|
|
|
|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ،تورداشلار . نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر توردىشىمىزنىڭ تاۋباۋدا مال سېتىۋالغاندا ئاۋارچىلىققا ئۇچىراپ يازغان خېتىنى كۆرۈپ ،ئۇ توردىشىمىزغا ئازراق ياردەملەشكەن ئىدىم .ھازىر توردا مال سېتىۋېلىش دىگەن ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى ،شۇنداقتىمۇ تورداشلارغا ئازراق بولسىمۇ ياردىمى تىگىپ قالار دىگەن مەقسەتتە بۇ تېمىنى يېزىپ قويدۇم .ئەمدى ئاساسى گەپكە كەلسەم ،ئۇ توردىشىمىز ئۇچىرىغان مەسىلە مۇنداقكەن ،ئۇ توردىشىمىز مالنى سېتىۋالغاندا مال تاپشۇرۋېلىش ئادىرىسىنى تۇلۇق توغرا يېزىپتىكەن ،لېكىن تېز پوچتىنىڭ خادىملىرى توردىشىمىز يازغان ئادىرىستىن ناھايىتى يىراق بىر تېز پوچتا شىركىتىدىن تىلفون قىلىپ مالنى ئۆزى كىلىپ ئېلىپ كىتىشنى تىلفون قىلىپ ئوقتۇرۇش قىلىپتۇ .توردىشىمىز توردا دۇكاندارغا بولغان ئەھۋالنى دەپ مالنى ئۆزى تۇرۇشلۇق ئادىرىسقا يەنى مال تاپشۇرۋېلىش ئادىرىسغا ئەكىلىپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ ،لېكىن دۇكاندار تېز پوچتا شىركىتى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلىقىنى ھەمدە ئۇلارنى مالنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە قىستاشقا ھوقۇقىنىڭ يۇقلىقى قاتارلىق بىر مۇنچە باھانىلەرنى كۆرسىتىپتۇ .مېنىڭچە تاۋباۋدىن مال سېتىۋالغاندا تۈۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلسىڭىز ئاۋارچىلىق ئازراق بۇلىدۇ .
بىرىنچى . مال سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن دۇكاندار بىلەن جىقراق پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئامال بار مال توغرىسىدا جىق ئۇچۇرغا ئىگە بۇلۇڭ.چۈنكى بۇنداق قىلغاندا كىيىنچە ئەرىز قىلىدىغان ئىش بۇلۇپ قالسىمۇ ،پاراڭلاشقان سۆزلىشىش خاتىرسى بىر ئىسپات بۇلالايدۇ .مال سېتىۋالغاندىن كىيىن ناۋادا يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك مەسىلىلەر كۆرۈلگەندە ،دۇكاندار بەك جىق باھانە كۆرسىتىپ تۇرىۋالسا قاتتىقراق گەپ قىلىڭ .ئازراقلا يۇمشاق گەپ قىلسىڭىز چوڭ سۈپەت ھالدا سىزگە جىڭ باسمايدىغان باھانىلەرنى كۆرسىتىپ تۇرىۋالدۇ،بۇ دۇكاندار دىگەن بەك تۇمۇرچى ،دۇكاندار دىمەي تىۋىپ دىسىلا بۇلىدۇ بۇ خەقنى (تور دۇكىنى ئېچىۋاتقانلار بولسا گىپىمنى ئېغىر ئالماڭلار ھە ،ئەلۋەتتە ھەممىىسى ئۇنداق دىگەنلىك ئەمەس ).لېكىن سىزمۇ ئورۇنسىزلا ئۇلارغا قاتتىق گەپ قىلسىڭىز بولمايدۇ ،ئۇلارغىمۇ ئاسان ئەمەستە كۈندە خەقنىڭ (تاتلىق)گىپىنى ئاڭلاپ .
ئىككىنچى .سىز مېلىنى ئالماقچى بولغان دۇكاننىڭ باشقا دۇكانلار بىلەن بولغان سېلىشتۇرمىسىغا دىققەت قىلىڭ .بۇ يەردە سىز ئالغان مالنىڭ دۇكاندارنىڭ چۈشەندۈرىشى بىلەن ئوخشاش ئوخشىماسلىقى ،مۇلازىمەت پوزىتسىيەسى ،مال ئەۋەتىش سۈرئىتى قاتارلىقلار سېلىشتۇرىلىدۇ .تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك
ئۈچىنچى .مالنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ بۇ دۇكانغا بەرگەن باھا سۆزلىرىگە دىققەت قىلىڭ .مۇشۇ باھا سۆزلىرىگە قاراپمۇ بۇ دۇكاننىڭ قانداقلىقىنى بىلگىلى بۇلىدۇ (لېكىن ئاڭلىسام توردا پۇل خەجلەپمۇ ياخشى باھالارنى ئالغىلى بۇلىدىكەن ،لېكىن يەنىلا نۇرغۇن دۇكاندارلار ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىدىكەن ).بايام دۇكاندارغا قاتتىق گەپ قىلسىڭىز بۇلىدۇ دىگىنىمنىڭ سەۋەبى دەل مۇشۇ يەردە ،چۈنكى ناۋادا خېرىدار مال سېتىۋېلىش جەريانىدا سېتىۋالغان مالدىن ياكى دۇكاندارنىڭ مۇلازىمىتىدىن رازى بولماي ناچار پىكىردىن نەچچىنى يەۋالسا ،بۇ دۇكانغا نىسپەتەن بەك ئېغىر زىيان بۇلىدۇ ،شۇڭلاشقا ئۇلارغا سەل قاتتىق گەپ قىلسىڭىز ،ئۇلارنىڭ باھانىلىرى تەبىئلا ئازلايدۇ .تۈۋەندىكى رەسىمدىن باشقىلارنىڭ دۇكانغا بولغان باھاسىنى كۆرەلەيسىز .
تۆتىنچى . مالنى سېتىۋالغاندىن كىيىن ،ناۋادا دۇكانداردىن زادى رازى بولمىسىڭىز پىكىر يېزىپ قويسىڭىز بۇلىدۇ .ئادەتتىكى كوچىدىكى دۇكانلارغا ئاشۇنداق پىكىر يازغىلى بولغان بولسا نىمىدىگەن ياخشى ھە .مالنى سۈپىتىدە چاتاق يوق ھەمدە دۇكاندارنىڭ مۇلازىمىتى ياخشى بولسىلا مېنىڭچە ناچار پىكىر يازماڭ ،پۇل تاپماقنىڭ تەسلىكىدە ،ئۇلارمۇ كۈنىنى ئالسۇن (شەخسى پىكىرىم ھە ). رەسىمدىكى يەرنى بېسىپ باھا يازىسىز .
تورداشلارغا ئازراق ياردىمى تىگىپ قالسا مەنمۇ خوش بۇلىمەن ،رەھمەت .
|
|
|
|
|
|