مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1923|ئىنكاس: 22

گۈل- گىياھلار بىلەن بىر ئۆيدە قىشلىماڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91315
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 917
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 06:01:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

گۈل- گىياھلار  بىلەن بىر  ئۆيدە   قىشلىماڭ


           خەلقىمىز ئەزەلدىن دەل- دەرەخ ۋە گۈل- گىياھ ئۆستۈرۈش ئەنئەنىسىگە ئىگە بولۇپ، ھويلا- ئاراملاردا دەل- دەرەخ، گۈل- گىياھ ئۆستۈرۈپ، يىشىللىققا پۈركەپ، مۇھىتنى كۆكەرتىپ ۋە گۈزەللەشتۈرۈپ، ھويلا- ئارامنىڭ كىچىك مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇپ، ئىكولوگىينى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ياشاش ئادىتىنى يىتىلدۈرگەن ۋە بۇنى بىر خىل مەدەنىيەت سۈپىتىدە داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. شۇ سەۋەپتىن خەلقىمىز دالا ۋە ئۆي ئىچىدىمۇ گۈل- گىياھ ئۆستۈرۈشكە ئامراق. گۈل خۇمار خەلق.

      قىش كىرىشى بىلەنلا كىشىلەر سىرىتتا ئۆستۈرگەن گۈل- گىياھلىرىنى تەبىئى ھالدا ئۆي ئىچىگە ئەكىرىپ ئۆستۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. بۇنداق قىلىشنىڭ مۇنداق ئىككى تۈرلۈك ئالاھىدە سەۋەبى بولۇپ، بىرى، گۈل- گىياھلارنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە ئىمكان يارىتىش بولسا، يەنە بىرى، ئۆي ئىچى مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش دەپ قارايدۇ. چۈنكى، بىرىنچىدىن مۇتلەق كۆپ ساندىكى يىشىل ئۆسۈملۈكلەر جۈملىدىن گۈل- گىياھلار نۆل سىلسىيە گىرادۇس (oC 0)ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن تىمپىراتۇرا شارائىتىدا نۇرمال ئۆسۈپ يىتىلەلمەيدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئۇلار قۇياش نۇرىنىڭ ياردىمىدە مۇئەييەن تىمپىراتۇرا شارائىتىدا غول ۋە يىلتىزى ئارقىلىق تۇپراقتىن سۇ ۋە   مىنىرال ماددا(ئوزۇقلۇق)لارنى سۈمۈرۈپ ــ يىغىپ، ھاۋادىن كاربۇن(IV) ئوكسىدىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى يوپۇرماقتىن ئىارەت« يىشىل زاۋۇت»تا ئۇچراشتۇرۇپ، بىر تالاي مۇرەككەپ بىئوخېمىيەلىك رىېئاكسىيەلەر ئارقىلىق دۇنيادىكى غايەت زور بولغان ئېنىرگىيە ۋە ماددا ئالماشتۇرۇش جەريانىنى تاماملايدۇ، بۇنى بىز بىئولوگىيە كەسپى تىلىدا فوتوسىنتىز رولىياكى ماددا ئالماشتۇرۇش  جەريانى دەپ ئاتايمىز. بۇ جەرياندا ئۆسۈملۈكلەر سۇنى پارچىلاپ، بىر قىسىم ئوكسىگېن، كاربۇن ۋە ھىدروگىنلارنى ھاۋاغا قويۇپ بىرىپ، ھاۋا (ئاتموسفىرا)نى ساپلاشتۇرۇش فونكىسىيەسىنى تاماملايدۇ. كېچىلىرى كۈن نۇرى بولىغان (قاراڭغۇدا) ، تېمپىراتۇرا تۆۋەن، نەملىك يۇقىرى شارائىتتا ئوكسىگېننى سۈمۈۈرپ كاربۇن(IV) نى ھاۋاغا قويۇپ بىرىدۇ.بۇنى پەيلاسوپلار ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىستىمال ۋە ئىختىرا جەريانى دەپ ئاتايدۇ. دېمىسىمۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بۇ خىل ئالاھىدە ئىستىمال ۋە ئىختىرا قىلىش فۇنكىسىيەسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا، بىز ئىنسانىيەت ياشاۋاتقان مۇھىت ئۈزلۈكسىز سىنتىزلىنىپ، ياشاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولغان ئوكسىگىن ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ ۋە قورسىقىمىز ئاچ، ئۇچىمىز يالىڭاچ قالماي، ھاياتىمىزنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتىمىز. بۇ بەلكىم يىشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىنسانىيەت دۇنياسىغا ئاتا قىلىۋاتقان تەڭداشسىز زور تۆھپىسى بولسا كىرەك. بىراق، تەجرىبە ۋە كۈزىتىش ئارقىلىق شۇنى بايقاش مۇمكىنكى ، يىشىل ئۆسۈملۈكلەر گەرچە فۇتوسىنتىز رولى ئارقىلىق كاربۇن (IV) ئوكسىدىنى سۈمۈرۋىلىپ، ئوكسىگىننى قويۇپ بەرسىمۇ، قىش پەسلى ئۆي ئىچى تىمپىراتۇرسىنىڭ يەنىلا بىر قەدەر تۆۋەن بولۇشى، كۈن نۇرىنىڭ يىتەرلىك بولالماسلىقى، نەملىكنىڭ كەمچىللىگى تۈپەيلىدىن ئۆي ئىچىگە قويۇلغان تەشتەكلەردىكى گۈل- گىياھ قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەردىكى فۇتوسىنتىز رولى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلاپ، ئۆي ئىچى كىچىك مۇھىتىقا قويۇپ بىرىدىغان ئوكسىگىن ئىنتايىن ئاز بولغاننىڭ ئۈستىگە، فۇتوسىنتىز ئادەتتە كۈندۈزى ئېلىپ بىرىلدىغانلىقتىن، ئوكسىگىن قويۇپ بىرىشمۇ كۈندۈزى ئىلىپ بىرىلىپ، كىچىسى ئۆسۈملۈكلەرمۇ ئادەمگە ئوخشاشلا ئوكسىگىن ئارقىلىق نەپەسلىنىپ، كاربۇن(IV) ئوكسىدى قويۇپ بىرىدىغان بولغاچقا، ياتاق ئۆيلەرگە گۈل- گىياھ قويۇپ قويغاندا، ئاخشاملىرى ئادەم بىلەن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئوكسىگىن تالىشىشى يۈز بىرىپ، ئادەمنىڭ نەپەسلىنىشى بەلگۈلۈك تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال كېسەلمەن، ئاجىز ۋە ياشانغان كىشىلەردە تېخىمۇ روشەن كۆرىلىدۇ. ھەتتا بىر قىسىم كىشلەردە بىئاراملىق، باش ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مومكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن قىش كۈنلىرى ياتاق ئۆيلەرگە گۈل- گىياھ ئەكىرمەسلىك ياكى گۈل- گىياھ بىلەن بىرگە قىشلىماسلىق لازىم. ئېغىر ئاياق ئاياللار، يۈرەك ۋە يۇقۇرى قان بىسىم كېسىلى بارلار، نەپەسلىنىش يوللىرىدا كېسەللىك ياكى توسالغۇ بارلار قىش كۈنلىرى گۈل- گىياھلار بىلەن بىرگە قىشلىماسلىق ياكى ياتىقىغا گۈل- گىياھ ئەكىرمەسلىك كىرەك.

ئۇندىن باشقا، كۈچلۈك پۇراقلىق گۈل- گىياھ ياكى ئۆسۈملۈكلەرنى ياتاق ئۆيگە ئەكىرۋىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. يەنە بەزى كىشىلەر تەشتەك ياكى لوڭقىلارغا گۈل- گىياھ سانجىپ قويۇشقا ئادەتلەنگەن. بۇ گەرچە قارىماققا مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش ياكى ئۆزگىچە بىر خىل بىزەك شەكلى بولسىمۇ، لىكىن پۇراقلىق گۈل- گىياھ ۋە يىلتىزسىز گۈل ياكى ئۆسۈملۈك سۇغا چىلاپ ياتاق ئۆيلىرىگە ئەكىرىپ قويۇشقا ئەسلا بولمايدۇ، قىش پەسلى تېخىمۇ شۇنداق. چۈنكى بۇ خىل شەكىلدىكى بىزەك گۈل- گىياھلار قىش كۈنى ئاساسەن فوتوسىنتىز ئېلىپ بارماستىن ،ئۆز ھاياتىنى ساقلاپ قىلىش ياكى ئۆمرىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن، ئۆي ئىچىدىكى ئوكسىگىننى كۆپلەپ سۈمۈرۋىلىپ، كاربۇن(IV) ئوكسىدنى قويۇپ بىرىدۇ- دە، ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە تېخىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-22 09:13 PM  


ئىلىم-پەنسىز تۇرمۇش ئوكسىگېنسىز ھايات .دۇرۇس ۋە لىللا ياشاش ئىمان جۈملىسىدىن. تەپەككۇر  ئىنساندىكى ئەڭ ئالى ئىقتىدار ۋە مۇھىم فونكىسىيە. ئۆگۈنىش ۋە تەپەككۇر ھاياتىم،بەختىمنىڭ بىر قىسمى.__   غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 10:00:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدىم . رەھمەت . مەن گۈلگە بەك ئامراق  بولغاچ ھۇجۇرامنى گۈلدە توشقۇزىۋەتكەنىدىم . ئەمدى بىلىۋالدىم . قىيالمىساممۇ ئامال يوقتەك قىلىدۇ .

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12551
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32343
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4573 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 10:07:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم بىلىمدىن بىرنى يەتكۈزۈپسىز،رەھمەت سىزگە...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11712
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 8260 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 10:54:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىھمانخانا ئۈيۈمدە 5،6تەشتەك گۈلۈم بار ئىدى . ئەنسىرەپ قالدىمغۇ ئەمدى !تاشلىۋېتىشكە كۈزۈم قىيمايۋاتىدۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 10 ماڭا بىرىڭە بولمىسا

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91315
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 917
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 11:24:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىچقۇسى يوق. پەقەت ياتاق ئۆيىڭىزگە كۆپ گۈل ئەكىرۋىلىپ ،بكېچىلىرى  گۈل بىلەن ئوكسىگېن تالىشىپ قالمىسىڭىزلا بولىدۇ شۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilik_yar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-23 12:03 AM  


ئىلىم-پەنسىز تۇرمۇش ئوكسىگېنسىز ھايات .دۇرۇس ۋە لىللا ياشاش ئىمان جۈملىسىدىن. تەپەككۇر  ئىنساندىكى ئەڭ ئالى ئىقتىدار ۋە مۇھىم فونكىسىيە. ئۆگۈنىش ۋە تەپەككۇر ھاياتىم،بەختىمنىڭ بىر قىسمى.__   غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2510
يازما سانى: 1026
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11793
تۆھپە نۇمۇرى: 361
توردا: 1741 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-23 12:40:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئائىللەردە چۇقۇم دىققەت قىلساق بولغۇدەك جۇمۇ .

ھايات بولسا بىر دېڭىزغا ئوخشايدۇ ،ئىرادىلىك ئادەملەرلا قارشى قىرغاققا ئۈزۈپ بارالايدۇ،

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4232
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20182
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1676 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-23 01:37:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت بىلۋالدىم...چوڭ داداملار ھەر قىشتا شۇنداق قىلاتتى ئۇلارغا دەپ قويسام بولغۇدەك

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2949
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 168 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-23 11:50:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت بىلىۋالدىم ،

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5105
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1358 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-23 04:41:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم بىلىمدىن بىرنى يەتكۈزۈپسىز،رەھمەت سىزگە...

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9317
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 987 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-23 06:14:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ گۈلگە بەكلا ئامراق ،مىنىڭ ياتاق ئۆيۈم ھەم مىھمانخانا ئۆيۈمدە گۈل تولۇق ئىدى .ئەمدى قانداق قىلسام بولار ،بۇ مەسلە بېشىمنى قاتۇرۇپ قويدى .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش