ئورخۇن ھەققىدە سۆھبەت
(خاتىمە ئورنىدا)
_ مۇئەللىم ، مەن يېقىندا «ئورخۇن شەجەرىسى »ناملىق روماننى ئوقۇپ چىقتىم . ئۇيغۇر قەبىلىلىرى پان تېكىننىڭ رەھبەرلىكىدە قۇمۇل بوستانلىقىغا يىتىپ كەلگەندە رومان ئاياقلاشتى . كىيىن قانداق بولغان ؟
_ ھە ، قارىغاندا ، سەن بۇ رومانغا قىزىقىپ قاپسەن - دە . تىرىشچان ئوقۇغۇچىلىقىڭ بۇ گەپلىرىڭدىن چىقىپ تۇرىدۇ .ئەمىسە ئاڭلاپ قوي . ئورخۇندىكى ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كىيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق قەبىلىلىرى بىرلىكىنى بۇزماي پان تېگىننىڭ رەھبەرلىكىدە غەرىپكە كۆچۈپ ھازىرقى قۇمۇل ، تۇرپان ، جىمسار ئەتراپلىرىدىكى جايلاردا ئولتۇراقلاشتى . كىيىن ئۇلار تۇرپان ۋە جىمسارنى قوش ئاستانە قىلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى بەرپا قىلدى . ئۇنىڭدىن كىيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ خانلىقنىڭ چىگرىلىرى جەنۇپتا ھازىرقى كۇچا ،شىمال ۋە غەرىپتە ئېمىل ۋە ئىلى دەريا ۋادىلىرىغىچە كېڭەيدى .
_ مۇئەللىم ، ئورخۇن يايلاقلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئىدىقۇت خانلىقىدا ماكانلاشتىمۇ ؟
_ ياق . بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىگە تەۋە جايلارغا بېرىپ ، ئۇ يەردە گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى . يەنە بىر قىسىمى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنلىرىغا كۆچۈپ كەتتى . يەنە زور بىر تۇركۈم ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تارىم ۋادىسى ،ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى جايلار ۋە يەتتە سۇ رايۇنلىرىغا(ھازىرقى قازاقىستاننىڭ شەرىقى جەنۇبى قىسمىدىن ئىبارەت بۇلۇپ ، ئالما-ئاتا ۋە تالدقورغان ئوبلاستلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تارقاقلىشىپ ،شۇ جايلاردىكى تۈركى قەبىلىلەر بىلەن بىرلىكتە قەشقەر ۋە بالاساغۇن شەھەرلىرىنى قوش ئاستانە قىلغان قاراخانىلار سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىقتى .
_ مۇئەللىم ، ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى نىمە ئۈچۈن باشقا يەرلەرگە بارماي ، مۇشۇ يەرلەرگە كەلگەن ؟
_ چۈنكى ، بۇ يەرلەردە ئەزەلدىن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ياكى ئۇلارغا تۇغقان قەبىلىلەر ياشاپ كەلگەن .شۇڭا ،ئورخۇنلۇقلار بۇ يەرلەرگە كىلىپ ئاسانلا ئۆزلىشىپ كەتتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ يېڭى خانلىقلىرىنى قۇرۇپ چىقالىدى .
_ مۇئەللىم ، قىزغىزلارنىڭ شۇ قېتىمقى ھۇجۇمى ۋە زور غەلبىسىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى ؟ ئۇيغۇر قەبىلىلىرى كۆچۈپ كەتكەندىن كىيىن ئورخۇن يايلاقلىرىدا قايسى خەلىقلەر قالدى ؟
_ ئۇيغۇرلار كۆچۈپ كەتكەندىن كىيىن قىرغىزلار ئورخۇن ، سېلىنگا ۋادىلىرىدىكى گۈللىنىشكە باشلىغان شەھەرلەر ۋە ئېكىنزارلىقلارنى ۋەيران قىلىپ ،بولايدىغاننى بولاپ ، ئالدىغاننى ئېلىپ ، يەنە ئۆزلىرىنىڭ يايلاقلىرىغا قايتىپ كەتتى . شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ جايلار ئۇزاق بىر تارىخىي دەۋرلەر داۋامىدا شەھەر مەدىنيىتى قايتىدىن باش كۆتۈرەلمىدى .
كىيىنكى ۋاقىتلاردا ، بۇ جايلاردا ھازىرقى موڭغۇل خەلقىنىڭ ئەجدادلىرى ۋە يەنە بىر قىسىم تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر ئۆزلىرىنىڭ بەگلىك ۋە خانلىقلىرىنى قۇردى . چىڭگىزخان موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كىيىن ئۇ يەرلەر موڭغۇللارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ۋەتىنى بۇلۇپ قالدى ۋە ھازىرغىچە شۇنداق بولماقتا .
_ مۇئەللىم ئورخۇن خانلىقى نىمە ئۈچۈن يىمىرىلدى ؟ ئۇ چاغدىكى ئۇيغۇرلار بەك ئاجىزمىدى ؟ياكى مەدىنيىتى ئارقىدا قالغانمىدى ؟
_ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئىنتايىن قۇدرەتلىك خانلىق ئىدى . ئۇنىڭ زىمىنلىرى جەنۇپتىكى سەدىچىن سېپىلىدىن شىمالدىكى يىنسەي دەرياسى ۋە بايقال كۆلى رايۇنلىرىغىچە ، شەرىقتىكى ئامۇر(خېيلۇڭجياڭ) دەرياسىدىن غەرىپتىكى ئالتاي تاغلىرىغىچە بولغان كەڭ رايۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە شۇ جايلاردىكى تۈركى تىللىق قەبىلىلەرنى بىرلىككى كەلتۈرگەنىدى . ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىغا بىر نەچچە قېتىم قۇشۇن چىقىرىپ ، دۇنيا تارىخىدا كۈچ-قۇدرىتى ۋە بۈيۈك مەدىنيىتى بىلەن مەشھۇر بولغان تاڭ سۇلالىسىنى ئەن لۇشەن-شى سىمىن توپلىڭىدىكى ھالاكەتتىن ساقلاپ قالغان . مۇشۇ پاكىتلاردىن قارىغاندا ، ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقىنىڭ ئاسىيا چوڭ قورۇقلۇقىدىكى ئىنتايىن كۈچلۈك بىر ئىجىتمائىي گەۋدە بولغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ .
بارلىق تۈركى خەلىقلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلار بىرىنجى بۇلۇپ شەھەر مەدىنيىتىنى ئۆزلەشتۇرگەن ۋە دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى باشلىغان . دېمەك ،ئەينى دەۋردە ئۇيغۇرلار يايلاق خەلقلىرى ئىچىدە مەدىنيەتتە باشلامچىلىق رولىنى ئوينىغان .
بۇ خانلىقنىڭ يىمىرىلىشىدە مۇرەككەپ ئىچكى-تاشقى سەۋەپلەر بولغان ، بۇ سەۋەپلەرنى مەخسۇس تىما سۈپىتىدە ئايرىم تەتقىق قىلىشقا توغرا كىلىدۇ . ئاددىلاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا ، مۇنداق چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ : خانلىق تەۋەسىدە ئۇدا بىر نەچچە يىل قۇرغاقچىلىق ئاپىتى بۇلۇپ ، چارۋا ماللار قىرىلىپ كەتتى ،ئەل ئىچىدە يوقۇملۇق كىسەللىك تارقالدى ، ئاچارچىلىق بولدى ،ئاھالە باشقا جايلارغا كۆچۈپ تارقىلىپ كەتتى . ئوردىدا سىياسى مۇقۇمسىزلىق ئەۋج ئالدى . قاغان ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمەيدىغان ھالەت شەكىللەندى . بىرمۇنچە ئۇرۇق قەبىلىلەر خانلىقتىن بۆلۈنۈپ چىقىپ ، ئايرىم بۇلىۋالدى . خانلىق پارچىلىنىپ كەتتى . بۆلۈنمەي قالغان توققۇز ئوغۇز ، تۆلىس ، باسمىل قاتارلىق قەبىلىلەر ئىچىدىمۇ بىرلىك ،ئىتپاقلىق ئاجىزلاشتى . خانلىقنىڭ بۇرۇنقى سەلتەنىتى زاۋاللىققا يۈز تۇتتى . بۇنداق ئەھۋالدا يۈز مىڭ كىشلىك قىرغىز قۇشۇنى ھۇجۇم قىلمىغان بولسىمۇ ، ئورخۇن خانلىقى ئۆز ئىچىدىن يىمىرىلىپ كېتىشى ئېنىق بۇلۇپ قالغانىدى .
دۇنيا تارىخىدا مەشھۇر بولغان قەدىمقى مىسىر ، يۇنان ، رىم ئىمپىريىسىدەك ئۆز زامانىسىنىڭ تەڭداشسىز قۇدرەتلىك دۆلەتلىرىمۇ كىيىنكى ۋاقىتلاردا تەدىرجىي زەئىپلىشىپ ، ئاخىر يىمىرىلىپ تۈگىگەنىدى . بۇنداق مىساللار تارىختا خېلى كۆپ . ئورخۇن خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشىمۇ شۇنداق مىساللارنىڭ بىرى . ئوخشىمايدىغان يىرى شۇكى ، بىر قىسىم قەدىمقى خانلىقلار مەسلەن :ھون ، قىتان ، ئېفتالىت ،جۇرجان ، سىيانپى ، پەچەنەك قاتارلىق نۇرغۇنلىغان قەدىمقى تائىپىلەرنىڭ ھازىر پەقەت تارىختىكى نامىلا قالدى . ئۇيغۇرلار بولسا ،بىر خانلىقى يىمىرىلسە ئۇنىڭدىممۇ قۇدرەتلىكرەك ، ئۇنىڭدىنمۇ مەدىنيەتلىكرەك باشقا خانلىقلارنى قۇرۇپ ، تارىخنىڭ نى-نى دەشھەتلىك بوران-چاپقۇنلىرىغا بەرداشلىق بىرىپ ، ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ جۇش تۇرغان ھاياتىي كۈچىنى نامايەن قىلىپ كەلمەكتە . بۇ نوقتىنىمۇ يەنە ئالاھىدە تەتقىق قىلىشقا تىگىشلىك . جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى بۇگۈنكى دۇنيادا ئاسىيا ، ياۋرۇپا ۋە ئامرىكا قىتئەسىدىكى بىر قاتار ئالىملار ھەر تەرەپلەردىن تۇتۇپ تەتقىق قىلماقتا .
(كىتاپنى ئوقۇپ ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان خاتىمىسى بولغاچقا تور ئەھلى بىلەن ئورتاقلىشاي دەپ ،بارماقلىرىمنى ھەركەتلەندۈردۇم)
پەرھات جىلان«ئورخۇن شەجەرىسى»ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى . 502-503-504-505-بېتىگە قارالسۇن .
شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2000-يىلى 11-ئاي 1-نەشىرى
باسمىسى:2008-يىلى 5-ئاي 2-بېسىلىشى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا akbar0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-25 05:54 PM