سەئۇدى ئەرەبىستان باھارىمۇ؟ ئاپتورى: تارىق ئوسمان (مىسىر) تەرجىمىدە: نەپرەت (گۈدۈك ID:20)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- I3 k' \3 q i( ~9 [' r7 Hئېلكىتابىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 ^! v. R7 L& c/ X5 b/ Sئاڭلاشلارغا قارىغاندا 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ بېشىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى فايسال يۇقىرى دەرىجىلىك خان جەمەتى ئەزاسىغا كۆڭلىدىكىنى ئاشكارىلاپ، بۇ دۆلەتنىڭ پەقەتبىر ئەۋلاد كىشىلەر ئارقىلىقلا «تۆگە مىنىدىغان مىللەتتىن كادىلاكقا ئولتۇرىدىغان مىللەتكە ئايلاندى...يەنە بىر ئەۋلاد ئۆتسىلا يەنە تۆگە مىنىدىغان مىللەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن»دېگەن. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە يۈز بېرەيلا دەپ قالدى. ئۇزۇندىن بۇيان، سەئۇدى ئەرەبىستان ئىزچىل ئەرەب دۇنياسىدىكى ئەڭ ئۆلۈك جەمئىيەت بولۇپ كەلدى. سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن غەربنىڭ مۇناسىۋىتى، بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەرەب باھارى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا داۋالغۇشى سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىر توپ ئاياللارسەئۇدى پادىشاھىنىڭ ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشىنى چەكلەش پەرمانىنى رەت قىلدى، بۇ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جاھىل ئەنئەنىسىدىكى ئەڭ يېڭى مەنزىرىدۇر. سەئۇدى ئەرەبىستان يەنىلا ئەڭ چوڭ ئەرەب ئىقتىسادىي گەۋدىسى، دۇنيادا ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان نېفىت ئىشلەپ چىقارغۇچى ۋە ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەت، سۈننىي مەزھىپىدىكى ئىسلامنىڭ قوغدىغۇچىسى، ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سىياسىي تەسىرى يېقىنقى يىللاردا زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتى. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ بېشىدىن 21-ئەسىرنىڭ بىرىنچى 10 يىلىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ئىزچىل پان-ئەرەبىزم سىياسىي سەھنىسىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى بولۇپ كەلدى، رىياد ۋە جىددەدىكى سارايلار پۈتكۈل ئەرەب دۇنياسىدىكى سىياسىي داھىيلارنى جەلپ قىلىپ كەلدى. ئەمما بۇ سارايلارنىڭ قوبۇلخانىلىرىنىڭ بوسۇغۇسىنى بۈگۈنكى كۈندە توپا بېسىپ كەتتى. قاتار ئۆزىنىڭ تېگى يوق بايلىقى ۋە ئومۇميۈزلۈك دىپلوماتىيىسى، مەبلەغ ۋە مېدىيە ئىستىراتىگىيىسى ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ھەر قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق توقۇنۇشىدا ھەل قىلغۇچ كېسىم چىقارغۇچى بولۇپ قالدى. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سىياسىي تەسىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان دۆلەتنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇش تۇيغۇسىنى قوزغىدى. پادىشاھ ئابدۇللاھنىڭ ئىسلاھات تەدبىرى، بولۇپمۇ ئاشقۇن مۇتەئەسسىپ ۋەھابى-سالافى مەزھىپىدىكى دىنىي كۈچلەرنى چەكلەش تەدبىرى ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يوقاتتى، ئىككى ۋەلىئەھىدنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قارا سايە تاشلىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىرى يەنىلا زور مىقداردىكى نېفىت كىرىمىنى نۇقتىلىق پاراۋانلىق ۋە ئىناۋەت تۇرغۇزۇش تۈرىگە ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەنىڭ قوللىشىنى سېتىۋالالايدۇ، ئەمما كەڭ دائىرىدە نامراتلىق ۋە ئېغىر باراۋەرسىزلىك ئىزچىل مەۋجۇت. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، نېفىتى مول شەرىقىە ئۆلكىسىدىكى شىئە مۇسۇلمانلىرى قوزغىلىپ ھاكىمىيەتكە قارشى نامايىشنى چەكلەش پەرمانىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يەمەن شىئە مۇسۇلمانلىرىنىڭ خوسىس ئارمىيىسىگە قاراتقان ھەرىكىتىمۇ مۆلچەردىكىدىن تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت سەرپ قىلدى، غايەت زور چىقىم قىلدى. بۇنداق ۋەزىيەتتە، سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىرى ئېنىقلا ئۆتكەن 30 يىلدا ئۇلاررەھبەرلىك قىلغان خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى ۋە ئەرەب تەرتىپىگە قارىتىلغان بۇزغۇنچىلىقتىن ئىنتايىن ئەنسىرەيدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان ۋاھابىزىم (خان جەمەتىگە دىنىي ئەھكامغا ئاساسەن مۇتلەق ھوقۇق بېرىلگەن) غا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قانۇنلۇقلۇقنى ھەقىقىي ۋەكىللەر تۈزۈمى ئۈستىگە قويىدىغان سىياسىي ئىسلامنىڭ يېڭىلىق يارىتىش شەكلى بىر ئىستىراتىگىيىلىك تەھدىتتۇر. 2012-يىلى،سەئۇدى جەمەتى بۇ كۆپلىگەن خىرىسلارغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلدى. پادىشاھ ئابدۇللاھ مۇداپىئە، ئىچكى سىياسەت، دىپلوماتىيە ۋە ئاخبارات تارماقلىرىدا زور خادىم تەڭشەش قىلىپ، تەجرىبىسى مول ئىككى شاھزادە 20 نەچچە يىل ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان باندار بىن سۇلتان ۋە ئۇزۇن مۇددەت دۆلەت ئارمىيىسى قوماندانى مىتەب بىن ئابدۇللاھقا كەڭ ھوقۇق بەردى. ھۆكۈمەت ئامال قىلىپ چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ كۆپ خىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. سەئۇدى جەمەتىنىڭ بىر قىسىم تارماق سىستېمىلىرى پۇقراۋى ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ (گەرچە ناھايىتى ئېھتىياتچان بولسىمۇ)، ئۇلارنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كەلگۈسىگە ئالاقىدار سۆزلىشىشكە قاتناشتۇرماقچى بولدى. بۇنىڭدىن سىرت، سەئۇدى ئەرەبىستان ئىرانىڭ ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى تەسىر كۈچىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئىراق، ئىئوردانىيە ۋە لىۋاننى قوللاشنى كۈچەيتتى ھەمدە ئەمەلىيەتتە سۇرىيە قوزغىلاڭچىلىرى ۋە توپىلاڭچىلىرىغا مەبلەغ، قورال-ياراق ۋە قوماندانلىق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالدى. سەئۇدى ئەرەبىستان يەنە مىسىر پرېزىدېنتى مورسىنى ئاغدۇرۇش تاشلاشنى قوللاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق سىياسىي ئىسلامنىڭ شىمالىي ئافرىقىدا قەد كۆتۈرۈشىنى چەكلىدى. بۇنىڭدىن سىرت، سەئۇدى ئەرەبىستان يەنە ئاكتىپ ۋە پاسسىپ ئىككى جەھەتتىن تەڭ تۇتۇش قىلىپ يەمەن خوسىس توپىلاڭچى ئارمىيىسىنىڭ تەھدىتىنى ھەل قىلدى. ئەممابۇ سىياسەتلەر سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى دۇچ كەلگەن خىرىس، يەنى بايلىقىنىڭ كۈنسېرى خوراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھەل قىلالمايدۇ (ئەمەلىيەتتە، 2030-يىلغابارغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئېنېرگىيە ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت بولۇپ قالىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى). نۇرغۇن ئىقتىسادىي تارماقلىرىدا رىقابەت كۈچى كەمچىل بولغانلىقتىن ھەمدە مائارىپ سىستېمىسى ياخشى بولمىغانلىقتىن، سەئۇدى ئەرەبىستان نوپۇسى (%70 نوپۇسنىڭ يېشى 35 ياشتىن تۆۋەن) كېيىنكى نەچچە يىلدا پارتلاش خاراكتېرىدىكى ئىشسىزلىق دولقۇنىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. نۇرغۇن سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلار پۇرسەتنىڭ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى؛ گەرچە تارىختىكى ئەڭ چوڭ سۇيۇق بايلىققا ئىگە بولسىمۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنالمىدى. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ غايەت زور بۇرژۇئازىيە سىنىپى خارابلىشىۋاتقان ۋەزىيەتكە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، پارلامېنتلىق سىياسىي تۈزۈمنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. مەسىلە سەئۇدى ئەرەبىستان دۇچ كەلگەن ئاسانلا كۆزگە چېلىقىدىغان خىرىس ئىزچىل سىرلىق ھالەتتىكى ھۆكۈمەتنىڭ خېلى يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئۇيۇشۇش كۈچى بار يۇقىرى قاتلام تەشكىللىشىگە باغلىق. دەل مۇخبىر كىرستىئان كارىيل (Christian Caryl) نىڭ:«تارىخ ۋە ئىقتىسادىي شارائىت بىر دۆلەتنى مەلۇم بىر يولدا ماڭدۇرۇشى مەزكۇر دۆلەتنىڭ سىياسىئونلىرى بۇ نۇقتىنى چوقۇم قوبۇل قىلىشنى قارار قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ» دەپ ئېيتقىنىدەك ئىدى. ئەگەر يەنىلا كەسكىن ھەرىكەت قىلالمىسا، سەئۇدى ئەرەبىستان ناھايىتى ئاسانلا قايتۇرغىلى بولمايدىغان زاۋاللىققا پېتىپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئىقتىساد پەيدىنپەي ھالسىزلىنىدۇ، خان جەمەتىنىڭ ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەنىڭ قوللىشىنى داۋاملىق سېتىۋالمىقى تەسلىشىدۇ، شەرق ۋە جەنۇبىي قىسىمدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇزىغا زەربە بېرىش ئىقتىدارى بولىدۇ. بۇ ئېھتىمال ۋە ھابىلارنىڭ دىنىي ۋەسىياسىي ئەقىدىلىرىنىڭ ياشلاردىكى بازىرىنى يوقىتىپ، ھاكىمىيەتنىڭ ئىچكى كۈرىشىنى ئۇلغايتىشى مۇمكىن. ئەڭ ئاخىرىدا، پادىشاھ ئابدۇللاھ (ئۇبدۇلئەزىز بىن سەئۇد) 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىكى سەئۇدى پادىشاھلىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشلىرى گۇمران بولىشى مۇمكىن، ئۆتكەن 80 يىل ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك بۆلۈنمە تارىخىدىكى باشقىچە بىر دەۋر بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئاقىۋەت يەمەن ۋە باشقا دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرىنى ئىدارە قىلغىلى مۇمكىن بولمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى، نۆۋەتتە لىۋەنتتە يۈزبېرىۋاتقان سۈننىي-شىئە توقۇنۇشىنىڭ پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىنى قاپلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەمما يەنە بىر ئېھتىماللىق بار. يېڭى بىر ئەۋلاد سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىرى ئاشكارا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تۈزۈمى ئاساسىدا ھەقىقىي پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇش بۇرۇلىشىغا باشچىلىق قىلىشى مۇمكىن. تېخىمۇ پارلامېنتلىق تۈزۈم ماھىيىتىگە ئىگە ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىغا كۈچلۈك ئىقتىسادىي رىغبەتلەندۈرۈش قوشۇلسا، ياشلارنىڭ ئىجادچانلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بۇمۇساپىدىكى كەلگۈسىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇمەنزىرىنى ئەڭ يېڭى كىنو «ۋادجدا»دىن تاپقىلى بولىدۇ. بۇ كىنونى سەئۇدى ئەرەبىستان ئاياللىرى سىنارىيەلەشتۈرگەن، ئىشلىگەن ۋە رېژىسسورلۇق قىلغان، بىر ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپىدىن بولغان ئائىلىدىكى ياش قىزنىڭ ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش داۋامىدا ئىجتىمائىي ئەنئەنىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، قامالنى بۆسۈپ چىققانلىقى تەسۋىرلەنگەن. ئەگەر بۇ قىز سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كەلگۈسى بولمىسا، ئۇنداقتا بۇ دۆلەتنىڭ كەلگۈسى يوق.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 ~, U% j6 A( i/ J9 |( Hمەنبە: ئوكيان تورى؛ ئاپتورى تارىق ئوسمان مىسىر يازغۇچىسى، سىياسىي ئىقتىسادشۇناسى ۋە ئوبزورچىسى. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) c% [' {' ~7 k, z, s3 |
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-24 01:22 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ W4 u/ y5 C, a- J
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ l. |) I. z( U9 c. U5 Q
|