قىش كەلدى
ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ چىقىپ كىتىشى بىلەن باشلىرىغا يېشىل تاج تاقاپ لەرزان ئۇسۇلى،يېقىملىق ناخشىسى بىلەن شاماللارنى، قۇشلارنى ۋە ئادەملەرنى ئۆزىگە مەستانە قىلغان بىغەم دەرەخلەر بىردىنلا قېرىلىق يەتكەن جۇۋانلاردەك غەم-قايغۇغا پاتتى. ئەمدىلىكتە ئۇلارنى قۇلاقلىرىدىكى ئالتۇن ھالقىلارمۇ،بەدەنلىرىگە چىپپىدە كەلگەن قۇۋزاق چاپانلىرىمۇ خوشھال قىلالماس بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بېشىدا قانداقتور بىر مۇدھىش قىسمەت قارا قاغىلاردەك ئەگىپ يۈرەتتى!
نۇيابىر ئېيىنىڭ سەككىزىنچى كۈنى كېچىدە شىمالدىكى تاجاۋۇزچى ئەل-شىۋىرغانلار تۇيۇقسىزلا قانلىق قېلىچىنى ئوينىتىپ يۇرتقا باستۇرۇپ كەلدى.ئۇلارنىڭ مەقسىتى باغۇ- بوستانلىق بۇ يۇرتتىكى زەردار باي دەرەخلەرنىڭ قۇلاقلىرىدىكى ئاشۇ يالتىراپ تۇرغان ئالتۇن ھالقىلاردا ۋە بۇ بوستانلىق يۇرتتا ئىدى.بىچارە دەرەخلەر تاجاۋۇزچى شىۋىرغانلارغا ئەسكى تاملارچىلىكمۇ قارشىلىق كۆرسەتمەستىن باشلىرىنى ئىگىشىپ «خوش-خوش»دېگىنچە قۇللۇق بىلدۈرۈشتى.
تاجاۋۇزچىلار بۇ يۇرتتا ئۈچ كېچە-كۈندۈز پۇخادىن چىققۇچە بۇلاڭچىلىق قىلىپ،دەرەخلەرنىڭ ھېچنىمىسى قالمىغاندا ئاندىن سەل-پەل بېسىقىپ قالدى. شۇ كېچىسى ئاسماندىكى بۇلۇتلار دەرەخلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ قىسمەتلەرنى كۆرۈپ چىداپ تۇرالماي ئۆپكىسى ئۆرۈلۈپ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى.
مانا ئەمدى يۇرتتا ھەمىشە قۇلىقىغا ئالتۇن ھالقا ئېسىپ شۇنچە ۋاقىتلاردىن بېرى پېتىدىن چۈشمەي يۈرگەن ياشانغان دەرەخلەردىن تارتىپ يېڭىلا رېسىدە بولغان بەرنا كۆچەتلەرگىچە ھەممىسى،ھەممىسى ئەسلى-ۋەسلىدىن ئايرىلىپ ھېچنىمىسى يوق كۆك نامرات يالاڭ تۆشلەرگە ئايلىنىپ قالدى!
شىۋىرغانلارنىڭ زوراۋانلىقىغا ھېچكىم ئېغىز ئېچىپ بىر نەرسە دېيەلمىدى.ھەتتا،ھەممىگە قادىر قۇياشمۇ كۆكتە سۈكۈت قىلىپ ئۆز يولىغا كېتىۋەردى.پەقەت زەردىسى ئىتتىك ئىتلارلا كېچىدە شىرغانلارنى تىللاپئاندا-ساندا قاۋاپ قوياتتى.
يانچۇق پۇلغا،كۆڭۈل شادلىققا،يۇرت مەمۇرچىلىققا تولغان كۈز ھاكىميىتى پۈتۈنلەي گۇمران بولدى.قاراڭغۇ قىش ئۆزىنىڭ ئەكسىيەتچىل،مۇستەبىت ھاكىميىتىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدى.ئېرىق-ئۆستەڭ،كۆل ۋە ئېقىنلاردىكى ئەركە ۋە رومانتىك ھېسياتقا باي سۈزۈك سۇلار مۇز زىندانلارغا قامالدى.كۆيچى بۇلبۇللارمۇ ۋەتەننى تەرك ئەتتى. يەرنىڭ يۈرىكى تاشتەك قاتتى. «يېشىللىقپەرۋەر»بۇلۇتلار زېمىنغا چوڭ بىر پارچە ئاق پاختىلىق يوتقان قۇتقۇزۇش بەرگەن بولدى.
يۇرتتا ھەر كۈنى تۈن نىسبىدىن ئەتىسى ئاش ۋاقتىغىچە تىرگاۋ سېگىنالى ئۈزۈلمىدى.سىتولبىلاردىكى پۇلات سىملار ئەنسىز چىقىرشىپ نەلەرگىدور ئۇچۇر يەتكۈزمەكتە ئىدى.سېنتەبىر ئايلىرىدا يېڭى كەلگەندە يېقىملىق ناز-كېرەشمىللىرى بىلەن ھەممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن سەلكىن ئەمدىلىكتە ئۆزىنىڭ ياۋۇز ئەپتى-بەشىرسىنى تۇلۇق ئاشكارلاپ يىرتقۇچ ھايۋانلاردەك دەشھەتلىك ھۆكۈرەپ ئالدىغا ئۇچۇرغانلىكى ھاياتلىقنىڭ ھەممىسىگە زەھەرلىك نەشتىرىنى سانجىيتتى.
تەبىئەتنىڭ ئەزەلدىنلا زەردار بايلىرى بولغان دەرەخلەرئاقچىلىرىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان،يەتكۈچە ئازاپ چەككەن بولسىمۇ لېكىن يىلتىزىدىن ئايرىلمىغان ئىدى.ئۇلار يەنە ئۈمىد ۋە سۈكۈت ئېچىدە تەپەككۈر قىلىۋاتاتتى…