bozqir يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 01:09 AM 
ئىسلامىي نۇقتىدىن يەھۇدىيلارنى ئۆچ كۆرۈدىغان ئىش بولس ...
بوز قىر ئەپەندى ، بۇ سۇئال بۇ تىما ئۈچۈن ئارتۇقچە كەتتىمۇ قانداق ؟! يەھۇدىلەر ئارىسىدىن ئەڭ كۆپ پەيغەمبەر چېققان قەۋېم ، ھەم شۇنداق تۇرۇپمۇ ئەڭ كۆپ ئاللاھقا ئاسى بولغان قەۋېم . ئاللاھقا ئاسى بولغان كىشى ئەلۋەتتە ئىسلامغىمۇ ئاسى بولغان بولىدۇ ، ئەجىبا سىز بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى ئويلاپ يەكۈنلەپ باقمىدىڭىزمۇ ، قاچانلاردىن بالىلارنىڭ قىلغان گۈناھلىرى ، ئاتا بوۋېلىرىغا ئارتىلىپتىكەن ، بىر قەۋېم ئىچېدىكى يامانلارنىڭ گۇناھى شۇ ياخشىلارغىمۇ ئارتىلامدۇ ؟ بۇنداق يىغىنچاقلاپ ئەكەلسەك بولارنىڭ يەھۇدىلار ۋە ئەرەبلەرنىڭ ئەجدادلىرى ئاندىن پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ ئەجدادلىرى بىر ئەمەسمۇ ؟
مەن كۆرگەن ماتىريالدا يەھۇدى ئايرىم ئاتالغۇ بەنى ئىسرائىل ئايرىم ئاتالغۇ دەپ كۆرگەن ، يەنى بەنى ئىسرائىل ئىبراھىم ئەلەيھىسالامنىڭ ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسالامنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆرسەتسە يەھۇدى ياقۇپ ئەلەيھىسالامنىڭ ئوغلى يەھۇدا نىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆرسىتىدىكەن . مۇسا ئەلەيھىسالام بەنى ئىسرائىل دىن يەھۇدىلار دىگەن ئاتالغۇ مەيدانغا كىلىشتىن ئىلگىرى پەيغەمبەر بولغان
بەنى ئىسرائىل ،يەنى يۈسۈپ ئەلەيھىسالامنىڭ قىرىنداشلىرى كەنئاندىن مىسىرغا كىلىپ ئولتىراقلاشقاندىنكىيىن ئۇيەردە يەرلەشتى، ۋە كۈپۈيۈپ ھەبىر جەمەت كىشىلىرى شۇ ئون ئىككى قىرىنداشنىڭ نامى بىلەن ئاتالدى ، مۇسا ئەلەيھىسالاممۇ ئۇلارنى پىرئەۋۋېننىڭ زۇلۇمىدىن ئىلىپ چېققاندىمۇ ئۇلار 12 قەبىلە ئىدى . يەنى شۇ ياقۇپ ئەلەيھىسالامنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرى بىلەن ئاتالغان قەبىلىلەر . ئاللاھ تائالا بەقەرە سۇرۇسىنىڭ 60- ئايىتىدە ‹‹ ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمى ئۈچۈن سۇ تەلەپقىلغان ئىدى ، بىز ئۇنىڭغا ‹‹ ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن ›› دىدۇق . تاشتىن ئون ئىككى بۇلاق ئىتىلىپ چېقتى ، ھەربىر قەبىلە ئۆزىنىڭ سۇ ئېچىدىغان ئورنىنى بىلدى . دىىگەن .
بونىغۇ مەيلى ئىتىراپ قىلماڭ ئاللاھ تائالا قۇرئاندا ئىنىق قىلىپ بۇلارنىڭ تۇزكورلۇقلىرىنى قىلمىشلىرىنى بايان قىلىپ بەرسە سىزنىڭ ئۇنىڭغا قارشى چېققۇدەك قانچېلىك ھۇقۇقىڭىز بار .
سىز ئۈزىڭىزنى شۇنداق ئۈستۈن چاغلامسىز ؟
باشتا ئەسكەرتىپ ئوتكەن ، ئىسلامى نوقتىدىن قىلىنغان پىكىرلەر رىئاكسىيە قىلىدىغان قىرىنداشلار ئىمكان بار دىنغا مۇخالىپ بىر نەرسە يازماڭلار ئەگەردە بەك يازغۇڭلار كەلسە قارشى پىكىردە بولىدىغان پىكىرلەرگە بەرداشلىق بىرەلۈگۈدەك بولۇپ كىلىپ ئاندىن يىزىڭلار. دەپ ........
گەرچە ئالى ئەزا بولسىڭىزمۇ يازىدىغان نەرسىلەرنى يازىمىز يازمايدىغان نەرسىلەرنى يازمايمىز ؟ ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بايان قىلىپ بەرسە رەسۇلىمىز ھەم ھەدىسلىرىدە ئۇلار توغۇرلۇق بايانلارنى بەرسە ، يەنە بونىڭغا قارشى پىكىر ۋە تالاش تارتىش قوزغۇغۇدەك سىزدە ئۇلاردىنمۇ چوڭ ئىمتىياز بارمىدى ؟
بىز مۇسۇلمان بولغان ئىكەنمىز ئۇلارغا دىننى نوقتىدا تۇرۇپ باھا بىرىمىز ؟ ئۇلارنىڭ بىز قۇبۇل قىلىشقا تېگىشلىك ئارتۇقچېلىقى قۇبۇل قىلىمىز ، تەنقىدلىگۈدەك جايلىرى بولسا تەنقىدلەيمىز ، ئارتۇقچېلىقىنى كۈرۈپلا قىلغان خاتالىقلىرىنى كۆرمەسكە سېلىش ، قىلغان خاتالىقلىرىنىكۈرۈپلا ئۇلارنىڭ ئارتۇقچېلىقىنى كۆرمەسكە سېلىۋېلىش مۇسۇلماننىڭ خۇسۇسىيىتى ، شۇنداقلا قەلبى ئويغاق ، ئادالەتنى ياقىلايدىغان كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىيىتى ......
بوز قىر ئەپەندى ، بۇنداق سۇئاللارنى قۇيۇشتىن ئاۋال ، شۇ سۇئالنىڭ جاۋابى نەدىن چېقىدۇ ، سورىغان سۇئالىم توغىرىمۇ شۇنى ئويلىۋېتىپ ئاندىن سۇراڭ .
سىزگە قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى بۇلۇپمۇ بەقەرە سۈرىسىنىڭ تەرجىمىسىنى ئۇقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن ، شۇندىلا بۇ سۇئالىڭىزغا ئۆزىڭىز قانا ئەتلىنەرلىك جاۋاپ تاپالايسىز .........
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hushwah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-25 03:47 AM