مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2185|ئىنكاس: 18

ئىسلامدىكى قوشنا ھەقلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88370
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1553
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 292 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 07:23:47 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        ئىسلامدىكى قوشنا ھەقلىرى
 
 
عبد العزيز بن فوزان الفوزان
 
 
ئىسلام جەمئىيەتنى مېھرى-شەپقەت بىلەن باغلاپ تۇرىدىغان، ئۆزئارا كاپالەت چېتىپ تۇرىدىغان، تەقۋالىق – ياخشىلىققا ياردەم بېرىش، گۇناھ ۋە يامانلىقتىن توسۇشقا ئاساسلىنىدىغان، ھەر مۇسۇلمان مۇئامىلە قىلغان كىشى ياكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە قارىتا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدىغان مىسلىسىز بىر تۈزۈلمە بەلگىلىدى. ئاللاھ مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان ئۈستىدىكى، تۇغقاننىڭ تۇغقان ئۈستىدىكى ۋە قوشنىنىڭ قوشنا ئۈستىدىكى ھەققىنى بەكلا چوڭ قىلدى.
 
مۇشۇ ھەقلەرنى ئادا قىلىش شەخىس ۋە جەمئىيەتنىڭ بەخت سائادىتىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىندۇر. ئىنسانلار دۇنيادا سىنىلىدۇ. مۇسىبەتلەر ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن قورشاپ تۇرىدۇ. ئىنسان ئۆزى يالغۇز بۇ مۇشەققەتلەر ئالدىدا ئۇزۇن چىدىمايدۇ. چىدىغان تەقدىردىمۇ قاتتىق جاپا تارتىدۇ. ئەگەر قېرىنداشلىرى ئۇنىڭغا قاراپ، ھېسداشلىق قىلىپ، تىز قۇتۇلدۇرۇپ، قىيىنچىلىقىغا ياردەم بەرسە ئۇنداق جاپالارغا ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى كىشى ئۆزى بىلەن ئاز، قېرىنداشلىرى، قوشنىلىرى ۋە ئەھلى بىلەن كۆپتۇر.
 
مۇشۇ نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ قوشنىنىڭ ھەقلىرىنى تۆۋەندىكى تەرەپلەردىن تەتقىق قىلىمىز:
 
بىرىنچى:قوشنىنىڭ قوشنىغا ھاجىتى.
 ئىككىنچى: قوشنىنىڭ تۈرلىرى.
 ئۈچىنچى: قوشنا دائىرىسى
 تۆتىنجى: قوشنا ھەققىنىڭ كاتتىلىقى
 بەشىنچى: قوشنا ھەققىنىڭ دەرىجىلىرى.
 ئالتىنچى: قوشنىلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئەھمىيىتى.
 
 
بىرىنچى نۇقتا: قوشنىنىڭ قوشنىغا ئېھتىياجى
 
 
ئىسلام جەمئىيەتكە مېھرى-شەپقەت باغلاپ تۇرىدىغان، ئۆزئارا كاپالەت چېتىپ تۇرىدىغان، تەقۋالىق – ياخشىلىققا ياردەم بېرىش، گۇناھ ۋە يامانلىقتىن توسۇشقا ئاساسلىنىدىغان، ھەر مۇسۇلمان مۇئامىلە قىلغان كىشى ياكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە قارىتا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدىغان مىسلىسىز بىر تۈزۈلمە بەلگىلىدى. ئاللاھ مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان ئۈستىدىكى، تۇغقاننىڭ تۇغقان ئۈستىدىكى ۋە قوشنىنىڭ قوشنا ئۈستىدىكى ھەققىنى بەكلا چوڭ قىلدى.
 
مۇشۇ ھەقلەرنى ئادا قىلىش شەخىس ۋە جەمئىيەتنىڭ بەخت سائادىتىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىندۇر. ئىنسانلار دۇنيادا سىنىلىدۇ. مۇسىبەتلەر ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن قورشاپ تۇرىدۇ. ئىنسان ئۆزى يالغۇز بۇ مۇشەققەتلەر ئالدىدا ئۇزۇن چىدىمايدۇ. چىدىغان تەقدىردىمۇ قاتتىق جاپا تارتىدۇ. ئەگەر قېرىنداشلىرى ئۇنىڭغا قاراپ، ھېسداشلىق قىلىپ، تىز قۇتۇلدۇرۇپ، قىيىنچىلىققا ياردەم بەرسە ئۇنداق جاپالارغا ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى كىشى ئۆزى بىلەن ئاز، قېرىنداشلىرى، قوشنىلىرى ۋە ئەھلى بىلەن كۆپتۇر.
 
كىشىگە ئەھلى ۋە تۇغقانلىرىدىن قالسا قوشنىلىرى ئەڭ يېقىن، مۇناسىۋىتى قۇيۇق ۋە ئەھۋاللىرىنى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ. بەلكىم كۆپ ھاللاردا توققان ۋە قۇدا باجىلاردىنمۇ قوشنا ئەڭ يېقىن ۋە بەك ياردەم بېرەلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۆي ئەھلى تۇيۇقسىز بىرەر مەسىلىگە ئۇچرىسا ياكى بىرەر ھادىسە يۈز بېرىپ، جىددى ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغاندا ئۇدۇل يېقىن ۋە تام ئېلىشما قوشنىسىغا يۈگۈرەيدۇ.
 
مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا قوشنىنىڭ قوشنىغا قاتتىق ئېھتىياجى، كۈچلۈك تەسىرى، ھەققىنىڭ چوڭلىقى، قوشنىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ئەڭ يۇقىرى ۋاجىپ ۋە ھاياتتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، مۇسىبەتلەرنى يەڭگىللىتىشنىڭ كاپالىتى ۋە ھەمكارلىقى، ياخشىلىققا ياردەملىشىش ۋە يامانلىقتىن ھىمايە قىلىشنىڭ چوڭ سەۋەبلىرى...ئىكەنلىكى نامايەندە بولىدۇ.
 
لېكىن بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ بۈيۈك ھەققە سەل قاراپ، شەخسى ئىشلىرى ۋە كۆڭۈل خۇشلۇقى بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئۆزىنىلا ئويلاش ۋە شەخسىيەتچىلىك سەۋەبلىك بۇ ھەقلەرنى ئادا قىلمايۋاتىدۇ. نادانلىق ۋە ئىمانىنىڭ ئاجىزلىقى، قەلبىگە دۇنيانىڭ ئورناپ كېتىشى سەۋەبلىك ھەقىقى رەۋىشتە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ. نەتىجىدە ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايدىغان، ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىدىن باشقا غېمى يوق بولۇپ، قېرىنداشلىرى ۋە قوشنىلىرىغا قارىتا مەسئۇلىيىتىگە پەرۋا قىلمايدىغان بولۇپ قالدى. قېرىنداشلىق ۋە مۇھەببەت تۇيغۇلىرى ئۆلۈپ، روھىيتىدىكى كەڭ قورساقلىق، قۇتقۇزۇش ئەخلاقى يوقاپ، قەلىبلەر گۈزەل ئىنسانىي ئوقۇملاردىن قۇرۇقدىلىپ قالدى. بەزىدە تېخى دۇنيا مۇھەببىتى ۋە شان-شەرىپلىرىنى قوغلىشىش قوشنىلارغا ئەزىيەت بېرىش ۋە زۇلۇم قىلىش، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرىگە تاجاۋۇز قىلىپ، ھەقلىرىگە كۆز يۇمۇشقا ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
 
كاشكى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىپ، ھەققىنى ئادا قىلالمىسىمۇ، زۇلۇم ۋە تاجاۋۇز قىلىشنى توختاتقان بولسا. ئەرەبلەر جاھىلىيەت ۋاقىتلاردىمۇ قوشنىلىقنىڭ ياخشىلىقى ۋە قوشنىنى ھۆرمەتلەش، ھەقلىرىگە رىئايە قىلىش، ھۆرمىتىنى ساقلاش ۋە ئەزىيەت بېرىشتىن توختاش بىلەن پەخىرلىنەتتى. ئىسلام كېلىپ بۇ گۈزەل ئەخلاقنى تەكىتلىدى ھەمدە قوشنىنىڭ قوشنا ئۈستىدىكى ھەققىنى ئەھلى بالىلىرىغا ئوخشاش مىراسخور قىلغۇدەك دەرىجىدە كاتتا قىلدى.
 
 
ئىككىنچى نۇقتا: قوشنىلارنىڭ تۈرلىرى
 
 
ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:« ﷲ قا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا - ئاناڭلارغا، خىش - ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا (يەنى سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا)، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل - چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، اﷲ مۇتەكەببىر، ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ» سۈرە نىسا 36.ئايەت. بۇ ئايەتتە ئاللاھ ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇش بىلەن خەلقىگە ئېھسان قىلىشقا بۇيرۇشنى بىرلىكتە تىلغا ئالدى. مۇسۇلمان ياكى كافىر، يېقىن ياكى يات، تام قوشنا ياكى يىراق بولسۇن، قوشنىغا ئېھسان قىلىشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. كۆپىنچە مۇپەسسىرلەر «وَالْجَارِ ذِي الْقُرْبَى»نى ئۇتتۇرىدا تۇغقانلىق بار قوشنا، «وَالْجَارِ الْجُنُبِ»نى تۇغقانلىق يوق يات قوشنا دەپ تەپسىر قىلغان. ئۇندىن باشقا تۆۋەندىكىدەك تەپسىرلەرمۇ بار:
 
ھاپىز ئىبن ھەجەر دەيدۇ(فتح الباري 10/441): قوشنا دېگەن نام مۇسۇلمان-كاپىر، ئابىد-پاسىق، دوست-دۈشمەن، مۇساپىر-يەرلىك، پايدىلىق- زىيانلىق، تۇغقان- يات ۋە ئۆيى يېقىن – يىراق... ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ دەرىجىلىرى بولۇپ، بىر-بىرىدىن يۇقىرى. ئەڭ يۇقىرىسى ئالدىدىكى سۈپەتلەرنىڭ ھەممىنى مۇجەسسەملىگىنى، ئۇندىن قالسا كۆپ قىسمىنى مۇجەسسەملىگىنى...شۇ بۇيىچە داۋاملىشىدۇ. ئوتتۇرىدا تۇغقانلىق بار قوشنىنىڭ ھەققى يات قوشنىدىن كۈچلۈكرەك بولىدۇ. مۇسۇلمان قوشنىنىڭ كاپىر قوشنىدىن كۈچلۈكرەك بولىدۇ. تام قوشنىنىڭ يىراق قوشنىدىن كۈچلۈك بولىدۇ. بۇخارى رەھىمەھۇللاھ (بۇخارى:2140) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىپ دەيدۇ: «دېدىمكى، ئىھ رەسۇلۇللاھ، ئىككى قوشنامنىڭ قايسىسىغا سوغا قىلىمەن؟ رەسۇلۇللاھ دېدىكى: ئىشىكى يېقىنغا يەنى ئۆيى يېقىن قوشنىغا».
 
شەرئى دەلىللەر قوشنىنىڭ ئۈچ خىل بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى:
 
1.ئۈچ خىل ھەقلىرى بار قوشنا بولۇپ، بۇ تۇغقان مۇسۇلمان قوشنىدۇر. بۇنىڭ قوشنىلىق، مۇسۇلمانلىق ۋە تۇغقانلىق ھەقلىرى بولىدۇ.
 2. ئىككى خىل ھەقلىرى بار قوشنا بولۇپ، بۇ مۇسۇلمان قوشنىدۇر. بۇنىڭ قوشنىلىق ۋە مۇسۇلمانلىق ھەقلىرى بولىدۇ.
 3. بىر ھەققى بولغان قوشنا بولۇپ، بۇ كاپىر قوشنىدۇر. بۇنىڭ قوشنىلىق ھەققى بولىدۇ. (تنبيه الغافلين 1/ 153، وتفسير القرطبي 5/184، وفتح الباري 10/441)
 
 ئۈچىنچى نۇقتا: قوشنىنىڭ دائىرىسى
 
 
ئۆلىمالار قوشنا دېگەن سۆز كىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دېگەن ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلاردا بولدى:
 1.ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن بىر ئەسەردە دەيدۇ: مۇئەززىننى ئاڭلىغان كىشى قوشنىدۇر، دېمەك ياڭراتقۇ ئىشلەتمەي ئەزان ئوقۇيدىغان مۇئەززىننى ئاڭلىغان ھەرقانداق كىشى قوشنا ھېسابلىنىدۇ.
 2.يەنە بىر قاراش: ناماز تەكبىرىنى ئاڭلىغان قوشنىدۇر.
 3.يەنە بىر قاراشتا: مەسچىتتە سىز بىلەن بامدات ئوقۇغىنى قوشنىدۇر.
 4.يەنە بىر پىكىردە: بىر مەھەللىدە يىغىلغانلار قوشنىدۇر.
 5. يەنە بىر قاراشتا: قوشنىنىڭ دائىرىسى ھەر تەرەپتىن قىرىق ئۆي. بۇ ئائىشە، ئەۋزائى، ھەسەن بەسرى، زۆھرى ۋە ئۇندىن باشقىلارنىڭ پىكرىدۇر. (تفسير القرطبي 5/185، وفتح الباري 10/447، وجامع العلوم والحكم 1/347، وفتح القدير للشوكاني 1/743)
 6. كۈچلۈك كۆز قاراش قوشنا دائىرىسى ئۆرپ-ئادەتكە قارايدۇ. (ئۇلۇسى تەپسىرىدە 529مۇنداق دېگەن: ئېنىقكى، قوشنا ئۆرپ-ئادەتكە ئاساسلىنىدۇ. ) چۈنكى شەرئى قائىدە دەيدىكى: شەرىئەت پرىنسىپسىز ھالدا مۇتلەق ئېلىپ كەلگەن، تىلدىمۇ پرىنسىپ بولمىغان ئىش ئۆرپ-ئادەتكە قارايدۇ.( الأشباه والنظائر للسيوطي ص: 98، وفتح القدير للشوكاني 1/743)
 بۇنىڭغا بىنائەن، ئۆرپ-ئادەت قوشنا دېگىنى قوشنا بولۇپ، ھۆرمەت، ئېھسان قىلىش ۋە ئەزىيەت بەرمەسلىك...قاتارلىق ھەقلىرى بولىدۇ.
 
 
تۆتىنچى نۇقتا: قوشنىنىڭ ھەققىنىڭ بۈيۈكلىكى
 
 
ئاللاھ دەيدۇ: «ﷲ قا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا - ئاناڭلارغا، خىش - ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا (يەنى سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا)، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل - چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، اﷲ مۇتەكەببىر، ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ »  سۈرە نىسا 36-ئايەت. ئاللاھ قوشنىلارنىڭ ھەممىگە، يېقىن – يىراق، ياخشى – يامان، مۇسۇلمان- كاپىر.. ھەممىسىگە يېقىنلىق ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن لايىق رەۋىشتە ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىدى.
 
ھەدىسكە كەلسەك، قوشنىغا تاپىلايدىغان، ھەققىنى تەكىتلەيدىغان، ھۆرمەتلەش ۋە ئېھسان قىلىشقا بۇيرۇيدىغان، ئەزىيەت بېرىش ۋە يامانلىق قىلىشتىن توسىدىغان مەزمۇنلار بىلەن توشۇپ كەتكەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە ئىبنى ئۈمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە دەيدۇ: جەبرائىل ماڭا قوشنامنى تاپىلاۋېرىپ، ھەتتاكى قوشنامنى مىراسخور قىلىپ قويغۇدەك دەپمۇ ئويلاپ قالدىم. (رواه البخاري: 5668، 5669، ومسلم: 2624، 2625). ئابدۇللاھ بىن ئەمرى ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ، دەيدۇ: بىر قوي ئۆلتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن، بۇنىڭدىن يەھۇدى قوشنىمىزغا سوۋغا قىلدىڭلارمۇ؟ دەپ ئۈچ قېتىم دېدى. شۇندىن كېيىن دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانتىم: «جەبرائىل ماڭا قوشنامنى تاپىلاۋېرىپ، ھەتتاكى قوشنامنى مىراسخور قىلىپ قويغۇدەك دەپمۇ ئويلاپ قالدىم»( رواه أبو داود: 5152، والترمذي: 1943، وأحمد: 6496، وحسنه الترمذي). يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھ ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىكەن، قوشنىسىنى ھۆرمەتلىسۇن» يەنە بىر رىۋايەتتە:«قوشنىسىغا ياخشىلىق قىلسۇن»(رواه البخاري: 5673، ورواه مسلم: 47، 48).
 
بۇ قوشنىنى ھۆرمەتلەش ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلىش ئىمان خىسلەتلىرىدىن ۋە مۆمىنلەرنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكىنى ھەمدە قوشنىسىنى ھۆرمەتلىمىگەن كىشىنىڭ ئىمانىنىڭ تۇلۇق بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
 
بۇنى رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ مۇنداق تەكىتلىگەن:«ئاللاھ بىلەن قەسەمكى: بەندە قوشنىسىغا (ياكى قېرىندىشىغا دېدىمۇ) ئۆزىگە ياخشى كۆرگەننى ياخشى كۆرمىگىچە كامىل مۆمىن بولالمايدۇ» (رواه مسلم). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەقىقى ئىماننىڭ مۇكەممەللىكى پەقەت مۇسۇلمان ئۆزىگە ياخشى كۆرگەن ياخشلىقنى قوشنىسىغا ياخشى كۆرگەندىلا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ شۇنداقلا ئۆزىگە يامان كۆرگەننى قوشنىسىغىمۇ يامان كۆرۈشنى تەقەززا قىلىدۇ.
 
بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، كىشىلەرنىڭ ياخشىسى ۋە ئەۋزىلى قوشنىسىغا ۋە ھەمراھىغا ياخشىلىق قىلىدىغانلار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھەمراھلارنىڭ ياخشىسى ھەمراھىغا ياخشىلىق قىلغىنى، قوشنىلارنىڭ ياخشىسى قوشنىسىغا ياخشىلىق قىلغىنى» (رواه الترمذي: 1944، وأحمد: 6566، والبخاري في " الأدب المفرد ": 115، والدارمي: 2437، وابن خزيمة: 2539، وابن حبان: 518، والحاكم: 1620، وصححه، ووافقه الذهبي. وحسنه الترمذي. وصححه الألباني في صحيح الجامع الصغير: 3270). بۇ مۇبارەك ھەدىس ئاللاھنىڭ نەزىرىدە كىشىلەرنىڭ سېلىشتۇرۇش ئۆلچىمىنى بايان قىلىدىغان، قوشنىلىرىغا، ھەمراھلىرىغا ۋە ساۋاقداشلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ياخشىلىقى، ئاللاھنىڭ ئۇ كىشىگە بەرگەن مۇۋەپپەقىيىتى ۋە ئۇ كىشىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايان قىلىدىغان بۈيۈك ئۆلچەمدۇر. بەلكى ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ياخشى كىشى ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. بۇ رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ گۇۋاھلىقىدۇر.
 
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم بۇ سۆزلەرنى مەندىن ئۆگىنىپ، ئەمەل قىلىدۇ ياكى ئەمەل قىلىدىغانلارغا ئۆگىتىدۇ؟ ئەبۇ ھۇرەيرە: مەن يا رەسۇلۇللاھ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولۇمنى تۇتۇپ بەشنى سانىدى ھەمدە مۇنداق دېدى: ھارامدىن ساقلان، كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئابىدى بولىسەن. ئاللاھ ساڭا تەقسىم قىلغانغا رازى بول، ئەڭ باي بولىسەن. قوشناڭغا ياخشىلىق قىل، مۆمىن بولىسەن. ئۆزۈڭگە ياخشى كۆرگەننى كىشىلەرگە ياخشى كۆر، مۇسۇلمان بولىسەن. كۆپ كۈلمە، قەلبىنى ئۆلتۈرىدۇ» (رواه الترمذي: 2305، وأحمد: 8081، والطبراني في الأوسط: 7054، وأبو يعلى: 6240. وحسنه الألباني في صحيح سنن الترمذي: 1876، وفي سلسلة الأحاديث الصحيحة: 930)
 
دېمەك، قوشنىغا ياخشلىق قىلىش ئىمانىنىڭ راستلىقىغا، ئىمانىنىڭ خىسلىتىگە ۋە ئىمانىنىڭ زىيادە بولۇپ كۈچىيىشنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى. دانىشمەنلەر دەيدۇكى: بىراۋدا ئۈچ تۈرلۈك خىسلەت تېپىلسا ئەقلى ۋە پەزىلىتىدە شەك قىلىنماس: قوشنىسى، تۇغقىنى ۋە ھەمراھى ماختىسا.( الآداب الشرعية: 2/16)
 
 
بەشىنچى نۇقتا: قوشنا ھەققىنىڭ دەرىجىلىرى
 
 
قوشنا ھەقلىرى ئۈچ دەرىجە بولۇپ، تۆۋىنى ئەزىيەت بەرمەسلىك ۋە ئەزىيىتىگە سەبرى قىلىش بولسا، يۇقىرىسى قوشنىنى ھۆرمەتلەش ۋە ئېھسان قىلىشتۇر. بىرىنچى دەرىجە: قوشنىغا ئەزىيەت بەرمەسلىك بولۇپ، بۇ قوشنىنىڭ قوشنىغا قىلىشقا تىگىشلىك ئەڭ ئاددىي مەجبۇرىيىتىدۇر. ئېھسان قىلمىسىمۇ، بولمىدى دېگەندە ئەزىيەت بەرمەسلىك كېرەك. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « مۆمىنلەر ۋە مۆمىنەلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (شۇ) بۇھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ » سۈرە ئەھزاب 58-ئايەت. ئادەتتىكى مۆئمىنگە ئەزىيەت بېرىش يۇقاردىكىدەك بولسا، قوشنىڭىز مۆمىن بولسىچۇ؟ گۇناھ تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھ ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان بولسا قوشنىسىغا ئەزىيەت بەرمىسۇن»( رواه البخاري: 5787، ومسلم: 47).
 
سەھىھ بۇخارى 5670. ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:«ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مۆمىن ئەمەس! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مۆمىن ئەمەس! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مۆمىن ئەمەس! كىم يارەسۇلۇللاھ؟ دېيىلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېدىكى: قوشنىسى زىيىنىدىن ئەمىن بۇلالمىغان كىشى». مۇسلىم مۇنداق شەكىلدە رىۋايەت قىلدى(مۇسلىم 46.ھەدىس): «قوشنىسى زىيىنىدىن ئەمىن بۇلالمىغان كىشى جەننەتكە كىرەلمەيدۇ». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قوشنىسى زىيىنىدىن ئەمىن بۇلالمىغان كىشىدە ئىمانىنىڭ يوقلىقى ۋە جەننەتكە كىرەلمەيدىغانلىقىغا ئۈچ قېتىم قەسەم قىلدى. بۇ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش قوشنىنىڭ ھەققىنىڭ بۈيۈكلىكىنى ۋە زەرەر بېرىشنىڭ چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
 
ئەھلى سۈننى ۋەلجامائەنىڭ نەزىرىدە شۇ مۇقەررەركى، چوڭ گۇناھ قىلغان كىشىنىڭ ئىمانى كەمچىل بولۇپ، ئىمانىنى پۈتۈنلەي چىقىرۋەتمەيدۇ ۋە پۈتۈنلەر بېرىۋەتمەيدۇ. بۇ دۇنيادىكى ھۆكۈم. ئەمما ئاخىرەتتە، ئاللاھنىڭ ئىختىيارىدا بولىدۇ. خالىسا كەچۈرىدۇ. خالىسا شۇ گۇناھى سەۋەبلىك ئازاپلايدۇيۇ، كېيىنكى ئورنى جەننەتكە بولىدۇ. دېمەك دوزاخقا كىرسىمۇ كاپىر قالغاندەك مەڭگۈ قالمايدۇ.
 
چوڭ گۇناھ قىلىش بىلەن ئىمان يوقىلىپ، جەننەتكە كىرەلمەيدىغان مەزمۇندىكى ھەدىسكە مۇنداق ئىككى خىل چۈشەنچە بېرىدۇ:
 بىرىنچى: بۇ گۇناھنى ھالال سانىغۇچىغا قارىتىلغان. چۈنكى ئۇ ئاللاھ كەسكىن ئۇچۇق نەس بىلەن ھارام قىلغان تۇرۇقلۇق ھالال سانىغان ئىكەن ئاللاھ ۋە رەسۇلنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ ھەمدە چوڭ كاپىر بولۇپ، جەننەت ئۇنىڭغا ھارام بولىدۇ.
 
ئىككىنچى: ئۇنداق دېگەنلىك مۇكەممەل ئىمان يوق دېگەنلىك، يەنى كامىل مۆمىن ئەمەس. جەننەتكە كىرەلمەيدۇ دېگەنلىك، دەسلەپتىلا بورۇن كىرىدىغانلار بىلەن كىرمەيدۇ. بەلكى پاكلىنىپ گۇناھى تۈگىگەنگە قەدەر دوزاختا ئازابلىنىپ، جەننەتكە كىرىشكە لايىق بولغاندا ئاندىن كىرىدۇ. (شرح النووي على صحيح مسلم: 2/17، وفتح الباري: 10/444).
 
بەزىلەر ئۈچىنچى خىل چۈشەنچىنى ئوتتۇرىغا قويدى: بۇ ھەدىس چەكلەش ۋە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ئاساسىدا كەلگەن. ھەدىستىكى مەزمۇنلار ھەقىقى ئەمەس. (فتح الباري 10/444)
 
لېكىن بۇ ئەبۇ ئۇبەيدە قاسىم ئىبنى ساللام (الإيمان لأبي عبيد بتحقيق الألباني ص: 88) دا دېگىنىدەك روسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرگە قارىتا ئېغىر بۇرمىلاش بولۇپ، ئاللاھ ۋە دىن توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنى ئەمەلىيەتچىل ئەمەس بەلكى ئاگاھلاندۇرۇش قىلىپ قويۇشتۇر. بۇنداق بولغاندا جازا پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالىدۇ. چۈنكى بىر ئورۇندىكى بۇرمىلاش باشقا ئورۇنلاردىكى جازالاردىمۇ مۇمكىن.
 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەيدۇ:«قىيامەتتىكى تۇنجى دەۋا ئىككى قوشنا» (رواه أحمد: 17410، والطبراني في المعجم الكبير: 836، 852. وقال المنذري في الترغيب والترهيب 3/241: "رواه أحمد واللفظ له، والطبراني بإسنادين أحدهما جيد"، وحسنه الألباني في صحيح الجامع الصغير: 2560). ھەدىس شۇنى ئىپادىلەيدۇكى، ئاللاھ زالىم قوشنىدىن مەزلۇم قوشنا ئۈچۈن ئىنتىقام ئالىدۇ ۋە بۇ دەۋا باشقىسىدىن بورۇن بولىدۇ. بۇ قوشنىغا زۇلۇم قىلىش ياكى ھەققىگە سەل قاراشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
 
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ:«بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا قوشنىسىدىن شىكايەت قىلىپ كېلىۋېدى، ئۇنىڭغا قايتىپ سەبىر قىل دېدى. ئۇ كىشى يەنە قايتا ئىككى – ئۈچ قېتىم كەلگەندە، قايتىپ نەرسە كىرەكلىرىڭنى يولغا تاشلا دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى نەرسە كېرەكلىرىنى يولغا تاشلىۋىدى، كىشىلەر ئۇنىڭدىن سوراشقا باشلىدى ۋە كىشىلەرگە قوشنىسىنىڭ قىلغانلىرىنى دېدى. كىشىلەر ئاللاھ ئۇنىڭغا ئاندا قىلسۇن، مۇنداق قىلسۇن دەپ لەنەت ئوقۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن قوشنىسى كېلىپ، قايتقىن، ئەمدى مەندىن يامان كۆرىدىغان ھېچ ئىشنى كۆرمەيسەن دېدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىنى نەرسە كىرەكلىرىمنى يولغا ئەچىقىپ تاشلاشقا بۇيرىدى. كىشىلەر ئىھ ئاللاھ ئۇنىڭغا لەنەت قىلسىلا، ئۇنى خار قىلسىلا دېيىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى كېلىپ، قايتقىن، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى ساڭا مەڭگۈ ئەزىيەت بەرمەيمەن دېدى.»( رواه أبو داود: 5153، وابن حبان: 520، والبخاري في الأدب المفرد: 124، والحاكم: 7303، وقال: حديث صحيح، وله شاهد صحيح عن أبي جحيفة رضي الله عنه. ووافقه الذهبي. وقال ابن مفلح في الآداب الشرعية 2/14: إسناده جيد)
 
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، پالانىخان كۈندۈزى روزىدار، كېچىسى نامازخان ئەمما قوشنىسىغا تىلى بىلەن ئەزىيەت بېرىدۇ دېيىلگەندە مۇنداق دېدى: ياخشى ئايال ئەمەس، دوزاخقا كىرىدۇ. يەنە پالانىخان پەرز نامازنى ئوقۇيدۇ، رامزاندا روزا تۇتىدۇ ۋە نەچچە پارچە پىشلاقلارنى سەدىقە قىلىدۇ ئەمما قوشنىسىغا ئەزىيەت بەرمەيدۇ دېيىلگەندە، مۇنداق دېدى: ئۇ ئايال جەننەتتە» (رواه أحمد: 9673، وابن حبان: 5764، والبخاري في الأدب المفرد: 119، والحاكم: 7304، 7305، وقال: صحيح الإسناد. ووافقه الذهبي. وقال المنذري في الترغيب والترهيب 3/242: رواه أحمد، والبزار، وابن حبان في صحيحه، والحاكم، وقال صحيح الإسناد. ورواه أبو بكر بن أبي شيبة بإسناد صحيح أيضاً)
 
بۇ قوشنىغا ئەزىيەت بېرىشنىڭ دوزاخقا، ئەزىيەت بەرمەسلىكنىڭ جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان سەۋەپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
 
 
قوشنىغا ئەزىيەت بېرىش شەكىللىرى:
 
 
قوشنىغا ئەزىيەت بېرىش شەكىللىرى كۆپ بولۇپ، كۆپ تارقالغانلىرى تۆۋەندىكىچە: خۇتۇن قىزلىرىغا قاراپ، نامەھرەم جايلىرىغا زەن سېلىش. ئوغرىلىقچە ئاڭلاپ، ئەھۋالىنى تىڭ تىڭلاش. مەخپىيەتچىلىكلىرىنى ئاشكارىلاپ، ئۇلار توغرىسىدا يامان گەپلەرنى تارقىتىپ ئىززەت ئابرۇيىغا چېقىلىش. ئارىسىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇش، ئەيىب-نۇقسانلىرىنى تارقىتىپ، پەزىلىتىنى يوشۇرۇش. ئويۇن تاماشا ۋە ھارام ناخشا مۇزىكا ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ ئەزىيەت بىرىش. شۇنىڭدەك بىئارام ئاۋازلارنى چىقىرىش، بولۇپمۇ ئۇخلايدىغان، ئارام ئالىدىغان ۋاقىتلاردا.
 
يەنە سېسىق پۇراق ۋە ئاۋازلىرى بىلەن ئەزىيەت بىرىپ بىئارام قىلىدىغان ھايۋانات ۋە قۇشلارنى قويۇش. شۇنىڭدەك ئەخلەتلەرنى ئىشىك تۈۋىگە قويۇش... قاتارلىق ئىشلار.
 
قوشنىلىرى يامانلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تاشلىۋەتكەن، زىيىنىدىن ۋە ھىلە-مىكىردىن ساقلىنىش ئۈچۈن يىراقلاشقان كىشى ئەڭ ئەسكى قوشنا ھېسابلىنىدۇ. قوشنىسىنىڭ ئىززىتىگە چېقىلغان، مال-مۈلكىنى ئوغرىلىغانلار تېخىمۇ ناچاردۇر. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سورالدى: قايسى گۇناھ كاتتا؟ دېدىكى: سىنى ياراتقان ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشۈڭ. ئۇندىن قالسا؟ سەن بىلەن تاماق يېيىشتىن قورقۇپ بالاڭنى ئۆلتۈرۈشۈڭ. ئۇندىن قالسا؟ قوشناڭنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشىڭ»(رواه البخاري: 4207، ومسلم: 86).
 
مىقداد ئىبنى ئەسۋەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلىرىگە مۇنداق دەيدۇ:« زىناغا قانداق قارايسىلەر؟ ئۇلار دەيدۇكى: ئاللاھ ۋە رەسۇلى ھارام قىلغان بولۇپ، قىيامەتكىچە ھارام. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلىرىگە دېدىكى: كىشىنىڭ ئون ئايال بىلەن زىنا قىلغىنى قوشنىسىنىڭ ئايالى زىنا قىلغاندىن يەڭگىلدۇر. يەنە دېدىكى: ئوغرىلىققا قانداق قارايسىلەر؟ ئۇلار: ئاللاھ ۋە رەسۇلى ھارام قىلغان بولۇپ، ھارامدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدىكى: كىشىنىڭ ئون ئۆيدىن ئوغرىلىق قىلىشى قوشنىسىنىڭكىدىن قىلغىنىدىن يەڭگىلدۇر»( رواه أحمد: 23905،، والبخاري في " الأدب المفرد ": 103، والطبراني في الكبير: 605، والأوسط: 6333. وقال المنذري في الترغيب والترهيب 3/192: رواه أحمد، ورواته ثقات. وكذا قال الهيثمي في " مجمع الزوائد " 8/168).
 
قوشنىنىڭ قوشنا ئۈستىدىكى ھەققى چوڭ بولغاچقا ۋە ئەھۋالىنى بىلگەچكە، قوشنا بولغانلىقى ۋە باشقىلارغا قارىغاندا بەكراق يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن خىيانەت قىلىپ، ھىلە-مىكىر ئىشلىتەلىگەنلىكتىن، ئاياللىرى بىلەن زىنا قىلىپ ياكى مال مۈلكىنى ئوغرىلاپ تاجاۋۇز قىلىش ئەڭ قاتتىق ۋە ئەڭ چوڭ گۇناھ بولدى.
 
ياخشى قوشنا ئىنساننىڭ بەخت – سائادىتىدۇر:
 
بەندىنىڭ ھەق-ھۆرمىتىنى بىلىپ رىئايە قىلىدىغان ۋە ئۇ ھەقتە ئاللاھدىن قورقۇدىغان قوشنىغا نىسپ بولىشى بەخت سائادىتى بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئۈچ تۈرلۈك ئىش كىشىنىڭ بەخت سائادىتىدۇر: ياخشى قوشنا، قۇلاي قاتناش، كەڭرى ئۆي»( رواه أحمد: 15409، والبخاري في الأدب المفرد: 116، والحاكم: 7306، وقال: صحيح الإسناد. ووافقه الذهبي. وقال المنذري في الترغيب والترهيب 3/246: رواه أحمد ورواته رواة الصحيح. وصححه السيوطي في الجامع الصغير).
 
ئەلى رەزىيەللەھۇ ئەنھۇنىڭ ھىكمەتلىرىدىن بىرى: ئۆيدىن ئىلگىرى قوشنا، يولدىن ئىلگىرى ھەمرا.( بهجة المجالس: 1/291، الآداب الشرعية: 2/15).
 
بەزى ئالىملار دەيدىغان: «تۇرمۇشنىڭ جاپاسى ئۈچ ئىشتا: ئەسكى قوشنا، ئاسىي بالا، ئەخلاقى ناچار خوتۇن»( الآداب الشرعية: 2/16). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئالىرىدا دەيتتى: «ئىھ ئاللاھ، ئۆزلىرىگە سېغىنىپ مۇقىم ئۆيدىكى يامان قوشنىدىن پاناھ تىلەيمەن. چۈنكى سەھرا قوشنىسى يۆتكىلىپ تۇرىدۇ» (رواه ابن حبان: 1033، وأبو يعلى: 6536، وابن أبي شية: 25421، والحاكم: 1951، وصححه، ووافقه الذهبي. وحسنه الألباني في سلسلة الأحاديث الصحيحة: 1443). ھەمدە قوشنىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەشكە بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ:«مۇقىم قوشنىنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەڭلار، چۈنكى مۇساپىرنىڭ قوشنىسى خالىسىلا يوقايدۇ». (رواه النسائي: 5502، وأحمد: 8534، والبيهقي في السنن الكبرى: 7939، والحاكم: 1952، وصححه، ووافقه الذهبي، وصححه الألباني في سلسلة الأحاديث الصحيحة: 1443)
 
ئۈچىنچى دەرىجە بولسا: قوشنىنىڭ ئەزىيىتىگە سەبىر قىلىپ، كۆز يۇمۇش ۋە خاتالىقىنى ئۆتۈۋېتىش .
 
ئۇسمان بىن زائىد دەيدۇ: ئامانلىق ئون پارچە بولسا، توققۇزى ئەپۇ قىلىشتا. بۇ ئەھمەد ئىبنى ھەمبەلگە دېيىلگەندە: ئامانلىق ئون پارچە بولسا، ھەممىسى ئەپۇ قىلىشتا دېگەن. (الآداب الشرعية 2/17)
 
يەنى كىشىلەرنىڭ ئەزىيىتىدىن ئامان قېلىش پەقەت يامانلىقىنى ئەپۇ قىلىپ، زۇلۇملىرىغا كۆز يۇمۇپ ۋە ئۇلارنىڭ ھەر بىر قىلغانلىرى بىلەن ھىسابلاشمىغاندىلا بولىدۇ. كىم شۇنىڭغا نىسپ بولسا تەلەيلىك ئاقىل، باتۇر خۇجايىندۇر.
 
ھەسەن بەسرى دەيدۇ: ياخشى قوشنا بولۇش دېگەن قوشنىغا ئەزىيەت بەرمەسلىكلا ئەمەس، بەلكى قوشنىنىڭ ئەزىيىتىگە سەبرى قىلىشتۇر. (تنبيه الغافلين 1/153، وبهجة المجالس 2/292)
 
ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ ئاچچىقىنى يۇتىدۇ، كىشىلەرنى ئەپۇ قىلىدۇ ۋە كەچۈرۈش ئارقىلىق ياخشىلىق قىلىدۇ دەپ سۈپەتلىدى. «(ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، (يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. اﷲ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ» سۈرە ئال ئىمران 134-ئايەت. ئادالەت ۋە ياخشىلىققا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ:«ئاللاھ ئادالەت ۋە ئېھسانغا بۇيرۇيدۇ» سۈرە نەھل 90-ئايەت. ئادالەت ئىنسان ھوقۇقىنى تولۇق ئېلىش، مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئېھسان ئۆز ھوقۇقىدىن چۈشۈپ بېرىش ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئاشۇرۇپ ئادا قىلىش دىگەنلىكتۇر. كەچۈرۈش، بولدى قىلىش ۋە ئۆتىۋېتىش ھەققىدىكى شەرئى دەلىللەر ئىنتايىن كۆپ. بۇ بارلىق كىشىلەر ئارىسىدا شۇنچە تەكىتلىنىپ بۇيرۇلغان ئىكەن، قوشنا ھەققىدە تېخىمۇ تەكىتلىنىشى مۇقەررەر.
 
رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەيدۇ: «ئاللاھ ئۈچ تۈرلۈك كىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.-شۇلارنىڭ بىرى- ئەسكى قوشنىسى بار كىشى بولۇپ، ئەزىيەت بەرسىمۇ سەۋر قىلىدۇ. ئاللاھ بۇ كىشىگە قوشنىسىنى كۆچۈرۈۋېتىش ياكى ئۆلۈم ئارقىلىق ئىگە بولىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىنى ئۆلۈم ياكى كۆچۈش ئايرىيدۇ» (رواه أحمد: 5/151، والبيهقي في السنن  الكبرى: 18282، والطيالسي: 468. وقال العراقي في تخريج الإحياء 3/131: "رواه أحمد، وفيه ابن الأحمس، ولا يعرف حاله. ورواه هو والنسائي بلفظ آخر بإسناد جيد).
 
كۆپىنچىلەر قوشنىلىرىغا ئەزىيەت بېرىشتىن ساقلىنالىسىمۇ، ئەمما قوشنىنىڭ ئەزىيىتىگە پەقەت سەبىر قىلالمايدۇ. كىچىككىنە خاتالىق يۈز بېرىپ قالسىمۇ قوزغىلىپ كېتىدۇ دە، بىر جىڭغا ئىككى، بىر گەپكە ئوننى، كېچىككە چوڭ، ئازغا جىق، ئاددىغا يوغان قىلىپ قايتۇرىدۇ. تۈگمىنى تۆگىدەك قىلىدۇدە، قوشنىلار ئارىسىدا كۆپلىگەن مەسىلە ۋە ئىختىلاپلار پەيدا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىختىلاپلارنىڭ سەۋەبى ئىنتايىن ئاددى بولۇپ چىقىدۇ.
 
ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەزىيەتكە سەبىر قىلىش، خاتالىقلاردىن ئۆتىۋېتىش، ئەيىب-نوقسانلارغا كۆز يۇمۇش، ئۆزرە قوبۇل قىلىش، قوشنىلارنىڭ ئىشلىرىنى ياخشىلىق تەرەپكە بۇراش ۋە ئاللاھدىن ساۋاب ئۈمىدىدە كەچۈرۈم قىلىش... قاتارلىق ئىشلارغا چېنىقتۇرسا ئىدى ئىشلار يۇقىردا دېيىلگەندەك بولۇپ كەتمەيتتى. قوشنىلار ئوتتۇرىدىكى نۇرغۇن دەتالاشلار بالىلار ئارىسىدىكى سۈركىلىشلەردىن چىقىدۇ. بالىلار ئارىسىدا بۇنداق ئىشلار بوپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلاردا ئازراق دانالىق، كەچۈرۈم ۋە قوشنىنىڭ ھەققىنى تونۇش بولسا ئىدى بۇ نىزالار پەيدا بولمايتتى. بۇ ئىشلارنى بىلمەسكە سالسا ۋە بۈشىكىدىلا تۈنجۇقتۇرۋەتسە بۇلاتتى.
 
 
ئۈچىنچى دەرىجە: قوشنىنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇنىڭغا ئىھسان قىلىش.
 
قوشنىغا ئېھسان قىلىش كەڭ مەناغا ئىگە بولۇپ، ئىچىگە ئىسلام بۇيرىغان گۈزەل ئەخلاق ۋە پەزىلەتلەر كىرىدۇ. مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان ئۈستىدىكى بارلىق ھەقلىرى ئالدى بىلەن مۇسۇلمان قوشنا ئۈچۈن بېرىلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭغا مۇسۇلمانلىق ۋە قوشنىلىق ھەققى بولىدۇ.
 
قوشنىنى ياخشى كۆرۈش، سالام قىلىش، چىراي ئېچىش، ئاغرىپ قالسا يوقلاش، ۋاپات بولسا ئۇزىتىش، زۇلۇمغا ئۇچرىسا ياردەم بېرىش، ئىمكانقەدەر زۇلۇمدىن – گۇناھتىن ساقلاپ قېلىش، ياردەم قىلىش، ياخشىلىق قىلىش، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، ھاجەتمەن بولسا ياردەم قىلىش، مۇسىبەت كەلسە تەسەللى بېرىش، خۇشاللىقىدا تەبرىكلەش، خۇشال قىلىش، سوۋغا بېرىش، ئۆزى =، بالىلىرى ۋە ئەھلىگە نەسىھەت قىلىش، بىلمەيدىغان دىن – دۇنيا ئىشلىرىنى ئۆگىتىش، ياخشى ۋەز- نەسىھەتلەرنى قىلىش، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشىغا ياردەم بېرىش، كاپىر بولسا ئىسلامغا چاقىرىپ، تەرغىپ قىلىش، يوق ۋاقىتلىرىدا ئۆي-ۋاقلىرىغا قاراپ قويۇشنى ئۇنتۇماسلىق، ئۆيىگە ئېلىپ ماڭغان نەرسىلىرىگە قارىماسلىق ۋە ئېچىلىپ قالغان يەرلىرىنى يۆگەش ...قاتارلىقلار قوشنا ھەقىلىرىدۇر.
 
بۇ تۈرلەر قوشنا، شارائىت، ھەر قوشنىنىڭ ئەھۋالى ۋە يۈز بەرگەن ئىشلارغا قاراپ پەرقلىنىدۇ. شۇنداقلا كىشىنىڭ كەمبەغەللىك ۋە بايلىقى، يۇقىرى ۋە تۆۋەنلىكىگە قاراپمۇ ئوخشىمايدۇ. بەزىلىرى پەرز ئەين، بەزىلىرى پەرز كۇپايە يەنە بەزىلىرى مۇستەھەبتۇر( إحياء علوم الدين 2/213، وفتح الباري 10/446).
 
يىغىپ ئېيتقاندا، قىلالىغىنىڭىزچە ئىش-ھەركەت ۋە گەپ-سۆز جەھەتلەردە ئىھسان قىلىشىڭىز، ياخشىلىق ئۈمىد قىلىشىڭىز، ئۆزىڭىزگە ياخشى كۆرگەننى ياخشى كۆرۈشىڭىز، ۋە قولىڭىزدىن كېلىشىچە قانداق بولسا ياخشىلىق قىلىشىڭىز قوشنىنىڭ ھەققىدۇر.
 
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇ: جاھىلىيەت دەۋرىدە ئۈچ ياخشى ئىش بار ئىدى. بۇلارغا مۇسۇلمانلار تېخىمۇ لايىقتۇر. بىرىنچىسى: مېھمان كېلىپ قالسا ياخشىلىق قىلىشقا تىرىشاتتى. ئىككىنچىسى: بىراۋنىڭ قېرىپ قالغان خوتۇنى بولسا زايە بولۇپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ، قويۇۋەتمەي ساقلايتتى. ئۈچىنچىسى: قوشنىسى قەرزدار بولۇپ قالسا ياكى قاتتىقلىق ۋە قىيىنچىلىق يەتسە قەرزىنى ئادا قىلىپ، شۇ قىيىنچىلىقتىن چىققۇچە تىرىشچانلىق كۆرسىتەتتى. (تنبيه الغافلين 1/154)
 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەيدۇ:«ئې مۇسۇلمان ئاياللار، قوشنا قوشنىغا قوينىڭ تۇيىقىدەك ئاددى نەرسە بولسىمۇ كىچىك كۆرمەي ياخشىلىق قىلسۇن»( رواه البخاري: 2427، ومسلم: 1030). چۈنكى سوۋغا مۇھەببەتنى تارتىپ ئەكىلىدۇ ۋە ئاداۋەت-كۆڭۈل دېغىنى يوقىتىدۇ. سوۋغا باھاسى بىلەن ئەمەس، ئىخلاسى بىلەن سوۋغىدۇر. سوۋغا قىلىنغۇچىمۇ قانچىلىق ئاددى بولسۇن، كىچىك كۆرمەي قوبۇل قىلىشى كېرەك.
 
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئې ئەبۇ زەر، شورپا پۇشۇرساڭ سۈيىنى كۆپەيتىپ، قوشنىلىرىڭنى يوقلا» (رواه مسلم: 2625). ئىمام قۇرتۇبى مۇنداق دەيدۇ(تفسير القرطبي 5/185ـ186): گۈزەل ئەخلاقنىڭ مۇھەببەت، ياخشى ياشاش، ئىھتىياجنى قامداپ زىياننى يوق قىلىش...قاتارلىق ئەھمىيىتى بولغاچقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىزىقتۇرغان. چۈنكى قوشنا قوشنىنىڭ قازىنىنىڭ پۇرىقىدىن ئەزىيەتكە ئۇچرىشى مۇمكىن. بالىلىرى بولىشى، ئۇلارنىڭ ئىشتىھاسى قوزغىلىشى، قول ئىلكىدە بولمىغانلىق ياكى تۇل خوتۇن بولغانلىق سەۋەبلىك دەرت – ئەلەم ئېغىرلىشىشى مۇمكىن. مۇشۇلا قوشنىنى تاماققا ئورتاقلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.
 
ئۆلىمالار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «سۈيىنى كۆپەيتكەن» دېگەن سۆزىگە ئىزاھات بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئارقىلىق بېخىلغىمۇ ياخشى يول كۆرسىتىپ، پۇل كەتمەيدىغان سۇنى كۆپەيتىشكە بۇيرىغان. شۇڭا شورپا سالساڭ گۆشنى كۈپەيتكىن دېمىدى. چۈنكى ئۇ ھەممىلا ئادەمگە قۇلاي ئەمەس.
 
 
قورسىقى تويۇپ ئىسىلگەن پېتى ئۇخلىغان كىشىنىڭ ئاچ قۇرساق ئۇخلىغان قوشنىسىنى ئاللاھ ھۆرمەتلىك قىلسۇن. سەھىھ ھەدىستە:«ئۆزى تويۇپ، قوشنىسى ئاچ قالغان كىشى مۆمىن ئەمەس». يەنە بىر رىۋايەتتە:« خۇشنىسىنىڭ ئاچلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزى توق ئۇخلىغان كىشى ماڭا ئىمان ئېيتمىغان كىشىدۇر»( رواه البخاري في الأدب المفرد: 112، والبيهقي في السنن الكبرى: 19452، وأبو يعلى: 2699، والطبراني في المعجم الكبير: 751، 12741، والحاكم: 7307، 2166، وقال: صحيح الإسناد. ووافقه الذهبي. وقال المنذري في الترغيب والترهيب 3/243: رجاله ثقات. وكذا قال الهيثمي في " مجمع الزوائد " 8/167. وصححه الألباني في سلسلة الأحاديث الصحيحة: 149، وفي صحيح الجامع الصغير:5381).
 
ئالتىنچى نۇقتا: قوشنىلار ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ ئەھمىيىتى
 
ھەرخىل ئالدىرشچىلىقلار، قىزىقتۇرما ئىشلار كۆپىيىپ كەتكەن بۇ زاماندا قوشنىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىشقا ياردىمى بولىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە: قوشنىلار بىلەن رىتىملىق كۆرۈشۈپ تۇرۇش، ھەر ئايدا ياكى ئىككى ئايدا بىرەرسىنىڭكىدە ياكى نۆۋەتلىشىپ يىغىلىش ۋە تونۇشۇپ، دوستلۇق ۋە مۇناسىۋەتنى چىڭىتىش، ئۆز ئارا ئەھۋاللاردىن خەۋەر تېپىش، خۇشاللىقى ۋە قايغۇلىرىغا ئورتاقلىشىش، يوقلىرىنى سۈرۈشتە قىلىش، كېسەللىرىنى يوقلاش، مۇھتاجلىرىغا ياردەم قىلىش، مايماقلىرىنى رۇسلاش، ئۆز-ئارا نەسىھەت قىلىش... قاتارلىقلار. شۇنداقلا بۇ يىغىلىشىنىڭ مەھەللە ئەھۋالى ۋە ئېھتىياجلىق ئىسلاھات ۋە مۇلازىمەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىش، نامازغا سەل قاراش، شۈبھىلىك يىغىلىش، لاغايلاش، قالايمىقانچىلىق چىقىرىش، ماشىنا بىلەن ئايلىنىش، تاجاۋۇز قىلىش، ئوغرىلىق قىلىش... قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئەھمىيىتى بار. مانا بۇلار ياخشىلىق ۋە تەقۋالىققا ياردەم بېرىش، قوشنىغا كۆڭۈل بۈلۈش ۋە ئېھسان قىلىش جۈملىسىدىندۇر.
 
يەنە ئۆسمۈر – ياشلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۈلۈش، ئۇلارنى تەربىيىلەشكە لايىق مۇھىت ھازىرلاش، قوشنىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ سەل قارىشى ۋە بالىلارنى تەربىيىلەشكە ھەمكارلاشماسلىق سەۋەبلىك بەزى مەھەللىلەردە تارقالغان تۈرلۈك يامان ئىشلاردىن ھىمايە قىلىش، روھىيىتىنى پاكلاش، ئەخلاقىنى تازىلاشقا لايىق مۇھىت يارىتىش، ئۇلارنى ياخشىلىقتا رىقابەتلىشىشكە، يامان ئورۇنلاردىن يىراقلىشىشقا قىزىقتۇرۇش... قاتارلىق ئىشلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.
 
شۇڭا مەھەللە ئائىلە ۋە مەكتەپنىڭ رولىنى تولۇقلىشى، ئىسلاھ قىلىش ۋە تەربىيىلەشكە ياردەمدە بولىشى كېرەك. بولۇپمۇ مەھەللە مەسچىتى ئاكتىپ رول ئويناپ، تەلىم- تەربىيە، ۋەز – نەسىھەتلەر بىلەن ئاۋات بولىشى، ھەمدە ئىزدەنگەن كىشىگە ياكى ئەتراپتا ياشايدىغان بارلىق مەھەللە ئەھلىگە يېتەكلەش نۇر مەنبەسى بولىشى كېرەك.

 
‏ تەرجىمىدە: googleتەرجىمان  «ساجىيە ئىسلام مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈپ كىلىندى»

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uyturan + 10 قىنى تىما
pida0998 + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى، .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75434
يازما سانى: 510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4177
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2012-2-11
ئاخىرقى: 2013-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 07:48:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ   ئاللاھ  رەھمەت   قىلسۇن قىرىنداشىم    مۇسۇلمانلارغا  پايدىلىق  تىمىلار   ئۇزۇلمىگەي  

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 08:02:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز !مىنىڭ ئۇدۇل قوشنام بەكمۇ ئومدان ،
قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىمىز ئاللاھ خالىسا بەك  ياخشى.
مۇشۇ قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىمۇ بەك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن.

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63527
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1245
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 355 سائەت
تىزىم: 2011-11-4
ئاخىرقى: 2014-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 09:20:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوشنلارنڭ دەرﯨزﯨسدﯨن مارىماسلق، تاماق ئەتكەن چاغدﯨكى پۇراقلار بىله ن
ئۇنى بئارام قلماسلق، خوشنا ياقتۇرمايدغان هه رﯨكه تله رنى سادﯨر قلماسلق
قاتارلقلار خوشنا هه قلرى دائرسگه كرﯨدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2007 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 09:22:04 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! ئۇيغۇرمۇسۇلمانلىرىمىزغا ناھايىتى پايدىلىق تىما يوللاپسىز! چۈنكى ھازىر ئۇيغۇرلار بىنالاشقاندىن بىرى قوشنا ھەقلىرىنى ئادا قىلالمايۋاتىمىز! ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۆزىمىزگە پايدىسىز بارتى! ..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرتۇرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-25 09:24 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2007 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 09:23:10 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! ئۇيغۇرمۇسۇلمانلىرىمىزغا ناھايىتى پايدىلىق تىما يوللاپسىز! چۈنكى ھازىر ئۇيغۇرلار بىنالاشقاندىن بىرى قوشنا ھەقلىرىنى ئادا قىلالمايۋاتىمىز! ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۆزىمىزگە پايدىسىز بارتى! ....چۈنكى ئىسلام دىنىمىزنىڭ بۇيرىغان ئىشلىرى پايدىلىق، توسقان ئىشلىرى زىيانلىق! ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92475
يازما سانى: 518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 655
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 526 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 09:28:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىپ قۇيۇشقا تىگىشلىك ياخشى مەزمۇنلاركەن،رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم،ئاللاھ ئاسانلىق بەرسۇن

دۇنيادا ئۇيغۇر تىىلىنى بىلىدىغان ئادەمدىن پەقەت بىرسىلا قالسىمۇ ئۇئادەم دەل مىنىڭ ئوغلۇمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 478
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1297
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 575 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 09:45:24 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىمۇسىز قېرىندىشىم . بۇ مەزمۇنلار ھەقىقەتەن بىلىپ قويۇشقا تېگىشلىك قائىدىلەركەن. داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز. سىزگە كۆپ رەھمەت.

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94218
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 467
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2013-4-2
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 10:13:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەستايدىللىىق بىلەن ئوقۇپ چىقتىم، تېما ئىگىسى ۋە تېمىنى يوللىغۇچىغا رەھمەت!

بۇرادەرلەر ياخشى تۇردۇڭلارمۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97345
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 705
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 419 سائەت
تىزىم: 2013-8-28
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 11:41:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ساجىيە ئىسلام مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈپ كىلىندى»
قېرىندىشىم بۇ تورغا قانداق كىرىدۇ يول كۆرسەتسىڭىز ، بۇرۇنقى ئادرېستا ئېچىلمايدىكەن ، ئاللا رازى بولسۇن  !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش