بىر كىتاب بىر ئالەم (مىسرانىم مۇنبىرىگە تەۋسىيە)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم ئەپەندى ۋە بارلىق مۇنبەرداشلار:
ھەممىمىزگە مەلۇم مىسرانىم مۇنبىرى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ سەركىسى ھەم ئادەم سانى بىر قەدەر كۆپ مۇنبەر ھىسابلىنىدۇ.ئالدىنقى قېتىم ئىلىم چېيى توغرسىدىكى فىلىمنى كۆرۈپ،كاللامغا بىر ئەقىل كەلدى.يەنى ئىلىم چىيىغا چەكلىك ئادەم قاتنىشىدۇ ھەم شارائىت،ئورۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرايدۇ.بىز مۇنبەردە بىر كىتاب بىر ئالەم سەھىپىسىنى تەسىس قىلىپ ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرساق،ھەم يېڭى كىتاب ئۈچۈرلىرىنى تارقاتساق.بۇ خىل مەۋھۇم دۇنيادىكى ئىلىم چىيىمۇ خېلى ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.كۆپ ئادەملەر قاتنىشالايدۇ ھەم پىكىر بايان قىلالايدۇ.مۇنبەرداشلار ئۆزلىرى ئوقۇغان،باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىشقا ئەرزىيدىغان كىتابنى ۋە كىتاب ئۇقۇش تەسىراتىنى قىسقىچە بايان قىلسا،شۇ كىتابنى ئوقۇغان باشقا مۇنبەرداشلارمۇ قىزغىن مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرغا قويسا دىمەكچى.ئاددى تەكلىپىم ھەر قايسىڭلارغا خوپ كىلەمدۇ بىلمىدىم؟؟ئەمسە مەن باشلاپ بېرەي:
شىركتنىڭ كۈچ-قۇدىرىتى
بۇ كىتاب 2013-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ خەلق باش نەشىرىياتى بىلەن شىنجاڭ خەلق سەھيە نەشىرىياتىنىڭ بىرلىكتە نەشىر قىلشى بىلەن روياپقا چىققان.غولام ھاجى سەھەرچى ئەپەندى پىلانلاپ،شۆھرەت قۇربان تەرجىمە قىلغان.باھاسى 45يۇەن.ھەجمىگە نىسبەتەن بىر قەدەر ئەرزان كىتاب ھىسابلىنىدۇ.
كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشى ئۇيغۇرلاردا ئىقتىسادى ئىدىيىنىڭ تارقىلىشى،مۇكەممەللىشىشى،شىركەتكە بولغان تونۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىدا بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.يەنە بىر جەھەتتن كىتابنىڭ ئۇچۇرچانلىقى مول بولۇپ،سىزنى يىڭى ئۇچۇرلار،بىلىملار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.تۆۋەندە كىتابدىكى بىر قىسىم جەۋھەرلەرنى ھوزۇرىڭلارغا سۇندۇم:
شۇڭا مەن تارىختا ئۆتكەن كارخانچىلارنى سىياسىي داھىيلارغا ئوخشاشلا مۇھىم دەپ قارايمەن.ياۋرۇپانى تېخمۇ قۇدىرەتلىك قىلىپ ئۆزگەرتكەن،جوڭگونى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قلىپ ئۆزگەرتكەن كارخانچىلار سياسونلارغا ئوخشاشلا قالتىس ھىسابلىنىدۇ.
-روبېرت موندېل (ئامېرىكا كولۇمبىيە ئۇنۋىرستىتنىڭ پىروفېسسورى،1999-يىللق نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى ساھىبى)
2009-يىلى شىركەتلەر يەر شارىدىكى %81 ئاھالىنى خىزمەت پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.يەر شارى ئىقتىساد كۈچىنىڭ %90 ىنى شەكىللەندۇرۇپ،يەر شارى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %94 ىنى ياراتتى.يەر شارىدىكى 100 چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىنىڭ ئىچىدە 51 ى شىركەتلەر،49 ى بولسا دۆلەتلەردۇر.
دۇنيادىكى 161 دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى كىرىمى ۋولمارت شىركىتىنىڭ كىرىمىگە يەتمەيدۇ.يەر شارىدىكى 10 چوڭ شىركەتنىڭ سېتىش ئومۇمىي سوممىسى دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك 100 دۆلەتنىڭ دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يىغندىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
-شۇ كىتاب 2-،3-بەتلەر.
ئىراق ئۇرۇشى بىر مەيدان زامانىۋى ئۇرۇش ھىسابلىنىدۇ.بۇ يەردە كىشىلەرنىڭ كۆرەلەيدىغىنى ئىس-تۈتەك،ئۇرۇش ئوتى بولغان بولسا،كىشىلەرنىڭ كۆزىگە كۆرۇنمەيدىغىنى ئەشيا ئوبوروتى ۋە ئۇچۇر كاپالىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەتلەردۇر.
-شۇ كىتاب 5-بەت.
شىركەت ئامېرىكىنى ياراتتى دېسەك بەلكىم ئازراق ئاشۇرۇۋەتكەن بولۇشىمىز مۇمكىن.ئەمما ناھايىتى روشەنكى،ئامېرىكىنىڭ ئۇنۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ئامېرىكىدىكى 5مىليون 500 مىڭ شىركەت ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن.
-شۇ كىتاب 16-بەت.
پۇل بىلەن ھوقۇقىنىڭ سودىسى خۇددى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغان جاھىل كىسەلگە ئوخشايدۇ.
-شۇ كىتاب 20-بەت.
شىركەت بولمىغان بىر جەمئىيەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
-شۇ كىتاب 27-بەت.
ئامېرىكا ئاساسىي جەھەتتىن نەتىجىنىڭ باراۋەر بولۇشىنى ئەمەس بەلكى پۇرسەتنىڭ باراۋەر بولۇشىنى تەكىتلەيدۇ.كىرىم بىلەن بايلىق ئوخشاش بولمىسىمۇ بولىۋىرىدۇ،ئەمما پۇرسەت چوقۇم باراۋەر بولۇشى كېرەك.
-شۇ كىتاب 102-بەت.
ئەمسە مەن مۇشۇ يەرگىچە يازاي.قېنى دوستلار سىلەرمۇ مەرھەمەت.كىتابنى ئوقۇمىغان دوستىلارنىڭ بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.ئۇنىڭدىن باشقا كىتابىنىڭ رەسىمىنى چىقىرىش ئىمكانىيىتى بولمىدى.ئىمكانىيىتى بار دوستلار چىقرىپ قويسا،بۇ جەھەتتە تېخمۇ يېڭى بىلىمگە ئىگە دوستلارنىڭ بىلىمىنى ئايىماي ئوتتۇرغا قويسا،يەنە ئىسلام ئىقتىساد ئىدىيىسى توغىرسىدا بىلىمگە ئىگە دوستىلار چۈشەنچە بەرسە.
- 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-25 03:53 PM