يېقىندا‹‹پىرېزدىنت بىلەن پادىشاھ ئۇچراشقاندا››ناملىق قىزىقارلىق فىلىم شىياڭگاڭدا قويۇلدى.بۇ فىلىمدە خەلىقئارا دېپلوماتىيىسىدىكى قىزىقارلىق ۋەقەلەر تەسۋىرلەنگەن.
دېپلوماتىيە سەھنىسىدە ئەڭ ئاددى بىر ئىشارەت،ئەڭ ئەقەللى بىر ئىشلارمۇ ئۇزاقنى كۆزلەپ،ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلىشپ ئاندىن ئېلىپ بېرىلىدۇ،چوڭقۇر مەناغا ئىگە دەپ قارىلىدۇ.شۇڭلاشقا، خاتا تەسىر بېرىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن دېپلوماتىيە سەھنىسىدىكىلەر ھەر بىر سۆز ھەركىتىگە ئىنتايىن دېھقەت قىلىدۇ.
ئەمما ئامېركا ياۋروپا خان جەمەتلىرىنىڭ نەزىرىدىكى مەدەنىيەتسىز رايون بولۇپ،دېپوماتىيە ئىشلىرىدا ناھايىتى قورقۇمسىز ۋە قائىدىسىزلىكى بىلەن دائىم ئۇ ‹‹نەسەبى ئىسىل زاتلار››نى ھەيران قالدۇرىدۇ.
ئادەتتە،يىراقتىن ئىسىل مېھمانلار كەلگەندە،ساھىپخان دائىم ھەشەمەتلىك كاتتا سورۇن تەييارلاپ ،ئىسىل نازۇ-نىمەتلەر بىلەن دۆلەت سىياپىتى ئۆتكۈزۈپ ئۇلارنى كۈتىۋېلىپ ،ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ.ئەمما ئامېركا دائىم تەتۈرىسىچە ئىش كۆرۈپ ،ئەزىز مېھمانلارنى كالتەك توپ ،قاقلىما كاۋاپ قاتارلىق ئاممىۋى ئۇسسۇللار بىلەن كۈتۈپ مېھمانلارنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويىدۇ.بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى بىر دۆلەتنىڭ شاھىنشاھىنى كالاسا بىلەن مىھمان قىلىش بولسا كېرەك.
خان جەمەتلىرىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇنداق قىلىقنى ئامېركا 1936-يىلى باشلىغان بولۇپ ،بۇ ۋەقەنىڭ باش قەھرىمانلىرى ئامېركا زۇڭتۇڭى روزۋېلىت ۋە ئەنگىلىيە پادىشاھى جورج ئالتىنچى.بۇ ۋاقىت ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ھارپىسى بولۇپ،ياۋروپانى ئۇرۇش ئىس-تۈتەكلىرى قاپلىغانىدى.ئەنگىلىيە كۈچلۈك دۈشمەنگە دۇچ كىلىپ،ئامېركىنىڭ قوللىشىشغا ئېرىشىش ئۈچۈن،جورج ئالتىنچى دېڭىز ئوكياندىن ھالقىپ ، دوسلۇق ئەلچىسى سۈپىتىدە ،ئامېركىدىن ئىبارەت يېڭى قۇرۇقلۇققا كىلىپ ،ئامېركا بىلەن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورناتماقچى بولىدۇ.
بۇ خىل ئامېركا-ئەنگىلىيە مۇناسىۋىتى ھازىر بىر ئاددى ئىشقا ئايلىنىپ قالغان بولسىمۇ،ئەمما ئەينى ۋاقىتتا ئىكى دۆلەت تېخى ئامېركا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ قالدۇرغان يامان ئاسارەتلىرىدىن تېخى تۇلۇق چىقىپ كېتەلمىگەن،مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىل بولغاچقا جورج ئالتىنچىنىڭ بۇ قېتىملىق دېپلوماتىيە سەپىرىنىڭ نەتىجىسىگە ئانچە ئىشەنچىسى يوق ئىدى.
پايتەخىت ۋاشىنگىتوندىكى زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ، ئۆزىنىڭ يېقىنىلىقىنى بىلدۈرۈش ۋە بىر ئازادە مۇھىتتا ئەركىن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن روزۋېلىت ئەنگىلىيە پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ خانىشىنى شەنبە-يەكشەنبىنى ئۆزىنىڭ شەھەر سىرتىدىكى قورۇقىدا ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلىدۇ.
بىر دۆلەتنىڭ شاھىنشاھى بولغان جورج ئالتىنچى ئادەتتە قىممەتلىك يىمەكلىكلەرنى يەپ
ئىسىل ئوردىلاردا تۇرۇپ ئادەتلەنگەچكە بۇ شەھەر سىرتىدىكى قورۇققا كىلىپ ئۇ ناھايىتى بىئارام بولىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇرۇن بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كۆڭۈلسىزلىك بولۇپ ئۆتكەچكە ئۇ روزۋېلىت مەندەك تەلىيى كاج كىلىپ ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ كەلگەن دۆلەت ئىگىسىگە قەستەن ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلايدۇ.
