مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2298|ئىنكاس: 37

تېلىفون ئىشلىتىشنىڭ ئەدەپ-قائىدىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88370
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1553
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 292 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 04:15:22 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئەسكەرتىش: مەزكۈر ماقالە ئەزھەرىيلەر مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈپ كىلىندى ھەم شۇنداقلا  بۇ ماقالىدىكى مەزمۇنلار مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان، باشقىلار ئۆرنەك ئالسا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش، بىز قېرىنداشلىرىمىزغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمىزكى:  مەزكۈر ماقالىدىكى مەزمۇنلارغا  قارىتا  ئالىملارنىڭ قارىشى پەرىقلىق بولىشى مۈمكىن شۇڭا كۆڭلىڭىز خاتىرجەم بولغىنىدىن ئۈلگە ئېلىپ، باشقىسىغا قارىتا؛ ئۇستازلاردىن سورىسىڭىز ياكى ئىسلام فىقئى كىتاپلىرىدىن ئىزدەنسىڭىز بولىدۇ. دىنىي ئىلىم جەھەتتە ئۆز ئالدىڭىزغا پەتىۋا چىقىرىپ ئىنكاس يېزىشتىن ساقلىنىڭ!               


  ئاللاھ ئاسماندىكى ۋە زىمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى (كامالى) پەزلىدىن سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى. بۇنىڭدا ھەقىقەتەن (قۇدرىتى ئىلاھنى) تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان )  رروشەن دەلىللەر بار.<< سۈرە جاسىيە 13-ئايەت >>.
  ئاللاھ تائالا ئىنساننى يارىتىپ ئۇنىڭغا ئەقىل نىئمىتىنى ئاتا قىلدى، شۇنداقلا ئۆز قۇدرەت خاھىشى بىلەن زىمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئىنسانغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلغان ئۇ زات ھەقىقەتەنمۇ پاكتۇر.
  <<(ئۇ زات)ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى>> (سۈرە ئەلەق 5-ئايەت). ئاللاھنىڭ پەزلى-مەرھەمىتى بىلەن ئىنسانىيەت <تېلىفۇن> دەپ ئاتىلىدىغان ئەگەر جايىدا ئىشلەتسە پايدىسى زور بۇلىدىغان ، جىددى پەيتلەردە ئۇنىڭغا مۇھتاج بۇلىدىغان ،ھىس-تۇيغۇلارنى يەتكۈزۈپ، يىراقنى يېقىنلاشتۇرۇپ غېرىپ ئانىلارغا ئۇغۇل-قىزلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق پىراق ئۇتىنى ئۈچۈرىدىغان، كىسەل، يارىدارلارنى جىددى قۇتقۇزىدىغان، ئوت ئاپەتلىرى ۋە ھەرخىل جىنايى قىلمىشلارنىڭ يۈز بىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، كۈچ، ۋاقىت ۋە پۇل تىجەيدىغان ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەرخىل ئىقتىدارلارغا ئىگە ئاجايىپ بىر ئەسۋاپنى كەشىپ قىلدى.
  تېلىفۇننىڭ ئۈزىگە خاس ئىشلىتىش ئەدەپ-ئەھكاملىرى بار، چۈنكى ئۇنىڭ ئجابى_سەلبى تەرەپلىرى بۇلۇپ ئەگەر ئۆز ئورنىدا مۇۋاپىق ئىشلىتىلسە ئۇ بىر نىئمەت ئەگەر ئۆز جايىدا ئىشلىتىلمىسە ئۇنداقتا ئۇ بالايى-مۇسىبەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
  ئاللاھ ئىنسانىيەت ئەقلىنى ئۇنى ياساشقا يىتەكلەش ئارقىلىق بىزگە ئاتا قىلغان بۇ بۈيۈك نىئمەتنىڭ شۈكرىسىنى لايىقىدا ئادا قىلىشىمىز ئۈچۈن بىز چۇقۇم ئۇنى ئاللاھ تائالا رازى بۇلىدىغان، بىزگە دۇنيا-ئاخىرەتلىك مەنپەئەت ئېلىپ كىلىدىغان ئىشلار ئۈچۈنلا ئىشلىتىشىمىز كىرەك. بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۈرلۈك ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك.
بىرىنچى: تېلىفۇن ئالاقىسى چۇقۇم تىجەشلىك، قىسقا بۇلۇشى كىرەك. تېلىفۇن قىلغۇچى تەرەپ پۇلنى ئىسراپ قىلماسلىقى، گىپىدە نورمال بۇلىشى، قانداقتۇر ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئەھۋال سۇراش بىلەن گەپنى ئۇزارتىۋەتمەسلىكى كىرەك. چۈنكى سۆزنىڭ ياخشىسى ئاز بۇلۇپ ساز بولغىنىدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمە بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن: ھەقىقەتەنمۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۈچ خىل ئىشىڭلاردىن رازى بۇلۇپ ئۈچ خىل ئىشىڭلاردىن غەزەپلىنىدۇ. سىلەرنىڭ مىش-مىش پاراڭلارنى كۆپ قىلىشىڭلاردىن، باشقىلاردىن كۆپ تىلىشىڭلاردىن، پۇل-مالنى بۇزۇپ چېچىشىڭلاردىن غەزەپلىنىدۇ. ___مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ئىككىنچى: تېلىفۇندا سۆزلىشىشنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقلىرى قاتارىدىن تېلىفۇندا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ۋارقىراپ سۆزلەشمەسلىك، بۇلۇپمۇ ئاتا-ئانا ۋە ئاتا- ئانا ئورنىدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئالاھىدە ئىھتىرام بىلدۈرۈپ سۆزلەشكەندە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئارىدىكى ھۆرمەت، مۇھەببەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:<<ئاۋازىڭنى پەسەيتكىن>>__(سۈرە لوقمان 19-ئايەت).
ئۈچىنچى: تېلىفۇن قىلغۇچى تەرەپ قارشى تەرەپنى << مىنى تۇنۇدۇڭمۇ؟ مەن كىم؟>> دىگەندەك سۆزلەر بىلەن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماسلىق كىرەك. تېلىفۇن قىلغۇچى تەرەپ قارشى تەرەپكە ئاكتىپلىق بىلەن ئۈزىنى تۇنۇشتۇرۇپ قارشى تەرەپنى ھەرەج تارتقۇزىدىغان ھەرقانداق ئۇسلۇبلاردىن يىراق بولمىقى لازىم. بۇ ھەقتە جابىر ئىبنى ئابدۇللا (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈيىگە كىلىپ ئۇنى چاقىردىم، ئەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام <<كىم>> دەپ سورىدى، مەن <<مەن>> دەپ جاۋاپ قايتۇردۇم، ئۇ <<مەن! مەن!>> دىگەن پېتى ئۆيىدىن چىقىپ كەلدى.__بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
تۆتىنچى: تېلىفۇن قىلغۇچى تەرەپ ئەگەر قارشى تەرەپ تېلىفۇننى ئالمىسا ياكى ئالغان تەقدىردىمۇ گەپنى قىسقىلا قىلىپ تېلىفۇننى قۇيۇۋەتسە ئۇ توغرىسىدا يامان گۇماندا بولماسلىقى، چۇقۇم قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇشى كىرەك. قارشى تەرەپكە بەلكىم ئاغرىقتۇر، ياكى مەسچىتتە بۇلشى مۇمكىن بەلكىم قەب رىستانلىق ياكى سۇخانىلارغا ئوخشاش تېلىاۇن قۇبۇل قىلىش بىئەپ ئۇرۇنلاردا بولسا كىرەك دىگەندەك ئۆزرىلەرنى ئىزدەش كىرەك. ئەگەر تېلىفۇننى ئالمىسا قايتا-قايتىلاپ تېلىفۇن قىلىۋەرمەسلىك بەلكى ئارىدىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ ئاندىن تېلىفۇن قىلىش كىرەك.  
  بەشىنچى: تېلىفۇن قىلغۇچى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ قارشى تەرەپكە مۇناسىپ ۋاقىتنى تاللاش كىرەك. زۈرۈرىيەتسىز يېرىم كىچىدە ياكى ئارام ئېلىش، ئۇخلاش ۋاقىتلىرىدا تېلىاۇن قىلماسلىقى كىرەك.
  ئالتىنىچى: مۇسۇلمان چۇاۇم باشقىلارغا چاقچاق قىلىپ ياكى خاتا تېلىفۇن قىلىپ قېلىشتىن ئالاھىدە ئىھتىيات قىلماقلىقى لازىم. قانچىلىغان خاتا ئۇرۇلۇپ قالغان تېلىفۇن، خاتا ئەۋەتىلىپ قالغان ئۇچۇرلار گۇمانلارنى قوزغاپ ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلغان ھە! بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئى مۆمىنلەر ! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەستىن بىرەر قەۋمنى رەنجىتىپ قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن (بۇ خەۋەرنى) ئىنىقلاپ كۈرۈڭلار.__سۈرە ھۇجىرات 6-ئايەت.
  يەتتىنچى: مەسچىتكە كىرگەن نامازخانلارنى ئېلىشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ نامىزىنى بۇزماسلىق، نامازدىكى خۇشۇئنى بۇزۇپ ئەرزىيەت يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن تېلىفۇننى تاقىۋېتىش، ئەگەر ئۇنتۇپ قېلىپ تاقاقسىز قالغان بولسا تېلىفۇن كىلىپ قالغان ئەھۋالدا دەرھال تاقىۋېتىش ياكى ئاۋازىنى ئىتىۋېتىش كىرەك. شۇنداقلا باشقىلارمۇ تېلىفۇننى تاقاشنى ئۇنتۇپ قالغانلارغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ ئۆزرىسىنى قۇبۇل قىلىپ يۇمشاق سۆزلەر بىلەن نەسىھەت قىلىشى كىرەككى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا ئاھانەت قىلىدىغان، دىلىنى جاراھەتلەپ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان قۇپال سۆز- ھەركەتلەردىن ساقلىنىشى كىرەك. <<سىلەر ئۈچۈن پەيغەمبەردە گۈزەل ئۆرنەك بار >>. بۇ ھەقتە ئەبۇ ھۈرەيرە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر ئەئرابى كىلىپ مەسچىتنىڭ ھويلىسىغا سىيدى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنى تارتقۇشلىغىلى تۇردى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا<< ئۇنى قۇيۇۋېتىپ ئۇ سىيگەن يەرگە بىر چىلەك سۇ قۇيۇۋېتىڭلار ، سىلەر ئاسانلاشتۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىلدىڭلاركى ھەرگىزمۇ تەسلەشتۈرگۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگىنىڭلار يوق>>دىدى.__بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
سەككىزىنچى: تېلىفۇن قوڭغىرىقى ئۈچۈن ناخشا-مۇزىكىلارنى تەڭشەپ قويماسلىق كىرەك، چۈنكى بۇنىڭدا ھاراملىق بۇلۇشى شۇنداقلا باشقىلارغا ئەرزىيەت بىرىشى مۇمكىن. بۇلۇپمۇ مەسچىت قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا بۇ خىل ناخشا-مۇزىكىلارنىڭ قۇيۇلۇشى تېخىمۇ يامان كۈرۈلىدۇ. تېلىفۇن ئىكرانىغا سەنئەتچى-ئارتىسلارنىڭ، قانداقتۇر چولپانلارنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىۋېلىش ھارام، شۇنداقلا تېلىفۇننىڭ قوڭغىراق ئاۋازىغا قۇرئان ئايەتلىرى ياكى ئەزاننى ئۇدۇللىۋېلىش دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى بۇنداق  قىلىش ئايەت ۋە ئەزاننى مەنسىتمىگەنلىك بوپ قالىدۇ.
  توققۇزىنچى: باشقىلارنىڭ تېلىفۇنىنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش ياكى ئۇلارنىڭ رۇخسىتىسىز تېلىفۇنىنى قالايمىقان ئاختۇرۇش، ئۇچۇرلارنى ئۇقۇۋېلىش ھارام. چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۇلارغا قىلىنغان خىيانەت ۋە ئۇلارنى رەسۋا قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
  بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: باشقىلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىۋالماڭلار، باشقىلارنىڭ ئەيىپ-نۇقسانلىرىنى تېپىۋېلىشقا ئۇرۇنماڭلار.
  ئونىنچى: تېلىفۇنلارنى ئاياللارنى سۈرەتكە تارتىش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلەتمەسلىك، بۇلۇپمۇ ئاممىۋى مۇراسىملاردا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك. كۈتۈلمىگەن زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارى بار تېلىفۇن ئىشلىتىشىنى چەكلىشى لازىم.
  ماشىنا ھەيدەۋېتىپ تېلىفۇندا سۆزلىشىش قاتناش ھادىسىسى يۈز بىرىشنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەپلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان بۇلۇپ مىڭلىغان جانلارنىڭ بېشىغا چىقتى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: <<ئۈزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار>>__ سۈرە بەقەرە 195-ئايەت.
  بۇ ئاجايىپ ئەسۋاپنى نۇرغۇن كىشىلەر ياخشىلىق ئۈچۈن ئىشلەتكەن بولسا بىر قىسىم بۇزۇق كىشىلەر جىنايەت سادىر قىلىش، زەھەرلىك چىكىملىك سودىسى، ياشلارنى قايمۇقتۇرۇش قاتارلىق يامان ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ. مانا بۇ قىلمىشلار زىمىندا پەيدا بولغان پىتنە-پاسات، بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى بۇلۇپقالغان بۇلۇپ ئاللاھ تائالا بۇ بۇزغۇنچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: << ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلارنىڭ ، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ جازاسى شۇكى ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى دارغا ئېسىلىشى ياكى ئوڭ قوللىرى ۋە سول پۇتلىرى كىسىلىشى ياكى سۈرگۈن قىلىنىشى كىرەك. بۇ (يەنى جازا) ئۇلار ئۈچۈن بۇ دۇنيادا رەسۋالىق ئېلىپ كەلگۈچىدۇر، ئاخىرەتتە ئۇلار چوڭ ئازاپقا دۇچار بۇلىدۇ>>__سۈرە مائىدە 33- ئايەت.
  تېلىفۇننى يامان يولغا ئىشلىتىشنىڭ جۈمىلىسىدىن : بەزى قەلبىدە مەرەز بار نىجىس كىشىلەرنىڭ تېلىفۇن ئارقىلىق چاكىنا، پاھىشە مەزمۇنلارنى، ئادەملەرنى ھالاكەتكە تاشلايدىغان قەبىھ نەرسىلەرنى تارقىتىشى ۋە باشقىلارنىڭ ئەۋرەتلىرىنى ئېچىپ تاشلىشى بۇلۇپ ، بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن ئەۋرەتلەر ئېچىلىپ قېلىپ نۇرغۇن غاپىل ئاياللارنىڭ رەسۋالىقلىرى ئاشكارىلىنىپ، پاھىشە-مۇنكەرلەر يېيىلىپ، بۇزۇقچىلىق تارىلىپ كىشىلەرنىڭ ئىززەت-ئابرويى دەپسەندە قىلىندى ۋە باشقىلارنىڭ كونتىروللىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالدى. قانچىلىغان قىزلارنىڭ ئەۋرەتلىرى ئۆزلىرى تۇيمايلا خالايىق ئالدىدا ئاشكارە بۇلۇپ تارقىلىپ يۈردى. قانچىلىغان ئائىلىلەر بۇ سەۋەپتىن ۋەيران بولدى. جىنايى قىلمىشلار، پاھىشە بۇزۇقچىلىقلار، ئۇياتسىزلىقلار سۈرەتكە تارتىلىپ كەڭ تارقىتىۋېتىلدى.
  ئىبنى ئۈمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنبەرگە چىقىپ يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دىدى<< ئېغىزىدىلا مۇسۇلمان بۇلۇپ ئىمان قەلبىگە سىڭمىگەن ئى خالايىق! مۇسۇلمانلارغا ئەرزىيەت بەرمەڭلار، ئۇلارنى ئەيىپلىمەڭلار، ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرىنى ئىزدىمەڭلار، چۈنكى كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ئەۋرىتىنى ئىزدەيدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭ ئەۋرىتىنى ئىزدەيدۇ ،كىمكى ئاللاھ ئۇنىڭ ئەۋرىتىنى ئىزدەيدىكەن ئۇ ئۈزىنىڭ مىنىدىغان تۈگىسىنىڭ قارنىغا مۈكۈۋالغان تەقدىردىمۇ چۇقۇم رەسۋا قىلىدۇ>>.__تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇت، ئەھمەد ۋە بەيھەقى رىۋايەت قىلغان بۇلۇپ ئىبنى ھەببان سەھىھ دەپ باھالىغان.
  << مۆئىمىنلەر ئۈستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر شۈبھىسىزكى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاپقا قالىدۇ.  ئاللاھ (سىرلارنى ۋە نىيەتلەرنى) بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر.>> __ سۈرە نۇر 19-ئايەت.
ئەگەر بىرەرسى بىرە پارچە سۈرەت تارقاتسا برىدىن بىرىگە تارقىلىپ مىليۇنلىغان كىشىلەرگە يىتىپ بارىدۇ.ئاللاھ تەئالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: <<ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىغا تۇلۇق جاۋاپكار بۇلۇشلىرى ۋە ئۆزلىرى تەرىپىدىن بىلمەستىن ئازدۇرۇلغانلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرىغا تۇلۇق جاۋاپكار بۇلۇشلىرى ئۈچۈن(يۇقىرىقى بۆھتان سۆزلەرنى قىلدى). ئۇلارنىڭ جاۋاپكار بۇلىدىغىنى نىمىدىگەن يامان ! >>.سۈرە نەھلە 25-ئايەت.
  ئى مۇسۇلمانلار! شۇنى بىلىپ قېلىڭلاركى ھەقىقەتەنمۇ گۇناھ مەئىسىيەتلەر سۇدا، ھاۋادا، زىرائەت، مىۋە-چىۋە، تۇرالغۇلاردا ۋە باشقىلاردا بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: <<ئىنسانلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا ئاپەت يۈز بەردى، ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبە قىلسۇن دەپ قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ جازاسىنى ئۇلارغا تېتىتتى>>__سۈرە رۇم 41-ئايەت.
  دۇنيا ئاخىرەتتىكى بارلىق يامانلىقلارنىڭ،ھەر خىل كىسەللەرنىڭ ھەممىسى گۇناھ-مەئسىيەت سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ. پىتنە-پاسات، بالايى-ئاپاتلەرنىڭ ھەممىسى گۇناھ- مەئسىيەت سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ. شۇ سەۋەبلىك گۇناھ-مەئسىيەت قايسى بىر دىياردا ئۇمۇميۈزلۈك تارقىلىدىكەن ئۇ دىيار ھالاك بۇلىدۇ، قايسى بىر قەلىبكە يىتىدىكەن ئۇنى ھەقتىن قارىغۇ قىلىدۇ، قايسى بىر بەدەنگە يىتىدىكەن ئۇنى ئازاپلايدۇ، قايسى بىر مىللەتكە يىتىدىكەن ئۇ مىللەتنى خار زەبۇن قىلىدۇ، قانداق بىر روھقا يىتىدىكەن ئۇنى ۋەيران قىلىدۇ.
  ئاللاھ ھەرگىزمۇ تەۋبە قىلغۇچىنى، ئىستىغفار ئېيتىپ تۇرغۇچىنى ئازاپلىمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: <<ئۇلار ئىستىغفار ئېيتىپ تۇرغان چاغدا ئاللاھ ئۇلارغا ئازاپ قىلمايدۇ>>.__سۈرە ئەنفال-33-ئايەت.
كىمكى ئۈزىنىڭ مەئسىيەتلىرىدىن تەۋبە قىلىپ ئاللاھقا يۈزلەنمەيدىكەن چۇقۇم پۇشايمان قىلىدۇ.
<< ئۇلارنىڭ(يەنى كاپىرلارنىڭ) بىرىگە ئۈلۈم كەلسە ئېيتىدۇكى:پەرۋەردىگارىم مىنى دۇنياغا قايتۇرغىن، مەن قۇيۇپ كەلگەن مال-مۈلۈكۈم بىلەن ياخشىلىق قىلىشىم مۇمكىن.>>__سۈرە مۆئمىنۇن99-100-ئايەتلەر.
  << محمد أبو عجيلة أحمد عبد الله >> نىڭ <<آداب الهاتف المحمول>> ناملىق خۇتبىسىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى .         

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tughchi1 + 20 ىراقمات

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89621
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1225
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 879 سائەت
تىزىم: 2013-1-5
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 05:03:35 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
ئاللاھقا شۈكرىلەر بولسۇن.ئىسلام پىرىنسىپى يەنىلا مۇسۇلمانلارنىڭ مەڭگۈلۈك مەنپەئەتىمىزنى ئويلايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1863
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 932 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 05:03:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقىتەن ياحشى نەسىھەتلەركەن،ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ ياحشى بىر تەرىپى بولىدۇ،سەلبى تەرىپىمۇ  بولدۇ.شۇڭلاشقا بىز مۇسۇلمان قېرىنداشلار تىلفۇننى ياخشى ئىشلار ئۇچۇن ئىشلتىشىمىز كېرەك.
تىلفۇن ئۇرغاندا ھەم تىلفۇن قوبۇل قىلغاندا ئەدەپلىك بولۇش ،ۋەي ،ۋەي دەپ قارشى تەرەپنى بىزار قىلماستىن ئەسسالامۇئەلەيكۇمدىن كېيىن ئاندىن دىمەكچى بولغان مەخسەتنى ئېيتىش كەرەك.باشقىلارغا خاتا تىلفۇن ئۇرۇپ قالغاندا تەشەببۇسكارلىق كەچۇرۇم سوراش لازىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97472
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 117 سائەت
تىزىم: 2013-9-1
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 05:05:15 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ھەقىقەتەن بىلۋېلىشقا تىگىشلىك ياخشى بىلىملەر كەن

مەغرۇر ياشايمان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99876
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 563
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 255 سائەت
تىزىم: 2013-11-21
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 05:06:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز،ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1582
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10837
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2207 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 05:34:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلام دىنى بىزگە نېمە ئۆگىتىدۇ؟؟؟  

باشقىلارغا ئەرزىيەت يەتكۈزدىغان ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلماسلىقنى ئۆگىتىدۇ....
باشقىلارغا ياخشى مۇئاملە قىلىشنى  ئۆگىتىدۇ.......
............................................


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97341
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 214
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2013-8-28
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 05:39:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ....

شۇنداق ياخشى تما ئىكەن قەلەملىرگە بەرىكەت ئاتا قىلغاي ....

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1886
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1243 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 05:41:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېلىفۇندىن ئىس چىقىرىۋېتىدىغانلارغا بولغۇدەك ماۋۇ تېما
ئىشقىلىپ بەك ياخشى نەسىھەتلەركەن

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 05:47:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە رەھمەت . بۇ ئەقەلليى قائىدىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك.

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99876
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 563
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 255 سائەت
تىزىم: 2013-11-21
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 05:52:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقىدەك تېلېفون ئومۇملاشقان ۋاقىتتا ئىنتايىن زۆرۈر بولغان بىلىملەر ئىكەن،قېنى دوستلار ھازىردىن، ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئەمەل قىلايلى!






كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش