مەن ئەينەككە مۇھتاج
بۈگۈن مەكتەپ خاراكتىرلىك ئوچۇق دەرس ئۆتۈش نۆۋىتى ماڭا كىلىپ قالغان ئىدى.كومپىيۇتىردا دەرىسلىك دىتالى ياساپ،بار ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىپ ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ،دەرىسنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتۈپ چىقتىم.بىراق دەرس ئۆتۈش جەريانىدا خىلىلا جىددىيلىشىپ قالدىم.چۈنكى بۇ دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئاساسەن تولۇق بارئىدى.ئۇلار مېنىڭ دەرىسىمنى ئاڭلاش،باھالاش،مىنى ‹‹ئوپراتسىيە ›› قىلىش مەقسىتىدە قاتناشقان بولغاچقا ئۇلارنىڭ پۈتۈن دىققىتى مەندە ئىدى.شۇنداقتىمۇ دەرسنى ياخشى ئۆتۈپ تۈگەتتىم.دەرىستىن چىقىپ باھالاش ئىلىپ بىرىلدى.ئوقۇتقۇچىلاردەرس ئۆتۈشتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىمنى تەكىتلەپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە تۈزىتىۋىلىشقا تىگىشلىك كەمچىلىكلىرىمنىمۇ تىلغا ئىلىپ ئۆتتى.ئاخىرىدا ئىلمىي مۇدىر باھالاشتىن خۇلاسە چىقىرىپ،مېنى باھالاشقا قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈشكە بۇيرىدى.مەن كۆپچىلىكنىڭ ماڭا ياخشى پىكىرلەرنى بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كىيىن ئارتۇقچىلىقلىرىمنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكلىرىمنى تۈزىتىپ بىر ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇشقا تىرىشىدىغانلىقىمنى ئىيتتىم، ھەم كۆپچىلىككە ‹‹ سىلەرنىڭ مەن ئۈچۈن ‹ ئەينەك › بولۇپ بەرگىنىڭلارغا رەھمەت›› دىدىم.كۆپچىلىك كۈلۈشۈپ كەتتى.شۇنداق قىلىپ بۇبىرسائەتلىك دەرس ئەلا ئۆتۈلگەن دەرس بولۇپ باھالاندى.
باھالاشتىن كىيىن بىرەيلەن چاخچاق قىلىپ ‹‹ سىلى بىزنى ئەينەككە ئوخشىتىۋالدىڭلا –ھە!›› دىدى. مەن كۈلۈپ قويدۇم.
ئەينەك ئۇ ياخشى نەرسە.بىز ئەينەك ئارقىلىق يۈزىمىزدىكى قارىلارنى كۆرەلەيمىز،ئۆزىمىزدىكى نۇقسانلارنى بىلەلەيمىز.بىز ئۈچۈن بىزنىڭ كەمچىلىكىمىزنى كۆرسىتىپ بەرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى بىزگە نىسبەتەن ئەينەكتۇر.بىز دەل شۇئەينەكلەر ئارقىلىق ئۆزىمىزدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى ۋاقتىدا سىزىپ تۈزىتەلەيمىز.كونىلار ‹‹ياخشى دوست سەن ئۈچۈن ئەينەك ›› دەپ بىكار ئىيتمىغان.
بىراق بەزى كىشىلەر ھەدىسىلا ئەينەكتىن قورقىدۇ.ئۇلار قانداق كىشىلەر ؟ ئۇلار بولسا دەل كەمچىلىكىنى،يىتەرسىزلىكلىرىنى ئىتراپ قىلىشقا،تۈزىتىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان كىشىلەردۇر.ئۇ خىلدىكى كىشىلەر شىرىن-شىكەر سۆزلەرنى ئاڭلاشقا ئامراق.ئۆزىنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىنى،كەمچىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن كىشىلەرنى ياراتمايدۇ،كۆزگەئىلمايدۇ،ھەتتا ئۇلار بىلەن چىقىشالمايدۇ.
بىراق مەن ئەينەكتىن قورقمايمەن،چۈنكى ئەينەك بولمىسا مەن يۈزۈمدىكى قارىلارنى كۆرەلمەيمەن.ئەينەك كەبىي دوستلىرىم بولمىسا ئۆزۈمدىكى ئىللەت،يىتەرسىزلىكلىرىمنى بىلەلمەيمەن.ئەينەك كەبىي دوستلىرىمنىڭ يۈزۈمدىكى قارىلارنى كۆرسىتىپ بىرىشى ئارقىلىق،ئۆزۈمدىكى ئىللەتلەرنى تۈگىتىپ،مۇكەممەل ئادەم بولۇشقا تىرىشىمەن.شۇڭا مەن ئەينەكتىن قورقمايمەن.
كىلىڭلار دوستلىرىم،ماڭا ئەينەك بولۇپ بىرىڭلار! ئەينەك بولۇپ ئۆزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ياردەم بىرىڭلار!مەن سىلەردەك ئەينەكلەرگە بەكمۇ مۇھتاج!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقۇت511 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-20 08:19 PM