ئۇيغۇر خەلق ماقالە تەمسىللىرىدىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ پۇل قارىشىغا نەزەر
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( V! s/ B- N9 r6 ^
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! M' p3 Y% `! d% n% E- d2 l4 C
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; ~5 c7 _' F1 b( s
بىز ئۇيغۇرلاردا <<ئەر كۆركى ساقال،تىل كۆركى ماقال>>دېگەن ھېكمەتلىك ماقال بار.دېمىسىمۇ ماقال-تەمسىللەرگە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ باشقا ژانىرلىرىغا ئوخشاشلا ئىنتايىن كەڭ ۋە چوڭقۇر ھېكمەت يۇشۇرۇنغان بولۇپ،ئۇنىڭدا ئەجدارلىرىمىزنىڭ ئارزۇ-ئۈمۈدلىرى،ئىدىۋىي كۈرەشلىرى،تەبىئەت ۋە جەمىيئەتكە بولغان قاراشلىرى،ئەۋلادلارغا بولغان نەسىھەت ،ۋەسىيەتلىرى....قىسقىسى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ پەلسەپەۋىي كۆز قارىشى ۋە ئىدېئولوگىيەسى ئەكس ئەتكەن بولىدۇ.ماقال-تەمسىللەر كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ جەۋھىرى بولغاچقا ھەر قانداق كىشى ئۆز پىكىرىنىڭ ئىخچام ۋە قايىل قىلارلىق بولۇشى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ماقال-تەمسىللەردىن پايدىلىنىدۇ.ئۇيغۇرلار ماقال-تەمسىللەرگە باي خەلق.مەيلى ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزدە،مەيلى ئېغىز تىلىمىزدا ياكى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىدا بولسۇن ماقال-تەمسىللەردىن ئايرىلالمايمىز.بۇنىڭ ئىچىدە ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگىچە ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ كېلىۋاتقان ياكى مىراس قالغان پۇل ھەققىدىكى ماقال-تەمسىللەرمۇ ئاز ئەمەس.كىشىلەر تەرىپىدىن دائىم ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان بۇ ماقالە تەمسىللەردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ پۇلغا بولغان كۆز قارىشىنى بىر قەدەر مۇپەسسىل چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 r+ c2 E6 p( L# X0 h1 r3 {ئۇنداق بولسا پۇل دېگەن زادې نېمە؟پۇل-ئومۇمىي تەڭ قىممەتداش بۇيۇملىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان پەۋقۇلادە تاۋار بولۇپ ،ئۇ تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاملاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىياتى داۋامىدا تاۋارلار دۇنياسىدىن ئىستىخېيىلىك ھالدا بۆلۈنۈپ چىققان ئالاھىدە تاۋار.ماركىسنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا-پۇل ئاملاشتۇرۇش جەريانىنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى بولغان تاۋارنىڭ جەۋھىرى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 r$ J8 c& j# Y, {1 u3 x