بۇ زىياپەت تېخى بىر دالا تامىقى زىياپىتى بولۇپ،مەخسۇس مۇزىكا ئەترەتلىرىمۇ تەكلىپ قىلىنماستىن ،بىر نەچچە ھىندىئان تاغ ناخشىلىرى ئېيتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغانىدى.تاماق تېخىمۇ ئوسال بولۇپ،تاماق تىزىملىكىدىكى نازۇ-نېمەتلەردىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايتتى.تاماق تىزىملىكىدە قېزا،مېۋە ئۇيۇتمىسى،كۆكتات سالات،سودا سۈيى ۋە پىۋە قاتارلىقلارلا بار ئىدى.ئاساسلىق تاماق پەقەت بىر خىللا بولۇپ ئۇ بولسىمۇ كالا باسا...سىز خاتا ئوقۇۋالمىدىڭىز ھەقىقەتەن كالاباسا..شاھ بىلەن خانىش ئىنتايىن ئوڭايسىزلىنىپ،قارىغاندا ساھىپخاننىڭ مەقسىدى بىزنىڭ يۈزىمىزنى تۆكۈش ئوخشايدۇ دەپ ئويلايدۇ.
خان جەمتىنىڭ نەسەبى ئىسىل،ئىش-ھەركىتى سالاپەتلىك بولۇپ،كالا باسانىڭ يىيىش ئۇسۇلى كۆرۈمسىز بولغاچقا ،ئۇلار ناھايىتى ئوڭايسىزلىنىدۇ.
خانىم قىزلار ئۈچۈن كالاباسا يىيىش ھەركىتىنىڭ ناھايىتى قولايسىز ئىكەنلىكىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خانىم تېخى دۆلەت ئانىسى.شۇنىڭ بىلەن ئېلزابىت خانىش ئوڭايسىزلىق بىلەن روزۋېلتتىن كالا باسانىڭ يىيىش ئۇسسۇلىنى سورايدۇ.روزۋېلت مەردانىلىك بىلەن:‹‹ئىنتايىن ئاسان ،كالاباسانى ئېغىزىڭىغا ئىتتىرىپ،تۈگىگىچە چايناۋەرسىڭىز بولىدۇ››دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.
ئاخىرىدا ئەنگىلىيە شاھى جائىدە-يوسۇننى قويۇپ،كالباسانى يىيىشكا باشلايدۇ.يىگەندىمۇ ناھايىتى مەززە قىلىپ يەپ يەنە بىرنى بۇيرىتىدۇ.
خانىشقا كەلسەك ئۇمۇ ۋىلكا ۋە پىچاق بىلەن بىر كالاباسانى پاك-پاكىز يەۋىتىدۇ.
ئەتىسى بۇ ھەيران قالارلىق كۆرۈنۈش نىيورۇك گېزىتىنىڭ باش بېتىگە بېسىلىپ،ئامېركا ئاممىسى ئارىسىدا ناھايىتى زور تەسىر قوزغايدۇ.ئامېركىلىقلار ئۆزىنىڭ ئىناۋىتى ۋە ئورنىنى پەش قىلماي،خەلىقمۇ ئېغىز تىگەلەيدىغان ‹‹كالاباسا››دىن ئىبارەت دۆلەت يىمەكلىكى بىلەن غىزالانغانلىقىدىن ئىنتايىن تەسىرلىنىدۇ.
كىيىن ئامېركا-ئەنگىلىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتتىپاقلىشىپ ،ناتسىست گېرمانىيىس ،ياپونىيە ،ۋە ئىتالىيە فاشىستلىرىغا ئورتاق تاقابىل تۇرىدۇ.
71يىلدىن كىيىن ،2010-يىلى6-ئايدا،ئوباما ۋە روسسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋىجېف سۆھبەتتە بولىدۇ.سىزنىڭچە ئامېركا زۇڭتۇڭى بۇ ئەزىز مېھماننى قانداق كۈتۈۋالغاندۇ؟جاۋابى ھەشەمەتلىك مېھمانخانا ياكى مىچېلىن مېمانخانىسى ئەمەس بەلكى ئادەتتىكى بىر ھامبورگ دۇكىنى.
ئوباما بىر ھامبورگ،پىشلاق،پىياز،پەمىدۇر،ئوسۇڭ،تۇزلانغان تەرخەمەكۋە بىرپوتۇلكا قىزىل چاي بۇيرىتىدۇ.مېدۋىجېف بىر ھامبورگ،پىشلاق،پىياز،موگو ،مىكسىكا مۇچى ۋە بىر پوتولكا كولا بۇيرىتىدۇ.ئىككەيلەن تېخى بىر كىشىلىك ياڭيۇ قەلەمچىسىنى بۆلۈشۈپ يىيىشىدۇ.ئىككەيلەن كاستۇملىرىنى سېلىۋېتىپ،كۆينەك بىلەن ئولتۇرغانىدى.ئوباما ئادىتى بويىچە ئىككى يېڭىنى تۈرىۋېتىپ،ئىشتىھا بىلەن يىيىشكە باشلايدۇ.مېدىۋىجېف بولسا روسىيە مۆتىۋەرلىرىگە خاس سالاپىتىنى ساقلاپ يېڭىنى تۈرمەيدۇ.ئىككەيلەن قارىشىپ ئولتۇرۇپ،بىر تەرەپتىن ھامبورگ يىگەچ بىر تەرەپتىن ياندىلى تەرجىماننىڭ ياردىمىدە سۆھبەتلىشىدۇ.ئاخىرىدا ئوباما مەرتلىك بىلەن تاماق پۇلىنى تۆلىۋېتىدۇ.
ئامېركىلىقلار ئادەمنى راستىنلا ھەيران قالدۇرىدۇ.
مەنبە:ياشلار سالونى
خەنچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :مايماق