مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3085|ئىنكاس: 16

ۋىسالسىز سۆيگۈ (پوۋىست) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27
يازما سانى: 624
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 16525
تۆھپە نۇمۇرى: 1618
توردا: 3664 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 05:05:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                           ۋىسالسىز سۆيگۈ(پوۋىست)

                                 ئاپتورى:پادىشاھ

تورداشلار سەمىگە مەن بۇ ئەسەرنىڭ بىر قىسىمىنى بۇندىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن«ۋەدە»دېگەن تېما بىلەن يوللىغاندىم،داۋامىنى يېزىش جەريانىدا ئەسلى بولغان ۋەقەگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىدىن بولغان ئىشلارنى توقۇلما قىلىشتىن ساقلىنىپ ئەينەن يازدىم شۇنداق بولغاچقا تېمىدا ئۆزگىرىش بولدى،شۇ تۈپەيلى تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.


تاغ باغرىغا جايلاشان يېزا تۈن قاراڭغۇسىدا غېرىبسىناتتى.توپىلىق يولنىڭ ئىككى قاسنىقىغا سېلىنغان كونا ئۆيلەر خۇددى يانپاش  ئادەمنىڭ مۆرىسىگىللا ئوخشەيتتى.يولىنڭ ئىككى قاسنىقىدىكى قېرى سۆگەتلەرنىڭ شاخلىرى رەتسىز تاشلىنىپ تۇراتتى.ئېرىقتا زۇمرەتەك سۈزۈك سۇلار شىلدىرلىشىپ ئاقاتتى،باغ تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئۆرۈك ھىددى كىشىنىڭ دېمىقىغا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى،تاغ تەرەپتىن كېلىۋاتقان مەيىن شامال كىشىنىڭ يۈزلىرىنى يېنىك سۆيۈپ ئۆتۈپ ھوزۇر بەخىش ئاتا قىلاتتى. پۈتۈن يېزا ئۇيقۇغا پاتقان بولۇپ ھەممە ئۆينىڭ دېرىزىلىر قاراڭغۇ،پەقەت  ئالماسنىڭ ئۆيىدىلا ئارىلاپ –ئارىلاپ يورۇق كۆرۈنەتتى.نېمىشقىدۇر ئالماس بىلەن بۈھەجەر تەۋىشلەنگەن ھالدا پات-پاتلا ،ئاسىمنىڭ ھوجۇرىسى تەرەپكە قاراپ قوياتتى،ئالماس كېچىدە بىر نەچچە قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىنگەندىن كېيىن ھويلىغا چىقىپ ئىنىسىنىڭ ھوجرىسى ئالدىغا بىر قانچە قېتىم كەلگەن بولسىمۇ بىراق يەنىلا ئارقىغا يېنىپ كەتتى.ئىتلارنىڭ ئەنسىز قاۋاشلىرى كىشىنى تەشۋىشكە سالاتتى.ئاسمنىڭ كۆزى ئۇيقۇغا بارمايتتى،ئۇ ئۆزىنىڭ تاللىشىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ھەققىدە ئويلانماقتا ئىدى. دىمىسىمۇ «ئالقانچىلىك  يەرگە ئالتە ئادەم تەلمۈرۈپ ئولتۇساق بولمايدۇ-دە،يېشىممۇ چوڭ بولۇپ قالدى، ئۆي-ئوچاقلىق بولسام جان سانىمىز كۆپىيىدۇ لېكىن يەرچۇ يەنىلا شۇ رەھمەتلىك دادام بىلەن ئانامدىن قالغان ئاشۇ بىر نەچچە مو يەر،ئاكامنىڭ ئۈچ بالىسى بار بولغاندىن كېيىن مېنىڭ شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ جان باققىنىم تۈزۈك.«بەندە ئۆلمەس، رىسقىسى تۈگىمەس»دىيىشىدىكەن چوڭلار بىر سىىناپ كۆرەي:«يا بايدىن،يا سايرامدىن»چىقار .ئۇ شۇ خىياللار بىلەن تۈننى تاڭغا ئۇلىدى...

سۈزۈك ئاسماندىكى يېنىك تەۋرنىپ تۇرغان ئاپئاق بۇلۇتلار ئۈستىدە ئەتىگەنلىك قۇياشنىڭ نۇرلىرى جىلۋىلىنىشكە باشلىدى.ئاسىمنىڭ يەڭگىسى پاكىزە تازىلانغان سۇپىغا داستىخان سېلىپ تەييارلىغان ناشتىلىقنى ئىككى قوللاپ ئاسىم بىلەن ئالماسنىڭ ئالدىغا قويدى.ئاسىممۇ،ئالماسمۇ،بىر-بىرىگە باتنىشىۋاتقان كىشىلەردەك يەردىن ئۈستۈن قارىماي ئولتۇرۇشاتتى،ئالماس تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۇلۇغ كىچىك تىناتتى،  ئاسىمدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايۋاتقاندەك،يەر ئاستىدىن يېنىشلاپ-يېنىشلاپ قاراپ قوياتتى،ئاسىم بولسا بېشىنى تۆۋەن سالغان ھالدا بىر نېمىلەرنى خىيال قىلاتتى.

ـ «تاماق سوۋۇپ قالدى ،قېنى ئىسسىقىدا ئېلىڭلار»دىدى ئاسىمنىڭ يەڭگىسى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ.تاماقتىن كېيىن ئالماس موخۇركىسىنى كۈچەپ  بىر نەچچە قېتىم شوردى ۋە يۆتىلىپ تۇتۇپ:

ــ ئىنىم ئاسىمجان شەھەرگە كىرمىسەڭ زادى بولمامدۇ؟دىدى سۇئال نەزىرىدە ئاسىمغا تىكىلگىنىچە.

ــ شۇنداق ئاكا،«مەن كىرىپ بىر سىنىاپ باقاي،مېنى توسماڭلار »دېىدى كەسكىن ھالدا.

ــ سەنمۇ كىچىك بالا ئەمەس،مېنىڭ دىگىنىمگە كۆنىسەن دىيىشىمنىڭ ھاجىتى يوق.ھەر ھالدا بېرىپ سىناپ باقاي دىسەڭمۇ مەيلى.دەيدىغىنىم ھەرگىزمۇ جەمەتىمىزنىڭ،مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللانما ئۇكام.

ئەگەر ئىشىڭ قاملاشمىىغىدەك بولۇپ قالسا ئالدى-كەينىڭگە قارىماي قايتىپ كەل.بۇ ئۆينىڭ ئىشىكى مەڭگۈ ساڭا ئۇچۇڭ،ئۇ كۆز چاناقلىرىغا كېلىپ قالغان ياش تامچىسىنى يۇشۇرغان قىياپەتتە سۆزىنى تۈگىتىپ يەنە ئۇلۇغ –كىچىك تىنىشقا باشلىدى.قارىغاندا ئىنسان ئۈچۈن« قېرىندېشىدىن ئايرىلىشتىن ئارتۇق ئازاب بولمىسا كېرەك»ئۇ قولىدىكى ئۈچۈپ قالاي د ىگەن موخۇركىسىنى يەنە كۈچەپ شوراشقا باشلىدى.شۇ تاپتا ئۇنىڭغا زېمىن چۆگىلەۋاتقاندەك تۇيۇلۇشقا باشلىغاندى.

ــ «ئىنىم بۇ پۇلىنى ئاز بولسىمۇ يېنىڭىزغا سېلىپ قويۇڭ،ئەسقېتىپ  قالار ،ئاكىڭىزنىڭ سۆزىنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ»بۈھەجەر كۆزلىرىگە ياش ئالغان  قىياپەتتە قولىدىكىنى ئاسىمغا ئۇزارتتى.ئاسىم بېشىنى تۆۋەن سالغان ھالدا يەڭگىسىنىڭ قولىدىكىنى ئالدى ۋە:«رەھمەت يەڭگە،رەھمەت ئاكا!مەن چوقۇم سۆزلىرىڭنى ئېسىمدە چىڭ ساقلايمەن»دىگىنىچە كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالدى،كۆز چانىقىدىن سىزغىغان ياش تامچىلرى بىر دەمدىلا ئۇنىڭ مەيدىسىنى ھۆل قىلىۋەتتى.

ماشىنا شەھەرگە قاراپ ئۇچقاندەك ئىلگىرلىمەكتە،يولۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئېكراندا چىقىۋاتقان جانبازلىق فىلىمىنى كۆرۈش بىلەن مەشغۇل بولۇشسا يەنە بىرلىرى ئۇيقۇ دۇنياسىغا سەپەر قىلىشتى،ئاسىم كۆيۈمچان ئاكىسى بىلەن،مېھرىبان يەڭگىسىنى خىيالدىن چىقارمايتتى،مېنى دەپ پۇل قەرىز ئاپتۇ «ئۇلار كىملەرگىمۇ سارغىيىپ بۇيۇن قىسىپ بارغاندۇر،ھەممىنى قىلغان مەن» دەپ ئۆزىنىمۇ ئەيىبلەپ قوياتتى بەزىدە،بىراق ئەمدى نېمە دىگەن بىلەن ئىشلار ئەسلىگە كەلمەيدۇ-دە ئەلۋەتتە.

شەرقتىن بالقىغان قۇياش ئىللىق نۇرىنى چېچىشقا باشلىدى.ئاپتۇبۇس جەنۇبىي يولوچىلار توشۇش بېكىتىگە كېلىپ توختىدى.ئۇ سومكىسىنى كۆتۈرگىنىچە ئاپتۇبۇستىن چۈشتى ،بىر پەس قاياققا بېرىشىنى بىلەلمەي داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى.بىر ھازادىن كېيىن دۆڭ كۆۋرۈك تەرەپكە يول ئالدى.

مانا بۇ «شىنجاڭ ئوۋېرسىتىسى»ئىكەن،«ھەي ئىسىت تۆت يىل بۇرۇن ئائىلە ئىقتىسادىمىز يار بەرگەن بولسا موشۇ مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇغان بۇلاتتىم» شۇتاپتا ئۇنىڭ كۆڭلى بىئارام بولىۋاتاتتى،لېكىن  نېمىلا دىگەن بىلەن ئەسلىگە كەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ قالدىمۇ  ئەيتاۋۇر،يولىنى داۋام ئەتتى.


يالقۇنجىغان ئوت

ئاسىمنىڭ شەھرگە كەلگىنىگىمۇ بىر نەچچە ئاي بولدى،قارىغاندا ئۇ شەھەر تۇرمۇشىغا كۆنۈپ قالغاندەك قىلاتتى،ئۇنىڭ كۈنلىرى تاللا بازىرى بىلەن ئىجارىگە ئالغان «دوپپام»چىلىك ئۆينىڭ ئارىلىقىدا ئۆتۈشكە باشلىدى.ئۇنىڭ چىقىشقاق،مەسئۇلىيەتچانلىقى خوجايىن ۋە خىزمەتداشلىرىنى قايىل قىلدى بولغاي ئۇلار  ئاسىمنى ياقتۇرۇپ قېلىشتى. بالدۇر خىزمەتكە كەلگەن ئاسىم كېيىم –كېچەكلىرىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشىغا،  يۈزلىرى يۇمۇلاق،قوي كۆزلىرىدىن  ھۇشيارلىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان،ئاق پىشماق،ئىككى تال ئۆرۈلگەن چېچى تېقىمىغا چۈشۈپ تۇرىدىغان،ئوتتۇرا بوي،زىلۋا كەلگەن خىزمەتدېشى:

ــ قاناق ئاسىمجان ياخشى تۇردىڭىزمۇ دىگىنىچە كۈلمسىرىدى.

ـ خېلى ياخشى ئۆزىڭىزچۇ؟ئاسىم پاتتىڭىغىچە قىزارغان پېتى ئارانلا شۇنداق دىيەلىدى،ۋە ھۇجۇدىدا بىر خىل سېزىم پەيدا بولغاندەك بولدى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ بەدەنلىرى قىززىپ،يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىۋاتقاندەك بولدى.ئۇ ئاستىرتتىن قىزغا يەنە بىر قۇر سەپ سالغاندىن كېيىن ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولدى.

  تۈن نىسبى بولغان بولسىمۇ ئاسىمنىڭ ئۇيقۇسى كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى،ئۇ تۇرۇپ –تۇرۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ قانداقتۇر بىر خىل خىياللارنى سۈرەتتى،ۋە ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپمۇ قوياتتى.تاڭغا يېقىن ئۇ سەل ئىېسىگە كەلگەندەك بولدى-دە،توۋا دىگىنىچە يۈزىنى چىمداپ قويغاندىن كېيىن مىيىقىدا بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلۈمسىرىگەن ھالدا:«سەۋزىدە خەۋەر يوق،گۈرۈچ دەم يەپتۇ»دېگەندەك ئىش قىلىپ يۈرگىنىمنى قارىمامدىغان؟ دەپ پىچىرلاپ قويدى ئۆز –ئۆزىگە .بىراق ئۇنىڭ زادىلا ئۇيقۇسى كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.

ئۇ يەنە خىيالغا كەتتى:ئەتىگەنلىككە مەن ئەھۋال سورىغان بولۇپ يەنە بىر گەپ قىلىۋالاي،ئۇنىڭ ھۆسنىگە قانغۇچە بىر قارىۋالاي»دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى.تاڭمۇ ئاتتى ئاسىمنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەندى.ئۇ ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ئىش ئورنىغا كەلدى،ئەمدىلا ئىشىكتىن كىرىپ تۇرۇشىغا بىرىنىڭ:

ــ ئاسىمجان مىجەزىڭىز يوقمۇ؟دىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.بۇ ئاۋاز ئۇنىڭغا بەكلا يېقىملىق تۇيۇلدى.

ــ ياقەي ئۇنداق ئەمەس دىگىنىچە قىزغا تىكىلدى ئۇ.

ــ ئەمىسە كۆزلىرىڭىز قىزىرىپ كېتىپتۇغۇ؟

ــ زۇكام بولۇپ قاپتىمەن.دىيەلىدى ئۇ ئارانلا،ئۇنىڭ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك سوقۇشقا،ئىچىگە كىرىۋالغان ھېلىقى« ئوت» يېلىنجاشقا باشلىدى.

ــ دوختۇرغا كۆرۈنۈپ بېقىڭ،«زۇكام»دېگەن بارچە كېسەلنىڭ ئانىسى،قىز شۇنداق دىگىنىچە ئۆزىگە يېقىنلاشتى،شۇ تاپتا ئۇنىڭ قىزنىڭ قولىنى تۇتۇۋالغۇسى، ئۇنىڭغا مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلغۇسى كەلدى،بىراق ئۇ بۇنداق قىلىشقا قادىر ئەمسدى.

  كەچقۇرۇن ئۇ يەنە شۇ ئايىقى چىقماس خىياللار ئىلىكىدە ئەركىن پەرۋاز قىلىشقا باشلىدى.بىر ھازادىن كېيىن:«قارىمامدىغان ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يەۋاتقىنىمنى»توۋا مەن ساراڭلارچە خىياللارنى قىلىپ نېمە قىلاي،بۇنىڭ ھەممىسى مۈمكىن بولمايدىغان ئىش دىگىنىچە ئۇيقۇغا كەتتى .تۈن نىسبى بىلەن ئۇ شۇنداق بىر چۈش كۆردى:«ئاسىمجان يۈرۈڭ قىز ئۇنىڭ قولىدىن يېتىلىگەن پىتى،گۈللۈككە ماڭدى،رەڭگا-رەڭ ئېچىلغان گۈللەرنىڭ ھېددى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇرۇاتتى،گۈل بەرگىگە قونۇشۇۋېلىنغان ھەر خىل كېپىنەكلەر،ھەرىلەر لەرزان ئۇسۇلغا چۈشسە،ئەتراپتىكى دەرەخلەرگە قونۇشىۋېلىنغان تۈرلۈك قۇشلار بىر جۈپ ياشنىڭ بۇياققا قەدەم تاشلىغىنىنى تەبرىكلىشىۋاتقاندەك، زوق-خوش بىلەن سايرىشاتتى.ئۇ قىزنىڭ بېلى ئۇشتۇلۇپ كەتمىسۇن دېگەندەك ئاستا قاماللىدى قىز بولسا ئىختىيارىنى ئۆزىنىڭ بولغۇسى جۈپتىگە تاپشۇرغاندى.ئۇ قىزنىڭ لېۋىگە ئاستا سۆيدى.نېمە دىگەن تاتلىق سۆيۈشلەر بۇ»سائەتنىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازى بىلەن ئۇ كۆزىنى ئاچتى ۋە چۈشىنىڭ داۋامىنى كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن قايتا كۆز يۇمدى،بىراق چۈشىنىڭ داۋامى قاياقلارغىدۇر كېتىۋالغاندى.توۋا«توخۇ داڭگال چۈشەيدۇ،ئوتۇنچى جاڭگال»دېگەندەك بىر چۈش كۆرگىنىمگە قارىمامدىغان؟ ئۇ كۈلكىدىن توختاپ ئەتراپقا قاراپ قويدى.

                 تۇنجى سۆيگۈ

  سۆيگۈ ئەسلىدە يىگانە ئىدى،شۇڭا ئەۋەتتى تەڭرى غۇلماننى.

سەھەردىلا كۈلۈپ چىققان قۇياش ئەتراپقا ئىللىق نۇرلىرىنى سېخيلىك بىلەن چېچىشقا باشلىدى،ئىللىق شامال كىشىنىڭ يۈزلىرىنى يىنىك سىللاپ ئۆتەتتى ،ئۇ تاللا بازىرىغا كىرىشىگە قىز ئۆزىگە ئېللىق بېقىپ پىسسىڭىدە كۈلۈمسىرىدى .

بۇ كۈلۈمسىرەشتىن ئۇنىڭ بەدىنى سىماپتەك ئېرىشكە باشلىدى،ئۇ قىزغا يەر تېگىدىن سەپ سالدى قىزنىڭ يۇمۇلاق يۈزى «ئاناردەك»قىزىرىپ كەتكەندى.

قىز شۇ ھامان ئاسىمدىن يۈزىنى ئېلىپ قاچتى،ئاسىمنىڭ يۈرىكى« كىيىك بالىسى»دەك تېپچەكلەشكە،ئىچىدىكى ئوت يالقۇنجاشقا باشلىدى.چۈشكە يېقىن ئاسىم قىزغا:«ئاسىيە چۈشلۈك تۈماقنى بىرگە يىسەك بولامدۇ»دېگەن ئۇچۇرنى يوللىدى.ئۇزۇن ئۆتمەي قىزدىن:«ماقۇل»دېگەن ئۇچۇر قايتتى ئۇ تېلىفونىنىڭ ئېكرانىغا يېنىشلاپ بىر نەچچىنى سۆيۈپ قويغاندىن كېيىن ئۆز ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدى.شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك كىشى ھېسابلاشقا باشلىدى.چۈنكى ئۇ تۇنجى قېتىم بىر قىز بىلەن بولۇپمۇ ئۆزى ياخشى كۆرۈپ قالغان قىز بىلەن بىرگە تاماق يەيدۇ ئەمەسمۇ؟بەلكى ئىنسان ئۈچۈن ئۆزى ياقتۇرىدىغان قىز بىلەن بىرگە تاماق يىيىشتىن ئارتۇق بەخىت بولماسلىقى مۈمكىن.ئۇ بىراقلا تېتىكلىشىپ كەتكەندەك قىلاتتى.قايسى تېز تاماقخانىغا بارساق بۇلار؟يىراققا بارساق دەم ئېلىش ۋاقتىمىز يەتمەيدۇ

«ۋىسال»،ئاۋرال»،«خان تەڭرى»شۇنداق خىياللار بىلەن چۈشۈلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى.ئىككىيلەن تاللا بازىرىدىن چىققاندىن كېيىن ئۇدۇللا «ۋىسال» تېز تاماقخانىسىغا يول ئالدى.تاماق بۇيرۇتۇلدى ئاسىم  قىزغا يەر ئاستىدىن تويماي قارايتى،قىزمۇ تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۇنىڭغا قاراپ قوياتتى،ئۇلارنىڭ كۆزلىرى  ئۆز ئارا ئۇچۇرۇشۇپ قالغىنىدا ھەر ئىككىيلەننىڭ چىرايى نېمىشقىدۇر چوغدەك قىزىرىپ كېتەتتى...

  يېقىندىن بۇيان ئاسىم تولىمۇ روھلۇق كۆرۈنەتتى،تونۇش بىلىشلەرگە بولغان مۇئامىلىسىمۇ باشقىچىلا بولۇپ قالغاندى.ئويچان ،كەم سۆز بۇ خىزمەتدېشدا مۇنچىۋالا چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىدىن خىزمەتداشلار ھەيران قېلىشاتتى بىرلىرى،ئاۋۇ سەھرالىق بۇرۇنقىغا ئوخشىمايلا قېلىۋاتىدۇ ئۇنىڭغا نېمە بولغاندۇر دىيىشسە،يەنە بىر لىرى .

ـــ  توۋا ئاۋۇ ئاسىيە دېگەن قىزنىڭ ئەقىلسىزلىقىنى ئاۋۇ «مەتو»بىلەن مۇھەببەتلىشىپ قالغىنىغا قارىمامدىغان؟ شۇنچە يىگىتلەر ئوتىدا كۈيۈپ يۈرسە،ئادەم تېپىلمىغاندەك قىلىپ يۈرگەن ئىشىنى  دېىيشەتتى .شۇندىن ئېتىبارەن بۇ بىر جۈپ ياش تاللا بازىرىدىكى خىزمەتداشلىرىنىڭ غەيۋەت تېمىسىغا ئايلىنىپ قېلىشتى.چۈنكى بىز خەقتە ئۆلۈكنىڭ كەينىدىنمۇ ئۈچ كۈنگىچە گەپ قىلىدىغان ئادەت بار ئەمەسمۇ.ئاسىم دەسلىپىدە بۇ شەھەرگە كەلگەندىن كېيىن بىر مەزگىل غېىربسىنىپ يۈرگەندى.ئەمدى بولسا ئۇ غېرىبسىنمايدىغان،زېرىكمەيدىغان،ئىچى پۇشمايدىغان بولدى.چۈنكى ئۇ تۇنجى مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتاتتى.ئاھ! تۇنجى سۆيگۈ...

    يىتمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ

ئەتىدىن باشلاپ ئىشقا كەلمەيدىغان بولدۇڭلار،تاللا بازىرىمىز ۋەيران بولدى.مالىيە بۆلۈمىگە كىرىپ ئىش ھەققىڭلارنى ئېلىۋېلىڭلار،خوجايىننىڭ ئاۋازى تىتىرەشكە باشلىدى.ئىشچىلارنىڭ بەزىلىرى خوجايىن بەكمۇ ئوبدان ئىدى،قارىمامدىغان ۋەيران بولۇپ كەتىكىنىگە،دىيىشسە يەنە بەزىلەر ئوبدان بوپتۇ،بۇنداق پۇلدارلارغا ئىچ ئاغرىتىشقا بولمايدۇ دىيىشەتتى.ئاسىم بىلەن،ئاسىيە مالىيە بۆلۈمىگە كىرمەستىن كىيىم-كېچەكلىرىنى ئالماشتۇرۇپ خوجايىن بىلەن خۇشلاشقاندىن كېيىن شامالباغ تەرەپكە يول ئالدى.

ــ ئەمدى قانداق قىلاي دەيسىز سورىدى ئاسىم قىزدىن.ئۆيدىكىلەرگە ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى ئېيتىمەن،ئاندىن خىزمەت ئىزدەيمەن دىدى جاۋابەن ئاسىيە كۈلمسىرىگەن قىياپەتتە.ئاسىيە قايتىپ كىرگەندە ئانىسى بىلەن دادىسى ئۇنى ساقلاپ ئولتۇرغانىدى.قىزى كىرىشىگىلا :

ــ قىزىم قانداق بولدى ؟سورىدى ئانا.

ــ تارقاپ كەتتۇق،خوجايىنغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى.ئۇ تېخى بىزنى قالغان يېرىم ئايلىق مۇئاشىمىزنى ئېلىۋېلىڭلار دېگەندى ئالماي قايتىپ كەلدىم دىدى جاۋابەن قىز ئانىسىغا.

ــ نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىسىز؟ئشلىگەندىن كېيىن چوقۇم ئېلىشىڭىز كېرەك ئىدى.نېمىشقا ئالماي يېنىپ كەلدىڭىز؟بىلىپ قويۇڭ قىزىم«بىكارغا مشۈشكمۇ ئاپتاپقا چىقمايدۇ»كايىشقا باشلىدى ئانا.

ــ نېمانداق قالايمىقان گەپ قىلسەن ۋوي!خوتۇن! سەنزە قاچانلىققىمۇ ئادەم بۇلارسەن؟سەندە ئىنسانپەرۋەرلىك دەيدىغان نەرسە يوقمۇ؟بالىنىڭ قىلغىنى توغرا تۇرسا چالۋاقاپ كەتتىڭغۇ؟قانداق گەپ بۇ دىدى زەردە بىلەن سالىي ئاكا قاپىقى تۈرۈلگەن ھالدا.

ــ ھە!ئەمدى مەن قېرىغاندا چالۋاقايدىغان بولۇپ قاپتىمەنمۇ؟سېنىڭ شۇ ناباپلىقىڭدىن مۇشۇنداق كۈنلەرگە قېلىۋاتىمىز؟دىگىنىچە يەنە چالۋاقاشقا باشلىدى خوتۇننى.

ــ« قانداق كۈنگە قاپسەن؟موشۇ كۈنۈڭگە شۈكرى قىلساڭ بولىدۇ؟شۈكرى دىگىن،شۈكرى،سەن تۆۋەنگە بېرىپ كۆرۈپ باق ئاشۇ بىچارە قېرىنداشلىرىمىز قانداق كۈنلەرنى كۆرۈۋېتىپتۇ،ھەتتا بەزىلەرنىڭ تۈزۈكراق كېيىدىغان كېيىمى يوق،بەزى كىشىلىرىمىز يىلدا بىرەر قېتىممۇ گۆش يىيەلمەيدۇ ،سەن قاچانمۇ تۇيارسەن دۇنياغا»  سالى ئاكا ئاچچىقتىن يېرىلىپ كەتكىلى تاسلا قالدى.

ــ ئۇلار بىلەن نېمە كارىم«سىزنىڭ ئېپىڭىز بولغان بولسا قولىڭىزدا ھوقۇقنىڭ بارىدا باللىرىمىزنى ئورۇنلاشتۇرۇۋالغان،ئىقتاسادىمىزنى ياخشلىۋالغان بولاتتىڭىز،سىز دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ قايسى بىرىنىڭ پەرزەنتى خىزمەتكە ئورۇنلىشالمىدى؟قايسى بىرىنىڭ ئىقتىسادى بىزنىڭكىدىن ناچار»غۇدۇڭشىغىنىچە ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى خوتۇنى.

            ئەسلىمە

دۇنيادا ئىنسان ئۈچۈن ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەشتىنمۇ ئارتۇق بەخىت بولمىسا كېرەك.

كېچە ئاسمىنىدا سانسىزلىغان يۇلتۇزلار جىمىرلىماقتا،مەيىن شامال كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايتتى،كۈندۈزدىكى شاۋقۇن-سۈرەنلاردىن ئەسەرمۇ يوق.ئاسىيە ئاستا سىرتقا چىقتى-دە،گۈللۈككە يۈرۈپ كەتتى،تۈرلۈك گۈللەرنىڭ ھىددى كىشىنىڭ دېمىقىغا ئۇرۇلاتتى،ئۇ قەدىمىنى توختاتتى ۋە ئاسمانغا تىكىلگىنىچە خىياللار دېڭىزىغا شۇڭغۇدى كۆز ئالدىدا ئاسىم بىلەن بىرگە باغ سەيلىسى قىلغان مەنزىرە گويا كىنو لېنتىسىدەك ئۆتۈشكە باشلىدى:

ــ سىز مېنىڭ قانداق قىلىپ شەھەرگە كېلىپ قالغانلىقىمنى بىلەمسىز؟ئاسىم ئاسىيەگە قارىدى.

ــ ياق بىلمەيدىكەنمەن دىدى قىز ھەيرانلىق بىلەن.

ــ مەن كىچىكىمدە دائىم چېچىنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈۋالغان،ئاق پىشماق،ئورۇققىنا ،بەللىرى تال چىۋىقتەك ئىنچىكە بىر قىزنى چۈشەيتىم،ۋە شۇ قىز بىلەن بىرگە سەيلە قىلاتتىم،كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مەن ئۇ قىزغا ئاشىق بىقارار بولۇپ قالدىم شۇ ۋەجىدىن يۇرتتىن ئايرىلىپ شەھەرگە كەلدىم ئاخىرى ئاشۇ قىز بىلەن...ئۇنىڭ سۆزى شۇ يەرگە كەلگەندە ئاسىيە :

ــ ۋۇي«كاززاپ »دېگىنىچە بىرنى ئۇرۇپ قويۇپ قاچتى ئاسىم ،ئۇنى قوغلىماقتى،مانا ئۇ «كاپلا»قىلىپ ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇۋالدى-دە،ئاستا ئۆزى تەرەپكە تارتتى ئاسىيە قارشىلىق بىلدۈرمىدى،ئىككىيلەننىڭ لەۋلىرى ئۆز-ئارا ئۇچۇراشتى.قىز بىلەن يىگىت تۇنجى مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈردى.

ــ تىنالماي قالدىم دىدى قىز ئاستا.

ــ كەچۈرۈڭ ئاسىم كۈچلۈك قوللىرىنى بوشاتتىقاندىن كېيىن:

ــ ئاسىيە!مەن ئەتىدىن –كەچكىچە دەككە –دۈككىدە يۈرىدىغان بولۇپ قالدىم دىدى.

ــ نېمىشقا ئەمدى سورىدى قىز.

ــ كۈنلەرنىڭ بىرىدە توي ئىشىمىزغا سىلەرنىڭ ئۆيدىكىلەر قوشۇلماي قالارمىكىن دەپ.

ــ شۇنداقمۇ قىز سەل تۇرۇۋالغاندىن كېيىن.دادام بەك ياخشى ئادەم،

ئاپام سەل ھاكاۋۇر،مەنمەنچى ئايال بۇلارنى ئويلاشمايلى ۋاقتى كەلگەندە چوقۇم مەن چوڭلارنى ماقۇل كەلتۈرىمەن.

ــ راستمۇ؟

ــ راست ،چوقۇم شۇنداق قىلىمەن.

ــ چوڭلار قوشۇلمىسىچۇ؟ئۆلۈۋالىمەن.يىگىت ئاسىيەنىڭ ئاغزىنى ئالقىنى بىلەن مەھكەم ئېتىۋالدى.

ــ ياق ھەرگىزمۇ ئاغزىڭىزنى ئۈشۈتمەڭ دىدى يۈرىكى پوكۇلدىغان ھالدا.

«بىز مەڭگۈ ئايرىلمايمىز،مەيلى قانداق كۈنلەرنىڭ بېشىمىزغا كېلىشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم مەڭگۈ بىرگە بولىمىز،ئەگەر كىمكى ۋەدىسىدە تۇرمىسا چاقماق سوقسۇ! »:ــ مانا بۇ ئىككى ياشنىڭ يۈرىكىنىڭ قېتىدىن چىققان ۋەدە .ئاھ پاك سۆيگۈ !ئاھ شېرىن ئەسلىمە...

                          قېىرنداشلىق مېھرى

تۇرمۇشىمىزمۇ  خېلى ياخشى بولۇپ قالدى،ئاسىمدىن ھېچ بىر خەۋەر يوق قانداق قىلساق بۇلۇر؟ئالماس خوتۇنىغا قارىدى.

ــ  شۇنداق ئۇ بالا بىزدىن رەنجىپ قالدىمۇ تاڭ يوقاپلا كەتتىغۇ،قاراڭ،مانا ئۇ ئەۋەتكەن پۇللار بانكىغا سېلىپ ساقلىغاندىم،توپ –توغرا 18مىڭ سوم بوپتۇ. قايتىپ كەلسە ياخشىراق بىرىنىڭ قىزىغا ئۆيلەپ قۇيارمىز دىگەن ئويدىمەن  دىگىنىچە ئۇ ئالماسقا قولىدىكى چەكنى ئۇزارتتى.

ــ يا بېرىپ ئىزدەپ باقامسىز ؟

ــ شەھەر دىگەن چوڭ يەر تۇرسا ئۇنىڭ تۇرغان جايىنى ياكى ئىشلەۋاتقان يېرىنى بىلمىسەم قانداق ئىزدەيمەن؟ئالماس ئايالىغا شۇنداق دېگىنىچە موخۇركا ئوراشقا تەمشەلدى.

ــ سىز موخۇركا چېكىش،غەم قىلىشتىن باشقىنى بىلمەمسىز؟نېمىشقا ئۇنىڭ تونۇش –بىلىشلىرىدىن سوراپ باقمايسىز؟دىدى زەردە بىلەن.

ــ« نېمە دېدىڭ ؟ مەن ئەمدى سېنىڭ ئالدىڭدا ھېچ نەرسە بىلمەس بولۇپ قالدىمما؟»دېگىنىچە ئالايدى ئۇ خوتۇنىغا.

ــ ئەمىسە ئەتىدىن-كەچكىچە قانداق قىلساق بۇلار؟نېمىشقا تېلىفون قىلمايدىغاندۇر دەپلا ئولتۇرمىسىڭىز بولمامدۇ؟قېرىنداش بولغاندىن كېيىن چوقۇم ئۇنىڭ تونۇش-بىلىشلىرىنى تېپىپ ئىز دېرىكىنى قىلغىنىڭىز ياخشىغۇ دەيمەن دىدى خوتۇنى ئۇنىڭغا تىكىلگىنىچە.

قۇياش كۆيدۈرگۈچ نۇرلىرىنى چېچىشقا باشلىدى،ئالماس ساپما كەشىنى سۆرىگىنىچە تۆۋەنكى مەھەللىگە كەلدى.ئۇنىڭ قەدىمى تۇردى تازنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندىن كېيىن توختىدى.تۇردى تاز تۆۋەنكى مەھەللىدىكى ساتتار تازنىڭ يالغۇز ئوغلى بولۇپ  ئۇنىڭ دادىسىنىڭ لەقىمى ئۇنىڭغا مىراس بولۇپ قەلغاندى .ئۇ تىجارەتچى  بولۇپ  يىلى بويى سىرتلاردا يۈرەتتى،بىر قانچا قېتىم ئاسىمنىڭ خەۋىرىنى ئېلىپمۇ كەلگەندى.

ــ ئادەم بارمۇ؟ئالماس دەرۋازا ئالدىدا  تۇرۇپ ۋارقىرىدى.

ــ مانا،مانا!دىگىنىچە قۇييۇق چاچلىرى تەكشى ئاقىرىشقا باشلىغان ئىگىز بوي،قاڭشارلىق،كېلىشكەن بىرى چىقىپ كەلدى.

ــ ۋوي !ئالماس ئۇكا!كېلە ،بۈگۈن قايسى شامال سېنى بۇياقلارغا ئۇچۇرۇپ كەلدى؟دىگىنىچە ئۇنى ئىچكىرىگە باشلىدى تۇردى تاز.چاي ئىچكەچ ئالماس ئۆزىنىڭ كېلىش سەۋەبىنى ئېيتتى.ماقۇل ئۇكا مەن ئۇ بالىنى ئالدىنقى ئايدا كۆرگەندىم،بۇ نۆۋەت بارغىنىمدا ئۇچرىتالمىدىم،تېلىفونى ئېلىنمىدى.مەن ئەتە شەھەرگە بارىمەن،ساڭا ئۇنىڭ دېرىكىنى قېلىپ تېلىفون قىلاي دىدى.

ــ رەھمەت تۇردى ئاكا !ئالماس تۇردى بىلەن خۇشلۇشۇپ چىققاندىن كېيىن يەنە خىياللار دېڭىزىدا پەرۋاز قىلغان ھالدا تۆۋەنكى مەھەللىگە يول ئالدى.

بۈگۈن ئۇ ئېتىزدىن قايتىپ كېلىپ ئەمدىلا سۇپىغا كېلىپ ئولتۇرىشىغا تېلىفونى سايراپ كەتتى،تېلىفون ئېكرانىدىكى نومۇرنى كۆرگەندىن كېيىن تەشۋىشلەنگەن ھالدا ئۇنى ئالدى.

ــ ھە ئالماس ئىنىم ياخشى تۇردۇڭمۇ ؟مەن ئاسىمجان ئىشلىگەن تاللا بازىرىغا كەلگەندىم.بىراق ئۇ بازار تاقىلىپ قېلىپ ئورنىغا يەنە باشقىسى ئېچىلىپتۇ.مىڭ بىر مۇشەققەتتە سۈرۈشتە قىلىپ ئۇنىڭ ئىچكىرىگە كىرىپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم خاتىرجەم بول ئىنى ،مەن چوقۇم ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئېلىپ ساڭا قايتا تېلىفون قىلىمەن،ئۇ شۇنداق دېگىنىچە تېلىفوننى قويۇۋەتتى.

ــ« ئاھ خۇدا ماۋۇ بالىنىڭ قىلىپ تۈرگىنىنى قارىمامدىغان؟ ئىچكىرىگە پۇل تېپىش ئۈچۈن كېتىپتۇدەك،ھەي نادانلىق،ھەي گۈدەكلىك.

سەن تاپقۇدەك پۇل نېمە قىلىدۇ؟پۇل تېپىش شۇنچە ئاسان بولسا ئاۋۇ خەقلەر بۇ جايغا چىقماس ئىدى»دېگەن پېتى كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى-دە،بېشىنى ئىككى قولىنىڭ ئارىسىغا ئالغان ھالدا:«ھەي بۇنداق بۇلارنى بىلگەن بولسام ئاشۇ بىچارە ئىنىمنى ھەرگىزمۇ ئەۋەتمىگەن بولاتتىم.ئىسىت پوق يىگەن ئەقلىم» دېگىنىچە ئۆز-ئۆزىنى ئەيىبلەشكە باشلىدى ئۇ...

پىشىن نامىزىدىن يېنىپ،تۇردى تازنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېلىش ئۈچۈن يۇقۇرىقى مەھەللە تەرەپكە يول ئالدى ئالماس.ئۇ يالغۇز سېدىغا يېقىن كېلىشىگە تېلىفونى سايراپ كەتتى.تەشۋىشلەنگەن ھالدا تېلىفوننى ئالدى ئۇ.

ــ ئسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاكا،ياخشى تۇردۇڭمۇ؟بۇ ئاۋازلارنى ئاڭلىغان ئالماسنىڭ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكىلى تاسلا قالدى.

ــ ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ئىنىم ئاسىمجان قانداقراق ئەھۋالىڭ؟دەيەلىدى ئارانلا.

ــ ياخشى ئاكا خۇداغا شۈكرى خېلى ياخشى تۇردۇم،ئۆي ئىچى تېچلىقمۇ باللىرىڭ قانداق تۇرۇۋاتىدۇ؟سورىدى ئاسىم.

ــ ياخشى!سەن نېمىشقا ئىچكىرىگە بېرىۋالدىڭ،ئادەمنى ئەنسىرىتىپ،

قاچان قايتىپ كېلىسەن؟

ــ ھازىرچە ئۇ گەپلەرنى قىلىشمايلى ئاكا،مەن بانكا كارتاڭغا 50مىڭ سوم ئۇرۇۋەتتىم،ئېلىپ خىاراجەت قىلىڭلار،ھەرگىزمۇ باشقىچە ئويلاپ يۈرمە ئاكا ۋاقتىم بولسىلا تېلىفون قىلىپ تۇرۇىمەن.خەير !ئاللاھقا ئامانەت! دېگىنىچە ئۇ تېلىفوننى قويۇۋەتتى،«ئىنمدىن تېلىفون كەلدى،ئاسىمجاندىن تېلىفون كەلدى،ئۇ تېنىچ –ئامان ئىكەن»دېگىنىچە تۇردى تازنىڭ ئۆيىگە ماڭغان ئالماس ئارقىغا قايرىلىپ تۆۋەنكى مەھەللىگە ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى.ھەي قېرىنداشلىق مېھرى نېمە دىگەن ئۇلۇغ!...

ئاسىمنىڭ ئاسىيە بىلەن كۆرۈشمىگىنىگە بىر نەچچە ئايچە بولۇپ قالدى.ئۇنى كۈندە بىر نەچچە قېتىم ئۇلارنىڭ ئۆيى بار ئولتۇراق رايونىغا كەلگىنى بىلەن نېمىشقىدۇر يەنە ئاسىيەنىڭ ئىشىك تۈۋىگە بېرىشقا جۈرەت قىلالمايتتى.بۈگۈن ئۇ ئاخىرقى قېتىم گۈللۈك تەرەپكە ئۆتكەن بولسىمۇ يەنىلا قانداقتۇر بىر خىل كۈچ ئۇنى ئاسىيەنىڭ دېرىزىسى يېنىغا كېلىشتىن توساتتى.ئۇ ئەتراپنى بىر قۇر ئايلانغاندىن كېيىن،ئۇلۇغ-كىچىك تىنغىنىچە ئارقىسىغا بۇرۇلدى.«خەير ئاسىيە ،خەير تۇنجى سۆيگۈ»دەپ پىچىرلىغىنىچە ئولتۇراق رايونىدىن چىقىپ كەتتى.

  ھېلىقى كۈنى ئانىسى ئاسىمنى ھاقارەتلەپ ھەيدىۋەتكەندىن كېيىن ئاسىيە خامۇشلارغىلا ئوخشاپ قالدى.ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھېچقايسى بىلەن پاراڭلاشمايدىغان،ئەتىدىن –كەچكىچىلار ئولتۇرۇپ خىيال سۈرىدىغان ،تۇرۇپ –تۇرۇپ  قاقالاپ كۈلۈپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى.قىزىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەن ئانا:«ئاسىم دېگەن بۇ ھاراملىق ،قەلەندەر قىزىمنى ئۆزىگە ئوقۇتۇۋالغان چېغى»دېگەن خىياللار بىلەن تونۇشلىرى ئارقىلىق يىراق بىر يېزىدىكى داڭلىق موللىغا كۆرسۈتۈپ بېقىش خىيالىغا كەلدى.

موللام قىزغا بىر قۇر سەپ سالغاندىن كېيىن:«ئىسسىتقۇ-سوۋۇتقۇ،قەست –جۇدىغا ئايلىنىپ كېتىپتۇ،ئەگەر مۇشۇنداقلا كېتىۋەرسە قىزلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشلىرى مۈمكىن»دېدى ئىچىدە بىر نېمىلەرنى ئوقۇغاچ.

ــ ئەمىسە قانداق قىلساق بولۇر؟سورىدا ئانا پەرىشان ھالدا.

ــ موللام كۆزنى يۇمۇپ ئىچىدە بىر نېمىلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن:«تۆت پەيشەنبە ئوقۇپ باقاي،ئاللاھ شىپالىق بەرسە ئوڭشۇلۇپ قېلىشى مۈمكىن»دېدى جاۋابەن.

مانا ئاسىيەنىڭ ئانىسىنىڭ مېھمان ساراي بىلەن موللامنىڭ ئۆيى ئارىلىقىدا قېتىراۋاتقىنىغا ئالاھەزەل تۆت ھەپتە بولغان بولسىمۇ ئاسىيەنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدا قىلچىلىكمۇ ئۆزگىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيۋاتاتتى، ئانا تىت-تىت بولۇپ نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالدى.ئۇ«موللامنىڭ دېگىنى بويىچە بالىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىدىن تارتىپ تېلىفونلىرىغىچە كۆيدۈرۈۋەتتىم،تېلىفون ئىشلىتىشىگىمۇ يول قويمۇدۇم،ھېچ بىر ياخشىلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدىغۇ ؟دېگەنلەرنى خىيال قىلغىنىدا ھېلىقى ئاسىم دېگەنگە بولغان ئۆچمەنلىكى كۈنسايىن چوڭقۇرلاشقا باشلايتتى،ئەگەر مۈمكىن   بولسا ئاسىم دېگەننىڭ تېرىسىنى تەتۈر سويۇۋېتىشتىن يانمايتى.

ئانا سەھەردىلا مېھمانسارايدىن موللىنىڭ ئۆيىگە يول ئالدى.ئۇلار موللام نىڭكىگە كەلگەندە قورودا   نۇرغۇن كىشىلەر ئۆچىرەت ساقلىشىپ ئولتۇرىشاتتى،بۇيەرگە كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ھەر خىل كىشىلەر بار ئىدى.ئۇلار

ئۈمىدىنى ئەنە شۇ موللىغا ئاتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى تولۇق بەجا كەلتۈرۈشەتتى.تۇيۇقسىز 15- 16ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر ئوغۇل بالا ئىشەكنى دوراپ ھاڭرىغىنىچە يۈگۈرۈپ كەلدى ۋە ئاسىيەگە يېقىنلشاقاندىن كېيىن توختاپ قالدى.ئۇ كۈلۈمسېرىگىنىچە ئاسىيەگە :

ــ مەن سىزنى كۆرگەن سىز نىمانداق چىرايلىق!ھە راست سىز مېنىڭ ھەدەم يۈرۈڭ كېتەيلى دېگىنىچە قولىنى ئۇزارتتى ئاسىيە بالىنىڭ قولىدىن تۇتقان پېتى قورانى ئايلىنىشقا باشلىدى.ئۇلارنىڭ كۆزىگە ھېچنەرسە كۆرۈنمەيىتتى ۋە ھېيىقىش دېگەنلەردىنمۇ ئەسەر يوق ئىدى...

نۆۋەت ئۇلارغا كەلدى موللا ئاسىيەگە بىر قۇر سەپ سالغاندىن كېيىن«بالىنىڭ كېسىلىدە سەل ياخشىلىنىش ئالامەتلىرى بار،ئىسسىتقۇ-سوۋۇتقۇ»دېگەنلەر  سۆڭەكلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ،مەنمۇ ئامال قىلالمىدىم.باشقا بىرىگە ئاپىرىپ باقامدىلا يا»دېدى كۆزلىرىنى يۇمغان قىياپەتتە.

ــ كىمگىمۇ ئاپىرارمەن؟ئانا نۇرسىز كۆزلىرىنى  موللامغا تىكىپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى.ئەسلىدە ياخشى بولۇپ قالارمىكىن دىۋىدىم ھەي قانداقمۇ قىلغۇلۇق،دۇنيالىقتا بىر تاللا قىزىم ئىدى گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە ئۇنىڭ بوغۇزىغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولدى-دە،دېمى سىقىلىپ سۆزنى  داۋاملاشتۇرالماي قالدى.

ــ ماۋ ئادرىس بويىچە ئىزدەپ بارسىلا بولىدۇ بۇ يەردىن ئانچە يىراق ئەمەس،

تېلىفون نومۇرىنى يېزىپ قويدۇم«ئۇ كىشىنىڭ ئىلمى مەندىن يۇقۇرى ئاللاھ خالىسا ئۇنىڭ ئوقۇغانلىرى شىپا بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس»دېگىنىچە ئالقانچىلىك قەغەزگنى ئۇزارتتى ئانىغا.

  ئانا ئالاھەزەل بىر سائەتچە يول يۈرگەندىن كېيىن ھېلىقى موللىنىڭكىگە يېتىپ كەلدى.بۇ قورادىمۇ ئادەملەر كۆپ بولۇپ ئۇلارمۇ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆزلىرىگە «سەۋەب» قىلغۇزۇش ئۈچۈن كېلىشكەنلەر ئىدى.ئانا –بالا ئىككىيلەن كۆپچىلىك بىلەن سالام-سائەت قىلىشقاندىن كېيىن،سۇپىنىڭ بۇلۇڭىغا جايلىىشپ ئۆچىرەت ساقلاشتى.قىز تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇردى-دە:

ــ نېرىدا ئولتۇرغان بىر ئوغۇل بالىنىڭ قولىدىن كاپلا قىلىپ تۇتتۇپ«يۈرۈڭ باغچىغا بېرىپ تاماشا قىلىپ كېلەيلى!»دېگىنىچە ئۇنىڭ قولىدىن تارتىشقا باشلىدى.

ــ ھېلىق بالا چۆچۈگنىدىن ئۇنىڭ قولىدىن قولىنى ئېلىپ قاچقان پېتى جىن كەلدى،جىن،ئاپا مېنى قۇتۇلدۇرۇۋال دېگىنىچە ئۆزىنى يەرگە ئاتقىنىچە ھۆكىرەپ يېغلاشقا باشلىدى.ئاسىيەنىڭ ئانىسى يۈگۈرۈپ بارغان پېتى قىزىنى چەتكە تارتتى.تۇيۇقسىز قارس قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئانا سەنتۈرلۈپ چۈشكىلى تاسلا قالدى ۋە لېۋىنى چىشلىگىنىچە:«جېنىم قىزىم،خۇدايىم بەرگەن قىزىم ساڭا نېمە بولدى؟دېگىنىچە يېغلامسىرىغان پېتى قىزىنىڭ قولىدىن تارتتى.

بىر ئايدىن كېيىن ئۇلار ھېلىقى موللام بىلەن خۇشلۇشۇپ شەھەرگە قاراپ يول ئالدى...

   ــ «سەن تازىمۇ بىر قاملاشمىغان خوتۇن،كاللاڭ زادىلا ئىشلىمەيدۇ،ئەگەر موللام كېسەل داۋالىيالايدىغان بولسا دوختۇرخانىلار تاقىلىپ قالماسمىدى.»ئۇ 40يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم خوتۇنىغا ئاغزىدىن شۇنداق سۆزنى چىقىرىشى ئىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ يۈرىكى سېلىپ،دېمى سىقىلىشقا باشلىدى قارىغاندا بۇ «ئەركەك»نىڭ ئاچچىقى كەلگەن بولسا كېرەك...

ئۇلار ئەتىسى ئاسىيەنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى.تەكشۈرۈشتىن كېيىن.

ــ «قىزىڭلارنىڭ نېرىۋېسىگە بىرەر ئىش قاتتىق تەسىر قىلغان چېغى شۇڭلاشقا ئۇنىڭ نېرىۋىسى ئاجىزلاپتۇ،ۋاقتىدا داۋالانمىغاچقا كېسەللىك ئەھۋالى تەرەققى قىلىپ خاتىرىسىنى يوقۇتۇپتۇ.بىر مەگىل داۋالانغاندىن كېيىن ساقىيىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار.»دېىدى ئوتتۇرا ياشلىق دوختۇر.

مانا بۈگۈن ئاسىيە دوختۇرخانىدىن چىقتى،نېمىشقىدۇر ئۇ يەنىلا سۆزلىمەيتتى.

ئاتا-ئانىسى قىزىنىڭ بۇ ھالىغا ئېچىناتتى،قانداق قىلساق بولۇر دېگەن خىياللار بۇ ئەر-خوتۇننى قىينايتتى...

بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە سىرلىق مېھمان كەلدى،ئاسىيە غېمىدىمۇ يوق يەنىلا بالىكوندا قونچىقىنى ئەركىلىتىش بىلەن مەشغۇل،مېھنان ئاسىيەنىڭ ئانىسىدىن بالىنىڭ ئەھۋالىدىن تەپسېلىي خەۋەر تاپاقاندىن كېيىن.

ــ قىزىڭنى ساياھەتكە ئېلىپ چىقىپ كۆڭلىنى ئېچىپ باققىن ئوڭشۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دىدى.

ــ دوختۇرمۇ شۇنداق دېگەندى،مەن قايەرگە ئاپىرىشىمنى بىلمەي تۇرۇپتىمەن دېدى جاۋابەن ئانا.

ــ قارا مەن ساڭا پاسپورت ئەۋەتەي قىزىڭنى ئېلىپ ساياھەت قىلىغاچ كۆڭلۈڭنى ئېچىپ كەلمەمسەن.

ــ بۇلارمۇ؟

ــ بولمايدىغان نەرى بار ،بىر ئايغا قالمايلا پاسپورتنى قولۇڭغا تۇتقۇزىمەن.

ئاسىيەنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر  يېقىندىن بېرى سەپەر تەييارلىقى بىلەن ئالدىراشلا يۈردى.ئاسىيە يەنىلار شۇ قۇنچىقىنى ئويناش ئۆز-ئۆزىگە سۆزلشتىن باشقا ھېچ نەرسىدىن خەۋەرسىز ئىدى.

بۈگۈن ئاسىيەنىڭ ئانىسى قىزىنى ئېلىپ ئوتتۇرا شەرىقتىكى« ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى»گە ئۇچتى.

ھەيۋەتلىك خۇئاڭپۇجياڭ دەرياسى بۇ شەھەرنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشقاندى.

كۆك بىلەن بوي تالاشقان ئىگىز-ئىگىز ئىمارەتلەر ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشاتتى.ئاسىم مىترودىن چۈشكىنىچە مېھمانسارايغا يول ئالدى.ئۇنىڭ بۇ باغرى كەڭ شەھەرگە كەلگىنىگىمۇ ھەش-پەش دېگۈچە بىر يىل بولۇپ قالغاندى.ئۇ ياتىقىغا كىرگەندىن كېيىن كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلىغانچە خىيال سۈرۈشكە باشلىدى:«قانداق قىلسام بۇلۇر ؟ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىگىنىمگىمۇ بىر يىلدىن ئارتۇق بولدى،ئانىسى ھېلىقىدەك قىلمىغان بولسا توي قىلىپمۇ بولاتتۇق

ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ئاسىيە بىلەن باغ سەيلىسى قىلغاندىكى مەنزىرە گويا كىنو لېنتىسىدەك ئۆتۈشكە باشلىدى،ئاسىم قاراڭ بۈگۈن ئاسماندا يۇلتۇزلار كۆپىيىپ قالغان ئوخشايدۇ،قاراڭە ئاۋۇ ئەڭ ئىگىزدە تۇرغان يۇلتۇزنىڭ بىرى سىزنىڭ بىرى مېنىڭ،ئۇلار زوق –شوخ بىلەن يۇلتۇزلىرىنى ئىزدىشەتتى.ئىككىيلەن قول تۇتۇشقان ھالدا باغنىڭ ئوتتۇرىسىدكىك راۋاققا كەلدى ۋە ئۈنلۈك ئاۋازدا بىز مەڭگۈ ئايرىلمايمىز»دەپ ۋەدە قىلىشتى ئاسىمنىڭ كۆز چاناقلىرىدىن سىرغىغان ياش تامچىلىرى بىر دەمنىڭ ئىچىدىلا مەيدىسىنى ھۆل قىلىۋەتتى.ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن تېلىفونىنى ئېلىپ ئېكراندىكى رەسىمگە سىنچىلاپ قارىغان پېىتى:ـ«ئاھ خۇدا» دېگىنىچە ئۈن سېلىپ ۋارقىرىۋەتتى،ئۇنىڭ ئاۋازى كېچە جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ پۈتۈن كائىناتقا تارقىدى...

   ئاسىم بۈگۈن شىنجاڭغا قايتىپ كېىتىش قارارىغا كەلدى-دە،ئاغىينىسىگە تېلىفون قىلدى:

ــ قانداق ئەھۋالىڭ ئەكرەم ۋاقتىڭ بولسا بىر كۆرۈشسەك بوپتىكەن دىدى ئۇ تۆۋەن ئاۋازدا.

ــ بولىدۇ ئاداش ھازىر ئازراق ئىشىم بار يېرىم سائەتتىن كېيىن« پامىر»ئاشخانىسدا كۆرۈشەيلى ئەكرەم شۇنداق دېگىنىچە تېلىفوننى قويۇۋەتتى.

جېجىياڭ يولى شاڭخەيدىكى ئاۋات كوچىلارنىڭ بىرى بولۇپ بۇ جايدا شىنجىياڭلىقلار بىر قەدەر كۆپ،سائەت بەشتىن كېيىن كوچا ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىدۇ،ھەر قەدەمدە بىر ئۇيغۇرلار ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ بىراق ئۇلار بىر-بىرىگە سالام-سائەتمۇ قىلىشمايدۇ،چۈنكى بۇيەرگە كەلگەنلەر ئىچىدە كىمنىڭ يانجۇقچى،كىمنىڭ ئاقچى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ،ساقاللىق،ھىجابلىق ئۇيغۇرلار بىر-بىرىدىن خۇدۇكسىرىشىپ يۈرىشىدۇ.ئۇ شىزاڭ يولىدىن قايرىلىشىغا بالا كۆتۈرۈۋېلىشقان بىر نەچچە ئەر –ئاياللارنىڭ كوچىدا كىشىلەرنىڭ سومكىسىنى ئاقتۇرۇشىۋاتقانلىقى كۆزىگە چېلىقتى ۋە خىجالەتتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ بېشىنى تۆۋەن سالغان ھالدا يولىنى داۋاملاشتۇردى،مانا ئالدىدا يەنە بىر نەچچە ئەر-ئايال يانجۇقچى ئۇلارمۇ ئوخشاشلا بالا كۆتۈرۈۋېلىشقان،ئۇ قەدىمىنى تېزلەتتى،كوچا دوقمۇشىدىن قايرىلىشى بىلەن بۇرنىغا«كاۋاپنىڭ ھىددى»ئۇرۇلدى،شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنى دۆڭ كۆۋرۈكتە قەشقەرنىڭ ئاۋات كوچىلىرىدا،ئاقسۇنىڭ رەستە كوچىسىدا،كۇچاردىكى كونا شەھەردە كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدى...

ئاسىم ئاشخانىغا يېتىپ بارغىنىدا ئەكرەم ئاللاقاچان كېلىپ بولغاندى.ئىككىيلەن تامقتىن كېىيىن پاراڭغا چۈشتى:

ــ قاچانلىققا ماڭاي دەيسەن ئەتە ئەتىگەندە.

ــ پويىزدىمۇ ياكى ئايروپىلاندىمۇ؟

ــ ئايروپىلاندا ماڭاي دەيمەن.

ــ پۇدۇڭدىن ئۇچامسەن ياكى (خۇڭ چىئاۋ )قىزىل كۆۋرۈك تىنمۇ ؟

ــ قىزىل كۆۋرۈكتىن.

ــ قانچە ئۇزۇندا قايتىپ] كېلىسەن؟

ــ كەلمەسلىكم مۈمكىن.

ــ نېمىشقا؟

ــ مەن ساڭا دەپ بەرگەندىمغۇ ئاسىم ئۇلۇغ كىچىك تىندى.

ــ بوپتۇ بېرىپ ئىزەپ باق،ئەگەر ئۇ توي قىلىپ كەتكەن بولسا،قايتىپ كەلگىن ئىككىيلەن خېلى ئۇزۇنغىچە پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئاسىم ياتىقىغا قايتىپ كېلىپ سەپەر تەييارلىقنى قىلىشقا باشلىدى.