بىز ئۇيغۇرلار<<تىرىك دۇنياغا تويماس،ئۆلۈك دۇئاغا(تويماس)>>دەيدىغان دەيدىغان ماقال بار.دېمىسىمۇ ئەر كىشى بۇ دۇنيادا ئۈچ نەرسىگە تويماي ئۆلۈپ كېتىدۇ.ئۇنىڭ بىرى شۆھرەت،يەنە بىرى شەھۋەت،يەنە بىرى پۇل.ئەمدى تۆۋەندىكى ماقال-تەمسىللەر ئارقىلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ پۇل ھەققىدىكى كۆز قارىشى ۋە چۈشەنچىسىنىڭ تەھلىل قىلىپ ئۆتەيلى:<<پۇلنىڭ بىر ئۈچى بىلەكتە،بىر ئۈچى يۈرەكتە>>.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 S) {2 d# z& d+ Gبۇ ماقالىدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى،ئەجدادلىرىمىز پۇلنى ھەرگىزمۇ غايىپتىن تىلەپ تېپىشنى ياكى ئىشلىمەي چىشلەشنى ،تەييارغا ھەييار بولۇپ باي بولۇشنى ئويلىغان ياكى تەشەببۇس قىلغان ئەمەس.تاش قورال دەۋرىدىن باشلاپ يىپەك يولى گۈللەنگەن زامانلارغا قەدەر ....قىسقىسى تا بۈگۈنگىچە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىككى قولى بىلەن ھالال ئىشلەپ پۇل تېپىشنى ،باي بۇلۇشنى،تۇرمۇشنى پاراۋان ئۆتكۈزۈشنى ئۆزىنىڭ دائىملىق ئادىتىگە ئايلاندۇرغان ھەمدە شۇنداق ئېسىل تۇرمۇش ئىستىلىنى بىزلەرگە مىراس قالدۇرغان.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( ?6 m; X: f$ k7 L: Xشۇنىڭ ئۈچۈن پۇلنىڭ بىر ئۈچى يۈرەكتە،بىر ئۈچى بىلەكتە دەيدۇ.مەيلى باي ياكى گاداي بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پۇلنى ھەممىلا ئادەم ياخشى كۆرىدۇ.پۇلنى ياخشى كۆرمەيدىغان بىرمۇ ئىنسان يوق.كىشىلەر دۇنيادىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېرىشىشتىن بۇرۇن قەدىرلىگەن بىلەن ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن زېرىكىشكە باشلايدۇ.بىراق پۇلنى بولسا ھەممە كىشى ئېرىشىشتىن بۇرۇنمۇ،ئېرىشكەندىن كېيىنمۇ مەڭگۈ قەدىرلەپ ئۆتىدۇ.چۈنكى پۇل كۈندە بىر قېتىم ياتلىق بولسىمۇ مەڭگۈ ئىپپىتىنى يوقاتمايدىغان قىزغا ئوخشايدۇ.شۇڭا پۇلنى پۇلى يوقلارغا قارىغاندا پۇلى بارلار بەكرەك چىڭ تۇتىدۇ،بەكرەك قەدىرلەيدۇ،پۇل تېپىشقا كەلگەندىمۇ نامراتلارغا قارىغاندا بايلار بەكرەك ئالدىرايدۇ،شۇڭا ئەجدادلىرىمىز پۇلنىڭ بىر ئۇچى يۈرەكتە دەپ بەكلا توغرا ئېيتقان.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; ]: z* k5 X! u
<<بىر سەر ئالتۇن قوشۇلسا،بىر سەر ئەقىل قۇشۇلار>>
بۇ ماقالىنىڭ ھەقلىقىنى دەللىللەش ئۈچۈن مۇنداق بىر ئەمەلىي ھېكايىنى قىستۇرماقچىمەن.تېخى تۈنىگۈنلا ئۇشبۇ ماقالىنىڭ خام ماتىريالىنى تەييارلاپ ئولتۇراتتىم.پوچتىكەش 200 يۈئەنلىك پوچتا پىروۋوت چېكىنى ئەكىرىپ بەردى.بۇ ئاتۇش شەھەر ئىچى شاڭخەي بازىرىدىكى س.ھاجىمنىڭ دادامغا ئەۋەتكەن ئازراق كۆڭلى ئىكەن.ئاتۇشتىكى يىتىم-يېسىرلارغا ئوتۇن-كۆمۈر،گۆش-ياغ،ئۇن-گۈرۈچ ئېلىپ بېرىپ خەيرىخاھلىق قىلغاندىن سىرت يەنە خوتەندىكى يىراق تۇغقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغان بۇ ئىنساپلىق تۇغقىنىمنىڭ قانچىلىك پۇلى بارلىقىنى ئېنىق بىلمەيمەن.بىراق ئۇنىڭ ئاتۇشتا بىر شەھەر ئامانەت-قەرز كاپراتىپى قۇرغانلىقىنى ،مىڭ دۇكانلىق بىر سودا بازىرى قۇرۇۋاتقانلىقى ۋە ئۈرۈمچىدە مەلۇم بىر ئىدارىنىڭ ئالتە قەۋەتلىك خىزمەن بىناسىنى سېتىۋېلىپ،ئۇنى تۈرلۈك ماللار توپ تارقىتىش بازىرى قىلغانلىقى .....قاتارلىقلارنى بىلىمەن ھەمدە يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ مەن بىلەن تەڭ ياشلىق يەنى 1962-يىلى داش قازاننىڭ بېشىدا تۇغۇلغان چوڭ ئوغلىنىڭ قىلىۋاتقىنىنىمۇ ئوبدان بىلىمەن.ئۇنىڭ شۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقان چوڭ ئوغلى مەن باشلانغۇچ،ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا گىردە ۋە ئاشلىق بېلىتى ساتقان.مەن ئۇقۇغان مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتى ئالدىدىن ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن،بەلكى ئىچىگە كىرىپ باققان ئەمەس .دېمەك،ئۇنىڭغا شۇنچە كۆپ ئىگىلىكنى تىكلىگۈدەك ،باشقۇردەك ئەقىل-پاراسەت شۇ پۇلدىن كەلگەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ u4 U( ]0 W( X7 r4 a- S$ j<<پۇل ئالساڭ ساناپ ئال،خوتۇن ئالساڭ سىناپ ئال.>>
پۇل ئالسا ساناپ ئېلىشنى ئەجدادلىرىمىز قۇيما پۇللارنى ئوبورۇت قىلىشقا باشلىغان شۇ دەۋىرلەردە تۇنۇپ يەتكەن ۋە ئېلىم-بېرىم ئىشلىرىدا پۇلنى تەپسىلىي ساناپ سودىنى پۇختا قىلغان.سودىگەرلەر كىشىلەر نەزىرىدىكى ئابرۇيلۇق ئادەملەردىن سانىلىپ كەلگەن.ئالغۇچى كەم ئاپتىمەن دەيدىغان،بەرگۈچى ئارتۇق بېرىپتىمەن دەيدىغان ئۇرۇنسىز داۋا-دەستۇرلاردىن ھەر ۋاقىت ھەزەر ئەيلىگەن ۋە خالىي بولغان.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 [& m- x. [& R3 Kئۆتكەن يىلى شۆبە بانكا خەلق پۇل ئامانىتى مەخسۇس پۇكەيلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش بويىچە باھالاش ئېلىپ باردى.باھالاشنىڭ شەرتلىرى ئىچىدە<<پۇلنى نەخ مەيداندا ساناپ ئېلىڭ،پۇكەيدىن ئايرىلغاندىن كېيىن كەم چىقسا ئىگە بولمايمىز>>دېگەن سۆزلەرنى كاسسىرلارنىڭ ئۇدۇلىغا مۇئامىلدارلارنىڭ كۆرىدىغان جايىغا يېزىپ قۇيۇش دېگەن بىر مەزمۇنمۇ بار.شۇنىڭدىن قارىغاندا يۇقىرىقى سۆزنى يېزىپ چاپلاشنى ئەمىلىيلەشتۈرمىگەن بانكىلارمۇ خېلى بار ئوخشايدۇ.بۇ ماقالىنىڭ ئىككىنچى مىسراسىغا<<خوتۇن ئالساڭ سىناپ ئال>>دېگەن سۆزنىڭ قاپىيە قىلىنغانلىقىدىن قارىغاندا بۇ ماقالىنىڭ چۇقۇم شىنجاڭغا ئىسلام دىنى كىرىشتىن بۇرۇن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى يەنى بۇ ماقالىنى تارقىلىپ يۈرگەنلىكىگە مىڭ يىلدىن ئاشقانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن.چۈنكى ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئىتىدە ئاياللارنىڭ جامالىنى يات ئەر كىشىگە كۆرسىتىشى ھارام سانىلىپ،ئەر بىلەن ئايال پەقەت نىكاھ ئۇقۇلغاندىن كېيىنلا يەنى توي ئاخشىمى يۈز كۆرىشىدىغان يۇسۇن ئومۇملىشىپ كەتكەن.بۇنداق شارائىتتا <<خوتۇن ئالساڭ سىناپ ئال>>دېگەن گەپنى كۆڭلىدە ئويلىغان تەغدىردىمۇ ئېغىزىدىن چىقىرىشقا ھېچكىم پېتىنالمايتى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& g, q2 j* d! H6 z4 Q% k0 Z/ ]دېمەك ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن مىڭ يىللار بۇرۇن ئىجاد قىلىنغان بۇ ماقال بۈگۈنكى دەۋىرگە كەلگەندىمۇ ئۆزىنىڭ قىممەت ئېتىبارىنى ۋە پاساھىتىنى يوقاتقىنى يوق.ئەكسىچە پۇلنى ساناپ ئېلىشمۇ،خوتۇننى سىناپ ئېلىشمۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەكىتلەنمەكتە.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 ~5 V+ k! v( A7 T: ^- S
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: `, {3 g/ P d3 S<<ياتنى تۇغقان قىلاي دېسەڭ ئوتتۇرغا پۇل قوي،تۇغقاننى يات قىلاي دېسەڭ ئوتتۇغا قىز قوي>>.
پۇل شۇنداق سېھرىي كۈچكە ئىگىكى،ئۇنىڭ بىلەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋالغىلى ،مايىل قىلغىلى،ئوۋلىۋالغىلى بولىدۇ.
پۇل ئارقىلىق يات ئادەمنى تۇغقان قىلىش مۇمكىن ئەمەس،بىراق تۇغقاندىنمۇ چارە ھەم مېھرىبان بولۇشى مۇمكىن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ V- H$ T+ }1 I0 r7 `: x( L
<<تۇغقاننى يات قىلاي دېسەڭ ئوتتۇغا قىز قوي>> دېگەن مىسراغا كەلسەڭ،يېقىن تۇغقانلار ئۆز ئارار توي قىلىپ بالىلار ياخشى ئۆتەلمەي قالسا بۇنىڭ تەسىرىدە چوڭلارنىڭمۇ كېتىدىغانلىقىنى،ئەكسىچە بالىلار ياخشى ئۆتۈپ قالسا ئۇلاردىن تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىنىڭ مېيىپ تۇغۇلۇپ قېلىشى سەۋەبىدىن شۇنداق ئۇرۇق جەمەتنىڭ ئاخىرى نەسلى تۈگەپ قۇرۇپ تۈگەپ كېتىدىغانلىقىنى ئەجدادلىرىمىز خېلى بۇرۇنلا تۇنۇپ يەتكەن.مانا ھازىر مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ ئىسپاتلىشى ئارقىلىق ئىلىم-پەن يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ئۆز ئارا توي قىلىشىنى چەكلىمەكتە.مانا بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقلىي خۇلاسە ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تۇرمۇش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق چىقارغان ئىلمىي يەكۈنى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ b4 v$ |; O$ z
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( B+ I2 F) k9 \<<ھېسابنى بىلمىگەن ھەمياندىن ئايرىلار>>
پۇل تېپىش ئۈچۈن ساغلام بەدەن ۋە كۈچ-قۇۋەت بىلەن ئەتىگەندىن كەچكىچە باش كۆتۈرمەي كالىدەك ئىشلەشلا كۇپايە قىلمايدۇ.ئەكسىچە پەم-پاراسەت ۋە ئەقىل-ئىدراك بۇلۇشى كېرەك.پايدا-زىياننى ھېسابلىيالايدىغان،ئۇچۇرنى ئىگەللىيەلەيدىغان،بازارنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلەيدىغان ....ھېساب بىلىدىغان ئادەم ئاندىن پۇل تاپالايدۇ.ھەمدە بىرنى ئىككى،ئىككىنى تۆت قىلىپ ھەمياننى تولدۇرالايدۇ.ھېساب بىلمەيدىغان،كاللا ئىشلەتمەيدىغان،ئىش قىلسا قارىسىغا تەۋەككۇل قىلىدىغانلار ھەمياندىن يەنى بار پۇلىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدۇ.مانا بۇ ھەقىقەتنى يىپەك يولىغا ئاساس سالغۇچى ئەجدادلىرىمىز ئاللىبۇرۇن تۇنۇپ يەتكەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 h) l) D4 N' h0 C
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% P3 z' G$ j# F( H
<<چىنە بولسا دېزى بولمىسا،يىگىت بولسا قەرزى بولمىسا>>
كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئادەملەر بىر-بىرى بىلەن پۇل ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئۆتنە قىلىشىپ،بىر-بېرىنىڭ قىيىنچىلىقىغا ياردەم بېرىشىپ ئۆز ئارا ھاجىتىنى راۋا قىلىشىپ تۇرۇدىغان ئىشلار دائىم بولۇپ تۇرىدۇ.مۇمكىن بولسا ھەركىم كىرىمىگە قاراپ چىقىمىنى بەلگىلەش،ھالىغا يارىشا ئىش تۇتۇش،يوتقانغا بىقىپ پۇت سۇنۇش،خالتىسىغا بېقىپ ئۇن تارتىش كېرەك.لېكىن باشقا كۈن چۈشكەندە كېچىدە تام تېشىشنىڭ ياكى كۈندۈزى قول تەڭلەشنىڭ ئورنى يوق.ئۇنداق چاغلاردا چۇقۇم ئۇرۇق-تۇغقان ،دوست بۇرادەرلەردىن،قۇلۇم-قوشنىلاردىن ياكى ئىقتىسادىي ئۈنىمى ئۆزىدىن ئېشىپ تۇرىدىغان كىشىلەردىن(ھازىرقى جەمىئەتتە بانكىدىن)مەلۇم مۇددەتلىك قەرز ئېلىپ،ئۆز تۇرمۇشىنى غەملەپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.بۇنداق ئەھۋالالرنى ئەيپ كۆرۈشكە بولمايدۇ.لېكىن شۇنداقتىمۇ قەرز ئېلىشتىن بۇرۇن ئۇنى قايتۇرۇشنىڭ ئىمكانىيىتى ۋە قانداق يوللار،ئامال-چارىلەر بىلەن قايتۇرۇشنى ئوبدان ئويلىشىپ ،قەرىزنىڭ قەرەلى تۇشۇشتىن بۇرۇن قايتۇرۇپ بېرىشى لازىم.ئۇنداق قىلماي مەڭگۈ قەرىزدار يىگىت،قەرىزدار ئائىلە بولۇۋېلىش ئەجدادلىرىمىزنىڭ نەزىرىدىمۇ نۇمۇس ھېسابلىغان.ئەجدادلىرىمىز قەرىزدار يىگىتنى دەز كەتكەن چىنىگە ئوخشاش يارىماس،سورۇنلىقى يوق بىر تاشلاندۇق نەرسىگە ئوخشاتقان.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* p! z. p9 P" d1 G7 W8 [1 Z
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىلىدۇ.
تارقاتقۇچى:ئۇيغۇر قاشتېشى تورى
تور بەت ئادرېسىمىز:WWW.UYHQT.COM
مەنبە:خىزىر ھەققىدە خىياللار ناملىق كىتابدىن يوللاندى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# |1 Y* v2 {! R# {" j
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-23 09:21 AM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! {, ?' g, B' Y% Z- hبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ g4 G( j% Y. G9 N$ q