مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1794|ئىنكاس: 12

ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى چۈشىنىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94793
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 206
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2013-4-13
ئاخىرقى: 2014-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 06:56:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرتېبابەتدورىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىسسىق، جىگەرگە زىيانلىق دەپ قاراپ، ئۇيغۇرچە دورىلارنى ئىچىشتىن قورقىشىدىكى سەۋەپ، بەلكىم ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىسسىقلىق دورا يەپ زىيان قىلغان ياكى ئىسسىق كەلدى دەپ داتلىغانلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلىغان كەچۈرمىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى ئىسسىق بولغاچقا ھەم تېۋىپلارسوزۇلما خاراكتىرلىك نۇرغۇن كېسەللىكنى سوغۇق يەلدىن بولىدۇ دەپ قارايدىغان بولغاچقا، كۆپىنچە بىمارلارغا ئىسسىقلىق دورا بېرىدۇ. بولۇپمۇ، ياللۇغقا، يەلتاشما ۋە تەمرەتكىگە، قان ئازلىققا، بۆرەك ئاجىزلىققا، ھەر خىل ئۆسمىلەرگە، ئەرلەر ۋە ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان جىنسىي ئاجىزلىق، جىنسىي ئەزالاردىكى يارا- ياللۇغلارغا ئۇزۇن مۇددەت ئىسسىقلىق دورا ئىشلىتىلىدۇ-دە، بىمارلارنىڭ ئۆزگىرىۋاتقان مىزاجىنى توغرا ئىگەللەپ تۇرمىغاندا، بەدەننى بارا-بارا ئىسسىقلىق قاپلايدۇ. يەنە كىلىپ، ئىسسىقلىق بەدەنگە تېز تەسىر قىلىش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ئىسسىقلىق تەسىرى بەدەن ئەزالىرىدا ئۇزۇنغىچە ساقلىنىپ قالىدۇ.

يەنە بىر مۇھىم سەۋەپ بولسا، سوغۇق دورىلار بەدەننى سەل بوشاشتۇرۇپ، سۈيدۈكنى كۆپەيتىپ قويۇشتىن باشقا ئالاھىدە زىيانلىق تەسىر بەرمىگەن بىلەن، ئىسسىق دورىلار ئىسسىق كىلىپ قالغاندا، بىر قەدەر جىددى ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. سەۋەبىنى ئاددىي ئېيىتقاندا، بەدەندىكى يۈرەك، مېڭە، جىگەر قاتارلىق رەئىس دەپ قارىلىدىغان، زىلراق ۋەزىپىنى ئۆتەيدىغان ئەزالارنىڭ ئىسسىقلىققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئاجىز. مېڭىدە قىلدام تومۇرلار كۆپ بولغاچقا، ئىسسىقلىق تەسىرىدىن قىزىغان قان مېڭە ئىچكى بېسىمىنى كۈچەيتىپ، قان بىسىمنى ئۆرلىتىپ قويىدۇ. يۈرەك ھەرىكىتى قىزىغان قان سەۋەبىدىن تېزلىشىپ، نەپەس يىتىشمەسلىكنى پەيدا قىلىدۇ. جىگەر ھارارىتى تېخىمۇ ئېشىپ، جىگەرنىڭ زەھەرسىزلەندۈرۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سۈيدۈك تۇتۇلۇپ، قاننىڭ تەركىبى ئېغىر بۇزۇلىدۇ. بۇنداق بولىشىمۇ كۆپچىلىك بىمارلاردا ئىسسىق دورىلاردىن قورقۇش پىسخىكىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئۇيغۇر تېبابەت خام دورىلىرىنىڭ كىلىش مەنبەسى ئۆسۈملۈك، ھايۋانات ۋە تۇپراق. پىششىق دورا ياساش ئۈچۈن كۆپ ئىشلىتىلىدىغان، تۈرى نەچچە يۈز خىلغا يىتىدىغان بۇ خام دورىلارنىڭ تەڭدىن تولىسى راستىنلا ئىسسىق تەبىئەتلىك بولسىمۇ( خام دورىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىسسىق بەلباغدىن كىلىدۇ)، شۇنىڭلىق بىلەن پۈتۈن دورىلارنى ئىسسىقلىق دەپ ئويلاپ، ئىسسىق كىلىشتىن قورقۇپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر ھەممىلا دورا ئىسسىقلىق بولغىنىدا، ئۇيغۇر تېبابىتى ئىسسىقتىن بولغان كېسەللىلەرنى قانداقمۇ داۋالىيالىسۇن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈرەك، جىگەر، ئۆت قاتارلىق مىزاجى يۇقىرى دەرىجىدە ئىسسىق بولغان ئەزالارنىڭ ھەر تۈرلۈك كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئۆز تېبابىتىمىز دورىلىرىنىڭ شىپاسى ناھايىتى يۇقىرى.

مەسىلەن، ئىلگىرى خوتەندە يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى تارقالغان ۋە سەھىيە ئورۇنلىرى قاتتىق دەكە-دۈككىگە چۈشكەندە، تېۋىپلىرىمىز كاسىنە دەيدىغان، ئېرىق بويلىرىدىن تاپقىلى بولىدىغان بىر خىل سوغۇق تەبىئەتلىك ئاددىي دورىلىق چۆپ بىلەنلا كېسەللىكنى تىزگىنلىگەن. شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋال خاتىرىلەنگەن ماتېرىياللاردا،ھۆكۈمەتنىڭ بىر نوپۇزلۇق ئادىمىنىڭ شۇ كاسىنە دەيدىغان دورىدىن بىر باغلام كۆتۈرۈپ، ھىجاراپ چۈشكەن سۈرىتى بار.

يۈرەك كېسەللىكلىرىگە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سەندەل، مەرۋايىت، قىزىلگۈل، گاۋزىبان، كەھرىبا، تاباشىر، زىرىق، ئامىلە قاتارلىقلارمۇ سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلاردۇر. يۈرەك- قان تومۇر كېسەللىكىگە ئىشلىتىلىدىغان خېمىرى مەرۋايىت دېگەندەك سوغۇققا مايىل پىششىق دورىلارنىڭ ئۈنۈم جەھەتتىن داڭقى بار. جىگەر-ئۆت كېسەللىكىگە كەلسەك، كاسىنە تەركىپلىك دورىلار، سوغۇق تەبىئەتلىك بۇزۇرى شەربىتى ناھايىتى شىپالىق.قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە تېگىشلىككى، مەيلى غەرىپچە ياكى خەنزۇچە دورىلار بولسۇن، ئاشقازان، ئۆت، جىگەر ياللۇغى ۋە ئاجىزلىقى بىرگە كەلگەن ئەھۋال ئاستىدا، ھەممە ياللۇغنى تەڭ قايتۇرۇشقا ماس كەلمەيدۇ. ئاشقازانغا ئىشلەتكىنى جىگەر ياكى ئۆتكە، ئۆتكە ئىشلەتكىنى ئاشقازانغا ياقماي قالىدۇ. چۈنكى ئاشقازان كىسلاتا خۇسۇسىيەتلىك، ئۆت ئىشقار خۇسۇسىيەتلىك سۇيۇقلۇق ساقلايدۇ. ئەمما ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئۈچ ئەزادىكى ياللۇغنى ياخشىلاپ، ئۈچلا ئەزاغا قۇۋۋەت بېرەلەيدىغان سوغۇققا مايىل دورىلاردىن خىلى كۆپ بار. مەسىلەن: نارپىننە شەربىتى، ئامىلە جەۋھەرى، كاسىنە جەۋھەرى،يالپۇزجەۋھەرى، دىنارجەۋھەرى ۋە بۇزۇرى جەۋھەرى دېگەندەك. ( ئۈچ ئەزاغا پايدىلىق ئىسسىققا مايىل دورىلاردىن مەجۈنى نانخۇا، ئىسسىق تەبىئەتلىك بۇزۇرى جەۋھەرى، رەيھان جەۋھەرىلەر بار.)

دېمەك، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىسسىق تەبىئەتلىك بولمايدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتى كېسەللىكلەرنى مىزاج ۋە خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭسىز بولۇشىدىن كىلىپ چىقىدۇ دەپ قارايدىغان تۇرۇقلۇق، ھەر خىل مىزاجلارنىڭ ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقىغا ئەھمىيەت بەرمەي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئىسسىقلىق ئېشىشمۇ مەلۇم خىل كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى بولغانىكەن، سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلارغىمۇ تايانماي بولمايدۇ. قان ۋە سەپرادىن بولغان كېسەللىكلەرگە ئومۇمەن سوغۇقلۇق ۋە سوغۇققا مايىل دورىلار داۋا بولسا، بەلغەم ۋە سەۋدا خىلىتلىرىنىڭ تەبىئىي بولمىغان ئۆزگىرىشلىرى ئاستا خاراكتىرلىك كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ ھەم ئۇزۇنغىچە ئىسسىق دورىلارنى بېرىشكە توغرا كىلىدۇ. پەقەت تېۋىپنى ياخشى تاللاپ، پات-پات كۆرۈنۈپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغاندىلا، دورىلارنىڭ ئىسسىق كىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.






  مەنبەسى  شىپاگەر تىبابەت تورى  www.xipaGAR.COM    شىپاگەر تورى

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1641
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10963
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2223 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 10:38:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقىي ئۇستا تىۋىپ  دورىنى تەڭشەپ بىرىدۇ،،،،  ھەرقانچە ئىسسىقلىق دورا بېرىشكە توغرا كەلسمۇ  ئوت ئىسسىق دورا بەرمەيدۇ بەلكى تەڭشەپ  ئىسسق كەلمىگۈدەك  قىلىپ بىرىدۇ،،، بەزى تىۋىپلىرمىز باركى،،،، ئىسسىقلىق دورا دىسە  ئوت ئىسسىقلىق ياكى مۇز سوغوقلۇق دورا قىلىپ بىردۇ دە  ئىچكەن كىشىگە زىيان قىلىدۇ.....


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93794
يازما سانى: 850
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2147
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 971 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 10:55:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇلاراق يېزاىلاردا ھەپتە ئارلىقىدىكى كىچىك بازارلاردا ماشىنىنىڭ ئالدىغا ھەرتۈرلۈك ھايۋان،ھاشارەتلەرنىڭ ، ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەرنى ھەسەلگە ئارلاشتۇرۇپ  ،نەق  مەيداندا ياساپ ساتىدىغان ‹تىۋىپلارنى ›ئۇچۇرتىمىز .  ئۇلارنىڭ دورىلىرى قانداق ؟ زىيىنى كۆپمۇ ،پايدىسىمۇ؟

ناماز بىلەن رامزان ئادەمگە قالقان › ئۇنى تېشەر غەيۋەت بىلەن يالغان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82881
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3159
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-7-23
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 11:16:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىۋىپ دورىسىمۇ ئادەمنىڭ مىجەزىگە قاراپ تەڭشىلىدۇدە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82881
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3159
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-7-23
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 11:20:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kariguja يوللىغان ۋاقتى  2013-11-21 10:55 PM
تۇلاراق يېزاىلاردا ھەپتە ئارلىقىدىكى كىچىك بازارلارد ...

ئۇلارنىڭ دورىسى ياخشى بولسا  بازامۇ-بازا ئاپىرىپ ساتامدۇ ئويلاپ بېقىڭ

ئۈمىد ئەتىنى يار

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39957
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5022
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 228 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 01:06:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kariguja يوللىغان ۋاقتى  2013-11-21 10:55 PM
تۇلاراق يېزاىلاردا ھەپتە ئارلىقىدىكى كىچىك بازارلارد ...

بۇنداقلاردىن بىر نەرسە ئالماڭ. تىۋىبتىن دورا ئالاي دېسىڭىز مۇقىم دۇكان ئېچىپ ئولتۇرغان، تىبابەتچىلىكتىن ئەمەلىي خەۋرى بولغان تىۋىبلاردىن سېتىۋېلىڭ.

دۇنيا مەڭگۈلۈك ئەمەس، شۇنىڭدەك دەۋر ھەم مەڭگۈلۈك ئەمەس، ئۇ ھامان ئالمىشىدۇ! شاھ گاداي، پۇقرا بايمۇ بولىدۇ... بۇ دۇنيانىڭ ئويۇنلىرىغا ئاھ ئۇرمىغىن! ئۈمىدۋار بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32532
يازما سانى: 569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7411
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 854 سائەت
تىزىم: 2011-3-3
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 01:21:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەجۇننىمۇ    تىۋىپلىرىمىز   ياساپ  ساتىدىغۇ دەيمەن   ياشلىرىمىزغا ؟

ھەسرىتىمنى كىمگە ئېيتىمەن ،   بۇ دەردىمنى كىمدىن ئالىمەن

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5030
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1421 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 11:33:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلىنىش قىممىتى بار ئەسەركەن ماۋۇ

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 912
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2953
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 12:39:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تىۋىپنىڭ دورىسىنى يىيىشتىن قورقىمەن.

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74073
يازما سانى: 538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4921
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 303 سائەت
تىزىم: 2012-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 01:15:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى-خېلى داڭقى بار تىۋىپلارنىڭمۇ، دورىسىنىڭ تىز تەسىر قىلىشى ئۈچۈن سەنلىيېتۇڭ، ئاسپىلىن تىپىدىكى تابلىت دورىلارنى سوقۇپ ئارلاشتۇرىدىغىنىنى تىۋىپ دوستۇمدىن ئاڭلىغان..

نەۋباھار ياپرىقىڭ سارغايدى-سولدى،
قويما قازىنىڭنى، ئوتىمىزسۇندى.
بارغىن سەن ئالدىغا، تەلەپكار بولسا،
نازلانغىن ئەركىلەپ، خېرىدار ئولسا.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش