|
|
|
|
23-نۇيابىر، 3- نۆۋەتلىك ئاسىيا 16 ياشلىقلار ئاياللار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى سرىلانكا پايتەختى كولومبو شەھرىدە باشلاندى. جۇڭگۇ دۆلەت 16 ياشلىقلار ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە كونا رەقىبى كورىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. تۆت چارەك مۇسابىقە ئارقىلىق ئاخىرى جۇڭگۇ كوماندىسى 82-50 چوڭ نۇمۇر پەرقى بىلەن كورىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ تۈنجى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۇردى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە جۇڭگۇ كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، ئۇيغۇر قىزى دىلارە دىلشات پۈتۈن مەيدان بۇيىچە ئەڭ يۇقۇرى بولغان 16 نۇمۇر، 11 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ خاۋىن چىئەن 16 نۇمۇر، 13 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ گوزىشۇۋەن 15 نۇمۇر،6قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ۋاڭ خەي مىي 11نۇمۇر،5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جاڭ مەن مەن 15 نۇمۇر،6 قىتىم ياردەمچى پاس بەردى . گاردىن قايتقان توپ ئىلىش جەھەتتە جۇڭگۇ كوماندىسى 55-23 نەتىجە بىلەن مۇتلەق ئۈستۈنلكتە تۇردى.
بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا ياشلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى 23-نۇيابىردىن 30-نۇيابىرغىچە سرىلانكا پايتەختى كولومبو شەھرىدە ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇ مۇسابىقىدە ئالدىنقى ئىككىنچىلىككە ئىرىشكەن ئىككى كوماندا ئاسىيا قىتئەسىگە ۋاكالىتەن كىلەر يىلى 7-ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە ئۆتكۈزىلىدىغان17 ياشلىقلار دۇنيا ياشلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بۇلىدۇ.
جۇڭگۇ كوماندىسى نۇيابىر ئۈرۇمچى ۋاختى 30؛15 دە ھىندىستان كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
|
|
|
|
|
|