پارىخورنىڭ «دەردى»
ئەمەلدار بولماق تەس، بىزدەك پارىخور ئەمەلدار بولماق تېخىمۇ تەس، ئىشەنمەمسىز؟
بىزدەك پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ پۇل ئۈندۈرۋېلىش ئۇسۇلى كۆپ بولسىمۇ، بىراق بۇ ئىشنى ئىنىس-جىنغا تۇيدۇرماسلىقىمىز، پارا بەرگۈچى بىلەن ماسلىشىپ، پۇل ئۈندۈرۋېلىشىمىزغا ياردەم بەرگۈچىلەر بىلەن گىپىمىزنى بىر قىلىۋېلىشىمىز كېرەك، شۇنداق قىلساقمۇ كۈنىمىز دەككە-دۈككىدە ئۆتىدۇ، ئۇلارنىڭ چاۋىمىزنى چىتقا يېيىشىدىن قورقىمىز.
بىز دوكىلات بەرگەندە ئاغزى-ئاغزىمىزغا تەگمەي سايراپ كەتكەن بىلەن، ئەمىلىيەتتە لالما ئىتقا ئوخشايمىز، ئادەتتە ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئاۋازىدىن بەك قورقىمىز، كوچىدا كىتىۋاتقاندا تۇرقىمىز ئادەمدەك تۇرغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئاللىبۇرۇنلا كىشىلەر يىركىنىدىغان مەخلۇققا ئايلىنىپ بولدۇق.
بىز ئۆزىمىز، ئائىلىمىز ئۈچۈنلا نەپسانىيەتچىلىك قىلامدۇق؟ قارىماققا شۇنداقتەك تۇرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي شۇنداق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، مۇناسېۋەتلەرنى لايىقىدا تەڭشەپ تۇرمىساق، ئۆستۈرگەن ئادەمنىڭ شەپقىتىگە جاۋاپ قايتۇرمىساق،ئەمەلنى تۇتۇپ بولغىنىمىز شۇ. باشقىلار بىلەن كارىمىز بولمىسا، ئۇلار بىزنى بىكارغىلا ئۆستۈرۈپ قويارما؟
ئاشنىمىزنىڭ بىزنى سۆيمەيدىغانلىقى بىزگە ئايان، ئۇلار پۇلىمىز بىلەن ھوقۇقىمىزنى سۆيىدۇ، خالاس.بىزدىن دائىم پۇل سورايدۇ، بۈگۈن ئۆي، زىبۇ-زىننەت ئالىمەن دىسە، ئەتىسى ئۆي جاھازىلىرى، داڭلىق كىيىم-كىچەك ئالىمەن دەپ، كۆڭۈلنى پاراكەندە قىلىدۇ.
بىز پارىخورلار تولىمۇ نومۇسچان كېلىمىز، تاش يۈرەكلىك قىلىپ ئاجىرىشايلى دىسەك، خوتۇنىمىزنىڭ پاش قىلىپ قويۇشىدىن قورقىمىز، ئاجراشمىساق، خوتۇن-بالا ھەممىسىنى باقىدىغان گەپ.بۇ، ئۇمۇمىلىق ئارقا سەپ. شوڭا، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش، مۇستەھكەملەش، تەرەققى قىلدۇرۇش كېرەك.
بىز دائىم ئاشنىمىز بىلەن تۈنتەڭگىچە بىللە بولىمىز، ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن، قارىسىغىلا،- « خىزمەت بەك ئالدىراش، ئىش قوشۇپ ئىشلەپ بەك ھېرىپ كەتتىم» دەپ يالغان سۆزلەيمىز،«توقال»لىمىزنىڭ ئۈيىدە نەچچە كۈن قونۇپ قالساق،- « سىرتقا چىقىپ خېرىدار چاقىرىپ مەبلەخ كىرگۈزدۇق» -دەپ يالغان ئېيتىمىز،ئاتا-ئانىمىز، بالا-چاقىلىرىمىز ۋە خوتۇنىمىزنىڭ يۈزىدىلا يالغان-ياۋىداق گەپ-سۆزلەرنى قىلغاندا ئىنساپلىقلىقىمىزنى قىلچە چاندۇرمايمىز. ئەمەلىيەتتە، بىز ئادەم دىسە ئادەم ئەمەس، ئالۋاستى دىسە ئالۋاستى ئەمەس ئىككى يۈزلۈك ئادەملەرمىز. سىزچە، بىز پارىخورلار ئاشنا تۇتۇپ، «توقال» بېقىپ ھارمايمىزما؟ بىز ئۆزىمىزگە تەئەللۇق ھەقىقى سۆيگۈ-مۇھەببەتتىن قۇرۇق قېلىپ، خوتۇنىمىز ئالدىدا خائىن، ئاتا-ئانىمىز ئالدىدا بەتخەج، بالىلىرىمىز ئالدىدا شەرمەندە، ئاشنا ۋە «توقال »لىرىمىز ئالدىدا غالچا، خەلق ئالدىدا دۈشمەنگەن ئايلىنىپ بولدۇق.
بىز پارتىيە ئىنتىزامىدىن، ئېقتىسادى تەپتىش ئورگىنىدىن، ئاممىنىڭ ئەرز-شىكايىتىدىن قورقىمىز. شوڭا، بىز پارىخورلار جىنايىتىمىزنىڭ ئېغىرلىقىدىن قورقۇپ ئۆزىمىزنى ئۆلتۈرىۋالىمىز ياكى قېچىپ يۈرۈيمىز، بەزىلىرىمىز مەنسىپىمىزدىن، جېنىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ شىكايەت قىلغۇچىلارغا غالجىرلارچە زىيانكەشلىك قىلىمىز.
بىز پارىخورلارنى بىر توپ دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا، بۇ توپتىكىلەر سالاپەتلىك كۆرۈنگىنىمىز بىلەن، ئەمەلىيەتتە بىر-بىرىمىزدىن ئۆلگۈدەك قورقىدىغان، بىر كۈننى بىر يىلدەك ئۆتكۈزىدىغان، ئىت- مۈشۈكچىلىكمۇ ئەركىن بولالمايدىغان بىچارىلەرمىز. بۇ بىزگە ئاسانمۇ؟بىزدەك ئادەم دىسە ئادەم ئەمەس، ئالۋاستى دىسە ئالۋاستى ئەمەس تىرىك مۇردىنىڭ كۈنى قاچانمۇ ئولتۇرار !
« شىنجاڭ تەپتىشى»ژورنىلىدىن مۇقەددەس تۇرسۇن تەييارلىغان.
« شىنجاڭ خەلق قورولتىيى»ژورنىلى 10-سانىدىن كۆچۈرۈپ تورداشلارغا تەقدىم ئەتكۈچى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-22 02:47 PM