بىر دانە مەخپىي نومۇرى يوق ، 600مىڭ تۈەن پۇلىسى بار ئىناۋەتلىك كارتىنى بىر تىلەمچىگە بەرگەندىن كىيىن ...
مۇبادا بىر تىلەمچى سىزدىن پۇل تىلىسە ، سىز ئۇنىڭغا ئىناۋەتلىك كارتىڭىزنى بىرىپ ئۆزى خالىغانچە ئىشلەتسە بولىدىغانلىقىنى ئىيتىشىڭىز مۇمكىنمۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ مەخپىي نومۇرى يوق ، سوممىسى 600 مىڭ يۈەنلىك كارتا . شۇندق تىكىشىەلەيمەنكى سىز چۇقۇم ، پەقەت ساراڭلا شۇنداق قىلىدۇ دەيسىز .
بىز تۆۋەندىكى بۇ ھېكايىنى ئاڭلاپ ئۆتەيلى :
خارىس ئامرىكا نىيوۋ يورك شەھرىدىكى بىر داڭلىق ئىلان شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى (ئايال ) ، 2010-يىلى 8-ئايدا ئۇ بىر دوستى بىلەن بىر تاماقخانىدا تاماق بۇيرۇتۇپتۇ ، تاماق چىققۇچە بولغان ئارلىقتا دوستىنىڭ سىرتقا چىقىپ تاماكا چەككىسى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى بىرلىكتە سىرتقا چىقىپ پاراڭلىشىپ تۇرۇپتۇ .
بۇ ۋاقىتتا بىر ۋەيرانە سەرگەردان كىلىپ ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇپ : مىنىڭ ئىسمىم ۋولىندىن ، بۇ يىل 32 ياش ،ئىشتىن قالغىلى 3 يىل بولدى . ئامالسىزلىقتىن تىلەمچىلىك قىلىپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتىمەن .ئەگەر خالىسىڭىز ماڭا ئازراق پارچە پۇل بىرىپ ياردەم قىلغان بولسىڭىز دەپتۇ .
خارىس ئۇنىڭ تەلمۇرگەن كۆزلىرىگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئەلۋەتتە ياردەم بىرىشنى خالايمەن دەپتۇ ۋە يانچۇقىنى ئاختۇرۇپتۇ ، ئەپسۇس ئۇ يېنىدا نەق پۇل ئالمىغانلىقىنى ، پەقەت بىر ئىناۋەتلىك كارتا بارلىقىنى بىلىپتۇ ۋە قانداق قىلىشنى بىلەلمەي ئىككىلىنىپ قاپتۇ .
ۋولىندىن : ئەگەر سىز ماڭا ئىشەنسىڭىز بۇ ئىناۋەتلىك كارتىڭىزنى ماڭا بەرسىڭىز بولامدۇ ؟ دەپتۇ .
كۆڭلى يۇمشاق خارىس كۆپ ئويلانمايلا قوشۇلۇپتۇ ، لېكىن ھېلىقى تىلەمچى دەرھال كەتمەي ، خارىستىن سوراپتۇ : مەن ئارزراق تۇرمۇش بۇيۇمىدىن باشقا يەنە بىر قاپ تاماكا سېتىۋالسام بولامدۇ ؟ خارىس ئۇنىڭغا ، خالىغانچە خەجلىسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ ۋە دوستى بىلەن تاماق يىگىلى كىرىپ كىتىپتۇ .
ئون مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن خارىس سەل پۇشايمان قىلىشقا باشلاپتۇ . ئۇ دوستىغا : ئۇ كارتىنىڭ مەخپىي نۇمۇرى يوقلىقىنى ۋە ئىناۋەت دەرىجىسى بويىچە چىقىم قىلىشقا بولىدىغان پۇلدىن باشقا يەنە 100مىڭ يۈەن ئامرىكا دوللىرى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ . ئۇ چۇقۇم كارتىنى ئېلىپ تىكىۋەتتى دەپتۇ . دوستىمۇ ئۇنىڭدىن ئاغرىنىپ : سەنمۇ بەكلا ئاقكۆڭۈل ئىكەن سەن ، بىر تۇنۇمايدىغان ئادەمگە كارتىنى بەرگىنىڭ توغرا بولمىدى دەپتۇ . خارىسنىڭ كۆڭلى بەك يېرىم بوپتۇ ئاخىردا دوستى تاماق پۇلىنى تۆلىگەندىن كىيىن ئىككىسى تاقاقخانىدىن چىقىپتۇ .
كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغنى شۇكى ، ھېلىقى تىلەمچى ئىشىك ئالدىدا ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن ، ئۇ كارتىنى خارىسقا سۇنۇپ : مەن جەمىئى 25 دوللار خەجلىدىم ، ئازراق تۇرمۇش لازىمەتلىكى ۋە بىر قاپ تاماكا سېتىۋالدىم ، قېنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ دەپتۇ .
بۇ ئىشتىن تەسىرلەنگەن ئىككەيلەن تىلەمچىگە رەھمەت ئېيتىپ كىتىپتۇ ، تىلەمچى چۈشىنەلمەي ئۇلار ماڭا ياردەم قىلغان تۇرسا يەنە ماڭا رەھمەت ئېيتىۋاتىدىغۇ دەپ ھەيران قاپتۇ .
« نىيوۋيورك پوچتا گىزىتى » بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن جەمىئەتتە زور غۇلغۇلا قوزغاپتۇ . گېزىتخانا نۇرغۇنلىغان خەت –چەك ۋە تېلىفۇن قوبۇل قىپتۇ ، نۇرغۇن كىشىلەر ۋولىندىنغا ياردەم بىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ . تېكساس ئشتاتتىدىكى بىر سودىگەر خەۋەرنى كۆرگەندىن كىيىن ۋولىندىنغا 6000ئامرىكا دوللىرى ئەۋەتىپ ئۇنىڭ سەمىمىيلىكىنى مۇكاپاتلاپتۇ .تېخىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى بىر ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ۋولىندىنغا تېلفۇن قلىپ ئەگەر خالسا ئۇلارنىڭ شىركىتىگە كىلىپ ئىشقا چۈشسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ .
چەكسىز ھەيرانلىق ۋە خوشاللىق ئىچىگە چۆككەن ۋولىندىن مىننەتدرلىق بىلەن : « كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپ ئانام ماڭا تەربىيە قىلىپ ئادەم بولۇشتا چۇقۇم سەمىمىي بۇلۇشى ، گېپىدە تۇرۇشى كېرەك ، ھەتتا ھەممە نەرسەڭنى يوقىتىپ كوچىدا تىلەمچىلىك قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالساڭمۇ سەمىمىيلىكىڭنى يوقىتىپ قويماسىلىق كىرەك دەيتتى ، مەن بۇنچىلىك كۆپ ئادەمنىڭ ياردىمىگە ئىرىشەلىشىمدە ، مەن« سەمىمىي ئادەم چۇقۇم ياخشى جاۋابقا ئىرىشەلەيدۇ» دىگەن سۆزگە قەتئى ئىشەنگەنلىكىمدە دەپ قارايمەن دىگەن .
دوستۇم ، بەلكىم خارىس زىيادە ئاقكۆڭۈللۈك قىلغاندۇ ،ۋە ياكى «كاللىسىغا سۇ كىرىپ » ۋاقىتلىق ئەخمىقانە ئاڭ بىلەن بۇ ئىشنى قىلغاندۇ ، لېكىن بۇ ئىش ئارقىلىق بىز ۋولىندىننىڭ سەمىمىيلىك پەزىلىتىنى كۆرۈپ يەتتۇق . ئۇ سەمىميلىك بىلەن ياخشى كۈنگە ئىرىشتى . بىر تىلەمچىنىڭ سەمىمىلىك قىممىتى 600 مىڭ بولغان يەردە ، سىزنىڭ سەمىمىيلىك قىممىتىڭىز قانچىدۇ ؟
ئەلۋەتتە دۇنيادا پۇرسەتپەرەس ۋە پەس ئادەملەرمۇ بار ، لېكىن مەنپئەت ئالدىدا سەمىمىي كىشىلەر يەنىلا ئادەمنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ . كىچىك غەلبە ئەقىل ئارقىلىق كېلىدۇ ، چوڭ غەلبە ئەخلاق ئارقىلىق .
سەمىمىيلىك بارغانسىرى كەمچىل بولىۋاتقان بۇگۈنكى كۈندە ، بىر سەرگەردان تىلەمچىنىڭ سەمىمىي ئەخلاقى پەزىلىتى ئەلۋەتتە بىزنىڭ ماختىشىمىزغا ئەرزىيدۇ . بۇ گەرچە چەتئەلدە يۈز بەرگەن ۋەقە بولسىمۇ ئۇيغۇر جەمىئىتىدىمۇ ئوخشاشلا ساقلىنىۋاتقان سەمىمىيەت كىرزىسىگە نىسپەتەن مەلۇم جەھەتتە ئانالىز ماتىرىيالى بولالىشى مۇمكىن .
مەنبە : خەنزۇچە توردىن" ئىگىلىك ئۈندىدار سالونى" تەرجىمىسى . igilik