  ئاسىمنىڭ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگىنىچە بىر نەچچە ئاي بولغان بولسىمۇ بىراق ئۇ ئاسىيەنىڭ دېرىكىنى قىلالمىدى.ئاسىيەنىڭ ئاتا-ئانىسى ئولتۇرغان بۇ ئائىلىكلەر رايونى چېقىلىپ ئورنىغا يېڭى بىنا سېلىنغاندى.ئاسىم پەرىشان ھالدا كۈندە دىگۈدەك ئاشۇ كونا مەھەللىگە بىر نەچچە قېتىم كېلىپ تۇردى،تونۇش –

بىلىشلەرمۇ بىلمەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتىشتى.ئاسىم شۇنۇڭ بىلەن يۇرتىغا قايتتى ئۇ ئاكىسى ۋە يەڭگىسى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن يەنە شەھەرگە قايتتى.ئۇلار-

نىڭ ئۆيلەپ قويايلى دېگەن سۆزلىرىمۇ ئۇنىڭغا تەسىر قىلمىدى بولغاي ئاغزىدىن ؛«تېخى ۋاقتى ئەمەس»دېگەن سۆزدىن باشقىسى چىقمىدى.

  ئاسىم شەھەرگە قايتىپ كېلىپلا تاللا بازىرى ئاچتى گەرچە بازار ئانچە چوڭ بولمىغىنى بىلەن سودىسى ياخشىدى.چۈشتىن كېيىن ئۇ خىزمەتچىلەرگە يېغىن ئېچىپ بولۇپ سىرتقا چىقاي دەپ تۇرۇشىغا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا تونۇشلار سايە پەيدا بولدى،ئاسىيەغۇ بۇ،ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئالدىغا بىر نەچچە قەدەم تاشلىدى يۇ ئايالنىڭ يېنىدىكى ساقاللىق ئەرنى كۆرۈپ قەدىمى جايىدا توختاپ قالدى.ئۇ توۋا بۇ ئوڭۇممۇ –چۈشۈممۇ دېگەنلەرنى ئويلاپ ئۈلگۈردى ۋە يۈزىنى چىمداپ قويدى.ئاھ خۇدا بۇ مېنىڭ ئوڭۇم ئەمەس بەلكى چۈشۈم:«كېرەملىك ئاللا بۇنى مېنىڭ چۈشۈمگە ئايلاندۇرۋەتسەڭ،مېنىڭ بۇ رېئاللىقنى كۆرە كۆزۈم يوق،ئاھ تەقدىر»ئۇ ئىچىدە بىر نېمىلەرنى پىچىرلىغىنىچە سىرتقا قاراپ يول ئالدى.ئىككىيلەننىڭ كۆزلىرى ئۆز ئارا ئۇچۇراشتى،ئاسىيەنىڭ يۈزى ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتى ۋە چاققانلىق بىلەن يۈزىنى ئاسىمدىن قاچۇرۇپ يېنىدىكى ئەرگە قارىۋالدى.

  توۋا ما ئىشنى كۆرمەمدىغان،تەقدىر موشۇنداق بولامدىغاندۇ؟ئاسىم ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلىغىنىچە خىياللارغا كەتتى.

شەرىقتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش خىجالەتتىن قىزىرىشقا باشلىدى،ئاسىم ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن تاللا بازىرىدىن چىقىپ شامالباغ تەرەپكە يول ئالدى ئۇ كوچا دوقمۇشىدىن قايرىلىشىغا،ھېلىقى تونۇش سايە كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى:

ــ ئاسىمجان بۇ نېمە دېگەن يېقىملىق چاقىرىش ئۇنىڭ بۇنداق چاقرىشنى ئاڭلاپ باقمىغىنىغا بىر نەچچە يىللار بولغاندى.ئۇ ئۋاز كەلگەن تەرەپكە نەزىرىنى ئاغدۇردى،شۇ تاپتا ئۇنىڭ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەكلا قىلاتتى.ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ ئۇديلىدا تۇرغان ئايالغا قارىدى ۋە:

ــ تۆۋەن ئاۋازدا قانداق ئەھۋالىڭىز دېيەلىدى ئارانلا.شۇنداق قىلىپ ئۇلار خىلۋەت جايدىكى بىر ئاشپۇزۇلغا كىرىپ غىزالانغچ پاراڭ سېلىشتى.ئاسىيە بولغان ئىشلارنى بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى ئاسىمجان كۆز چاناقىلىرىغا سىرغىپ كەلگەن كۆز ياشلىرىنى تۇشۇرغان ھالدا«تۇنجى سۆيگۈنى»گە بەخىت-ئامەت تىللەپ ئۇنىڭ بىلەن خۇشلاشتى ئاھ ۋىسالسىز سۆيگۈ!يەنە قانچىلىغان قىز -يىگىتلەرنى يۈرىكىنى لەختە-لەختە قىلىدىغانسەن؟...  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پادىشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-26 05:35 PM  


دۇنيادا ئەۋلادلارنىڭ مۇھتاجلىققا قېلىشىدىن قورقۇنۇچلۇق ئىش يوق،شۇ سەۋەبلىك پەرزەنتلەرنى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم...

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1983
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4991
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1456 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 07:29:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېېزىڭ پادىشاھ ئاكا يېزىڭ ھارماي يېزىۋاتىسىزغۇ تاڭ .بىزمۇ ئوقۇپ زېرىكمىدۇق ،ياقتۇردۇم مەن

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86678
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1156
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2012-11-1
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 07:54:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قىلىشقا ئىشەنمەيتىم ....
بىراق مۇشۇنداق ھىكايە ،پوۋسېتلارنى تولا ئوقۇپ  راس شۇنداقمۇ بولدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قىلۋاتىمەن .......
بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ ...قوللىرڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن .


كىلىۋاتدۇ دەپ ساقلاپ تۇرسام ، كىتىپ بولدۇم دەپ ئۆتەپ كىتىپتۇ  دىسە  ......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27
يازما سانى: 624
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 16525
تۆھپە نۇمۇرى: 1618
توردا: 3664 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 08:02:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
esil817 تورداشقا:
مەنمۇ ئالىي مەكتەپكە يېڭى ئوقۇشقا كىرگىنىمدە بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قېلىش دېگەنگە قىلچە ئىشەنمەيتتىم،كېيىنكى ئەمەلىيەت مېنىڭ قارىشىمنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى،
مەزكۇر پوسىتتا تىلغا ئېلىنغان ئىشلا ھەقىقىي يۈز بەرگەن ۋەقە بولۇپ توقۇلما قىلىنىش جەريانىدا ئۆزگەرتىلگەن جايلىرى بار.سىزنىڭ يازمامنى  قىززىقىپ ئوقۇغىنىڭىزغا رەھمەت.

دۇنيادا ئەۋلادلارنىڭ مۇھتاجلىققا قېلىشىدىن قورقۇنۇچلۇق ئىش يوق،شۇ سەۋەبلىك پەرزەنتلەرنى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1873
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4933
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 961 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 08:48:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ،يازغان قۇللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن..
دائىم ياخشى ئەسەرلەرنى يىزىپ تۇرىشڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن ،قەلىب تۇلپارىڭىز ھىرىپ قالمىسۇن ....سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28938
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5335
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2011-2-3
ئاخىرقى: 2014-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 10:22:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارماڭ ئاكا ،بەك ياخشى يېزىپسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3383
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 507 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 10:25:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلەندىم.ئاسىم بىلەن تەڭ يۈرەكلىرىم سىلىپ كەتتى.

ئوزگىنى سۇيۇش ئۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1193
يازما سانى: 803
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10930
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 3740 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 01:00:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى بارمۇ؟

ئوزگىنى سۇيۇش ئۇچۇن ئۇزەڭنى سويگىن!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99867
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 215
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2013-11-21
ئاخىرقى: 2014-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 01:47:11 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ayyultuz يوللىغان ۋاقتى  2013-11-27 01:00 AM
ئاخىرى بارمۇ؟

يەنە ئاخىرى بوسا بولامتى(كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)

ئاسىيەنى ئىرىدىن ئاجراشتۇرۇپ ئەسەرقەھرىمانىغا ئەپپەگەن بوسا–ھە؟

  بۇنداق ئىشلارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن.ئېرىدىن ئاجراشماي تۇرۇپلا باشقىلا بىلەن قاچقانلا تالاي...
ئاسىيەمۇ شۇنداق قىسا ئۇقۇرمەنلىرىڭىز كەچۈرۋىتەتتى.ئاخىرىنى يازامسىز–يە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81298
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3246
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2012-6-9
ئاخىرقى: 2014-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 11:13:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ayyultuz يوللىغان ۋاقتى  2013-11-27 01:00 AM
ئاخىرى بارمۇ؟

ئاخىرى بارمۇ يا؟مەن تازا چۇشنەلمدىم،ئاسيىە چەتئەلگە ساياھەتكە كەتكەن ئەمەسمىدى،نىمشقا تۇيۇقسىز بىر ئەر بىلەن پەيدا بولۇپ قالىدۇ؟يەنە كىلپ ئاسمىنڭ يۇرتىدا؟ئاخىرى بولسا تىزراق يازسڭىز بوپتكەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش