مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2729|ئىنكاس: 30

‹‹مېھىر كېچىسى››دە پارلىغان يۇلتۇز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 25521
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2621 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-24 08:11:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇستاز ئىدىم مۇنبەرلەردە كۆيگەنمەن ئەجەب،
ئوماق سەبىي غۇنچىلارغا بېرەتتىم شەربەت.
سۆز سېھرىگە مەپتۇن بولۇپ، ئانا تىلىمدا،
سەھنىلەرگە چىقتىم بۈگۈن ئۇرغۇپ مۇھەببەت.«

019.jpg


018.jpg


    بىر ئاق لالە سەھنىگە »ئۇچۇپ« چىقتى. كۆڭلىكىنىڭ ئاق لالىگە قونغان رەڭدار كېپىنەكنى ئەسلىتىدىغان جىيەكلىرى، تال - تال ئۆرۈمە چېچى ئۈستىدىن باستۇرۇپ كىيىۋالغان يارىشىملىق دوپپىسى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى مۇزىكا زالىغا لىق تولغان جۈپ - جۈپ كۆزلەرنى رام قىلسا، ئۇنىڭ ئۈنچىدەك ئاپپاق چىشلىرى ئارىسىدىن تۆكۈلۈۋاتقان مېھىرلىك سۆزلىرى ئۇلارنى ئىختىيارسىز ئالقىش ياڭرىتىشقا ئالدىرىتاتتى...


020.jpg


021.jpg


    شۇ كۈنى كەچ سائەت ئالتە يېرىمدا، گۈلئارە سادىر شېئىر، نەسىر دېكلاماتسىيە سەنئەت كېچىلىكى »ئەسسالام« نامىدىكى شېئىر دېكلاماتسىيەسى بىلەن رەسمىي باشلاندى. بۇ بىر كۇبلېت شېئىر ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ ئىخچام  بايانى بولۇپ قالدى. گۈلئارە سادىر توغرىسىدا ئاز - تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولغۇڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا، ئالدى بىلەن شۇ توغرىدا توختىلىۋالاي: گۈلئارە سادىر، ئۈرۈمچىدە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلدى. ئۇ ئەسلىي ئالىي بىلىم يۇرتى − شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەنزۇ تىل - ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، بىلىم تەشنالىرىنىڭ چاڭقاق دىلىغا شەربەت تامدۇرىدىغان مېھنەتكەش ئوقۇتقۇچىلىق سەپىرىگە قەدەم قويغان، ئەمما،... سەۋەبىنى گۈلئارە سادىرنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلايلى:

015.jpg


016.jpg



    − شىنجاڭ خىمىيە سانائەت ئىنستىتۇتىدا دەرس ئۆتۈۋاتقان مەزگىلىمدە، دوستلىرىمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئىشتىن سىرت تور بېتىدە رىياسەتچىلىك قىلدىم، ئىلگىرى بۇ كەسىپ بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغاچقا، مەندە بۇ ھەقتە كەسپىي بىلىم، تەجرىبىمۇ يوق ئىدى. كېيىنچە، مەن ئاستا - ئاستا رىياسەتچىلىككە قىزىقىپ قالدىم. ئەمەلىيەتتە، ئوقۇتقۇچىلىقنىمۇ ياخشى كۆرەتتىم، دەرس مۇنبىرىدە شۇنچىلىك ئىشتىياق بىلەن دەرس سۆزلەيتتىم. ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ بەرگەن باھالىرىمۇ ياخشى ئىدى. شۇغىنىسى، 2010 - يىلىنىڭ ئاخىرى 2011 - يىلىنىڭ باشلىرى مەندە رىياسەتچىلىككە رەسمىي مۇھەببەت قوزغالدى، رىياسەتچىلىككە مېھرىم چۈشۈپ قالغانىدى. مەن يەنە رىياسەتچىلىكنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ساپا، مۇكەممەل بىلىم قۇرۇلمىسى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنىمۇ تونۇپ يەتتىم. 2012 - يىلىنىڭ بېشىدا يۈرىكىمدە رىياسەتچىلىكتە قايتا ئوقۇش ئىستىكى ئوت بولۇپ يالقۇنجىدى. شۇ ئوت مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقتىن ۋاز كېچىپ، رىياسەتچىلىكتە ئوقۇشۇمغا سەۋەب بولۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ، شۇ يىلى ئەتىيازدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى چوڭلار مائارىپى ئىنستىتۇتىنىڭ دېكتور - رىياسەتچىلىك سىنىپىغا ئوقۇشقا كىردىم...

014.jpg


017.jpg


    ھاھ، ھاھ، ھاھ... ھې، ھې، ھې... تۆۋەندە، تاماشىبىنلارنىڭ كۈلكىسى، سەھنىدە گۈلئارە سادىر رىياسەتچىلىكىدە »قىزىقارلىق خەۋەرلەر«. بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرى ئۇلىشىپ تاماشىبىنلارنى ھېلى كۈلدۈرۈپ، ھېلى يىغلىتىپ، ھېلى ئويغا سېلىۋاتقان، ھېلى سۆيۈندۈرۈۋاتقان سەر خىل نومۇرلار گۈلئارە سادىرنىڭ رىياسەتچىلىك بىلىم باغچىسىغا قەدەم قويغىنىغا ئەمدىلا بىر يىلدىن ئاشقان »مايسا« ئىكەنلىكىنى تاماشىبىنلار يادىدىن كۆتۈرۈۋەتكەن بولسا، ئۇلارنىڭ ھەر بىر نومۇردىن كېيىن چېھرىدىن بالقىغان مەمنۇنلۇقى گۈلئارە سادىرغا ئۇنىڭ بۇ كېچىلىك ئۈچۈن بىر يىلدىن بۇيان تارتقان بارلىق جاپالىرىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، ھارغىن جىسمىنى پەيدەك يەڭگىل قىلىپ قويدى.

012.jpg


013.jpg


    11 - ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن كېيىن كېچىلىككە تەييارلانغان نومۇرلار ئاخىرقى قېتىم رېپىتىس قىلىنىۋاتاتتى. كېچىلىكنىڭ باش رېژىسسورى جۈرئەت ۋاھىت، مۇزىكا يېتەكچىسى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، گۈلئارە سادىرنىڭ ئۇستازلىرىدىن ئەخمەت، گۈلمىرەلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەر بىر نومۇر ئوڭۇشلۇق داۋام قىلىۋاتاتتى. نۆۋەت، »بېغىشلىما« غا كەلدى. گۈلئارە سادىر كېچىلىكنى ئۇيۇشتۇرۇشتا ئۆزىگە زور روھىي مەدەت بولغان مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئۇستازلىرى، دوستلىرىغا ئاتالغان مىننەتدارلىق بېغىشلىمىسىنى ئوقۇماقچى ئىدى. دەل شۇ چاغدا ئۇ ئۇشتۇمتۇت ئۆزىنى باسالماي ئۇزاققىچە يىغلاپ كەتتى. رېپىتىس ئاياغلاشقاندىن كېيىن، گۈلئارە سادىر مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
    − كېچىلىككە تەييارلىقنى باشلىغاندىن بۈگۈنگىچە جاپا ھەقىقەتەن كۆپ بولدى. بايا كۆردىڭىز، »مېھىر كېچىسىگە قەدەم قويغان ئەزىزلەر« دېگەن سۆز ئېغىزىمدىن چىقىشى بىلەن سېكۇنت ئىچىدە بىر يىلدىن بۇيان بېشىمدىن ئۆتكەن كېچىلىككە ئائىت ئىشلارنىڭ ھەممىسى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ، شۇنچىلىك ئەلەم ھېس قىلىپ كەتتىم. شۇ تاپتا، خىيال قىلساممۇ مېنى يىغا تۇتىدۇ.

011.jpg



    شۇ كۈن − كېچىلىك رەسمىي ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى، نۆۋەت »بېغىشلىما« غا كەلگەندە، گۈلئارە سادىر يىغلىمىدى، تۆۋەندە ئولتۇرغان تاماشىبىنلار ئۇنىڭ يەلكىسىنىڭ سەل - پەل سىلكىنگەندەك قىلغان نازۇك بەدەن تىلىدىن ئۇنىڭغا يىغا يامىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپلا قالدى، خالاس. ئارقىدىنلا ئۇلاردىكى بۇ تۇيغۇنى گۈلئارە سادىر يەنە ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بىلەن يېڭىپ كەتتى.

010.jpg


    ئەنە لەرزان رويال مۇزىكىسىنىڭ تەڭكەش قىلىشى بىلەن، گۈلئارە سادىر »مېھىر كېچىسى« ھەققىدە كۈيلەۋاتىدۇ، بۇ كېچىگە ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا - ئانىسىغا بولغان مېھرى، ئۇنىڭ ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈۋاتقان ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلىرىنىڭ ئەجرىگە بولغان مىننەتدارلىقى، ئۆزىنىڭ جەمئىيەت ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىگە بولغان بۇرچ تۇيغۇسى سىڭىپ كەتكەن. ئۇ »مېھىر كېچىسى« بىلەن سانسىز قەلبلەرگە مېھىر تەپتىنى يەتكۈزدى، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى كېچىلىكىنىڭ مۇزىكا يېتەكچىسى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى:

06.jpg


    − بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆز كەسپىدىن ئۆگەنگەنلىرىدىن خۇلاسە چىقىرىپ، ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ كېچىلىك ئۆتكۈزۈشى ناھايىتى زور كۈچ تەلەپ قىلىدۇ. ھېس قىلىشىمچە، كېچىلىكنىڭ بارلىق ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك گۈلئارە سادىر ئاساسەن ئۆزى چاپتى. رېژىسسور جۈرئەت ۋاھىت ئىككىمىز ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ھەقىقەتەن تەسىرلەندۇق. كېچىلىك ئۆتكۈزۈلۈشكە ئۈچ كۈن قالغاندا، ئۇندىدار سۇپىسى ئارقىلىق، ئۇنىڭ كېچىلىك ئۈچۈن تىكتۈرگەن كىيىم - كېچەك، خاتىرە كومپيۇتېر قاتارلىق نەرسىلىرىنى يىتتۈرۈپ قويغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. مېنىڭچە، ئۇ نەرسىلەر ئېلىپ كەتكۈچى پايدىلانغۇدەك نەرسىلەر بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما، كېچىلىكنىڭ جېنى ئىدى. جۈرئەت ۋاھىت ۋە باشقا ئۇستاز، ساۋاقداشلارنى قايىل قىلغىنى، ئۇ ئىككى كۈن ئىچىدە يىتكەن ماتېرىياللارنى قايتا تەييارلاپ، كىيىم - كېچەكلەرنى قايتا تىكتۈرۈپ ئۈلگۈرۈپتۇ. بۇ ئىش، ھەقىقىي بىلىم ئېلىش ئارزۇسىدا ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانداق ئوقۇشى، ئۆز غايىسى ئۈچۈن قانداق بەدەل تۆلىشى جەھەتتە بىر ياخشى ئۈلگە بولۇپ قالدى. كېچىلىكتىكى نومۇرلاردا ئالغا سۈرۈلگەن ئىدىيە بۇ يەرگە كېچىلىك ئۈچۈن قەدەم تەشرىپ قىلغانلار، شۇنداقلا بۇندىن كېيىن باشقا تاراتقۇ ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئاڭلىغان - بىلگەن، كۆرگەنلەر ئۈچۈنمۇ زور ئىجابىي تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ ئويلايمەن

08.jpg


تاماشىبىنلارنىڭ، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىنىڭ ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ بۇ قەيسەر ۋە ئىرادىلىك قىزغا قايىل بولۇپ ياڭراتقان ئالقىشى توختىماي ياڭرىغان ئىدى.

07.jpg


09.jpg


02.jpg


03.jpg


04.jpg


05.jpg


01.jpg


شۇ ئارزۇ-ئارمانلىرى بىلەن گۈلئارە قەلبىنى قەيسەر ئىرادىگە تولدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى، تاتلىق تەبەسسۇمى بىلەن ئەل قەلبىگە ئەڭ گۈزەل تۇيغۇلارنى بەخش ئېتىش ئۈچۈن توختاۋسىز ئىلگىرىلىمەكتە، سەھنىلەردە كۈيلىمەكتە، مېھىر – ۋاپا، ساداقەتتىن سۆزلىمەكتە، مۇھەببەتلىك يۈرىكى ئەل ئىشقىدا كۆيمەكتە. بىز ئۆز نامىمىزدىن ساۋاقداش گۈلئارەنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق، تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك تىلەيمىز.


مىسرانىم ئۇيغۇرچە ئۇنۋېرسال تور بېكىتى

2013- يىلى 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-24 08:18 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99189
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 814
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 814 سائەت
تىزىم: 2013-11-2
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-24 09:10:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا فېلىمىمۇ قوشۇپ يوللانغان بولسا نېمە دىگەن ياخشى بولاتتى - ھە ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96020
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 89
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2013-7-17
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-24 09:18:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ شىئىرنى ئاۋۇلار ئىيتىپتىمۇيە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75511
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4583
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 807 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2014-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-24 09:29:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىن ئالغۇ فىلىمىنى يوللاپ قويساڭلار يامان بولۇپ كېتەمىدى قىرىنداشلىرىم

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4225
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-24 10:38:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچىلىكنىڭ ئۇتۇقلۇق ئاخىرلاشقانلىقىنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن.  گۈلئارە سادىرغا راسلا قول قويدۇم. كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

نىمە يازىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97813
يازما سانى: 674
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1851
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 442 سائەت
تىزىم: 2013-9-13
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-24 10:57:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈلئارە ھەدەمنىڭ ئەسلى كەسپى خەن مىللىتى ئەدەبىياتى كەسپى ئىكەندە؟يارايسىز ھەدە
بۇ ھەدەمنىڭ ئاۋازىمۇ ئۆزىمۇ چىرايلىق ،قايسى تەلەيلىك يىگىت ئەۋالا سىزنى

قاغا قاق ئىتەر،ئۆز كۆڭلىنى شاد ئىتەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-24 11:05:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەيرەت شىجائىتىگە تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن… قىقەتەن سۆيۈندۇق…
باسقان يوللىرى راۋان قىلغان ئىشلىرى ئاسان بولسۇن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تارىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-24 11:09 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80054
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2231
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 569 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-24 11:38:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىرىن سىزگە گۈلئارە . .  .

دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىز

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-24 11:55:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىرىن . قىزلىرىمىز ئاپىرىن . پەخرلىنىۋاتىمەن .

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5368
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10186
تۆھپە نۇمۇرى: 387
توردا: 4400 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 12:34:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىرىن سڭزگە ئوماق سىڭلىم.يۈتتۈرۈپ قويغان ماتىرىياللىتىڭىزنىڭ كەچلىگىڭىزگە تەسىر يەتكۈزەلمىگىنىدىن بەكمۇ خوش بولدۇم.يارايسىز تېخىمۇ تىرىشىڭ.مىللىتىڭىز سىزنى قولللايدۇ.

ئەرلىرى زەيپانىلەشكەن ئەلنىڭ ،ئاياللىرى رەسۋالىشىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش