مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1519|ئىنكاس: 12

ئىستودېنت، خىزمەت لازىممۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 3679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29022
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6345 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 06:57:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ



   لالە خېلىلنىڭ 19 – نويابىر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئۆتكۈزۈلىدىغان 2013 – يىللىق ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى پائالىيىتىگە ماسلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا 23 – نويابىردىن 29 – نويابىرغىچە 2013 – يىللىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
    ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەت ‹‹سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، غەلىبە قازىنىشقا ھەمدەم بولۇش››نى ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ، بۇ يىل، كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ۋە پۈتكۈزىدىغانلار، 2013 – يىلىدىن بۇرۇن مەكتەپ پۈتكۈزۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بولسىمۇ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلار، مەكتەپ پۈتكۈزۈپ، ئاساسىي قاتلامدا مۇلازىمەت قىلىش ۋاقتى توشقانلار شۇنداقلا، پىراكتىكا ۋاقتى توشۇپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنى مۇلازىمەت ئوبيېكتى قىلىدىكەن.
    ئاپتونوم رايون جايلاردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىدىن تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى مەركەزلىك ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان. جايلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار، قىز ئوقۇغۇچىلار شۇنداقلا ئائىلىسىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىپ، ‹‹بىرگە بىر›› ياردەم بېرىش، يۆلەش پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنى ئالدى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىۋېلىپ ئاندىن خىزمەت تاللاش، ئالدى بىلەن پىراكتىكا قىلىپ، ئاندىن ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئالدى بىلەن كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىپ، ئاندىن ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن ئىبارەت ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىدىيەسى بويىچە يېتەكلەيدىكەن.
    ئىشقا ئورۇنلىشىش شەرتىنى ھازىرلىغان ئوقۇغۇچىلار يەنە جۇڭگو ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى تورى (http://www.chrm gov.cn)، مەملىكەتلىك ئاممىۋى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.cjob.gov.cn)، جۇڭگو خەلقئارا ئىختىساسلىقلار تورى (http://www.newjobs.com.cn)غا چىقىپ، توردا تەكلىپ قىلىش يىغىنىدىكى ئۇچۇرلاردىن پايدىلانسا بولىدىكەن.
    بۇنىڭدىن باشقا، جايلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن نەق مەيداندا تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇچۇر، ئۈندىدار، مىكرو بىلوگ قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئاساسىي قاتلامدىكى جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىدا مەخسۇس كۆزنەك تەسىس قىلىپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بارلارنى ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇل بېرىش، شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار سىياسەتلەردىن بەھرىلەندۈرىدىكەن.
مەنبە:«شىنجاڭ گېزىتى››نىڭ 2013-يىل22-نويابىردىكى سانى

ئادەم بولماق تەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 09:22:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەت تاپالمىغانلارغا ياخشى پۇرسەت بولغىدەك






www.dagdam.com

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32152
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3363 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 09:38:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بەك ياخشى پۇرسەت ئىكەن،ئىستودېنىتلارغا شارائىت يارتىلىپ بىرىلىپتۇ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87112
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 988
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 381 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 09:42:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ رەھمەت.... ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە....

قىزىڭنى نۇمۇسچان قىل،                           ئوغلۇڭنى تېرىشچان قىل.
gadankax111 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 09:52:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2550
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21646
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9883 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-23 12:06:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gadankax111 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-22 09:52 PM
باش تىققۇدەك ماكان، قورساق ئاچ قالمۇغۇدەك ئاش - تاما ...

ئىنكاسىڭىزدىن سىزدە چوڭقۇر ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئىپادىسى چىقىپ تۇرۇپتۇ.
تاماق يىيىش ياشاش ئۈچۈن بولسىمۇ، ياشاش تاماق يىيىش ئۈچۈنلا بولمىغىنىدەك ئادەم قانچىلىك قىيىنچىلىقتا قالسىمۇ ئۈمىدۋارلىق ئىچىدە ياشاش كېرەك.

ئۆزىڭىزنىڭ ۋە باللىرىڭىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مەلۇم ئىقتىسادى ئاساس ھازىرلاپ قۇيۇش ئۈچۈن ۋۇجۇدىڭىزدىكى ئۈمىدسىزلىك تۇمانلىرىنى يىراقلارغا ھەيدىۋېتىڭ! ئۆزىڭىز قىلالايدىغان ۋە قىلىشنى خالايدىغان، سىزگە مەلۇم ئىقتىسادى مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلەيدىغان ئىشلار بىلەن شوغۇللانسىڭىز كۈنلىرىڭىزنىڭ چوقۇم خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-23 01:36:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بەك ياخشى پۇرسەت ئىكەن،ئىستودېنىتلارغا شارائىت يارتىلىپ بىرىلىپتۇ. ئىش كۈتۈپ تۇرغانلار تېزدىن ھەركەتلىنىڭلار، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭلار

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1583
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10838
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2208 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-23 02:03:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرچە مۇشۇنچىلىك پۇرسەتنىڭمۇ بولغىنى ئەۋزەل،،،،،،،


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98818
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 350
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2013-10-20
ئاخىرقى: 2014-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-23 02:29:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا خىزمەتنى پۇل قۇشۇپ بەرسىڭىزمۇ قىلمايمەن  

http://www.istanbul-textill.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77213
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4146
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-23 03:22:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
706- ئىسىملىك تورداش سىز خىزمەت قىلمىسىڭىز بىز قىلىمىز بىزگەھاياتلىق كىرەك.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش