېسوناژلار بەك ئاجىز بۇلۇپ قالغان، بەزى ۋەقەلەرنىڭ يىپ ئۇچى بىرلىپ يېشىمى بىرىلمىگەن. شۇڭا پېرسوناژلارنى كۆچەيتىش، ۋەقەلىكنى راۋاجلاندۇرۇش زۆرۈر. سېنارىيە يېزىلىپ پۈتكەندىن كېيىن، بىر گۇرپا قۇرۇلۇپ ئۆرپ-ئادەت، تارىخ، مەدەنىيەت نوقتىسىدىن تەكشۈرۈپ، سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشى لازىم.
  پىلانغا ئاساسەن، «غېرىپ-سەنەم»فىلىمىنىڭ سېنارىيەسى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن يېزىپ پۈتكۈزىلىدىكەن، باشقا تەييارلىق خىزمەتلىرىمۇ باسقۇچلار بويىچە ئىشلىنىپ، فىلىم 2014-يىلى رەسمىي سۆرەتكە ئېلىنىدىكەن.

ئاخرىدا، ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇھەببەت داستانى«غېرىپ-سەنەم»نىڭ يۇقارقى دىيىلگەن پىكىرگە ئوخشاش نادىر كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلىنىپ پاتىراق خەلقىمىزگە سۇنۇلۇشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.

پايدىلانما: خۇرشىدە ئابلىمىتنىڭ «غېرىپ-سەنەم»نى كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلەش پىكىتىلدى(تەڭرىتاغ ئىكرانى).

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-27 12:04 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99769
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 587 سائەت
تىزىم: 2013-11-18
ئاخىرقى: 2014-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 12:38:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹ئانارخان› دەك ئەسەردىن يەنە بىرى دۇنياغا كەلمىسىلا بولاتتىغۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tulpirim + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

Don`t talk, just act
Don`t say, just show
Don`t promise, just prove

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 642
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10779
تۆھپە نۇمۇرى: 379
توردا: 4921 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 12:48:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غېرىپجان سەنەم دەردىدە كۈيۈپ يۈرىيدۇ،مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ،دەل مۇشۇنداق مۇھەببەت دەردىدە كۈيۈپ كۈل بولغان ،مەيدىسنى زەي يەرگە يېقىپ كۆزلىرى نۇرسىز ،چىرايى زەپىران ،گېلىدىن غىزا ئۆتمىگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە  غېرىپنىڭ ئارقا ھويلىدسىدىن بىر قىزىل نۇر چاچىدۇ، غېرىپ نۇرسىز كۆزلىرىنى تەسلىكتە ئېچىپ نۇر چاقنىغان تەرەپكە قارايدۇ، ئاھ ،تەڭرىم ،غېرىپ ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەيدۇ...ئۇ ،ۋاقىرايدۇ،بەدىنى كۈچكە تولغاندەك بولىدۇ،‹‹ئازادلىق ئارمىيە››‹‹ئازادلىق ئارمىيە››.... ئازادلىق ئارمىيەنىڭ 15-ئەسىرگە بېرىپ قالغانلىغا ھېچكىم دىققەت  قىلمايدۇ،چۈنكى
ئابدۇكېرەم ئابلىز ئېيتقاندەك ،دۇتتار كىمنىڭ ئۇكام ،دىگەندەك...توۋا ،دۇتتار ئەسلى ئۇيغۇرنىڭ ئىدىغۇ؟....شۇنىڭ بىلەن ۋەقەلىك راۋاجلىندۇ.............بىز ئوتتۇراپ كۆرەۋىرىمىز!
ئاخىرقى قىسملىرى شۇنداق ياخشى راۋاجلىندۇ,غېرىپ سەنەم مۇرادىغا يېتىدۇ،ئۇلار توي قىلىدۇ،ساليوتلار ئېتىلىدۇ،خۇشاللىق دىگەن خەتلەر ئىشىككە چاپلىندۇ،ۋاك كوماندىر ئۇلارنى ھۇجرىغا ئەكىرىپ قويۇپ فىلىم ئاخىرلىشىدۇ...ھەممىز يىغلاپ كىتىمىز .فىلىم ياخشى چىقىپتۇ ،تەسىرلىككە دەپ!!!!

ھازىرغىچە 10 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zinak11 + 50 كۈلۈپ كەتتىمغۇ ئوقۇپ
شاتيار + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
دەتمەن + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
ATAMAN25 + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
guzaltarim + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
otqash405 + 10 ئاپىرىن
g-0 + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
مسكىنÍÍ + 108 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
joda☠ + 59 تەپەككۇرى كۈچلۈك
xatuti + 10 نادىر ئىنكاس...

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 287   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99425
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2013-11-10
ئاخىرقى: 2013-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 12:53:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
paykar يوللىغان ۋاقتى  2013-11-27 12:48 PM
غېرىپجان سەنەم دەردىدە كۈيۈپ يۈرىيدۇ،مۇرادىغا يېتەلم ...

جانلىق ئىنكاس ...ئەگەشتىم ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 445
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11052
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 3284 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 12:56:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلبىمىزدە بىرلا غېرىپ سەنەم قىپ قالسا ، ئۇنى كۆپ قىسىم قىلىپ ئىشلەپ ،سوزۇپ  لاۋزىلاشتۇرمىسا ، ئۇنىڭ ئورنىغا مەھمۇت كاشىغەرى بولامدۇ ، سۇتۇق بۇغراخاننى بولامدۇ ياكى سادىر پالۋاننى بولامدۇ بىر ئىشلىۋەتسە ، ھەي ئىسراپچىلىق !

نىمە يازىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97813
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1854
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 442 سائەت
تىزىم: 2013-9-13
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 12:58:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېخى ئۇزۇندىكى گەپكەنغۇ،كىلەر يىلى سۈرەتكە ئېلنسا قاچان قۇيىلدۇ تېخى،ئىشىقىلىپ ئەسلى ئەسەرگە،ئەسلى تارىخققا ھۆرمەت قىلىشنى سۇرايمەن،بۇرۇنىسىغا يىتەلمەيدىغنا چەكسىز ئىشنىمەن،شۇنداق بولسمۇ تارخقا ھۆرمەت قىلنىسا،ئۆرىپ-ئادتىمزگە ھۆرمەت قىلنىسا دەيمەن،بۇلۇپمۇ بىر مۇھەببەت داستاننى سىياسىلقى كۈچلۈك فىلمگە ئايلىنىپ قالماسلىقنى ئۈمد قىلمەن،بولمىسا بۇندىن كىيىن تەڭرتاغ كىنو ستۇدىيەسى ئىشلىگەن فىلملەرنى كۆرمەيمەن،خەلىقنىڭ بېجدىن كەلگەن كىرمىگە شۇنداق خەلقنى رازى قىلالمايدىغان فىلملەرنى ئشلەۋەرسە  باش كۆزۈمنىڭ سادىغىتى دەۋىتىمەن

قاغا قاق ئىتەر،ئۆز كۆڭلىنى شاد ئىتەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2008 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 01:14:05 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
emetbeg يوللىغان ۋاقتى  2013-11-27 12:56 PM
قەلبىمىزدە بىرلا غېرىپ سەنەم قىپ قالسا ، ئۇنى كۆپ قىسى ...

نادىر ئىنكاس! ئەگەشتىم!

ئازاپلىرىم،مېنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17800
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 9639 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 01:17:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككىنچى ‹ ئانارخان › فىلىمى بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن !

شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3427
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10762
تۆھپە نۇمۇرى: 398
توردا: 938 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 01:22:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەردىمۇ غىرىپ ئوردىدىن قوغلىنىپ ، شۇ چاغدىكى مىڭ سۇلاسىنى پانا تارتىپ بارىدۇ ، ئاندى مىڭ سۇلاسىسى غىرىپتنى دەرتتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن ، قوشۇن باشلاپ ، غىرىپقغا سەنەمنى ئىلىپ بىرىدۇ ، ئاخىرىدا ھەرمىللەت خەلقى خۇشال ئۇسۇلغا چۈشۈپ ، كىنىو ئاخىرلىشىدۇ . پەقەت بولمىسا سەنەم ئەسلىدە مىڭ سۇلاسىنىڭ بىر خانىشى ، غىرىپ بولسا بىر شاھزادە ، ئىككىسى بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ .... مانا شۇنداق ..... كۆنۈپ كەتتۇققۇ ، يېقىندا قويۇلغان دوك ۋەزىر ليۇ يۇڭ دىگەن كىنودىمۇ بىچچارە ئىپارخان چىيەنلۇڭغا شۇنچلىك ئامراقكى ئەيھانناس .... غىرىپ سەنەمدىن قىلىشمايدۇ ئۇلار . يەنە تېخى مەلىكە خۈەنجۇ دىگەن كىنوچۇ ؟ شۇلارغىمۇ كۆنۈپ كەتتۇقيۇ ، مەن يۇقىرىدا دىگەن ئۇسۇللاردا سىنارىيە يىزىلسا خەلقىمىز چوقۇم ئۇنىڭغىمۇ كۆنۈپ كىتىدۇ .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
hakan1865 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ۋاي ئىششىڭنى قىلە...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32958
يازما سانى: 1052
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5641
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 2472 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 01:26:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
paykar يوللىغان ۋاقتى  2013-11-27 12:48 PM
غېرىپجان سەنەم دەردىدە كۈيۈپ يۈرىيدۇ،مۇرادىغا يېتەلم ...

نادىر ئىنكاس...نادىر ئىنكاس...ئىنكاسنىڭ قاتىلى...
ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىمىزدىكىنى يۈز پىرسەنت ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىپسىز،
ئوقۇۋېتىپ تۇيۇقسىز كۈلۈپ ئىشخانىدىكىلەرنى چۆچۈتۈۋەتتىم،نەچچە كۈنگىچە
كۈلەرمەن ما ئىنكاسقا.......راس ۋەقەلىكى چوقۇم سىز دىگەندەكلا چىقىدۇ...
غېرىپ-سەنەمنىمۇ بىر مازغا يۆگەيلى دەپ پىلان قىپتۇدە بۇلار........

ئىشىڭنى قىل.................!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش