مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 436|ئىنكاس: 2

غۇر - غۇر شامال [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92783
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 712
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 10:43:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

维文

汉文

     
     
غۇر ـ غۇر شامال
     
ئابدۇۋەلﯽ ھۈسەيىن
   
ئادەملەرنىڭ مېجەز - خاراكتىرﯼ ئوخشاشمايدۇ، بەزىلەر سرتقا يىغىن ۋە ئۆگۈنىشكە بېرىشنﯽ بىر خىل دەم ئې‌لىش ،ساياھەت قىلىش،نەزەر دائىرسىنﯽ كېڭەيتىش ، سىرتنىڭ تەجىرىبىسىنﯽ ئۆگىنىشنىڭ ياخشﯽ پۇرسىتﯽ دەپ قارايدۇ ؛ بەزىلەر بولسابۇنىڭغا ئانچە قىززىقىپ كەتمەيدۇ .يىغىن ياكﯽ ئۆگۈنىشنﯽ تۈگۈتىپ قايتىپ كەلگىچە ئالدىراپ كۆزﯼ تۆت بولۇپ كېتىدۇ . بالا‌ - ۋاقىلىرىنﯽ ، ئەل ـ ئاغىينىلىرىنﯽ سېغىنىپ قاچانمۇ ئۆيگە بېرىۋالا‌رمىز دەپ يىغىن باشقۇرغۇچىسىنىڭ تاقىتىنﯽ - تاق قىلۋېتىدۇ . مەن ئىككىنچﯽ خىل مېجەز ـ خاراكتىرلىك كىشىلەر تىپىگە تەۋە ئادەم .قانداق چوڭ شەھەر ، قانداق كاتتا رېستۇرانلا‌ردا ھوزۇرلىنىشىمدىن قەئىينەزەر ھامان ئاددﯼ ئۆيۈمنﯽ ،دۇنيا خەرىتىسىدىن چىكىتچىلىكمۇ كۆرۈنمەيدىغان كىچىككىنە يۇرتۇمنﯽ سېغىنىپ ھېچنىمە كۆزۇمگە كۆرۈنمەي قالىدۇ .بېكار بوپ قالساملا‌ ئۆزەمنﯽ كارىۋاتقا تاشلىغىنىمچە ئىككﯽ ئالقىنىمنﯽ گەجگەمگە ئې‌لىپ يۇرتۇمدىكﯽ ھەربىر مەنزىرە، ھەر بىر تونۇش چىراينﯽ تەكرار - تەكرار كۆزئالدىمدىن ئۆتكۈزۈپ چىقىمەن .شۇڭلا‌شقا بۇ قېتىممۇ ئۈرۈمچىدىكﯽ يىغىننﯽ تۈگىتىپ‌ ئەتىسىلا‌ يۇرتقا قايتىدىغان ماشىنىنىڭ بېلىتىنﯽ ئې‌لىۋالدىم . تەلىيىمگە بۇ كۈن قىزىمنﯽ تەتىلگە قويىۋەتكەن ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالغاچقا ئىككىمىز ئەتىگەندىلا‌ ئاپتوۋۇزغا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قاراپ يولغا چىقتۇق . ئاتا - بالا‌ ئىككىمىزنىڭ كۆرۈشمىگىنىگە 3 ـ 4 ئاي بولغانلىقﯽ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇندىن بېرﯼ مۇشۇنداق بىرگە سەپەر قىپ باقمىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئاپتوۋۇزغا چىقىپ يۈك - تاقلىرىمىزنﯽ جايلا‌شتۇرۇپ قويۇپلا‌ ئەتراپىمىزدىكﯽ كىشىلەرگىمۇ قارىماي پاراڭغا چۈشۈپ كېتىپتۇق.مەن قىزىمغا ئۆزەمنىڭ ئۆگۈنىش ۋە خىزمەت ئەھۋالىمنﯽ، يۇرتتىكىلەرنىڭ قانداق تۇرىۋاتقانلىقﯽ ، كىملەرنىڭدۇ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىپ ، كىملەرنىڭ نەۋرە كۆرگەنلىكىنﯽ بىر - بىرلەپ تونۇشتۇردۇم . ئۇ ماڭا مەكتىپىنىڭ ئەھۋالﯽ بىلەن يېقىندىكﯽ ئې‌نگلزچە ئىمتىھان نەتىجىسﯽ ، بۇندىن كېيىن يەتمەكچﯽ بولغان نېشان ، غايىلىرﯼ توغرىلىق سۆزلەپ بەردﯼ . سىنىپىدا قانچە ئەلا‌چﯽ ساۋاقدىشﯽ بارلىىقىنﯽ ، ئۆزىنىڭ ئۇلا‌ردىن قايسﯽ دەرىسلەردە كېيىن ، قايسﯽ دەرىسلەردە ئالدىدا تۇرىدىغانلىقىنﯽ ، بۇ پەرقنﯽ تۈگۈتىش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنىڭ قوللا‌نماقچﯽ بولىۋاتقانلىقىنﯽ زوق - شوخ بىلەن چۈشەندۈردﯼ .ئې‌ھ ياشلىق ، سەن نەقەدەر پاك ۋە يالقۇنلۇق،نەقەدەر گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلا‌رغا تولغان - ھە !ئەنە مېنىڭ ئەمدىلا‌ 23 ياشقا كىرگەن قىزىم ئۆزىنﯽ ئۇنۇتقان ھالد ا كەلگۈسﯽ پىلا‌نىنﯽ زوق - شوخ بىلەن بايان قىلىپ بەرمەكتە ! بىلىمخۇمارلىقﯽ ، تىرىشچانلىقﯽ ۋە گۈزەل غايىلرﯼ بىلەن قەلبىمنﯽ زوق ۋە ھاياجانغا تولدۇرماقتا ؟ شۇنداق خىيال ۋە شىرىن سۆھبەت ئىچىدە ئې‌ھتىمال بىر يېرىم سائەت ئۆتكەن بولۇشﯽ مۈمكىن ، بىر چاغدا ئالدىمىزدىكﯽ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بىر ئايال بىزگە قاراپ گەپ ئې‌چىپ قالدﯼ 35. ـ 36 ياشلا‌ر چامىسىدىكﯽ ئاق پىشماق، ئوتتۇرا بوي، خۇش پىچىم كەلگەن بۇ ئايالنىڭ ئوزايىدىن خېلﯽ تەربىيە كۆرگەنلىكﯽ مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتﯽ. دېگەندەك ئۇ ئىسمىنىڭ AA بولۇپ، xxمەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسﯽ ئىكەنلىكىنﯽ، يولدىشىنىڭ مەلۇم بىر دۆلەت ئورگىنىدا ئىشلەيدىغانلىقىنﯽ ئې‌يتىپ بەردﯼ. بىز يېڭﯽ تونۇشقانلىقىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەپەرداش بولۇپ قالغانلىقىمىز ئۈچۈن پارىڭىمىز تەبىئىي ھ‌الدا يول بويىدىكﯽ شەھەرلەر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچﯽ ـ سىرتىدىكﯽ ساياھەت نۇقتىلىرﯼ ۋە تۇرمۇشتىكﯽ ھەۋەس - قىزىقىشلىمىز توغرىسىدا بولدﯼ . ئۇ بىر سىڭلىسىنىڭ ئىچكىرىدىكﯽ xx شەھىرىدە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنﯽ، ئۆزىنىڭ بىر نەچچە قېتىم يالغۇز بېرىپ ئۇنﯽ يوقلا‌پ كەلگەنلىكىنﯽ، ساياھەت قىلىشقا، يۇقىرﯼ ئىستىمالدىن بەھرىمان بولۇشقا ئامراقلىقىنﯽ، بەزﯼ چاغلا‌ردا ھەتتا ئۆزﯼ يالغۇز داڭلىق رېستۇران - ئاشخانىلا‌رغا بېرىپ ئې‌سىل تائاملا‌ردىن ھوزۇرلىنىپ كېلىدىغانلىقىنﯽ ئې‌يتىپ بەردﯼ . ئىقتىساد يېتىشىپ كەلسە سەيلﯽ - ساياھەت قىلىش، يۇقۇرﯼ ئىستىمالدىن بەھرىمان بولۇش ئەلۋەتتە ياخشﯽ ئىش، ئەمما بۇنىڭغا پۇل بولمىسا بولمايدۇ. پۇل بار دەپلا‌ ھەممىسىنﯽ خەجلەپ تۈگۈتىۋەتسەك يەنە بولمايدۇ. ئازىراق ئې‌شىنچىمىز بولمىسا كەلگۈسىدە پەرزەنتلىرىمىزنﯽ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقان ، تويىنﯽ قىلغان چاغدا قىينىلىپ قېلىشىمىز مۈمكىن.ئادەم دېگەن ھەمىشە ساق ئۆتىمەن دېيەلمەيدۇ، ئاغرىپ قالىدىغان ، ئۆز ئۆيىدە بولمىسىمۇ ئۇرۇق - تۇققانلا‌رنىڭ ئارىسىدا ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرﯼ يۈز بېرىپ قالىدىغان ئەھۋال بولۇپ قالىدۇ .گەپنىڭ راستىنﯽ ئې‌يتقاندا مەن داۋاملىق تۈردە مۇشۇنداق ئىدىيەنىڭ ئىسكەنجىسىدە ياشىغاچقا ساياھەت قىلىش ، ئالىي دەرىجىلىك رېستۇرانالا‌ردا تاماق يېيىش دېگەنلەرگە ئانچە قىززىقىپ كەتمەيمەن . دوستلىرىم ياكﯽ خىزمەتداشلىرىم بىلەن بېرىپ قالغاننﯽ ھېساپقا ئالمىغاندا ھازىرغىچە ئۆزەم يالغۇز ياكﯽ ئائىلەمدىكىلەرنﯽ ئې‌لىپ مەخسۇس ساياھەتكە چىقىپ باقمىدىم . ئالىي رېستۇرانالا‌ردا يالغۇز غىزالىنىپمۇ باققىنىم يوق . ئاتۇشتىكﯽ تۇققانلىرىم ئويناپ كېتىڭلا‌ر دەپ نەچچە قېتىم تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ تېخىچە ‹‹بوسۇغا داۋان›› دىن ئاتلىيالماي كېلىۋاتىمەن .ئۈرۈمچىدە ئۆيۈم بولغاچقا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزلىرىم شۇ يەردە تۇرىۋاتقاچقا يىلدا نەچچە قېتىم بېرىپ تۇرىمەن ،ئەمما ئاتۇشقا ئىككﯽ قېتىم ئۆلۈم ئىشﯽ بىلەن بارغاننﯽ ھېساپقا ئالمىغاندا مەخسۇس ئوينىغىلﯽ بېرىپ باقمىدىم .مەن ياش ، ئوقۇش تارىخﯽ ، ئۈنۋان، ئىستاژ قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ ئايالدىن ئۈستىن تۇرىدىغاندەك قىلىمەن ، شۇنداق تۇرۇقلۇق ‹‹ پىقسىقلىق ›› قىلىپلا‌ يۈرۈيمەن .ئەمما بۇ ئايالنىڭ ئىدىيەسﯽ مېنىڭكىدىن ئىلغار ، يۈرىكﯽ منېىڭكىدىن چو ڭ ئىكەن . ئەر - ئايال ئىككىسنىڭ مۇئاشﯽ قانچىلىكتۇ؟ زادﯼ قايسﯽ كىرىمﯽ بىلە ن ئۆزﯼ ئې‌يتىۋاتقان بۇ خىل ئىستىمالنىڭ ئې‌ھتىياجىدىن چىقىپ كېلىۋاتقاندۇ؟ ئۇلا‌رنىڭ يەڭ ئىچىدە ئالىدىغان مۇكاپاتﯽ جىقمۇ ـ يە ! ئۇنداق بولۇشﯽ مۈمكىن ئەمەس . تۈزۈم دېگەن ھەممە يەردە ئوخشاش، بىر يەردە مۇكاپاتنﯽ جىق بېرىپ ، بىر يەردە ئاز بېرىدىغان ياكﯽ پۈتۈنلەي بەرمەيدىغان ئىش يوق . ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپلەردە تېخىم شۇنداق .ئۇنداق بولسا بۇ ئايال نېمانچە گەپنﯽ چوڭ قىلىدۇ ؟مېنىڭ كاللا‌منﯽ مۇشۇنداق سۇئاللا‌ر چىرمىۋالدﯼ ، ئەمما سوراش ئەپسىز بولغانلىقﯽ ئۈچۈن ئۈن - تۈنسىز قاراپ قويۇش بىلەنلا‌ كۇپايىلەندىم، تەلىيىمگە ئۇ خۇددﯼ كۆڭلىمدىكىنﯽ بىلىۋالغاندەك بورتالا‌دا ئۈچ يۈرۈش، ئۈرۈمچىدە بىر يۈرۈش ئۆيﯽ بارلىقىنﯽ ، ھازىر بورتالا‌دىكﯽ ئىككﯽ يۈرۈش ئۆينىڭ ئىجارىسىنﯽ خەجلەۋاتقانلىقىنﯽ ئې‌يتىپ بەردﯼ .
    _
ئىككﯽ ئادەمنىڭ مۇئاشىغا ئىككﯽ يۈرۈش ئۆينىڭ ئىجارە ھەققﯽ قوشۇلسا ھەقىقەتەن تۇرمۇشنﯽ باياشات ئۆتكۈزگىلىﯽ بولىدۇ ، بىراق ئىككىڭلا‌رنىڭ مۇئاشﯽ بىلەن بۇنچە كۆپ ئۆينﯽ قانداق سېتىۋالا‌لىغانسىلەر؟ - دەپ سورىدىم مەن ئۇنىڭ تەخمىنەن 2مىليون يۈەنگە يېقىن قىممەتتە مۇقىم مۈلكﯽ بارلىقىنﯽ جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن .
     
ـ دەسلەپكﯽ ئۆينﯽ يېنىمىزدىكﯽ پۇلنىڭ كېمىگە بانكىدىن قەرز ئې‌لىپ سېتىۋالدۇق. بۇ ئۆينىڭ قەرزﯼ تۈگىگەندىن كېيىن يەنە شۇ ئۇسۇل بىلەن 2 ـ يۈرۈش ئۆينﯽ سېتىۋالدۇق. بۇ ئۆينىڭ قەرزىنﯽ دەسلەپ سېتىۋالغان ئۆينىڭ ئىجارە ھەققﯽ بىلەن قايتۇردۇق. مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئون نەچچە يىل ئىچىدىلا‌ تۆت يۈرۈش ئۆينىڭ ئىگىسﯽ بولۇپ قالدۇق.شۇندىن كېيىن‹‹ قوساق توق ، كۆڭۈل شوخ ›› دېگەندەك ھەرقانداق سورۇن ، ھەرقانداق جاي ۋە ھەرقانداق ۋاقىتتا يۈرۈكىم پۈتۈن، كۆڭلىم خاتىرجەم يۈرىدىغان، باشقىلا‌ردىن ھەممە جەھەتتە ئۈستىن تۇرىدىغاندەك ھېس قىلىدىغان بولدۇم - دېدﯼ ئۇ ئوچۇق - يورۇقلۇق بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ . ئاخىرىدا _ بۇنداق دېسەم بۇ ئايال پۇلغا بەك ئامراككەن دەپ قالماڭ .پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس ، ئەمما پۇل بولمىسا بەزﯼ ئىشلا‌رنﯽ قەتئىي ۋۇجۇدقا چىققارغىلﯽ بولمايدۇ. ئادەم تۇرمۇشتا قىسىلماي ئۆتىمەن دەيدىكەن پۇل تېپىشنىڭ ئې‌پىنﯽ بىلىشﯽ، پايدىسﯽ چىقىدىغانلىقىغا كۆزﯼ يەتكەن سودىغا يۈرەكلىك بىلەن مەبلەغ سېلىشﯽ، جىددىي ئې‌ھتىياج تۇغۇلغاندا بانكىدىن قورقماي قەرز ئې‌لىشﯽ كېرەك .بانكىدىن قەرىز ئالسا ئۆسۈمﯽ بىر قەدەر تۆۋەن ، تۇتىدىغان ۋاقتﯽ مۇقىم بولىدۇ ، شەخسىلەردەك ئادەمنﯽ خىجىل قىلىپ پۇلۇمنﯽ بەر دەپ كۈندە تېلفۇن قىلىپ ئالدىرىتىپمۇ يۈرمەيدۇ .بىلىش كېرەككﯽ سىز پۇلنﯽ ياخشﯽ كۆرمىسىڭىز ، پۇلمۇ سىزنﯽ مەڭگۈ ياخشﯽ كۆرمەيدۇ!دېگەن گەپنﯽ قوشۇپ قويدﯼ .
   
»سىز پۇلنﯽ ياخشﯽ كۆرمىسىڭىز پۇلمۇ سىزنﯽ مەڭگۈ ياخشﯽ كۆرمەيدۇ!›› بۇ نەقەدەر توغرا ئې‌يتىلغان گەپ - ھە! بىز پۇلنﯽ قانداق تېپىش ھەققىدە باش قاتۇرمىساق ۋە تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەرنﯽ قوللىنىپ پۇل تېپىش يوللىرﯼ ئۈستىدە ئىزدەنمسەك پۇل ئۆزلىگىدىن يانچۇقىمىزغا كىرىپ قالمايدۇ ، مۇئاشقىلا‌ قاراپ قالساق تۇرمۇشىمىز بىر خىل رېتىمدە يا ئاچ قالماي ، يا تويۇپ كەتمەي ئۆتىدۇ . ‹‹بالا‌ ـ قازا كۆرۈنىپ كەلمەس ، پۇت - قولىنﯽ ساڭگىلىتىپ ›› دېگەندەك ناۋادا بىرەر چوڭراق ئىشقا يولۇقۇپ قالساق ئې‌شىنچىمىز بولمىغاچقا خەقتىن قەرىز ئې‌لىشقا مەجبۇر بولىشىمىز مۈمكىن «. مەن مۇشۇلا‌رنﯽ ئويلىغانچە ئىختىيارسىز ھالدا مۇئاشلىقلا‌ر قانداق قىلغاندا چەكلىك مەبلەغدىن ياخشﯽ پايدىلىنىپ تۇرمۇشىنﯽ تېخىمۇ باياشاد ئۆتكۈزەلەيدۇ؟ قانداق قىلغاندا زامانغا لا‌يىق ئۆيﯽ ) داچىسﯽ ( ، ماشىنىسﯽ ، ئىجارە كىرىمﯽ بار ، پەرزەنتلىرﯼ كۆڭۈلدىكىدەك تەربىيە) چەتتە ئوقۇپ كىرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ( ئالغان دەۋرگە لا‌يىق گەرەژدانلا‌ردىن بولا‌لا‌يدۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە باشلىدىم :
   
ھەممىمىزگە مەلۇمكﯽ مۇئاشلىقلا‌ر ئىچىدە كىرىمﯽ يۇقىرىلا‌رمۇ، كىرىمﯽ تۆۋەنلەرمۇ ، دۆلەت ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغانلىرىمۇ، كەسپىي ۋە كارخانا ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغانلىرىمۇ، ئەمەل دەرىجىسﯽ ، ئۇنۋانﯽ يۇقىرىلا‌رمۇ، ھېچقانداق ئەمەل دەرىجىسﯽ ، ئۇنۋانﯽ يوقلا‌رمۇ بار. ئەمما ئومۇمىي گەۋدە جەھەتتىن ئې‌يتقاندا مۇئاشلىقلا‌رنىڭ كىرىمﯽ نىسبەتەن مۇقىم ، جۇڭگونىڭ ھازىرقﯽ سەۋىيەسﯽ بويىچە ھېساپلىغاندا ئۇلا‌رنىڭ كىشﯽ بېشﯽ ئوتتۇرىچە كىرىمﯽ دېھقان ـ چارۋىچىلا‌رنىڭكىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنداق بولسا زادﯼ قانداق قىلغاندا بۇ خىل ئەۋزەللىكتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئائىلە كىرىمىنﯽ ئاشۇرغىلﯽ ، مەبلەغ جۇغلا‌پ كەلگۈسىدە كۆرۈلۈش ئې‌ھتىمالﯽ بولغان تۈرلۈك خىرىسلا‌رغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنﯽ ھازىرلىغىلﯽ ، قىسقىسﯽ ياشاش مۇھىتىنﯽ تېخىمۇ ئەلا‌لا‌شتۇرۇپ تۇرمۇش سۈپىتىنﯽ تېخىمۇ ياخشىلىغىلﯽ بولىدۇ؟ بۇنىڭدا بىرىچنىدىن، ئىنچىكە ھېسابات بولۇشﯽ كېرەك. تۇرمۇشتا ئىنچىكە ھېسابات بولغاندا ئىقتىسادنﯽ باشقۇرۇشنىڭ ئې‌نىقلىق دەرىجىسﯽ يۇقىرﯼ كۆتۈرۈلۈپ ، كىرىم - چىقىمنﯽ تەڭپۇڭلا‌شتۇرغىلﯽ ، پۇلغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ـ چوڭ ئىشلا‌ر توغرىسىدا توغرا قارار چىقىرىپ »خاتا قۇرۇلۇش« ، ‹‹ تەكرار قۇرۇلۇش« ئې‌لىپ بېرىشتىن ساقلا‌نغىلﯽ ، ئەر - ئاياللا‌ر ئارىسىدا ئىشەنچ - ئىناۋەت كىرزىسﯽ پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنﯽ ئېلىپ ئائىلە ئىناقلىقىنﯽ ئۈنۈملۈك ئىلگىرﯼ سۈرگىلﯽ بولىدۇ. ئەمما ئىنچىكە ھېسابات قىلدىم دەپ بەكمۇ سىكە - پىيازلىق قىلماسلىق، زۆرۈر تېپىلغاندا پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي خەجلەشنﯽ بىلىش كېرەك، ئۇنداق قىلمىساق ئەل - جامائەت ئارىسىدا چۈپەي دەپ ئاتىلىپ قېلىشىمىز، باشقائائىلە ئەزاىرىىنىڭمۇنارازىلقىىنﯽ قوزغاپ قويىشىىمز مۈمكىن. ئىككىنچىدىن ، تېجەشلىك بولۇش كېرەك. تۇرمۇشتا تېجەشلىك بولۇش، بۇزۇپ - چاچماسلىق خەلقىمىزنىڭ ئې‌سىل ئەنئەنىسﯽ، شۇنداقلا‌ يەنە ئائىلىنﯽ گۈللەندۈرۈشنىڭ بىرخىل كاپالىتﯽ . شۇڭا مەن سىكە - پىياز ئەمەس دەپ ئىسراپخورلۇق قىلىشقا ، مۇدا قوغلىشىشقا ، ھەشەم - دەرەمگە بېرىلىشكە ، ئارتۇقچە قاتار چاي، ئولتۇرۇشلا‌رنىڭ قۇلﯽ بولۇپ قېلشقا بولمايد ۇ . بۇنداق قىلىشنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىغا زىيىنﯽ بولۇپلا‌ قالماستىن سالا‌مەتلىك، بالىلا‌رنﯽ تەربىيەلەش ، چوڭلا‌رنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئې‌لىش قاتارلىق جەھەتلەرد ىمۇ زىيىنﯽ ئىنتايىن كۆپ .بىلىىشىڭىزكېرەككﯽ سىزنىڭ مۇئاشىڭىزدا يالغۇز سىزنىڭلا‌ ئەمەس بەلكﯽ باشقا ئائىلە ئەزالىرىنڭ جۈملىدىن پەرزەنتلىرىڭىزنىمۇ ھەققﯽ بار.شۇڭا يانچىقىڭىزدىكﯽ پۇلىنﯽ خالىغانچە بۇزۇپ - چاچماسلىىقىڭىز كېرەك .ئۈچىنچىدىن ، ھاراق ـ شاراپقا ھەددىدىن ئارتۇق بېرىلمەسلىك كېرەك .قارىماققا ھاراق - شاراپقا ھەددىدىن ئارتۇق بېرىلىشنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىنﯽ باشقۇرۇش بىلەن ئانچە بەك ئالا‌قىسﯽ يوقتەك قىلسىمۇئەمەلىيەتتە ئۇلا‌ر ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن قويۇق ئالا‌قە بار. ھاراق ـ شاراپقا ھەددىدىن ئارتۇق بېرىلگەنلەر يانچۇقىنﯽ قۇرۇقداپ، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكﯽ نىشان - غايىلىرىنﯽ ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئىقتىسادىي كاپالىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زەئىپلىشىپ ئۆيدە ئائىلە باشلىقلىق سالا‌ھىتىنﯽ، جەمئىيەتتە كىشىلىك ئىززەت - ھۆرمىتىنﯽ يوقىتىدۇ.ئايالﯽ ۋە پەرزەنتلىرىنﯽ ئىقتىساتتىن قىسپ قويۇپ ھەمىشە ئۇلا‌رنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرايدۇ . شۇڭا ھاراق - شاراپنﯽ دوست تېپىش، ئىش بېجىرىش، كۆڭۈل ئې‌چىش ۋە دەم ئېلىشنىڭ قوشۇمچە ۋاستىسﯽ قىلىشقىلا‌ بولىدىكﯽ ، ھەرگىزمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكﯽ ئاساسىي ئىستىمالغا ئايلا‌ندۇرۇۋېلىپ ئائىلىنﯽ گۈللىنىشتىن، ئائىلە ئەزالىرﯼ بولۇپمۇ پەرزەنتلەرنﯽ بەختتىن مەھرۇم قىلىشقا بولمايدۇ. تۆتىنچىدىن، تاپا ـ تەنىلەرگە پىسەنت قىلماسلىق كېرەك. ئەتراپىمىزدىكﯽ بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ مۇئاشتىن باشقا كىرىمﯽ يوق، ئالىمادىس بېشىغا كۈن چۈشۈپ قالسا سېتىپ دەردىگە دەرمان قىلغۇدەك ئارتۇقچە مۈلىكىمۇ يوق. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلا‌ر پۇل تېپىپ ئائىلە كىرىمىنﯽ كۆپەيتىشكە قىزىقمايدۇ . ئەكسىچە شۇنداق قىلغان كىشىلەرنﯽ »نېمشقا ئۆلمەيدىغاندەك جېنىڭنﯽ قىينايسەن؟«،»ئۆلۈپ كەتسەڭ ئىككﯽ غۇلا‌چ يە ردە ياتىسەن، شۇنداق تۇرۇپ بۇنچىۋالا‌ مال - دۇنيا توپلىشىڭنىڭ نېمە ھاجىتﯽ ؟« دەپ مەسخىرە قىلىشىدۇ. مېنىڭچە جەمىيەت، ئائىلە، پەرزەنتلەر ئالدىدىكﯽ مەسئۇلىيىتىنﯽ ئې‌نىق تونۇيدىغان كىشىلەر بۇنداق تاپا ـ تەنىلەرگە پىسەنت قىلمالسىقﯽ ، كۆتۈرەڭگﯽ روھ بىلەن ئۆز ئىشىغا پۇختا بولۇپ ياشاش شارائىتىنﯽ كۈنسايىن ياخشىلىشﯽ كېرەك . پۇل ۋە مال - دۇنيا كۆپ بو‌لغاننىڭ نېمە زيىنﯽ بار ؟ كۆپ بولۇپ كەتسە ئۇرۇق - تۇققانلىرىمىز ئىچىدىكﯽ قېيىنچىلىقﯽ بارلا‌رغا ياكﯽ يېتىم - يېسىر ، ئاجىز - مېيىپلا‌رغا ياردەم قىلساق بولىدىغۇ! جەمىيىتىمىزدە مۇنداق ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرئازمۇ ! بەشىنچىدىن ، مۇئەييەن دەرىجىدە تېجارەت ئې‌ڭىغا ئىگەبولۇش كېرەك . بۇ مۇئاشلىقلا‌رنىڭ ئې‌شىنچا پۇلىنﯽ ئىشلىتىپ خىزمەتتىن سىرتقﯽ ۋاقىتلا‌ردا ئانچە - مۇنچە تىجرەت قىلىپ پايدا ئې‌لىشنﯽ بىلىشنﯽ كۆرسىتىدۇ. ئەمما مۇئاشلىقلا‌رنىڭ تېجارەت قىلىشﯽ مەخسۇس تېجارەتچىلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلا‌ر خىزمەت ئورنﯽ بار كىشىلەر بولغاچقا مەخسۇس تېجارەتچىلەردەك كۈنلەپ - ھەپتىلەپ يوقاپ كېتىپ ئالتاي ياكﯽ غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە قوي - كالا‌ يۆتكەپ ساتمايدۇ. نەچچە يۈز مو يەرنﯽ ھۆددىگە ئې‌لىپ ياز بويﯽ تېرىقچىلىق قىلمايدۇ. بېناكارلىق شىركىتﯽ قۇرۇپ قەۋەت - قەۋەت بېنالا‌رنﯽ سېلىپ پايدىسىغا ساتمايدۇ. ئەمما ئۇلا‌ر ئۆز خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك شەرتﯽ ئاستىدا ئەقلﯽ ۋە پۇلىغا تايىنىپ مۇشۇ ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىپ پايدا ئالسا بولىدۇ. مەسىلەن:بىرەر ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ ماشىنا ھەيدەيدىغانلا‌رغا ئايلىق ياكﯽ كۈنلىك ئىجارىگە بەرسە، 200 ـ 300 مو بوز يەر سېتىۋېلىپ ئې‌چىپ - ئۆزلەشتۈرگەندىن كېيىن كۆكىنﯽ ساتسا، 50 ـ 60 تۇياق مال قىلىپ ئادەم ياللا‌پ باقتۇرۇپ سەمىرىتىپ باھاسىغا چىققاندا سېتىپ پايدىسىنﯽ كۆرسە، ياكﯽ بولمىسا پايدىسﯽ ياخشﯽ بىرەر كارخانىغا پايچىك بولسا بولىدۇ. يېقىنقﯽ يىللا‌ردىن بۇيان ئۆي مۈلۈك سودىسىدىن كىرىدىغان پايدا خېلﯽ ياخشﯽ بولىۋاتىدۇ. بىز بىر يۈرۈش ئۆينىڭ ھازىرقﯽ باھاسىنىڭ 10 يىل ئىلگىرىكىدىن قانچە ھەسسە ئۆرلەپ كەتكەنلىكىگە قاراپ باقساقلا‌ بۇ نۇقتىنﯽ چۈشىنىۋالا‌لا‌يمىز. دېمىسمۇ جۇڭگو 1ملىيارد 350مليون نۇپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەت ، شنجاڭ ئې‌چىلىۋتقانۋ ە تەرەققىي قىىلىۋاتقان رايون . شىنجاڭنىڭ نوپۇسﯽ يوق دېگەندە يەنە 20يىل كۆپەيسە كۆپىيىدىكﯽ ھەرگىز تۆۋە نلەپ قالمايدۇ.ئېنىقكﯽ AAخانىم مۇشۇ نۇقتىنﯽ تۇنۇپ يەتكەن ھەم ئۆي مۈلۈك سودىسىغا مەبەلغ سېلىپ تېزلا‌ ئۇتۇق قازانغان. بۇلا‌ردىن باشقا يەنە پاي چېكﯽ ، فونت، تاشقﯽ پېرۋوت ، ئالتۇن ۋە تۈرلۈك تاش سودىسﯽ قاتارلىقلا‌ر بىلەن شۇغۇللىنىشمۇ مۇئاشلىقلا‌ر سىناپ باقسا بولىدىغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولﯽ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بۇنىڭدا چوقۇم دۆلەتنىڭ ئىقتىسادنﯽ ماكرولۇق تەڭشەش سىياسىتىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇش، ئې‌لىمىز ۋە دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ يۈزلىنىشىنﯽ يېقىندىن كۈزىتىش ۋە تەھلىل قىلىش، شۇنداقلا‌ يەنە مۇئەييەن دەرىجىدە ئې‌شىنچا مەبلەغكە ئىگە بولۇش، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش، خەتەرنﯽ ئالدىن سېزىش ۋە خەتەرگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنﯽ ھازىرلا‌رش كېرەك . ئەڭ مۇھىمﯽ بازارغا كىرىپ - چىقىش پەيتىنﯽ توغرا تاللا‌پ ئىمكانىيەت بار كۆپرەك پايدا ئې‌لىپ ، ئازىراق زىيان تارتىدىغان ئىشنﯽ قىلىش كېرەك . پۇرسەت ۋە ۋاقىت تاللىماي قارىغۇلا‌رچە بازارغا كىرسەك نەچچە يىل يىغقان دەسمايىمىزدىن بىر كۈندىلا‌ ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۈمكىن . پېقىرنىڭ پاي چېكﯽ بازىرﯼ يېڭىلا‌ سوۋۇشقا باشلىغان 2007 ـ يىلنىڭ ئاخىرىدىن دەم ئۆرلەپ ، دەم چۈشۈپ تۇرىۋاتقان2009 ـ يىللرىىغىچە بو‌لغان ئارىلىقتا ئىلگىرﯼ - كېيىن بولۇپ 45 مىڭ يۇەنلىك فوند سېتىۋېلىپ ھازرغا قەدەر دېرىنﯽ چىقىرالمايۋاتقانلىقىدەك ئاچچىق ساۋىقﯽ بۇنىڭغا ناھايىتﯽ ياخشﯽ مېسال بولا‌لا‌يدۇ. ئەگەر مەن ئەينﯽ ۋاقىتتا مۇشۇ پۇلغا بىر پارچە يەر ئې‌لىپ قويغان بولسام، ھازىر قانچىگە ساتار بولغىيتتىم؟ ھېچقانداق ئوقەت قىلماي بانكىغا قويۇپ قويغان بولساممۇھېچ بولمىسا ئۆسۈمىنﯽ بولسىمۇ پايدا ئالماسمىدىم؟
    _
جىمىپ كەتتىڭىزغۇ؟نېمە غەم بېسىۋالدﯼ ؟
    _
بايا سىز دېگەن گەپلەرنﯽ ئويلا‌ۋاتىمەن .
    _
قايسﯽ گەپنﯽ ؟
    _
سىز پۇلنﯽ ياخشﯽ كۆرمىسىڭىز پۇلمۇ سىزنﯽ مەڭگۈ ياخشﯽ كۆرمەيدۇ، دېگەن گەپنﯽ بولمامدۇ .
    _
ھەجەپ بۇ گېپىم سىزگە تاڭسىق ئاڭلىنىپ كېتىپتۇ .ياخشﯽ كۆرمىسە مەيلﯽ ئەمەسمۇ ؟ مۇئاشىڭىز يۇقىرﯼ تۇرۇپ نېمىدىن قورقاتتىڭىز ؟ مۇشۇ زىيالىيلا‌رنﯽ ـ زە! بىر نەرسىنﯽ بەكمۇ ئىنچىكە ئويلا‌پ كېتىپ ئۆزىگە ئارتۇقچە غەم يۈكلىۋالىدۇ .
    _
قىزلىرىم قوشماق ، بۇ يىل 23 ياشتىن ئاشتﯽ .ئۇلا‌رنىڭ تويىنﯽ قىلىش ، ئۆي ،خىزمەت مەسىلىسىنﯽ ھەل قىلىش دېگەندەك ئىشلا‌رنىڭ ھەممىسﯽ بىرلا‌ ۋاقىتتا قىستاپ كەلمەكتە . شۇ ئىشلا‌رنﯽ قانداق بىر تەرەپ قىلسام ياخشﯽ بولا‌ر دەپ بېشىم قېتىپ خىيالغا كېتىپتىمەن .
    _
ۋاي نېمىدىن قورقاتتىڭىز ، ۋاقتﯽ كەلگەندە ھەممە ئىش ئۆز يولﯽ بىلەن ھەل بولۇپ كېتىدۇ ...
    _
ئۇكام سىز بىلمايسىز ، مۇئاشقىلا‌ قارىغان ئادەمنىڭ يانچۇقىدا ئانچە كۆپ ئې‌شىنچىسﯽ بولمايدۇ .شۇڭا ...
    _
ۋاي قورقمىڭا ئاكا ، يامان قىينىلىپ كەتسىڭىز مېنﯽ ئىزدەڭ ، ياردەم قىلىمەن .
    _
ھا! ھا! ھا ! ......
    _
ھا! ھا! ھا ! ......
   
ئىككىمىزنىڭ كۈلكىسﯽ ماشىنا ئەينىكىدىن ئۇچۇپ چىقىپ چەكسىز ئىدىرلا‌رغا تاراپ كەتتﯽ .بۇ چاغدا چۈش قايرىلغان بولۇپ، بىز ئۈرۈمچﯽ - ئىلﯽ يۇقىرﯼ سۈرئەتلىك تاش يولىنىڭ ئۇتەي يول ئايرىش ئې‌غىزىغا كېپ ق‌الغان ئىدۇق .
   
ئەسلﯽ گەپكە كەلسەك شۇ قېتىمقﯽ سەپىرىمىز ناھايىتﯽ كۆڭۈللۈك بولدﯼ ، ئارىمىزدىكﯽ سۆھبەت خۇددﯼ سەھەرنىڭ غور - غۇر شاماللىرىغا ئوخشاش تەپپەككۈرىمنﯽ ئويغىتىپ ، مۇئاشلىقلا‌ر ئائىلە ئىقتىسادىنﯽ قانداق باشقۇرۇشﯽ كېرەك؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە بىر مۇنچە ئويلىنىشىمغا سەۋەپ بولدﯼ . كىرىمﯽ، ئائىلە يۈكﯽ ئوخشاش ئىككﯽ كىشىنىڭ بىرﯼ 10 ـ 20 يىلدىن كېيىن بايغا ئايلىنىپ كەتسە، بىرىنىڭ يەنىلا‌ شۇ سېرىقتال تۇرمۇشتىن قۇتۇلا‌لماسلىقىدىكﯽ سەۋەبىنﯽ چۈشەنگەندەك بولدۇم. بىرىنىڭ چېھرىدىن تەبەسسۇم كەتمىسە، بىرىنىڭ چېھرىدىن غەم - قايغۇ، مۇھتاجلىق يېغىپ تۇرىدىغانلىقﯽ ، بىرﯼ خاتىرجەم ھالدا ئۇ ئايدىن بۇ ئايغا ئۇلا‌شسا، بىرىنىڭ مۇئاش چىققىچە چىرايىنﯽ سارغايتىپ نەچچە ئادەمدىن قەرز سورايدىغانلىقﯽ ئىچىمنﯽ ئاچچىق قىلدﯼ . بىرﯼ روزىغارىدىن ئې‌شىنىپ قېيىنچىلىقﯽ بارلا‌رغا شەپقەت قولىنﯽ سۇنۇۋاتسا، بىرىنىڭ نومۇس ۋە ۋىجدان - غورۇر دېگەنلەرنﯽ بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ باشقىلا‌ردىن ياردەم سورايدىغان ھالغا چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقﯽ ئىدىيەمدىن زادﯼ ئۆتمىدﯼ . شۇنداق ئوي - خىياللا‌ر بىلەن بولۇپ كېتىپ 500 نەچچە كىلومېتىرلىق مۇساپىنﯽ قانداق تۈگىتىپ ، قاچانلا‌ردا مەنزىلگە كېلىپ قالغانلىقىمىزنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن. AA خانىم يولغا چىقىشتىن ئاۋال تېلېفون قىلىۋەتكەن چېغﯽ يولدىشﯽ كىچىك ماشىنىسىنﯽ ئې‌لىپ بېكەتتە ساقلاپ تۇرۇپتۇ. مەن بۇنﯽ كۆرۈپ »ئۇلا‌رنىڭ تۆت يۈرۈش ئۆيﯽ بولۇپلا‌ قالماي يەنە كىچىك ماشىنىسىمۇ باركەن - دە« دەپ ئويلىدىم. ئۇلا‌ر ئۇنىمىغىنىمغا قويماي قىزىم ئىككىمىزنﯽ ئۆيگە ئەپكەپ قويدﯼ . مەن ئۇلا‌رغا رەھمەت ئې‌يتىپ ئۇزۇتۇپ قويغاچ كىچىك بولسىمۇ خېلﯽ ئوبدانلا‌ ئىگىلىك تىكلىۋالغان بۇ پاراسەتلىك بىر جۈپ ياشقا تېخىمۇ زور ئوتۇقلا‌رنﯽ تىلىدىم !
   
2010ـ يىلﯽ دېكابىر


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sayramkizi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-25 10:49 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2880
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16594
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2543 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 08:19:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شامالنىڭ چىقىشىنى بىلگەن  توختىشىنىمۇ بىلەر....

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5075
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1266 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 10:50:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلىنايلى ئويلىنىۋاتىمىز ھەي ئويلىنىپمۇ بولغان ئوخشايمىز

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش