مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1213|ئىنكاس: 16

‹‹بەخىتلىك بول ›› دىگۈم يوق پەقەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99550
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 481
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2013-11-13
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 06:10:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

‹‹بەخىتلىك بول ›› دىگۈم يوق پەقەت                           

”ئاياللار ئاجىز“ دىسە” تەن“ بەرگۈم كەلمەيىتتى . تۇنجى قېتىم ئۈزۈمنىڭ ‹‹ئۈششۈك تەگكەن ياپراق››تەك بىچارە ھەم ئاجىزلىقمنى ھىس قىلدىم ،يىغىدىن ئىششىغان كۆزلىرىم ھىچقانداق ئىپادىسىز سوغوق بىر ھالەتتە ،زەرىپ بىلەن تارسىلداپ ئەينەككە تىگىپ ھايالشىمايلا تۈۋەنگە سىرغىۋاتقان يامغۇر تامچىللىرىگە تىكىلگىنىچە قېتىپ قالغان ئىدى .شۇتاپتا ئويلاپ- ئويلاپ تەكتىگە يىتەلمىگەن سۇئاللىق تىېپىشماقلاردىن بىر دەم بولسىمۇ ئۈزۈمنى يىراق تۇتماقچى بولغاندەك ،دۇنيانىڭ بىردەم بولسىمۇ ئىزىدا توختاپ ماڭا ئۈزۈمنى تۇتۋېلىپ قېنىپ نەپەسلەنگۈدەك ۋاقىت بىرىشنى كۈتتۈم .بەلكىم سەندىن (تۇنجى قېتىم ‹‹ سەن›› دىگىنىمنى ئەيىپكە بۇيرىما ) ئاغرىنماسلىقىم ،  سىنىڭ ئۈزۈڭدىن 12 ياش كىچىڭ مەھبۇبىنى تېپىۋالغىنىڭنى توغرا چۈشنىشىم ،كەڭ قۇرساق بۇلۇپ سىنىڭ «قوش نىكاھلىق›› بۇلۇشىڭغا ‹‹يىشىل  چىراق›› يېقىپ بىرىشىم كىرەكتۇر ،شۇنداق قىلسام بەلكىم دىنىمىزگىمۇ يۈز كىلەلەيدىغاندىمەن ،سىنىمۇ رازى قىلالايدىغاندىمەن .ئەمما مەن ئۇنچە ئاق كۈڭۈل ،قۇرسىقى كەڭلەردىن ئەمەس .سىنىڭ مەندىن ۋاز كەچكىنىڭنى قانداقلا قىلمىسام كۆڭلۈمگە سىغدۇرالمىدىم . سەن شۇ يولنى تاللىغان بولساڭ سىنى تۇسىمايمەن .  مىنى ‹‹ئەسكىلىك قىلىدۇ›› دەپمۇ غەم يىمىگىن . ھەرقانچە قەدىرسىز بولساممۇ سىنىڭ ئالدىڭدا ئۈزۈمنى ئۇنچە پەسلەشتۈرۈپ يۈرمەيمەن .                                                                                 

