مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1968|ئىنكاس: 22

تۇرسۇنبەگ :شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئارسلاندەك ياشا

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17211
يازما سانى: 1307
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 25514
تۆھپە نۇمۇرى: 1338
توردا: 3568 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 09:03:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شىنجاڭ ئىمپورت-ئىكىسپورت سودىسىنىڭ بۈگۈنى

ۋە چىقىش يولى


تۇرسۇنبەگ ياسىن


QQ截图20131110224115.jpg


         ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،

         مىللىيتەرەققىيات بولۇپمۇ مىللىي ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ ئورنى ئىنتايىن مۇھىم ،بۇ ئەقىللىق ئوقۇرمەنلەرگە ئايان ، تۆۋەندىكىسى مىنىڭ يىللىق كەسپىي ئىلمىيماقالە ئۈچۈن تەييارلىغان ماقالە بولۇپ ،ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئىقتىسادىماتېرياللارنىڭ كەم بولىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ماقالەمنى خەنزۇتىلىدىن ئۇيغۇرتىلىغا تەرجىمە قىلىپ توردا يوللاشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ ھەربىرىڭىزلارغا سۇندۇم.


    ئۈزۈندە :

      شىنجاڭ قەدىمدىن تاتىپۋەتىنىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ، غەربىي ئاسىيا ،شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرىق ۋە ياۋرۇپا ئوتتۇرسىدامۇھەم ئۆتەڭ بولۇپ كەلگەن . ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋىتىشتىن  كىيىن ‹سىرىتتىن مەبلەغ قوبۇل قىلىش ، ئىچكىئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇش›قاتارلىق ئىستىراتىگىيلەر بىلەن ،سەككىز دۆلەت بىلەنچىگىرلىنىشتەك مۇھىم ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ ، تاشقى سودا جەھەتتى خېلىكۆرىنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى . بۇ ماقالە يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ تەدىرىجىتەرەققىياتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ 12-بەش يىللىق پىلانى قانات يايدۇرۇلۇشقاتارلىق ئارقا كۆرنىشتە يېزىلىپ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ تاشقىسودىسىنىڭ ھازېرقى ئەھۋالى ، يەنى بۇ جەھەتتىكى ئەۋزەللىك ، ئوتتۇرا ئاسىياسودىسىدىكى ئورنى ۋە ساقلانغان مەسىللەر قاتارلىقلار بىر قەدەر ئىچكىرلىگەن ھالدايورۇتۇلۇپ بىرىلىپ ، ئاخىرىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ تاشقى سودىسىنىڭتەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالى كۆرسىتىپ بىرىلدى.


      يېقىنقى يىللاردىن بۇيانشىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى نىسبەتەن مۇقىم ھەم تىز سۈرئەتتە تەرەققى قىلدى ، بولۇپمۇ‹ئون بىرىنجى بەش يىللىق پىلان›مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ GDPسى10.6پىرسەنتلىك سۈرئەت بىلەن ئېشىپ ‹ئونىنجى بەش يىللىق پىلان ›مەزگىلىدىكىدىن0.6پويىنت ئاشقان بولدى . تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شىنجاڭنىڭ 2010-يىلدىكى GDPسى تۇنجى قېتىم5000مىليارتلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى ،بۇ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئىقتىسادىتەرەققىياتىدا بىر ئابىدە خاراكتىرلىك بكسۈش بولۇپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرچە كىرىم ۋە ھۆكىمەتنىڭ مالىيەكىرىمىمۇ ماس ھالدا ئېشىپ ماڭغان بولدى ،ۋە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئۈچۈنكۈچلۈك تۈۋرۈك بولۇپ قالدى . بۇ خىل ئىقتىسادى ئارقا كۆرنۈش ئۇيغۇر ئاپتۇنۇمرايۇنىنىڭ ‹12-بەش يىللىق پىلان›نى ئۈچۈن كۈچلۈك ئاساس بولۇپ قالدى ،ھەمكارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى .

بۇندىن بۇرۇن شىنجاڭنىڭتاشقى سودىسى ئىكىسپورت سودىسىنى ئاساس قىلاتتى ،2011-يىلى ئىمپورت مىقدارىئەسلىدىكىدىن بىر ھەسسە ئېشىپ ، تاشقى سودا ئومۇمى سوممىسى 9مىليارت دوللارغايەتتى .ھەم ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن % 40.5 ئېشىپ مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرچە سەۋىيىسىدىن14.7پوينىت نوقتا يۇقۇرى بولدى . بۇنىڭ ئىچىدە ئىكىسپورت سوممىسى 6.1مىليارتدوللار ، ئىمپورت سوممىسى 2.79مىليارت دوللار بولدى .


بۇندىن بۇرۇن شىنجاڭنىڭتاشقى سودىسىدا چىگرا سودىسىلا 70%نى ئىگىلەيتى ، 2011-يىلى ھالقىلىق تاشقى سوداكارخانىلىرىنىڭ ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشى بىلەن شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىزور دەرىجىدە جانلاندۇردى . مەسلەن : تاشقى سودىدىكى ‹چوڭ سودىگەر›بولغان ئىلىقازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستى بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى كىيىم-كىچە ، ۋە كىچىك تىپتىكىئىلىكتىر ئۈشكۈنىلىرىنى ئىكىسپورت قىلىش ئاساسىدا توكسىكىلىت ، دىھقانچىلىقماشىنىلىرى قاتارلىقلارنى ئىكىسپورت قىلىشنى ئۆزىنىڭ يېڭى ئېشىش نوقتىسى قىلدى .


     نۆۋەتتە خەلىقئارائىقتىسادىنىڭ پەيدىنپەي چۇڭقۇرلىشىشى بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىدا قىسقا ۋاقىت ئىچىدەزور ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش ئىنتايىن قىيىن ،ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بىلەن تاشقىسودا قىلىدىغان ئەتراپىمىزدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى دىگەندەك ياخشى ئەمەس،بازارنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى تۆۋەنلەۋاتىدۇ . دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى ئالاقە مۇھھىتىيەنىلا بىر قەدەر مۇرەككەپ ، شۇ سەۋەپ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ تاشقى سودائەھۋالى يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس.


      تۆۋەندە ئۇيغۇر ئاپتۇنۇمرايۇنىمزىنىڭ تاشقى سودىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىللەر ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز .


1.  ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭتاشقى سودا مۇھىتى تەرەققىياتنىڭ تەلىپىگە ماسلىشالمىغان.


      يېقىنقى يىللاردىن بىرى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان بىر ھالەتنى ساقلاۋاتىدۇ ، ئەمما پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تاشقىسودا ئەھۋالىدىن قارىغاندا شىنجاڭنىڭ ئىمپورت –ئىكىسپورتى يەنىلا ئاساسىي جەھەتتىنتەڭپۇڭ ھالەتنى ساقلىغان .ئاساسلىق سەۋەپ بولسا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسى يەنىلاتېخىمۇ بىر قەدەم ئىچكىرلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە مۇھتاج .  مەسلەن كەڭ كۆلەمدىكى بازار ۋە مۇناسىپ بولغانشەرت-شارائىت قاتارلىقلار. ئۇندىن باشقا ،سودا تەرتىپى قالايمىقان ،ئىكىسپورتقىلىشتا تۆۋەن باھا ،ئىمپورت قىلىشتا يۇقۇرى باھا بولۇشتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت .ئىگىلىك كۆلىمى كىچىك ، ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ساپاسى تۆۋەنبولۇش قاتارلىقلارمۇ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانئامىللاردۇر .


2.  كەسىپ قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق ئەمەس


ئۆتكەن يىگىرمە نەچچە يىلدا شىنجاڭنىڭ ئىكىسپورتسۈرىتىنىڭ ئېشىشى گەرچە ئىنتايىن تىز بولسىمۇ ، ئەمما ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭيەنىلا نىسبەتەن ئارقىدا بولىشى ، ئىكىسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى تار ،ئومۇمەن ھەممىسى دىگۈدەك ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى ، يەرلىك بايلىك مەھسۇلاتلىرى ،ياكىتۆۋەن سەۋىيەدىكى تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى بولغاچقا بۇلارنىڭ تاشقى سودىدا رېقابەت كۈچىئاجىز بولۇپ كەلدى .

3.شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ جۇغراپىيلىك تارقىلىشىتەكشى ئەمەس


شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسى بىر قەدەر تەكشىسىز ، يەنىقازاقىستان بولسا شىنجاڭنىڭ ئەڭ چوڭ تاشقى سودا ھەمراھى . 2008-يىلى شىنجاڭنىڭقازاقىستانغا بولغان ئىكىسپورت نىسبىتى 50.0% نى ، ئىمپورت نىسبىتى 69.0%نىئىگەللىگەن . بۇ شىنجاڭنىڭ تاشقى سوودىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگەتايىنىشىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ . مۇبادا مۇشۇدۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى شۇنداقلا بىر زەربىگە ئۇچرايدىغان بولسا شىنجاڭنىڭ تاشقىسودىسىمۇ ئېغىر زەربىگە ئۇچىرايدۇ .


3.  ئىكىسپورت مەھسۇلاتلارتۆۋەن دەرىجىلىك مەھسۇلاتلارنى ئاساس قىلغان .


    گەرچە بۇ يىللارداشىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسى جانىلىنىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئىكىسپورت مەھسۇلاتلاردامۇنداق بىرنەچچە خىل ‹تۆۋەن ›بولۇش ئەھۋالى مەۋجۇت . (1)سۈپىتى تۆۋەن(2)يارىتىدىغان قوشۇمچە قىممىتى تۆۋەن .شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ تاۋارلىرى ئوڭايلاتاشقى سودىسىكى ھەمراھ دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىق ھەم سۈپەتكە بولغان گۇمانىنى قوزغاپقويىۋاتىدۇ ، ھەتتا شىنجاڭ تاۋارلىرىغا قارىتا چەكلەش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلىۋاتىدۇ .مەسىلەن :2005-يىللىرى شىنجاڭدىن پاكىستانغا ئىكىسپورت قىلىپ چىقىرىلغانئاياغلارنىڭ كۆپىنچىسى ئون دوللار ئەتراپىدىكى ئاياغلار بولۇپ پاكستان بۇ  ئاياغلارغا قارىتا قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپبارغان ھەم سۈپەت جەھەتتە كۆز بويامچىلىق بار دەپ قارىغان . بۇ خىل مەسىللەرنىڭبئوتتۇرغا چىقىشىدا گەرچە نۇرغۇن سەۋەبلەر بولسىمۇ ، ئەمما بىز شىنجاڭنىڭئىكىسپورت تاۋارلىرىدا ئومۇمىيۈزۈلۈك باھاسى ئەرزان شۇنداقلا سۈپىتى تۆۋەنبولۇشتەك ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلماي ئامالىمىز يوق .


     4.  خەلىقئارائىقتىساد-سودىدىكى سۈركىلىشلەرنمىڭ كۈچىيىشى


جۇڭگۇ تاشقى سودا مىقدارىنىئاشۇرماقتا ، تاشقى سودا مىقدارىنىڭ ئېشىشى جۇڭگۇ بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىنىڭقويۇقلاشقىنىدىن دىرەك بىرىپلا قالماستىن ، بەلكى يەنە جۇڭگۇ بىلەن دۇنيانىڭ تاشقىسودا جەھەتتىكى سۈركىلىشىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ. شىنجاڭمۇ جۇڭگۇنىڭبىر قىسىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېنىقلا بۇ ئىقتىسادىي يۈزلىنىشتىن ئۆزىنى چەتكەئالالمايدۇ .نەزىرىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسى ئۆزىنىڭئەۋەزللىكىنى ئىقتىسادى ئەۋزەلىككە ئايلاندۇرۇشقا مۇھتاج .


   شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىدائىگە بولغان ئەۋزەللىكى بەلكىم دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ھازېرقى يۈزلىنىشىدە مۇنداقلابازارغا چىقسا بەلكىم كۆزگە چېلىقالماسلىقى مۇمكىن . مەسلەن:ئاقسۇنىڭ ئالمىسى ،ئاقسۇ ئالمىسى ئۆزىنىڭ تەمىنىڭ شىرىنلىكى ، چۈرۈكلىكى ، قىزىللىقى قاتارلىقئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بازاردا زور ئەۋزەللىككە ئىگە ، ئەمما يېقىندىن بىرىمەملىكەت ئىچىدىن ماركىلارنىڭ رىقابىتى ئاستىدا ئاقسۇ ئالمىسىنىڭ ئىقتىسادىئارتۇقچىلىقى كۆرىنەرلىك بولمىدى . گەرچە شىنجاڭنىڭ مول نىفىت زاپىسى ، ۋە تەبىيگاز بايلىقى بولسىمۇ ، ئەمما قېزىپ ئېچىشتىكى تېخنىكىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ،تەننەرخنىڭ يۇقۇرلىقىدىن شىنجاڭنىڭ بۇ بايلىقلىرىنىڭ رېقابەت كۈچى ئاجىز بولماقتا.


ئۇندىن باشقا شىنجاڭنىڭتاشقى سودىسىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ تاشقى سودىسىكى شىنجاڭغا نىسبەتەنپايدىسىز بولغان ئامىللارمۇ بارغانچە گەۋدىلىك ئىپادىلەنمەكتە ، مەسىلەن :روسيە ،بىلروسيە ، قازاقىستان قاتارلىقلار دۆلەتلەر باج بىرلەشمە ئىتتىپاقى قۇرغاندىنكىيىن جازاقىستان ئىمپورت مەھسۇلاتلارغا قارىتا باقنى ئومۇمىيۈزلۈك يۇقۇرى كۆتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ مەملىكەتنىڭ ئىكىسپورت رېقابەت كۈچىگە بىۋاستە تەسىركۆرسەتتى . يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان قازاقىستان تامۇژنىغا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، بۇرۇنقى ‹ماشىنا ، باجنى كۆتۈرۈش›قاتارلىق شەكىللەرگە خاتىمە بەردى ، بۇنىڭبىلەن بىۋاستە ساياھەت بىلەن مال يۆتكەش قاتارلىقلارغا قاتتىق تەسىر كۆرسەتتى .ئۇندىن باشقا ساياھەت مال سېتىۋېلىش ئىشلىرىدا پۇل ئوبۇرۇت ئىشلىرىنىڭ قۇلايسىزبولىشى ، تۆمۈر يول قاتنىشىنىڭ چەكلىمىلىكلىكى ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن سوداۋە ئەمگەك ئۈچۈن پاسپورت ۋە ۋىزا بىجىرىشنىڭ ھەددىدىن زىيادە تەس بولىشىقاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىغا بىۋاستە كۈچلۈك تەسىركۆرسەتمەكتە.روسيە ، بىلرۇسيە ، قازاقىستان قاتارلىقلارنىڭ باج ئىتتىپاقى قاتارلىقتەدبىرلىرى ئىشقا كىرىشكەندىن بۇيان ، ئەمدى شىنجاڭ كارخانىلىرى كاللىنى سىلكىپكونا پەدىنى تاشلىشى زۆرۈر ، خەلىقئارا ككلەملەشكەن ، قېلىپلاشقان شەكىل بىلەنيۈزلىنىشى كىرەك .شۇ سەۋەپ شىنجاڭ كارخانىلىرى چوقۇم جاپاغا چىداپ ، تەجىربەساۋاقنى يەكۈنلەپ ، كارخانىسىنىڭ خەلقئارا رېقابەتتىكى كۈچىنى يۇقۇرى كۆتۈرىشى كىرەك .


شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ تاشقى سودىدىكى چىقىش يولى قەيەردە؟


1.   جۇغراپىيلىك ئەۋزەللىك :

     شىنجاڭ جۇڭگۇنىڭشەرقى شىمالىغا توغرا كىلىدۇ ، دۆلەت ئىچىدە شىزاڭ ، گەنسۇ ،ئىچكى مۇڭغۇلقاتارلىقلار بىلەن چىگىرلىنىدۇ ، دۆلەت سىرتىدا ھىندىستان ، پاكىستان ،ئافغانىستان ، تاجىكىستان ،قىرغىزىستان ، قازاقىستان ، رۇسيە ، مۇڭغۇليە قاتارلىقدۆلەتلەر بىلەن چىگىرلىنىدۇ .جۇغراپىيلىك ئورنىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ،شىنجاڭنىڭتكت بازىرى بار : بىرنىجىسى ئەلۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى ئىچكى بازار ، ئىككىنجىسىئوتتۇرا ئاسىيا بازىرى ،ئۈچىنجىسى جەنۇبىي ئاسىيا بازىرى ، تۆتىنجىسى شىمالىيئاسىيا بازىرى . نۆۋەتتىكى يەرشاېى ئىقتىسادىدىن قارىغاندا شىمالىي ئامرىكا ،غەربىي ياۋرۇپا ، شەرىقى ئاسىيا قاتارلىق بازارلارنىڭ ئىھتىياجى يىتەرلىك ئەمەس ،شۇڭا چوقۇم يېڭى خەلىقئارالىق بازار ئېچىش زۆرۈر .


2.   سىياسەتتىكى ئەۋزەللىك :


      شىنجاڭ ، ئۇيغۇرئاپتۇنۇم رايۇنى ، يەنى ئاپتۇنۇم رايۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىقتىسادىتەرەققىياتتا مەلۇم دەرىجىدە ئەركىنلىك ۋە ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە . ئۇندىنباشقا مەركەزمۇ يىلدا شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا نمەبلەغ سالىدۇ، ۋە قوللايدۇ . شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن دۆلەتئېغىزلار بويىچە يۆلەش قۇرلۇشىنىمۇ ئوتتۇرغا چىقارغان بولدى .


      يېقىنقى يىللاردىنبۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى مۇھىم مەزگىلگە كىردى ، مەركەز مەخسۇس شىنجاڭ خىزمىتىيىغىنى ئاچقان بولدى ، قەشقەرنى بەشىنجى ئىنقتىسادى ئالاھىدە رايۇن قىلىش قارارىماقۇللاندى ، ئۇندىن باشقا يىلدا ئۆتكۈزىلىۋاتقان سودا يەرمەنكىلىرىمۇ شىنجاڭئۈچۈن مۇھىم ئىقتىسادى پۇرسەت بولماقتا ، ۋە تېخىمۇ نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغامەبلەغ سېلىش ئىشەنچىسى ئاشۇرماقتا .


3.   بايلىق جەھەتتىكى ئەۋزەللىك


شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭرى ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن ،يايلاق كەڭرى ، سۇ بايلىقى مۇقىم بولغاچقابامقمىچىلىقنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق . شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىقلىرى مولھەم تۈرلىرى مول ،پەۋقۇلاددە زور ئىستىقبالى بار . شىنجاڭ جۇڭگۇدىكى ئاز ساندىكىمول كان بايلىقلىرىغا ئىگە رايۇنلارنىڭ بىرى ، نىفىت ، تەبىي گاز قاتارلىقبايلىقلارنىمۇ زاپىسى ئىتايىن زور ھەم سۈپىتى ياخشى .


    خۇلاسە :


      جۇڭگۇنىڭ بىرچىجرا رايۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئىقتىسادى نىشاننىئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مىللىي رايۇنلارنىڭ ئىقتىسادىنى ەۈللەندۈرۈشكە دائىر پەرمانسىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىشى ۋە تەدىرىجى رايۇنلار ئارا ئىقتىسادى پەرقنىكىچىكلىتىشى زۆرۈر ، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنىمۇ بىر قەدەملىگەن ھالدا چىگرا رايۇننىڭجۇغراپىيلىك ئەۋزەللىكى ، بايلىق ۋە ئىجدىمائىي مۇھىت ئەۋزەللىكى قاتارلىقلاردىنئۈنۈملۈك پايدىلنىشى ، چىگرا سودىسىنى باشلىنىش نوقتىسى قىلىپ تۇرۇپ كۆپ خىل سوداشەكىللىرىدىن ھەمكارلىق شەكلىنى ئوتتۇرغا چىقىرىشى زۆرۈر ،ھەم شۇ ئارقىلىقئىقتىسادى يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرمىقى لازىم .


     ئىشنىمەنكى :يۇقۇردىكى تىلغا ئېلىنغان مەسىللەر ھەل قىلىنسا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسى چوقۇمكى يەنە بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈرىلىدۇ . شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى ئىنتايىن رۇشەن ، پەقەت ئىلمىي ئۇسۇل ، بوشاشماس ئىرادە بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلا بولسا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى چوقۇم يۈكسىلىدۇ ھەم چوقۇم گۈزەل مەنزىلگە ئۇلىشالايدۇ ، بۇنىڭغا بىزنىڭ ئىشەنچىمىز كامىل ھەم ئۆزىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئەزاسى سانايدىغان ھەربىر كىشىنىڭ ئىشەنچىسى بولىشى كىرەك .


پايدىلانغان مەنبەلەر:


1.‹شىنجاڭنىڭتاشقى سودىسىدىكى ئەۋزەللىك ›http://cd.qq.com  2009年05月31日

2.‹شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا ھالقىماتەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش›戴 岚 2011年07月30日

3.‹خەلىق تورى – چەتئەل نۇسقىسى ›

4.‹شىنجاڭنىڭ تاشقىسودىسى ئۈستىدە تەھلىل ›

陈兵,葛秀飞。新疆《财经大学学报》2008年02期

5.‹شىنجاڭ سىتاستىكا يىلنامىسى›2010-يىللىقمەلۇماتلىرى

6.‹شىنجاڭئىقتىساد گىزىتى›2010-يىللىق مۇناسىۋەتلىك سانلىرى

7.‹ئوتتۇرا ئاسىيادۆلەتلىرىگە مەبلەغ سېلىش كۆرسەتمىسى›

شىنجاڭ خەلىقنەشىرياتى .2008-يىل نەشىرى.

8.‹شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىدا ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا›


ئىلاۋە :

ماقالىنى يېزىپ چىقىش جەريانىدىكى ۋەمۇناسىۋەتلىك ماتېريال ئىزدەش جەريانىدا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىغا دائىر يېزىلغانتەتقىقات ماقالىرى ئىچىدە بۇ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ھەقلىق ئىگىلىرى بولمىشئۇيغۇرلارنىڭ يازغان تەتقىقات  ماقالىلىرىنىڭ  ئاساسەن يوقلۇقىنى بايقاپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى ،ئەسلى بىز بۇ تىمىنى چوقۇم چىڭ تۇتىشىمىز ، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئىقتىسادىيتەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپلەپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشلىرىمىز ھەم ئىزدىنىشىمىز كىرەكئىدى ، ئەمما ئۇنداق بولماپتۇ ، ھىلىھەم بولسىمۇ كىچىكمەسمىز .

مەن مۇناسىۋەتلىك كەسىپنى خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچە قاتارلىق تىللاردا ئوقىغان بولغاچقا گەرچەماقالىنىڭ ئەسلى نۇسقىسىنى ئۆزۈم بىۋاستە خەنزۇتىلىدا يېزىپ چىققان بولساممۇ ، ئەمما بەلكىم تەرجىمەمدە قىسمەن نوقسان ھەم سەۋەنلىكلەرنىڭ بولىشى تەبىئېي ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى ۋە توغرا چۈشىنىشىنى ئۆمىد قىلىمەن .

         

                        ھۆرمەت بىلەن :تۇرسۇنبەگ ياسىن


2013-يىل11-ئاي (تىيەنجىن)




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   52arslan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-22 09:11 PM  


ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!

ئارسلاندەك ياشا

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17211
يازما سانى: 1307
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 25514
تۆھپە نۇمۇرى: 1338
توردا: 3568 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 10:10:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىراشچىلىقلار تۈپەيلى بەزى ئىملا خاتالىقلىرىنى سادىر قىلىپتىمەن ، ئەپۇ سورايمەن ، تۈزۈتۈپ ئوقىغايسىزلەر

ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80066
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3478
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 10:20:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانداق  يىزىقىچىلىق قىلمەن دەڭلار  .  شېئرلار  يازماي مانداقمۇ يىزىپ  تۇرۇڭلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93176
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 946
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 11:37:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭ نۇرغۇنلىرىنى مەن گېزىت-ژورناللاردا كۈرۈپتىكەنمەن. پەقەت شىنجاڭ سۆزى ئېلىپ تاشلىنىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13466
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8743
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 372 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 11:43:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەۋزەللىك  كۆپ   ئەمما  بىزنىڭ  پايدىلىنىلالىلىشىمىز   قانچىلىك  بولا؟

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1874
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4855
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2046 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-23 12:29:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىكىنمىچىلىكمۇ ئېغىر ، شۇ سەۋەبتىن بىزدە ئەسىلدە بار بولغان نەرسىلەر قىممىتىنى يوقىتىپ قويىۋاتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن  ماركىلاشتۇرۇشمۇ  تاشلىنىپ قېلىپ ، ھەتتا باشقىلارنىڭ بۇلۇپ كىتىپ بارىدۇ ،مەسىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بەيفۇ ماركىسى  ئاستىدا پولو بازارغا سېنىلدى ، ئەمەليەتتە بىزدە بار نەرسىلەر ، مۇشۇنداق نۇرغۇن نەرسىلەرنى «قاپ يۈرەكلىك» بىلەن ماركىلاشتۇرۇپ ئېكىسپورت بازارلىرىغا سالسا ، نۇرغۇن قىممەت ياراتقىلى بولىدۇ

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-23 01:12:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز ئابدۇكېرىم ئابلىز ئۈندىدار سالۇنىدىكى تۇرسۇنبەگ ياسىن شۇما؟

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1583
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10838
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2208 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-23 02:15:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ تېمىغا قىستۇرۇلغان ناخشىنى ئاڭلاپ

شىنجاڭ  ئۇيغۇرئاپتۇنۇم رايۇنى ، يەنى ئاپتۇنۇم رايۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىقتىساد، تەرەققىياتتا مەلۇم دەرىجىدە ئەركىنلىك ۋە ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە دىيىلىپتۇ...

راسما؟؟؟؟؟؟؟؟


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئارسلاندەك ياشا

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17211
يازما سانى: 1307
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 25514
تۆھپە نۇمۇرى: 1338
توردا: 3568 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-23 12:44:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sazguri يوللىغان ۋاقتى  2013-11-23 12:38 PM
1.   جۇغراپىيلىك ئەۋزەللىك :
     شىنجاڭ جۇڭگۇنىڭشەرقى شى ...

خاتا بولۇپ قاپتۇ ، غەربىي شىمال

ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!

ئارسلاندەك ياشا

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17211
يازما سانى: 1307
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 25514
تۆھپە نۇمۇرى: 1338
توردا: 3568 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-23 01:04:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyol يوللىغان ۋاقتى  2013-11-23 01:12 AM
سىز ئابدۇكېرىم ئابلىز ئۈندىدار سالۇنىدىكى تۇرسۇنبەگ ي ...

ھەئە مەن شۇ

ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش