ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،
مەن مەنزىل گۇرۇپپىسىنىڭ دەسلەپكى قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولىمەن. گۇرۇپپىمىز دەسلەپتە ئېلكىتاب ئامبىرى شەكلىدە قۇرۇلۇپ، ھازىرغىچە كۆپچىلىككە ئاز-تولا ئەمگەك مېۋىلىرىنى سۇنۇپ كەلدى. بۇقېتىم بىز تورداشلارغا ئېلكىتابقا مۇناسىۋەتلىك بىر تەكلىپ بەرمەكچى ، ھازىر ئۇيغۇر تورلىرىدا ئېلكىتابلار كۆپ ، لېكىن نۇرغۇن ئېلكىتابلارنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ناچار، (مەسىلەن، بىۋاستە كىتابنى رەسىمگە تارتىش ئارقىلىق ياسالغان ئېلكىتابلار) ، ھەتتا، بەزى كىتابلارنى ئوقۇشمۇ تەسكە چۈشىدۇ.
شۇڭا، مۇشۇ بوشلۇقنى تولۇقلاش مەقسىتىدە گۇرۇپپىمىز ئەزالىرى مەسلىھەتلىشىپ مۇشۇ جەھەتتە خالىسانە خىزمەت كۆرسىتەلەيدىغان ئادەملەردىن بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ، ئىش تەقسىملەپ بىرەر ئىش قىلىش قارارىغا كەلدۇق. يەنى ئېلكىتاب نۇسخىسى سۈپەتسىز ياسالغان كىتابلارنى قايتىدىن كومپيۇتېردا بېسىپ چىقىمىز. بىر گۇرۇپپا 10 ئادەمدىن تۈزۈلۈشى مۇمكىن .بىر ئادەم بىر ھەپتىدە 10 بەتتىن 20 بەتكىچە مەزمۇننى كومپيۇتېرغا كىرگۈزسە 10ئادەم تەخمىنەن 1ئاي جەريانىدا 1 كىتابنى يېزىپ بولالايدۇ. «يالغۇز ئاتنىڭ چىڭى چىقماس» دېگەن گەپ بار، ئەگەر بۇ ئىشلارنى بىر ئادەم قىلسا ھەرگىز بىر باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ. شۇڭا تورداشلارنىڭ ئىچىدە مۇشۇ ئىشلارغا كۈچ چىقىرىش نىيىتى بار كىشىلەر بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. «تامار-تامار كۆل بولار» دېگەن گەپ بار. بىرلەشسەكلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق.
گۇرۇپپىغا قاتقاشقۇچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر:
1. كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە خەت باسالايدىغان بولۇشى كېرەك.
2. باسقان خەتنىڭ ئىملاسىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
3. ھەر قېتىم بېرىلگەن ۋەزىپىنى ۋاقتىدا تاماملىشى كېرەك.
4. مەنپەئەت تەلەپ قىلماسلىقى كېرەك.(چۈنكى گۇرۇپپىنىڭ مۇقىم كىرىمى يوق، شۇڭا ھەممەيلەن خالىسانە ھالدا كۈچ چىقىرىمىز. )
ئېلكىتاب قىلىپ ئىشلىنىدىغان كىتابلار ھەققىدە:
تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا پەقەت ئىلگىرى نەشىردىن چىققان، كونا، پايدىلىنىش ۋە ساقلاش قىممىتى بار دەپ قارالغان كىتابلارنى ئېلكىتاب قىلىپ ئىشلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ياسالغان ئېلكىتابلار كۆپىنچە توردا ھەقسىز تارقىتىلىدۇ.
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى :
چ چ : 846333585
(مەن بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز قالغان ئىشلارنى تەپسىلىي پاراڭلاشساق بولىدۇ، ئەگەر گۇرۇپپىغا قاتنىشىش نىيىتىڭىز بولمىسا ئاۋارە قىلماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. )
مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى ئادرىسى:
http://book.menzil.biz
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Uy_Boy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-25 01:14 AM