|
|
|
|
قاراقاش قەلەمكەشلىرى زىيارەتتە
قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پىلانلىشى بىلەن ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمى مەخسۇس «قىزل تاشلىق ھۆججەت» چۈشۈرۈپ، قاراقاش ناھىيەسىدىكى يازغۇچى-شائىر، مۇخبىرلارنى 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە (چارشەنبە، پەيشەنبە) ئىككى كۈن زىيارەت پائالىيىتىگە ئورۇنلاشتۇردى. بۇ قېتىملىق زىيارەت پائالىيىتىگە ناھىيە ئىچىدىكى پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش ۋە ياش يازغۇچى-شائىر، قەلەمكەشلەردىن بولۇپ 30 غا يېقىن كىشى قاتناشتى. پائالىيەتكە ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنباقى توختىقۇربان، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى ئايمۇھەممەت ساھىبى ۋە يازغۇچى مەتتۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ قېتىملىق زىيارەت پائالىيىتىدە قاراقاش ناھىيەسى تەۋەسىدىكى زاۋا يېزىلىق ياشانغانلار ساناتورىيەسى، زاۋا يېزىلىق پەن-تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، سايباغ يېزىلىق قوشتىل بالىلار باغچىسى، توخۇلا يېزا ئاياغ گۇرا كەنتىدىكى «ئاق لىباس ئاخىرەتلىكى» بۇيۇمى كارخانىسى، قاراساي يېزىلىق خەلق ئىشلار پونكىتى، قاراساي يېزا «قېرىنداشلار» چارۋا-مال باقمچىلىقى كارخانىسى، كۇيا يېزىلىق ياشانغانلار ساناتورىيەسى، پۇرچاقچى يېزا «ماخمۇت كېرەم ۋەتەنپەرۋەلىك تەربىيىلەش بازىسى»، قوچى يېزا لوخان كەنتە نۇرمەمەت توختىكېرەم تەرىپىدىن ئۆز ئائىلىسىدە يىغىپ ساقلانغان ئاسارە-ئەتىقىلەر، يېڭىيەر يېزا بىقىرىق كەنتە ئېزىز مەتتوختى كېگىزچىلىك ئائىلىسى، ناھىيەلىك يېتىم-يېسىرلار مەكتىپى قاتارلىق ئون بىر نۇقتا كۆزدىن كەچۈرۈلدى. زىيارەت پائالىيىتىدە ئاپتورلار ئۆزى ئۇچراشقان ئوبېيكتلار بىلەن بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇرۇپ ۋە ئۇلاردىن ئىنچىكە ئەھۋال ئىگىلەپ تەپسىلى خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭدى. گەرچە بۇ قېتىملىق زىيارەت پائالىيىتى بىر ئاز سوغۇق مەزگىلگە توغرا كېلىپ قالغان بولسىمۇ لېكىن ئىلگىرىكى زىيارەت پائالىيەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا بۇ نۆۋەتلىك زىيارەت پائالىيىتى تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەر بىلەن ئاخىرلاشتى. ئىشىنىمىزكى ئاپتورلار بۇ قېتىملىق زىيارەت پائالىيىتىدىن چۇقۇم يېڭى شەيئى، يېڭى پىكىرلەرنى سۈزۈپ چىقىپ ئۇنى قىممەتلىك گۈھەرلەرگە ئايلاندۇرغۇسى. مەنبە: يېڭى يازما قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن نۇرمۇھەممەت تۇردىئەخمەت تۆۋەندە زىيارەت پائالىيىتىدىن تارتىلغان سۈرەتلەر قوشۇمچە قىلىندى (سۈرەت تارتقۇچى نۇرمۇھەممەت تۇردىئەخمەت):
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-24 12:36 PM
|
|
|
|
|
|