بۇنىڭ ھەممىسىگە ئۈزۈم ئەيىپلىك ئىكەنلىكىمنى بىلىمەن ،چۈنكى ساڭا قاتتىق ئىشەندىم ،سەن ئۈچۈن دۈم يېتىپ -دۈم قۇپۇپ جاپا تارتىتىم   ،خىزمەت قىلىپ تاپقان تەرگىنىمىنى قىلچە ئىككلەنمەي سىنىڭ چاڭگىلىڭغا سالدىم .گەرچە ئۈزۈم ئائىلە بىلەن ئىدارە ،بالىلار بىلەن سىنىڭ ئاراڭلاردا  ئارام ئالماي ئۈن- تىنسىز ئىشلەپ ئۆلگۈدەك چارچىساممۇ ، سىنى ئائىلىدە ‹‹خان ››،سىرىتتا ھەممىنىڭ ھەۋسى كىلىدىغان ‹‹ بەخىتلىك ئەر›› قىلىشقا تىرىشتىم ،ئىككى قىزىم تۇغۇلغاندىن كىيىن خۇددى قىز تۇغۇپ قويغىنىم مىنىڭ ‹‹گۇناھىمدەك›› ،ساڭا ‹‹قەرىزداردەك›› ھىسياتتا تېخىمۇ تىرىشىپ ‹‹گۇناھىمنى يۇيۇش›› ئۈچۈن ھەركەت قىلدىم .بىر قېتىممۇ دوسىتلىرىم بىلەن يىغىلىشقا بېرىپ باققىنىمنى ،بىرەر كىيىم ياكى نەرسىنى باھاسىنى ئويلاشماي، يانچۇقۇمنى سىيلىماي تۇرۇپ ئېلىپ باققىنىمىنى ،چاچلىرىمنى ئۆرۈپ تۈگۈشتىن باشقا شەكىلدە ياساپ باققىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن . ياخشى كۈننىڭ يامىنى ، كۈلكىنىڭ يىغىسى بۇلدىغانلىقىنى ،ئاياللارنىڭ ئەردىن يۇشۇرۇن ئىقتىساد توپلىمىسا كىيىن پۇشايمانغا قالىدىغانلىقىنى باشقىلاردىن كۆپ ئاڭلىساممۇ پەرۋا قىلمىغىنىمغا مانا ئەمدى قاتتىق ئۈكۈندىم . ھەممىنىڭ ھەۋسى كىلىدىغان ئائىلەم مىنىڭ پەخرىم ،سەن مىنىڭ ئىشەنچىم ئىدىڭ .  ئائىلەم كۈڭۈللۈك ،باللىرىم ساغلام بولسىلا بولمىدىمۇ ،مەن كۈيۈنۈپ خىزمىتىنى قىلىۋاتسام ئىرىم بۇنى بىلمەي قالارمىدى -دەپ ساڭا ئىشەنگىنىم مىنىڭ ‹‹بىخۇتلىقىم››  ، كىيىم كىچەك ئالدىغان ،قاتار چاي ئوينايدىغان ،چاچلىرىمنى ياسىتىدىغان پۇلنى ئىسراپ قىلماي  بالىلارغا ،ئۆيگە ،ساڭا كىرەكلىكلەرنى ئالغىنىم مىنىڭ ‹‹ئەخمەقلىقىم›› ، خالىغاننى كىيىپ ،خالىغاننى يەپ ئىچىپ ،خالىغان يەردە سورۇن كۈرۈپ كۈزۈمنى ئېچىپ يۈرمىگىنىم مىنىڭ ‹‹تومپايلىقىم ››بولدى  . ‹‹مۇشۇنچە سەۋەنلىكلىرى›› بار خۇتۇن بىلەن سەن ھازىر تاپقان ، ئىش كۆرگەن، ئۈزىنى ياساشنى ،ئاسراشنى بىلىدىغان، قازان قۇمۇچ تۇتۇپ باقمىغان ئاپپاق قوللۇق ،‹‹لىۋەن يار›› نى سېلىشتۇرسا مەن ئايال  كىشى تۇرۇپمۇ ھەرگىز ئۈزۈمنى تاللىمايتىتىم . لىكىن ئەقلىڭ بولسا ‹‹قېرىپ تومپاي بۇلۇپ قالدى›› دەپلا قېرىغاندا بۇزۇلساڭ بولمايىتتى -دە؟ مەنمۇ تۇغۇلۇپلا بونداق  ئەمەس ئىدىم .  15ياشتىن ئاشقاندىلا ئائىلمىزگە كەلگەن ئەلچىلەرنى ‹‹قىزىمىز تېخى تولۇق ئوتتۇرنىمۇ تۈگەتمىدى  ،خۇدا خالىسا ئالىي مەكتەپنىمۇ ئوقۇتىمىز خاپا بۇلۇشمىسلا››- دەپ قايتۇرۇپ  بۇلالماي قالغان ئاتا- ئانامنىڭ ئېغىزلىرى تېلىپ كىتىشكەن .ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ كىلىپلا تەخسىماتنىڭ ناھىيە ئىچىگە چىقىشى  ھەممە كىشىنى قوزغىۋەتكەندەك ئەلچىلەر ئۈچرەت بۇلۇپ ئۆيىمىز ئالدىدا تۇرغان دىسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ . مانا ئەمدى مەن تاللىماي تاشلاپ قويغان يىگىتلەرنىڭ قارغىشىنى ئالغاندەك سىنىڭ ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلىشىڭ مىنى ئاسماندىن يەرگە ئۇرغاندەكلا بولدى . مەن كىم ئۈچۈن ‹‹ زاماننىڭ ئارقىدا›› قالدىم .قېىنى مىنىڭ بەرنا بەستىم ،قېنى مىنىڭ قىياقتەك قارا قاشلىرىم ئارسىدىكى قوڭۇررەڭ  سىھىرلىك كۆزلىرىم، تۈرگۈن مىجەز خۇلۇقۇم ،غەيرەت شىجائىتىم،سىنى قايىل قىلغان ئەقىل -پاراسەت ۋە لاتاپىتىم ،ئىرشىشنى ئارزۇ قىلغان بەختلىك كۈنلىرىم .ئەينى يىللاردا سەن ھازىر كۈيۈپ -پىشىپ يۈرگەن ئامرىقىڭدىكى سىنى ھەيرەتتە قالدۇرغۇدەك ھەممە نەرسىلەر مەندە تەل بۇلۇپلا قالماي تېخى ئارتۇق ئىدى دەپ پەخىرلىنىپ ئېيتالايمەن .ئۇ مەھبۇبەڭگە خەجلىگەن بارلىق خىراجەتلەرنىڭ ئەسلى مىنىڭ ۋە قىزلىرىمنىڭ ھەققى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمىغانلىقىڭدىن نەپرەتلىنىمەن ! ئەجىبا يېڭى مەھبۇبەڭنى مىھمان قىلغان رىستۇران دىسكۇخانىلارغا مىنى ئېلىپ كىرىپ ماڭا بىرەر قىېتىم خۇشاللىق ئاتا قىلىپ باقمغانلىقىڭنى ئويلاپ باقمىدىڭمۇ ؟شۇ مەھبۇبەڭگە ئېلىپ بەرگەن كىيىمدىن بىرەر يېرىم قۇرنى چىداپ ماڭا ئېلىپ بىرىپ مىنىڭ  ‹‹ياسىنىشىمغا ››شارائىت يارتىپ بىرىپ باقساڭ .بىر كۈن بولسىمۇ باللىرىڭغا ھەمراھ بۇلۇپ بىر ۋاق تاماق ئىتىشتىن مىنى ئازات قىلىپ بىرگە تاماق يەپ باقساڭ ئارتۇق كىتەتتمۇ ؟ بۇلارغا سىنى پۇل خەجلىتىپمۇ ئولتۇرماي چىقىملىرىمنى يەنلا  ئۈزۈم كۈتىرەتتىم . ...كۈلۈۋاتامسەن ؟ئۈزۈڭنىڭمۇ مۇئاشى بولغاندىكىن ئۈزۈڭ بارساڭ بولمامدۇ دەمسەن ؟                                                                                                                           

مىنىڭ ھېلىقى مەھبۇبەڭگە  ئۇتتۇرغىنىممۇ دەل -سەنسىز‹‹ ئىشەك ھاڭرىغان ،داپ داراڭلىغان ››سورۇنلارغا قەدەم باسمايدىغان خاراكتىرىم ،سىنىمۇ ھەم ئۇنداق سۇرۇنلاردا‹‹ شالىسنى ئېقىتىپ ئولتۇردىغان تېتىقسىز ››دەپ ئويلىمغانلىقىمدىن ئىكەنلىكىنى  بىلىسەن . بەلكىم مەندىكى مۇشۇ ئىتائەت ،مۇشۇ ساداقەت سىنى بەزدۈرگەن بۇلۇشى مۇمكىن .يەنە ھىس قىلدىمكى سەن مىنىڭ كۈتۈشلىرىم نەتىجىسدە ھاياتى كۈچ ۋە ئۈمۈتكە تۇلۇپ ،يېنىڭدىن ئىقتىسات ئۈزۈلمەي سىرىتتىكىلەرگە قىلغان مەرىتلىكىڭ بىلەن باشقىلارنى ئەسىر قىپسەن .مەن ساڭا بولغان مۇھەببىتىم ۋە پىداكارلىقىم بىلەن ئاددىي -سادىييلىشىپ ئۈزۈمنى ئۆزگەرتىپ سىنى يۇقۇتۇپتىمەن .بىلمەن سىنىڭ ئۆزگەرگىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردىكى ئىشلار ئەمەس ئىدى .ئەمما يۈزىڭگە سېلىپ پەردىشەپنى قايرىپ بالىلار ئالدىدىكى ھۆرمىتىڭىنى يەرگە ئۇرغۇم كەلمەيىتتى .‹‹ ئازمايدىغان ئىنسان يوق . ‹‹ئۇچۇپ -  ئۇچۇپ›› ھامان ‹‹قانىتىڭ تالغاندا ›› ئائىلەڭگە قايتىپ كىلىسەنغۇ ،بىر كىسەك -بىر كىسەكتىن بەرپا قىلغان جاپالاردا قۇرۇپ چىققان كىچىك ئۇۋىمىزنى ئالدىراپلا ۋاقىتلىق ھىسيات قاينىمىدا بەربات قىلمايسەنغۇ ،-دەپ قاتتىق ئىشىنەتتىم ساڭا . ئەمما سەن ئۇچۇشنى بىلىپ چۈشۈشنى ئويلىماي ئۇچقاندىمۇ يىراقلاپ ئۇچۇپ كىتىۋەردىڭ . بىر -بىرىدىن ساھىبجامال بۇلۇپ چوڭ بۇلۇۋاتقان قىزلىرمىزغا قارىسا ئوغلى بولمىغانلىقىدىن ئۈمۈتسىزلەنگەن يۈرىكى ئازراق بولسىمۇ تەسەللى تاپار ،-دەپ ئويلايىتىتم . ئەپسۇس ،تۇلىمۇ ئەپسۇس . كىچە -كىچىلەپ جايناماز ئۈستىدە ئاللادىن ساڭا ئىنساپ ،ئەقىل ئاتا قىلىشنى تىلەپ يالۋۇرۇپ يىغلاپ ياشلىرىم قۇرۇدى ،يۈرەكلىرىم قاتتى . سەن ئۈچۈن ،ئىككى قىزىم ئۈچۈن ئۈزۈمنىڭ بارلىق كۈچ قۇۋۋىتىم ،مىھرىم بىلەن ھارماي -تالماي  كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىم ئاخىردا سەن ئۈچۈن ھەمىشە بار قەدىرسىزلىك ، بىزارلىقنى پەيدا قىلدى . بۇ جەرياندا سىنىڭلا ئەمەس مىنىڭ يۈرەكلىرىممۇ سىقىلىپ رەڭگىم زەپىراندەك سارغايدى ،سەۋرى تاقىتىم چەككە يەتتى ،سەرۋى قامىتىم ئۈمۈتسىزلىك بىلەن پۈكۈلدى .بۇ ئائىلە ،مەن ئەزىزىلەپ قوغداپ قالماقچى بولغان بۇ ئائىلە تاملىرى يىمرىلگەن ،بۇراندا چۇۋۇلغان ئۇۋىغا ئوخشاپ قالدى .ئۇنىڭدا نە مىھىر،نە رىشتە ،نە گۈزەل ئەسلىمىلەر قالمىدى .ئويلاپ - ئويلاپ سىنى مۇرادىڭغا يەتكۈزۈش قارارىغا كەلدىم ،لىكىن مەن ئۇنچە ئالىيجاناپ ئەمەس ئىكەنمەن، شۇنداقلا سىنى كۈلۈپ ئۇزۇتۇپمۇ  قۇيالمايمەن .                           

بىلەمسەن سىنىڭ تويدىن بۇرۇنقى ۋەدە ،قەسەملىرىڭ يادىمغا يىتىشى بىلەن غەزەپتىن غال -غال تىترەپ «ئالدامچى ، يالغانچى ،تۇزكور ،مۇناپىق ...»دىگەن ئەلەملىك قارغاشلار قانداقلارچە ئېغىزىمدىن چىققىنىغا ئەجەپلەنمە ،ئەمدى مەن سىنىڭ ئالدىڭدا «ئەر دىگەن يېرىم خۇدا...›› دەپ قول باغلاپ تۇرىدىغان ناتىۋان ئەمەس .بىزمۇ ئەمدى ھەممىنىڭ ھەۋسى كەلگەن .كىچە -كۈندۈز شىرىن پاراڭلىرىمىز ئۈزۈلمەيدىغان ئاشىق -مەشۇقلار ئەمەس .                                                                                                                                         

تۇنجى قېتىم سىنىڭ ئۆيگە كەلمەسلىكىڭنى ،سىنىڭ چىرايىڭنى مەڭگۈ كۆرمەسلكنى ئۈمۈت قىلىۋاتمەن ،شۇنداقلا تۇنجى قېتىم سەندىن سەسكىنىۋاتمەن بۇنىڭدىن ھەيران بولما ،چۈنكى ئەمدى مەن ئىلگىرى نىمە دىسەڭ ساڭا ئىشىنىپ ،سىنى ھۆ رمەتلەپ،سېغىنىپ،يۇلۇڭغا قاراپ قازان قاينىتىپ ئولتۇردىغان ئىتائەتچان ئايالىڭ ئەمەس ..                                                                                                                     

ساڭا ،سىنىڭ يۈزسىز ،ئىنساپسىز ،نۇمۇسسىزلىقىڭغا  قانداق يۈزلىنىشنى بىلمەيمەن  ،كۆزلىرىمىز ئۇچرۇشۇپ قالسا غەزەپ بىلەن نەپرەتلىك قارىسام مىنى ئەيىپلىمە .  چۈنكى ھازىر مەن بىراۋغا نەپرەتلىك كۆزدە تىكىلىشنىڭ گۇناھىنى ئويلاشتىن يىراقتا ،ئەقلىمنى باشقۇرۇشتىن تامامەن مەھرۇم . ساڭا ئىلگىركىدەك ۋىلىقلاپ كۈلۈپ بىردىغان ،‹‹كەپسىز چاقچاقلىرىڭ››دىن خىجىل بۇلۇپ قىزىرىپ مەيدەڭگە بېشىمنى قۇيۇۋالىدىغان ، بوينىڭغا  تاتلىق قىلىقلار بىلەن يامىشىپ ،كۆزلىرىڭگە تىكىلىپ تۇرۇپ ،ئوتلۇق نەپەسلىرىم بىلەن يېنىش ،يېنىشلاپ سۇيۇپ،ساڭا بارلىقمنى ئاتايدىغان پىداكار قەلىپ مەڭگۈلۈك ئۆلدى  .

سىنىڭ ئۈمۈتسىزلەندۈرۈشۈڭ مىنىڭ قەلبىمدىكى گىگانىت سىمايىڭنى ئەۋرەز ئازگىلىدىكى بىچارە نىجاسەت قۇرۇتىدىنمۇ خۈنۈك ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى . ساڭا بولغان ھىسياتىمدا يىرگىنىش ،سەسكىنىشتىن باشقا نەرسە يوق .                                                                                         

بىلمىدىم قىزلىرىمىزغا نىمە دەرمەن ؟ئېيتقىنا قېنى ؟ چوڭى 19 غا كىچىكى   15 كە كىرىپ قالغان پەرىشتىلىرمىزگە نىمە دەرمەن ؟‹‹باللىرىم بىز ئاجراشتۇق .مەن بۇلۇمسىز ئاپاڭلار ! ، سىلەرنىڭ داداڭلارنى بىر كىچىك  قىزغا ئۇتتۇرۇپ قويدۇم››- دەمدىمەن ؟تەقدىرنىڭ ئاجايىپ چاقچىقى مىنى  ساڭا بولغان ئىشەنچ  بىلەن ساڭا بولغان ئىتائەتنى تامامەن يۇقاتقان   ، پاك ئەقىدىسى ،ئۈن تىنسىز تۈلىگەن بەدەللىرى ئۈجمە كۈڭۈل ئېرى تەرپىىدىن دەسسەپ چەيلەنگەن ،شۇندىمۇ تەقدىرنىڭ ھامان قۇچاق ئېچىشىغا ئىشىنىپ چىشىنى -چىشلەپ بەرداشلىق بىرىپ كەلگەن، ئاخىردا يەنىلا تۆلگەن بەدەل ،تىرىشچانلىقلىرى ئورنىغا پۈتمەس -تۈگۈمەس قايغۇ -ئەلەم ،ئىچى پۇشۇقى تىگىشىپ ئالغان غەزەپلەنگەن ،سەن ئۈچۈن كۈندىن -كۈنگە ناتۇنۇش بۇلۇپ قېلىۋاتقان ئىككى بالاڭنىڭ غەمگۇزارى ،دەرىت ئەلەمدە مۈكچەيگەن ئوتتۇرا ياش ئايالغا ئايلاندۇردى .  ئاجىزە قىزلىرىمىنى دەپ ئېغىرلىق قىلغانلىرىم ، كۆرگەننى كۆرمەسكە ،ئاڭلىغاننى ئاڭلىماسقا سالغىنىم، سەن ئۈچۈن «تەپسە تەۋرىمەس ،ھىسياتسىز بوخچا ،كالا,يىلىم  ...›› بولۇپ تۇيۇلغان شۇدەملەردە ساڭا قانچىلىك نەپرەتلەنىگىنىمنى  ئاللاھدىن ئۆزگە  ،بىر ئۈزۈم بىلىمەن .                                                               

.ئاللاھقا شۈكرى ھىلىھەم بولسىمۇ سىنى قايتىدىن تۇنۇشقا  پۇرسەت بەردى.ئاللاھ خالىسا سەنسىز كۈنلىرىمنى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىمەن .قىزلىرىم ساڭا پۇتلاشمىسۇن ،ئۇلارنى يەنىلا ئۈزۈم باقىمەن .خالىمساڭمۇ بىلىپ قال ،قىزلىرىڭنى سەندىن تاندۇرالمايمەن .چۈنكى سەن پوق بولغان تەقدىردىمۇ يەنلا باللىرىمنىڭ دادىسى سەن، ئۇلارغا مەندىن كىيىن قالسا ،سەندىن يۈز ئۆرىمەسلىكنى تاپلايمەن .چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ پەرزەنىتلىك بۇرچى .بىراق ئىسىڭدە بولسۇن سەندەك بىرىنى سۆيگىنمنى ،باغرىڭدا ئاياللىق ھۇزۇرى سۈرگىنىمنى نۇمۇس ۋە نەپرەت ئىچىدە خاتىرەمدىن يۇيۇپ تاشلايمەن.               

       بوپتۇ تېتىپ باق خۇتۇنغا پۇل خەجلەشنىڭ نىمەئىكەنلىكىنى ،                                                                                    

بىلىپ قال كۈندە بازاردىن ‹‹ پاكىز›› تەييار تاماقلارنى پۇل خەجلەپ يىيشنىڭ تەمىنى ،                                                         

ھىس قىلىپ كۆر كىچىك ياش خۇتۇننى كۈتۈشنىڭ تەسلىكىنى .                                                                                      

بەلكىم بۇ ئاخىرقى ئۆمرۈڭدە ،سىنىڭ ئۈجمە كۈڭۈللۈكۈڭگە بىرىلگەن‹‹ مۇكاپاتتۇر››. مەن ساڭا بەخىت تىلىمەيمەن ،بەخىتلىك بولغىنىڭنى كۆرگۈممۇ يوق.                                                                                                                                          

لەنەت سىنىڭ ھازىرقى ئارزۇلىغان مەھبۇبەڭگە ! لەنەت سەندەك ئەرگە  ! لەنەت سەندەك نۇمۇسسىز ئۈجمە كۈڭۈل دادىلارغا !                        

.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 o6 p! c7 k: n
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-21 09:38 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  e' V8 O9 ~/ _' Y" y% Y& I2 pبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 b: ]: m4 ~+ z

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mirzadam + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

بەخىت كىلىدۇ نەدىن ،
پىشانەڭدىكى تەردىن .
بەخىت گۈلى ئېچىلار ،
جاپالىق ئىشلىگەن يەردىن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98236
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1148
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 272 سائەت
تىزىم: 2013-9-26
ئاخىرقى: 2014-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 10:08:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىدىگەن تەسىرلىك نىدا بۇ؟شۇنداق ئەر بۇلۇپ قالماسلىققا تىرشاي.

كۆك ئەتتىرگۈل

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2023
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7974
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 879 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 10:27:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنلا بەك تەسىرلىككەن . يىغلاپ سالدىم . ئەشۇ ئەرنىڭمۇ كۆرىدىغان كۈنى بار .اللە بىرىدۇ ھەممىنىڭ جازاسىنى .

قىز بولۇپ تۇغۇلغان بولساممۇ بىراق ،
غەيرەتتە ئوغۇلدىن ئېشىپ ياشايمەن .
غورورۇم ۋىجدانىم پاك قەلبىمدە ،
قىزلىق بۇرچۇمنى بىلىپ ياشايمەن .

كۆك ئەتتىرگۈل

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2023
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7974
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 879 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 10:28:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداق ئەرلەرسىزمۇ بىز ناھايىتى ياخشى ياشىيالايمىز !~~~~~~~~~~~~~~~~~

قىز بولۇپ تۇغۇلغان بولساممۇ بىراق ،
غەيرەتتە ئوغۇلدىن ئېشىپ ياشايمەن .
غورورۇم ۋىجدانىم پاك قەلبىمدە ،
قىزلىق بۇرچۇمنى بىلىپ ياشايمەن .

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1724
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 776 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 11:32:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ئاۋاتتا بۇنداق ئىشلار بەك كۆپ ھەي

ئىككى مۆچەلنى ساق توشقۇزۇشقا نسىپ قىلدىڭ .....12 يىللىق ئارزۇيۇم كۆپۈككە ئايلىنىپ قالمىسىكەن،پەقەت سەندىنلا ئاسانچىلىق تىلەيمەن يا رەببىم.....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49551
يازما سانى: 413
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3518
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2079 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 11:52:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېرىڭگە كۆڭلۈڭ بولسا،ئېغرىنى كۆتۈر ۋە سەۋر قىل!

سەۋر قىل !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 1414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6592
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1299 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 12:17:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆز ياشلىرىم تۆكۈلۈپ كەتتى،ئادەمنىڭ يۈرىكى ئىزىلىدۇ ئايالارنىڭ مۇشۇنداق خورلۇققا ئۇچىرىغان تۇرمۇش ۋەقەلىكىنى كۆرسە

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ....

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 872
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2531
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2014-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 12:52:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىككەن ، بىز ئاياللار بولساق بىرنى ئىككى قىلامىزمىكىن دەيدىكەنمىز ،  لىكىن ئەرلە بولسا چۇ ئۇلار چوڭ يەپ چوڭ ئىشسەم ،ئۈزەمنى بىر نوچى كورسەتسەم دەيدىكەن ، بىز شۇ ئۆي باللا دىگەن بىلەن ئۇلانىڭ ھىچئىش بىلەن كارى يوقكەن ،  مۇشۇ مۇنبەردىكى ئەرلە گە بىر ساۋاق بولسۇن، ئائىلەڭلانى، كۈيۈمچان ئايالىڭلانى ،سەبى ئۇماق بالاڭلانى ،شۇنچە تەستە تۇتقان ئائىلەڭلانى قەدىرلەڭلا ھەم ئاسراڭلا ،بالاڭلانى ھەرگىز باشقىلانىڭ ئالدىدا يەرگە قاراتماڭلا،  بوينىنى قىستۇرماڭلا، تىرىك يىتىم قىلماڭلا ،باشقىلانىڭ بالىسىنى باققۇچە ئۈزەڭلانىڭ بالىسىنى بېقىڭلار ،سلە ھەقىقى ئەر بولساڭلا ئۇنداق ۋاپاسىز تۇز كور بولماڭلا، ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭمۇ سورىقى بار.

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

بۇ يۈرەك ئاللاھقا سىغىنىدۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92772
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1013
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 133 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 01:00:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈكۈت قىلماي بولمىدى نالىڭىزگە ، نىمە دىگۈلۈك ، نىمە دىيەلەيمىز ، نەپرەت نەپرەت نەپرەتلا بار خالاس ، بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 |+ |# b: Y6 P$ p3 `! [/ A
ئۇنىڭ قانداقلىقىنى ۋاقتىدا تونۇۋالغىنىڭىز ياخشى بوپتۇ ، ئىرادە غەيرەت تىلەيمەن .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% y4 ]- N2 u1 \( {6 Q

ئۇلۇغ ئۈستۈن ئاللاھنىڭ مەدىتى بولمىسا قولۇمدىن ھىچ ئىش كەلمەيدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5771
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 01:27:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللار ئاجىز“ دىسە” تەن“ بەرگۈم كەلمەيىتتى . تۇنجى قېتىم ئۈزۈمنىڭ ‹‹ئۈششۈك تەگكەن ياپراق››تەك بىچارە ھەم ئاجىزلىقمنى ھىس قىلدىم ،يىغىدىن ئىششىغان كۆزلىرىم ھىچقانداق ئىپادىسىز سوغوق بىر ھالەتتە ،زەرىپ بىلەن تارسىلداپ ئەينەككە تىگىپ ھايالشىمايلا تۈۋەنگە سىرغىۋاتقان يامغۇر تامچىللىرىگە تىكىلگىنىچە قېتىپ قالغان ئىدى

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش