|
|
|
|
ھىكىمەت گۇرۇڭ گۇرۇڭ پاراڭلاردىن ئويغۇنۇپ كەتتى . ئېنىقكى ھېكمەتنىڭ دادىسى بىلەن ئانىسى تېخى ئۇخلىمىغان ئىدى .
-ھېكمەتنى يولغا سالىدىغان تەييارلىقنى بالدۇرراق پۈتتۈرسەم بۇلاتتى ، بۇغداي ساتقان پۇل يەتمەيدىغاندەك تۇرىدۇ .
-پاقلانلاردىن بىر نەچچىنى سېتىپ پۇل قىلسىلا بولمىسا .
- پاقلانلارنى ھېكمەتنىڭ ئايلىق خەجىگە ئاتاپ بېقىۋاتقان تۇرساق ، ھازىر سېتىۋەتسەك مەكتەپكە بېرىپ بولغاندىن كېيىن خىراجەتنى قانداق قىلىمىز .
- ئۇنى دىلىسە ئۇمۇ توغرا . لېكىن بالام بىچچارە تۆت يىل مۇساپىرچىلىق تارتىپ ئىچكىردە ئوقۇدى . ئەمدى ئوقۇتالمايدىكەنمىز دەپ ئوقۇتمىساق قانداق بۇلىدۇ ، بالام بىچچارىنىڭ ساۋاقداشلىرى ھەممىسى ئالى مەكتەپلەرگە كەتسە بوينى قىسىلىپ قالمامدۇ . مۇنداق قىلىلى دادىسى ، مەن ئەتە ئۇرۇق تۇققانلارنىڭكىگە بىر بېرىپ باقاي . ئامالى بۇلاپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
- نىمە دەيدىغانسەن ، بارىدىغان ئىش بولسىمۇ ئەر كىشى بولغاندىكىن مەن باراي . ۋاقىت ئاز قالدى ، سەن ئۆيدە بالىمىز ياختۇرىدىغان تاماقلارنى ئىتىپ بەرگىن .
- مەيلى ئەمسە ، ئۇخلىسىلا ، سەھەر قوپمىسىللىرى بولمايدۇ .
ھېكمەت جىمجىت ياتماقتا ، ياندىكى ئۆيدىن ئاڭلىنىۋاتقان سۆزلەر دەل ھېكمەتنىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقۇش ئىشى توغرىسىدا بۇلىنغان ئىدى . ياش يۇقى كۆزلىرىنى پىشايۋاننىڭ ۋسىللىرىغا تىككەن ھېكمەت چوڭقۇر ئويلارغا چۆككەن ئىدى . نىمىشقا بۇ دۇنيا شۇنچە رەھىمسىز ؟ نىمىشقا قەدىرلىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر قەدىرلەنمەيدۇ ؟ يەنە نىمىشقا ياخشىلارغا ، تىرىشچانلارغا يوللار شۇنچە مۇرەككەپ ؟ بۇرۇن ناخشىلاردا ، كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا “تەڭشەلمىگەن جاھان “ ، “ بىۋاپا دۇنيا “ دېگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىدا ھېكمەتكە ئانچە تەسىر قىلىپ كەتمەيتى ، ھەم چۈشۈنۈپمۇ كەتمەيتى . لېكىن ھازىر ئۇ بۇلارنى چۈشەنگەندەك قىلدى . پۇلدارلارنىڭ بالىللىرى نەلەردە يۇرۇپ ئويۇن ئويناپ، بۇزۇلۇپ ئاتا - ئانىسى مەكتەپتە ئوقۇتالمايۋاتقان ، ئەكسىچە تىرىشىپ ئوقۇغان ھېكمەتتەك بالىلار ئىقتىسادى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىپ ئوقايمۇ ئوقۇمايمۇ ، ئوقۇسام ئاتا- ئانام قىينىلىپ قالارمۇ دېگەنلەرنى ئويلاپ ئوقۇشلىرىدىن ۋاز كېچىش نىيەتلىرىگە كىلىۋاتقان . پۇلدارلىرىمىز ھەر كۈنى ئۇ سورۇن بۇ مەرىكە ئاۋۇ چاي دەپ رىستۇرانلاردا يەپ ئىچىپ بالىللىرىغا قارايدىغان ۋاقتى چىقمايۋاتقان ؛ كەمبىغەللەر بولسا باللىرىم بىر بولسىمۇ ياخشى يىسۇن ، ياخشى كىيسۇن دەپ تىرىشىۋاتقان ،ئەمما قۇربى يەتمەيۋاتقان ... دۇنيا سەن راستىنلا بىۋاپا ئوخسايسەن ، ھەقىقەتەن تەڭسەلمىگەن ئوخشايسەن .
**********
- ئاق يول بولسۇن بالام ، ئۆزۈڭنى ئاسىرا ، بىزگە تېلفۇن قىلىپ تۇرغىن . مەرەمساخان كۆزىدىن چۈشكەن ياشلارنى ئېيتىپ ئۈلگۈرمەيتى .
- خاتىرجەم بۇلۇڭلار ئانا ، قىشلىق تەتىلدە قايتىپ كېلىمەن ئەمەسمۇ . كۆڭلۈڭلارنى بۇزماڭلار . دادا سىزمۇ شۇ ، مەندىن خاتىرجەم بۇلۇڭ ، سۆزلىرىڭىزنى ئىسىمدە چىڭ ساقلايمەن . ئاپتۇبۇستىن قوللىرىنى چىقىرىپ ئاتا - ئانىسى بىلەن خوشلىشىۋاتقان ھېكمەت ئۆزىنى ئاران تۇتىۋېلىپ “اللاغا ئامانات “ دىدى - دە ئالدىغا قاراپ ئوتۇرىۋالدى . ماشىنا قوزغالدى ، ماشىنىنىڭ ئارقا ئەينىكىدىن كېرىمئاخۇن بىلەن مەرەمساخاننىڭ تېخىچە قول پۇلاڭلىتىپ تۇرغىنىنى كۆرگىلى بۇلاتتى ، ھېكمەت ئەمدى چىدىمىدى ، كۆزلىرىدىن ئايرىلىش ياشلىرى ئاقتى. مانا بۇ ھېكمەتنىڭ مۇساپىرلىق كوچىسىغا كىرگە بەشىنجى يىلى ئىدى . بۇرۇن ئوخشىمايتى ، ھەر ھالدا مەكتەپ ئىگە بۇلاتتى ، خىراجەت كەتمەيتى . بۇ قېتىم ئۇنداق ئەمەس ، بارلىق ئىشلارنى ئەمدى ئۆزى قىلمىسا بولمايدۇ ، بارلىق چىقىملارغا ئۆزى مەسئۇل بولمىسا بولمايدۇ . “ ئوقۇش پۇلى ئالمايدىكەن “ دەپ ئاتا - ئانىسىنى ئالداپ ئۆيدىن چىققان بىلەن 4000يۈەندىن كۆپرەك ئوقۇش پۇلىنى بىر ئامال قىلىپ تۆلىمىسە بولمايدۇ - دە . ھېكمەتنىڭ كاللىسى ئېغىر ، ئۆيدىن چىقا چىقماي تۇرۇپلا تالاي غەملەر باسقىلى تۇردى . باشقىلارنىڭ باللىرىمۇ ھېكمەتتەك غەم قىلامدىغاندۇ ؟ باشقا ساۋاقداشلىرىمۇ ھېكمەتكە ئوخشاش تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىقرىنى كۆرىۋاتامدىغاندۇ ؟ بۇنىسى نامالۇم. ماشىنا ئىچى ئالى مەكتەپكە ماڭغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنى پويىز ئىستانسىسىغا ئېلىپ بېرىپ ئۇزۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن ماڭغان ئاتا - ئانىلار بىلەن تولغان ئىدى . ھېكمەتنىڭ يەنە بىر قېتىم ئىچى ئاچچىق بولدى . كىرا قىلىدىغان پۇلنى تىجەيمىز دەپ ھېكمەت ئاتا - ئانىسىنى كەلگىلى قويمىغان ئىدى . باشتا مەرەمساخان پەقەت ئۇنىماي تۇرىۋالدى ،” ھەممە بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇزاتقىلى چىقسا بىزچىقمىساق قانداق بۇلىدۇ بالام ، بىزمۇ ئوخشاش ئاتا - ئانا تۇرساق “ ، “ ئۇنداق ئويلىماڭ ئانا ، مەن يە كىچىك بالا بولمىسام ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەدىلا بولسا ئوخشاش ئۇزىتىدىغان ئىش . يە سىلەر بىللە بارالمىساڭلار . خاتىرجەم بۇلۇڭلار “ شۇنداق قىلىپ ھېكمەت ئالى مەكتەپ سەپىرىگە ئۆزى يالغۇز ئاتلاندى . بۇ تېخى ناھيگە بارىدىغان ماشىنا ، قەشقەردىن پويىز بىلەن يولغا چىققانى ھېسابلىسا يەنە ئۈچ كۈندە ئاندىن دېگە مەنزىلىگە يېتىدۇ . شۇنداق ، بۇ يول ئۇزاق يول ، يەنە تۆت يىل باسىدىغان يول .
***********
ئادەم ياشىغان ئىكەن ھەر خىل سىناقلارغا دۇچ كېلىدىغان گەپ ئىكەن ، تۇرمۇش ئادەمنىڭ ئارزۇسى بويىچە بولمايدىكەن . ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرگە قانچە قىلىپمۇ ئېرىشكىلى بولمايدىغان ، قىلچە لازىمۇ يوق نەرسىلەر بولسا ماڭدامدا بىر پۇتلۇشۇپ يۈرىيدىغان . قىلىمەن دېگەننى قىلغىلى بولمايدىغان ، ئامالسىز قالىدىغان . قىلمايمەن دېگەننى مەجبۇرى قىلىدىغان ، قۇبۇل قىلمىسا بولمايدىغان ۋاقىتلار بۇلىدىكەن . بەزىلەر كۈلىدىكەن ، بەزىلەر يىغلايدىكەن . بەزىلەر ئارمان قىلىدىكەن ، بەزىلەر كىرەكسىز نەرسە قاتارىدا تاشلايدىكەن . ئاشۇنداق بىرىمىزگە گۈل كۆرۈنگىنى بىرىمىزگە ئازغان كۆرىنىدىغان . بىرىمىز گۆھەر بىلگەننى ، بىرىمىز شېغىل تاشچىلىكمۇ بىلمەيدىغان دۇنيا ئىكەن .
ھېكمەت مەكتەپكە يىتىپ كەلگىلىمۇ بىر ئايچە بۇلۇپ قالدى . ھېكمەت ئۈچۈن بۇنداق مۇھىت يېڭىچە بىلىنىپمۇ كەتمەيتى ، ئىچكىرى تولۇقتا ئوقۇش جەريانىدا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىختىدارى تولۇق يىتىلگەن بۇنداق بالىلار ئۈچۈن پەقەت يەيدىغان مۇسۇلمانچە تاماق تېپىلسىلا قالغان نەرسىلەرگە ئالاھىدە تەلەپ قوتۇپ كەتمەيتى . بۇ جەھەتتىن ھېكمەتنىڭ مەكتىۋىنىڭ مەخسۇس مۇسۇلمانچە ئاشخانىسى بار بۇلۇپ ھېكمەت قىينىلىپ قالمايتى . بىردىن بىر قىينىلىپ قېلىۋاتقان يىرى دەل ئىقتىساد . ئوقۇش پۇلىنىغۇ ئۇقۇش پۇتتۇرگەندىن كېيىن بىرىشكە توختام تۈزۈپ ھەل قىلدى . لېكىن كۈندۈلۈك تۇرمۇش پۇلى بىر مەسىلە ئىدى . ئۆيدىن ئېلىپ كەلگەن ئازغىنە پۇلىغا تۇرمۇشقا لازىملىق نەرسىلەرنى ئېلىپ بىر يەرگە باردى . قانداق قىلىش كېرەك ؟ ھەرقانچە بولسىمۇ بۇنداق يۇرگىلى بولمايدۇ - دە . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتا- ئانىسىغا “ مەكتەپتىن خىراجەت پۇلى بەردى ، ماڭا پۇل سالمىساڭلارمۇ بۇلىدۇ . “ دەپ يالغان سۆزلىگەن ئىدى . ھېكمەت ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئوبدان بىلەتتى . ئاتا - ئانىسىنى خىجالەتچىلىكتە قويۇشنى خالىمايتى . قايسى بىر دانىشمەن دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق نەرسە يوقسۇزلۇق دەپ جاۋاب بىرىپتىكەن . بەلكىم بۇنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى يوقسۇز بۇلۇپ باقمىغانلار بىر ئۆمۈر ھىس قىلىپ يىتەلمىسە كېرەك . بەزى ۋاقىتلار شۇنداق ئىكەنكى بىر گىردىنى قولغا ئېلىپ ئېچىپ كەتكەن قورسىقىنى بىر سىيلاپ قويۇپ ، نانغا بىر قارىۋىتىپ ئازغىنە ئۇشتۇپ بىر بۇردا ئىغىزغا سېلىپ قالغىنىنى يەنە بىر ۋاخلىق تامىقى ئۈچۈن قىيمىغان ھالدا قويۇپ ، قويىدىغان . چۈنكى قورساق دېگەن نەرسە باشقا نەرسىگە ئوخشىمايدۇ . كېيىم - كىچەكنى كونا بولسا يۇيۇپ ، يىرتلىپ كەتسە ياماپ كىيگىلى بۇلىدۇ . لېكىن قورساققا ھەر كۈنى تاماق يېمىسە بولمايدۇ -دە ......
ھېكىمەت بەزىدە ئۆزىنىڭ 21- ئەسىردە ياشاۋاتقىنىغا ئىشەنمەيمۇ قالىدۇ . ئىلگىرى قايسى بىر روماندا كوپراتسىيە ۋاقىتلىرىدا بىر ياشنىڭ ئاچارچىلىقتا بىر دانە قەن چامغۇرنى كالا بىلەن تالاشقانلىقى يېزىلغىنى ئىسىدە . گەرچە تېخى ئاچ قالغۇدەك باسقۇچقا بېرىپ يەتمىگەن بولسىمۇ ، ھېكىمەت بىلىدۇ ، مۇشۇنداق ھېچ ئامال قىلماي يۇرىۋەرسە چوقۇم ئاچ قالىدۇ . بۇنى بىر كىشىگە دىگىلى بولمايدۇ . قايسى دەۋىر بۇ ؟ بۇ مۇمكىنمۇ ؟ بەلكىم ئاڭلىغۇچىمۇ ئىشەنمەي قېلىشى مۇمكىن . شۇڭا ھېكمەت قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك . بىر ئامال قىلىشى كېرەك . تەندۇرۇس بىر ئەر كىشى تۇرۇپ ئۆز ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئالالمىسا بولمايدۇ دە .
ھېكمەت مەكتەپ ئەتراپىدىن خىزمەت ئىزدىدى . ئۇ ھەر قانداق ئىش قىلىشقا رازى ، پەقەت دىنى ئىتقادىغا زىت بولمىسا . مىللى غورۇرى دەپسەندە بولمىسلا قانداق ئىش بولسا مەيلى .
ئادەم دېگەن شۇنداق ئىكەن ، مۇھتاج بولمىغۇچە قەدىرىگە يەتمەيدىغان . ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشمىگىچە ، ئۆزىنىڭ زادى قانداق نەرسىلەرگە بەرداشلىق بىرەلەيدىغىنىنى بىلمەيدۇ . ھېكمەتنىڭ ئىسىدە ، نەچچە كۈلۈك پويىز يولىنى بېسىش جەريانىدا ئۆزىگە تەئەللۇق بىر كىشلىك ئورۇندا ئولتۇرۇشتىن جاپالىق ئىش بولمىسا كېرەك . ھەر قانداق بىر ئادەم قاتتىق ئورۇندۇقلۇق بىلەت بىلەن پويىزغا چىققاندىن كېيىن ئالدىنقى 12 سائەتتە ھېچ ئىش بولمىغاندەك نۇرمال ھىسسياتتا بۇلىدۇ ، 24 سائەت ئۆتكەندىن كىيىن بولسا بارلىق يۈز ئابرويىنى ، ئىزانى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ پەقەت بىرى دەسسىۋەتمىسىلا ئادەملەر ماڭىدىغان يولدىمۇ يېتىپ ئۇخلاۋىرىدۇ . ئورۇندۇقلارنىڭ ئاستىغا كىرىپ ئۇخلايدۇ . ۋاگون بىلەن ۋاگون تۇتاشقا ئورۇندىكى بوشلۇقلاردا چاپىنىنى سېلىنچا قىلىپلا يېتىۋىرىدۇ ... مانا بۇ ئادەمنىڭ يەنە بىر تەرىپى . ئۇيقۇسىزلىق ، چارچاش ، يول ئازابى مەلۇم دەرجىگە يەتكەندىن كېيىن ، ئارام ئېلىش ئۇچۇن ئورۇن تاللىمايدىغان ...ھېكمەت ھەم شۇنداق . ئۇنىڭ باشقا ماڭار يولى بارمۇ ؟ ئاتا - ئانىسىغا ئۆزىنىڭ يالغان ئېيتىپ قويغىنىنى دەپ پۇل سورىسىنمۇ ؟ ياق . ھېكمەت ئۇنداق قىلمايدۇ . پۇل سورىسا پەقەت قەرىز ئىلىشتىن باشقا ئامال يوق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ . مەكتەپكە يالۋۇرسۇنمۇ ؟ ياق . ھېكمەت بۇ يولدا ئەمدى ماڭمايدۇ . ھېلىمۇ ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن كۆپ ماڭدى ، ئەمدى يەنە ئۆزىنى خار قىلىشنى خالىمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ھېكمەتنىڭ باشقا يولى يوق . كۈچىنى خار قىلىش ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ جېنىنى بېقىش بېرىپ بىراۋغا يالۋۇرغاندىن كۆپ ياخشى ئەمەسمۇ .
ئىككى كۈنلۈك خىزمەت ئىزدەشتىن نەتىجە چىقتى . مەكتەپكە ئانچە بەك يىراق بولمىغان بىر كىچىك شىركەتتىن تازلىق ئىشچىسىلىق خېزمىتى تېپىلدى . تىلغا ئىلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى بىر ئايلىق مائاش ھېكمەتنىڭ تامىقى ئۈچۈن يىتىپ ئاشاتتى . مانا خۇشاللىق . مانا خاتىرجەملىك . ھېكمەت بۇ نەچچە ئايدىن بېرى بۈگۈن بىر قېنىپ ئۇخلىدى . كىچىك چاغلىرىدىكىدەك غەمسىز ئۇخلىدى . ھېكمەت خۇش بولماي كىم خۇش بولسۇن ؟ ئاتا - ئانىسىغا جاپا سالمىدى . بىراۋنىڭ ئالدىدا خار بولمىدى ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئالدىدا تۇرۇپتۇ . ھېكمەت خۇش بولمىسۇنمۇ ؟ ئەلۋەتتە خۇش بۇلۇشقا تىگىشلىك ...
(داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ ) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا an9385 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-20 10:07 PM
|
|
|
|
|
|