|
|
|
|
windows8.1 دىكى «سۈرەتلەر» ئەپىنىڭ سۈرەتلەرنى كۆرۈش رولى بولۇپلا قالماستىن ، ئۇنىڭ يەنە باشقا يەنىمۇ مۇھىم رولى بار . بىر پەرچە رەسىمنى ئاچقاندىن كېيىن ئېكراننى قول بىلەن ئاستىدىن ئۈستىگە سىيرىسىڭىزلا ( مائوس ئىشلىتىدىغانلار رەسىمنىڭ ئۈستىگە مائوسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى بىرنى چەكسىڭىز بولىدۇ) ، رەسىمنىڭ تويۇنۇش دەرىجىسى ، سېلىشتۇرما دەرىجىسى قاتارلىق ھەر خىل تەڭشەكلىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ . سۈرەتكە ھەر خىل ئۈنۈملەرنى كىرگۈزگىلىمۇ بولىدۇ، سۈرەتنى ئاددى ئۇسۇللار ئارقىلىق گۈزەللەشتۈرگىلى بولىدۇ.
تۆۋەندە windiws8.1 دىكى «سۈرەتلەر» ئەپىنى تونۇشتۇرىمىز :
ئالدى بىلەن win كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ياكى مائوسنى ئېكراننىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستنقى بۇلۇڭدىكى باشلاش كۇنۇپكىسىغا بىرنى چىكىپ " باشلاش " ئېكرانىغا كىرىپ « سۈرەتلەر » ئەپىنى قوزغىتىمىز .
(دىققەت: سۈرەت ئامبىرىنىڭ سۈكۈتتىكى ئورنى سىستېما دىسكىسى/user/ئىشلەتكۈچى ئىسىمى/رەسىم ئامبىرى)
خالىغانچە بىر پارچە رەسىمنى ئېچىپ پۈتۈن ئېكران ھالەتتە ئېچىپ مائوسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى باسساق ھەر خىل ئىقتىدار كۇنۇپكىلىرى كۆرۈنىدۇ ، مەسىلەن ئۆچۈرۈش ، ئاچىدىغان پىروگىرامما ، قىلىپ بېكىتىش ، بىرمۇ بىر كۆرسىتىش ، ئايلاندۇرۇش ، كېسىش ، تەھىرلەش دېگەندەك. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يارقىن ئىقتىدار تەھىرلەش ئىقتىدارى بولۇپ ئادەتتىكى ئۈستەل يۈزىدىكى سۈرەت كۆرگۈچنىڭ ئىقتىدارلىرىدىن ئېشىپ چۈشكەن .
«سۈرەتلەر»ئەپىنىڭ بىرىنجى ئىقتىدارى : سۈرەتنى قۇلۇپ ئېكرانى سۈرىتى ياكى سۈرەت يېيىلمىسى قىلىپ بېكىتىشكە بولىدۇ .
«سۈرەتلەر»ئەپنىڭ ئىككىنچى ئىقتىدارى : سۈرەتنى خالىغانچە كېسىش .
«سۈرەتلەر»ئەپنىڭ ئۈچىنجى ئىقتىدارى : كۈچلۈك بولغان سۈرەت تەھىرلەش ئىقتىدارى .
تەسىرلەش ئىقتىدارىنىڭ ئاپتۇماتىك ئوڭشاش ، دەسلەپكى ئوڭشاش ، نۇر ، رەڭ ۋە ئۈنۈم دىن ئىبارەت بەش خىل ئىقتىدارى بار . تۆۋەندە بۇ بەش خىل ئىقتىدارى بىلەن بىرمۇ بىر تۇنۇشۇپ چىقايلى .
1. ئاپتۇماتىك ئوڭشاش .
سۈرەتنىڭ ھەر خىل ئاپتۇماتىك ئوڭشاش ئۈنۈمىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ ، شۇ ۋاقىتتلا كۆرگىلى بولىدۇ .
2.دەسلەپكى ئوڭشاش .
ئايلاندۇرۇش ، كېسىش ، قىزىل كۆز ، قايتا ئوڭشاش قاتارلىق قۇشۇمچە ئىقتىدارلار بار .
3.نۇر.
سۈرەتنىڭ يۇرۇقلۇقى ، سېلىشتۇرما دەرىجىسى ، قىزىق نوقتىلىرى ۋە سايە قاتارلىقلارنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.(مائوس ئىشلەتكۈچىلەر بىۋاستە مائوسنىڭ غەلتكىنى ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق تەڭشەش ئېلىپ بارالايدۇ )
4.رەڭ .
سۈرەتنىڭ تېمپۇراتۇراسى ۋە تۇيۇنۇش دەرىجىسىنى تەڭشىگىلى ، سۈرەتنى بويىغىلى ۋە رەڭ كۈچەيىتكىلى بولىدۇ.
5.ئۈنۈم.
سۈرەتنى سۇسلاشتۇرغىلى ۋە تاللىنىشچان فوكۇسنى تەڭشىگىلى بولىدۇ .
|
|
|
|
|
|