شـــاتــئـــــايــنــىڭ مــــۇھــەببـــىتى
بۇ بىر رىئاللىق،كىشى قەلبىنى چەكسىز لەرزىگە سېلىپ قىينايدىغان رىئاللىق ئىدى.
كېچە،ئەللەر تاتلىق ئۇيقۇدا،پەقەت مەنلا بىر بۇلۇڭدا، قەلبىمنى تۈگىمەس ئازاپقا سېلىۋاتقان شۇ تاتلىق گۈزەل ئەسلىمىلەر قوينىدا خامۇش ئولتۇرماقتىمەن.
چىن ئاشىقلارنىڭ يۈرىگى تۇتاش بولىدۇ.ئۇلار شۇ يول ئارقىلىق بىر-بىرىگە بولغان سۆيگۈ تىۋىشىنىڭ ئەڭ زىل تارىللىرىنى ئاڭلىيالايدۇ،بىر بىرىگە بولغان پاك مۇھەببەتنى ھېس قىلالايدۇ.بىلىپ تۇرىۋاتىمەن،سەن ئۆزەڭنىڭ مىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى بەش قولدەك بىلىپ تۇرۇپ ئۆزەڭنى ئۆزۈڭ قىيناۋاتىسەن.ئىچىڭدە قان يىغلاپ تۈگىشىپ كىتىپ بارساڭمۇ، قەتئىي تېشىڭغا چىقارمايۋاتىسەن.توۋا،ئوغۇللار بەزىدە قىزلاردىنمۇ ئاجىز بولىدىكەن،بۇلۇپمۇ ھېسىيات جەھەتتە. گۈللەر توزىدى،خازاڭلار ئاچچىق،ئىزغىرىن شامالدا ئۇچماقتا،ئەتراپ نىمە دىگەن غېرىپ ھە!
قىينىدى،قىينالدىم پەرياتمۇ ئۇردۇم،
ئارازلىق يەتسە گەر قىينالدى يۈرۈگۈم،
ياشلىرىم مۇڭىمغا بولدى ھەردەم جۆر،
قەلبىمدە ئوت كەبى كۆيەر نەپرىتىم.
سەن كەتتىڭ،ئايرىلىش ئالدىدا ئارقاڭغا قارىماستىن،ماڭا بىر ئېغىز "خوش" مۇ دىمەستىن جىمجىتلا كەتتىڭ.
مەن مۇشۇ قاراڭغۇ كۆلبەمدە ئاچچىق نىدا قىلىپ ، ئېغىر تىنىقلىرىمغا ھەمراھ بولۇپ ،خىيالغا پاتماقتىمەن. مەن بىر قېتىم ئازاپقا مۇپتىلا بولدۇم . ئەمدى قايتىدىن ئىرىشكەن بەخىتىممۇ يەنە توزىدى.مېىنى مەڭگۈ بەخىتلىك قىلدىغان ئادەم ، بەخىتىمنى خازان قىلدى. ئازاپلىرىمنى ئۇنتۇلدۇردىغان شۇ ئىنسان ، ماڭا يەنە ھەسسىلەپ ئازاپلارنى سىلىپ كەتتى. مۇشۇ ئادىللىقمۇ ؟ ئاھ خۇدا ، ئازاپلاردا تۈگەشسۇن دەمسەن؟ ھىجراندا كۆيسۇن دەمسەن!!!!
ساڭا،ئۆچ بولۇپ قالدىم،خەير!
بىز بىللە ماڭغان ئاشۇ يوللارغا نەزەر سالاتتىم. ئەپسۇس بىزنىڭ نە ئىزلىرىمىزمۇ قالماپتۇ.ئەمما بەرگەن بۇ ئازابىڭ يۇرىگىمنىڭ چوڭقۇر قاتىلىمىدا قارا داغ بولۇپ ساقلىنىپ قالدى خالاس.
يۇرىگىم سېنى ئۇنتۇش ئۇچۇن ئۆكسىمەكتە. ياق ، سىنى يۈرىكىمدىن چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن تىپىرلىماقتا.بىراق مەن بەك ئاجىز كەلدىم.سېىنى ئۇنتىشقا قايتا-قايتا تىرشساممۇ ئۇنتىليالمىدىم . ئەكىسچە ،يەنە ئەسلەپ قالدىم سىنى ...
ئۇنتۇلسىمۇ ئازاپ ۋە ھەسرەت،
تۇنجى سۆيگۇ ئۇنتۇلمايدىكەن.
قان قان يىغلاپ تۇگەشسەممۇ مەن،
ۋاپاسىز پىراقنى چۈشەنمەيدىكەن.
بىز بىرگە چۇشكەن سۇرەتلەرگە قارغىنىمدايۇرەكلىرىم لەختە-لەختە بولۇپ ئاچچىق تولغۇنۇپ كىتىمەن.جانسىز سۇرەتلىرىڭىزدىن نۇرغۇن سۇئاللارنى سورايمەن.......<مۇھەببەت دىگەن نىمە؟ >< سەن مىنى ياخشى كۆرۇپ باققانمۇ ؟......
چۇشلىرىمگە كىرگىنىڭدە بولسا ساڭا چىڭ ئىسىلىپ يىنىمدىن كەتمەسلىكىڭىنى ئۆتۇنۇپ ساڭا يالۋۇرۇپ كىتمەن.چۇشلىرىمدىن ئويغانغىنىمدا بولسا ماڭا پەقەت كۆز ياشلىرىم ھەمراھ.
مەن تۇتقان قوللاردا سىلاپ چاچلارنى،
بىز يۇرگەن يوللاردا ئىلىپ باشقىنى.
ۋاپاسىز باغرى تاش بولدۇڭ ،ئاخىرى،
بىلۋال،سەن بەرىبىر مەندىن«ئاشقىنى».
توساتتىن ئۆزۈمدىكى تۇيغۇنىڭ ساقتىلقىنى ھېس قىلۋاتىمەن.كۆپىنچە تۇيغۇم مېنى ئالدىمايدۇ،مەن ھەممىدىن غالىپ ياشايمەن دەپ ئويلايتىم.خاتالاشقاندىمەن ئېھتىمال.بۈگۈن كۆزۈمنى يۇمۇپ تۇرۇپ سەن بىلەن بولغان بارىلىق ئالاقىنى ئۈزىۋەتتىم،بىلسەڭكى كاشكى مەن يىغلىۋەتكىلى تاسلا قالدىم،نەپسىم قېيىنلاشقاندەك بولدۇميۇ يەنىلا ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىپ ،ئۆزۈمنى بەزلەپ تۇردۇم.دۇنيادا سۆيۈلۈپ ھەم سۆيۈپ تۇرۇپ بەخىت مەنزىلىگە بىرگە يىتەلمەسلىكتەك ئازاپنىڭ قانچىلىك دەرىت-ھەسرەتلىك بولدىغىنى سەنمۇ ھېس قىلغانسەن بەلكىم.
كېتەر بولدۇڭ يايرىم يېراققا،
مەن ئۇزۇتۇپ قالدىم پىراقتا.
قىيالماستىن «خوش»دېدىم ئەپسۇس.
بىلگىن يەنە«كۆيىمەن»ساڭا.
كېتىۋەرگىن،جۇدۇندىكى ئاشۇ يوپۇرماقتەك ئاستا زىمىن قوينىغا تۆكۈلۈپ ،ئاستا-ئاستا تۇپراق قوينىغا سىڭىپ كېتەي...
چۈش كۆرۈپتىمەن،چۈشۈمدە سېنى غۇۋا كۆرۈپتىمەن،چۈشلىرىمدە سەن ماڭا زوق بىلەن قارىغۇدەكسەن،مۇڭدىشىپمۇ باقتۇق،سەن يەنىلا شۇنداق سالماق...
تاتلىق چۈشلىرىمدن بەكلا تېز ئويغىنىپ كەتتى.چۈشىمنى قايتا كۆرۈش نىسسپ بولسىدى ئويغانماسلىققا رازى ئىدىم.
بىز توغرا چۈشىنىشتۇق.مېنىڭ ئۇنچىلىك راسىت سۆزلىشىمنى،ھەممىنى قويماي دەۋىتىشىمنى ئويلىمغان بولغىيتىڭ ئېھتىمال.يۈرىگىم پۇچۇلنىپ كەتكەن.ساڭا دەۋالدىم.بەك تەس،بەك تەستە دېدىم.بىلسەڭچۇ كاشكى شۇ مېنۇتتا ئۆزۈمنى سەزمىگەن ھالدا كۆزۈمدىن نەچچە تامچە يىشىم تۆكۈلدى.بۇ ھەم ئازاپلىق،ھەم خۇشاللىق يېشى.يەلكەمدىن بىر تاش سىيرىلىپ چۈشكەندەك يىنىكلەپمۇ قالدىم.
يۈرەككە بۇيرۇق چۈشۈرۈش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس ئەزىزىم.بۇ پەقەت بىزنىڭ يۈرىكىمىزدىكى ئاشۇ ئوتلۇق ھېسلىرىمىزنىڭ بىزگە ئاتا قىلغانلىرى...
ئەركىن ياشايلى بولامدۇ...ئىسىڭدە بولسۇن ،مەن سېنىڭ كۈلكەڭ،كۈلۈپ ياشايمەن،ھەم ساڭىمۇ كۈلكە ئاتا قىلسام دەيمەن...
_شاتئاي_ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شاتئاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-25 10:24 AM
|