ئەجەل يېتىپ كەتتىڭىز ئۇستاز
بالىلىقىمدىكى سۆيۈملۈك ئۇستازىم ھەسەن دۆلەت مۇئەللىم 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى (جۈمە) بۇ ئالەم بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى.
ھەسرەت چېكىپ يىغلايدۇ گۈللەر،
سوغۇق تۇمان ئۆرلىگەن كۈزدە.
جىلۋە قىلار بەرگىدە ئازاب،
سەرسان بولۇپ خۇشپۇراق تۈزدە.
ئەگىپ يۈرەر مۇڭلىنىپ شامال،
دەردلىك كۆزى ئېچىشىپ نەمدە.
چۈشۈپ كېتەر ئەلەمدە بېشى،
قايناپ كەلگەن مۇسىبەت-غەمدە.
سالۋا تۇماق كېيىشكەن ھاۋا،
ئاستا كېلىپ يوقلايدۇ چىمەن.
جىمىپ قالار ناۋاگەر قۇشلار،
بېقىپ بوزرەڭ تۇپراققا تىمەن.
ئەسنەپ ياتار قۇرىغان شىۋاق،
ئەلۋەك باھار چۈشىنى كۆرۈپ.
شۈرمەل ئاقار دەريادا غېرىپ،
مۇزلاپ كەتكەن قىرغاقنى سۈرۈپ.
نۇرغا چۆمگەن قەدىمىي دەرەخ،
تاشلاپ تۇرار پەرۋاسىز سايە.
ئۆمۈر دېگەن تېپىشماق بولۇپ،
قىلار دۇنيا مېھرىنى زايە.
داڭقى چىققان دانىشمەن ئەردىن،
قالار ئەلگە پەخىرلىك زامان.
ياخشى نامدىن سۆيۈنۈپ ئىنسان،
ئۈمىد بىلەن ياشايدۇ ھامان.
ئۆكسۈپ تۇرار يارىدار كۆڭۈل،
ئۆتۈپ ئەجەل سورىقى جاندىن.
نېمە قالدى، نېمىلەر كەتتى؟
سىرى غايىپ تىلسىم جاھاندىن.
لەيلەپ ئۇچقان ئاخىرقى ياپراق،
سۈكۈت باسقان قەبرىگە چۈشەر.
قىلغاچ باقى ئالەمگە سەپەر،
ئۇلۇغ ھېكمەت قۇچاقلىغان ئەر.
ئەركىن پەرۋاز قىلارمۇ روھى،
بولۇپ گۇناھ-كەبىردىن ساقىت؟
ئۇستاز دېگەن، ئۇستازغۇ ئاخىر،
دەرمۇ شۇنداق ئاخىرقى ۋاقىت؟
تەندىن چىققان ئامانەت جاندىن،
قالدى مەسۈم يۈرەككە بەلگە.
ئەجەل يېتىپ كەتتىڭىز ئۇستاز،
ھەسسە قوشۇپ باھادىر ئەلگە...
مەنبە: ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-22 06:54 PM