مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4106|ئىنكاس: 51

تاشپولات: ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانىدىكى مېتودى ھەققىدە ھېس قىلغانلىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99627
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 219
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2013-11-15
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 02:11:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانىدىكى مېتودى ھەققىدە ھېس قىلغانلىرىم

تاشپولات روزى


ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ بۇ ھەر بىر ئوقۇتقۇچى دەرسخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن قاتتىق ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە. چۈنكى ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس ئۆتۈش مېتودى ياخشى بولمىسا ئۆتمەكچى بولغان دەرسلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى يەتكۈزۈپ بېرەلمەيدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە بولغان قىزغىنلىقىنىمۇ قوزغىيالمايدۇ. ياخشى بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ئالدى بىلەن دەرس ئۆتۈش مېتودىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. بۇ يەردە شۇ نەرسە ئېنىق بۆلىشى كېرەككى ئوقۇتقۇچى دەرسلەرنى ياخشى ئۆتۈش ئۈچۈن چوقۇم ئالدى بىلەن كەسىپنى پۇختا بىلىشى كېرەك. مەن تۆۋەندە ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس ئۆتۈش مېتودىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلارنى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىمەن.

1. ئوقۇتقۇچى سىنىپقا ئوز ۋاقتىدا كېلىشى ھەم دەرسخانىدىن ئەڭ ئاخىرىدا ئايرىلىشى كېرەك.

ئەگەر دەرسخانىغا بىرنەچچە قېتىم كېچىكىپ كىرسىڭىز، ئوقۇغۇچىلار سىزنىڭ دەرس ئۆتۈش قىزغىنلىقىڭىزدىن گۇمانلىنىشى ۋە بۇ مۇئەللىم بىزگە دەرس ئۆتۈشنى خالىمايدىغان ئوخشايدۇ، دەپ قاراپ سىزگە ياخشى باھا بەرمەيدۇ. دەرستىن بالدۇر قايتىشمۇ ئوخشاشلا ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا يامان تەسىر پايدا قىلىدۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلار سىنىپتىن بالدۇر قايتىشنى ياخشى كۆرسىمۇ بۇ بارلىق ئوقۇغۇچىنىڭ 5% گىمۇ بارمايدۇ. مۇشۇ 5% ئوقۇغۇچىنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلسىڭىز كوپ سانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويسىز. شۇڭا ئوقۇتقۇچى چوقۇم سىنىپقا ئوز ۋاقتىدا كېلىشى ۋە سىنىپتىن ئەڭ ئاخىرىدا ئايرىلىشى كېرەك. مەن ھەرقانداق ۋاقىتتا سىنىپقا 10 مىنۇت بۇرۇن كىرىپ بولىمەن. بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەسىلەن بىر سىنىپتىن يەنە بىر سىنىپقا كىرىش ۋاقتىڭىز بەك قىسقا بولسا دەرس باشلىنىشتىن بۇرۇن يەنى بىر مىنۇت بولسىمۇ سىنىپقا كىرىپ بولۇڭ. مەن پۈتۈن ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمدا دەرسخانىغا بىر قېتىممۇ كېچىكىپ ياكى بالدۇر قايتىپ باقمىدىم.

2. ئىشخانىڭىزدىكى ۋاقىت جەدۋىلىڭىزگە چوقۇم رىئايە قىلىڭ.

ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىڭىزنىڭ ھەر كۈنى قايسى ۋاقىتلاردا ئىشخانىڭىزدا بولىدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق دەپ بېرىڭ. يەنى ھەر مەۋسۇملۇق ئىشخانا جەدۋىلىڭىزنى سىنىپقا چاپلاپ قويۇڭ. ئوقۇغۇچىلار ئوتكەن دەرسىڭىزنى چۈشىنەلمىگەن بولسا ھەر كۈنى سىزنى مۇشۇ ۋاقىت جەدۋىلىڭىز بويىچە ئىزدەپ تېپىپ سىزدىن سوئال سورايدۇ. سىز ۋاقىت جەدۋىلىڭىزنى ئېلان قىلىپ قويۇپ ئۇنۇڭغا رايە قىلماي باشقا يەرلەردە يۈرسىڭىز ئوقۇغۇچىلار سىزنى تاپالمايدۇدە سىزگە بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئەگەر بېرەر ئىشىڭىز چىقىپ قالسا چوقۇم ئوقۇغۇچىلارغا ياكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئىشخانىسىغا ئېيتىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ. كېيىنكى قېتىملىق دەرسكە كەلگەندە ئۆزىڭىزنىڭ دەرسكە كېلەلمىگەنلىگىڭىزدىن ئوقۇغۇچىلاردىن ئەپۇ سورىسىڭىز ئۇ تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

3. ئوقۇغۇچىلارنى مەسخىرە قىلىشتىن ياكى ئۇلارغا تەنا قىلىشتىن ساقلىنىڭ.

ئوقۇغۇچىلار سىنىپتا سىزدىن سوئال سورىسا سىز ئۇلارغا قانداق سوئال بۆلىشىدىن قەتئىي نەزەر ناھايىتى خۇشخۇي چىرايدا جاۋاب بېرىڭ. ئۇلارنىڭ سورىغان سوئاللىرى بەك ئاددىيكەن مۇشۇمۇ سوئال بولامدۇ دەپ ئۇلارنى زاڭلىق قىلىشقا ياكى تەنا سۆزلەر بىلەن جاۋاب بېرىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.ئەگەر سىنىپتا بۇنداق ئىش بىرقانچە قېتىم يۈز بەرسە ئوقۇغۇچىلار سىزنى كەسىپ ئىگىسى ئەمەسكەن دەپ قاراپ سىزگە ئۆچمەنلىك قىلىشقا باشلايدۇ. بۇنۇڭ بىلەن ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت يىرىكلىشىپ كېتىدۇ.

4. سىنىپتا ئاكتىپ بۆلىشىڭىز ھەم دەرسلەرنى قىزىقارلىق ئوتىشىڭىز كېرەك.


سىنىپتا ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاكتىپ بۆلىشىڭىز، ئوقۇغۇچىلارغا قىزغىن بۆلىشىڭىز كېرەك. سىنىپتا قىزىقارلىق گەپلەرنى، چاقچاقلارنى، يۇمۇرلارنى ئىشلىتىپ دەرس ئۆتۈشنى بىلىشىڭىز كېرەك. دەرسخانىدا قاپاقنى تۈرگەن ھالەتتە تۇرۇپ دەرس ئۆتۈشتىن ساقلىنىڭ. ئۇنداق دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى ھېچ نەرسىگە پايدىسى يوق. ئۆتۈۋاتقان دەرسكە ماسلاشتۇرۇپ قىزىقارلىق چاقچاقلارنى قىلسىڭىز سىنىپنىڭ ئىچى باشقىدىن جانلىنىپ كېتىدۇ. ھەتتا بەزى ئۇيقۇغا ماڭغانلار ئويغىنىپ سىزنىڭ دەرسىڭىزگە زېھنىنى مەركەزلەشتۈرىدۇ. بىراق چاقچاق ھەم يۇمۇرلۇق گەپلەر بەك كوپ بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ. مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمدا مېنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىم چاقچاقچى ھەم يۇمۇرچى ئىدى. ئۇ چاغلاردا دەرسنىڭ قانداق ئاخىرلاشقانلىقىنىمۇ بىلمىگەن ھالدا ئۇلارنىڭ دەرسلىرىنى ئاڭلايتتۇق. بىر قېتىم بىزنىڭ سىنىپتا مەرھۇم ئىمام ئۇزۇن دېگەن قەشقەردىن كەلگەن ساۋاقدىشىم بار ئىدى. بىزگە مەرھۇم ماتېماتىكا ئالىمى رىشات مۇئەللىم ئۈچبۇلۇڭلار توغرىلىق دەرس ئۆتۈۋاتاتتى. ساۋاقدىشىم ئىمام رىشات مۇئەللىمدىن، سىز 3 بۇلۇڭلارنىڭ يىغىندىسى 180 گرادۇس دىدىڭىز. ئەگەر 3 بۇلۇڭلارنىڭ يىغىندىسى 180 گرادۇستىن ئېشىپ كەتسە ئۇنداق ئۇچ بۇلۇڭ قانداق 2 بۇلۇڭ بولىدۇ دەپ سورىدى. ئۇستازىم رىشاتكام تۇرۇپ كېتىپ ئۇنداق 3 بۇلۇڭ ئەلۋەتتە يېرىلىپ كېتىدۇ دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىم كۈلۈشۈپ كەتتى. شۇڭا ئوقۇتقۇچى سوئالنىڭ جاۋابىنى ئىزدەيمەن دەپ ۋاقىت ئۆتكۈزمەي دەل ۋاقتىدا يۇمۇرلۇق گەپلەر ياكى چاقچاقلار بىلەن جاۋاب بېرىپ، دەرستىن چۈشكەندە ياكى يەنە بىر قېتىملىق دەرستە ئۇنى ماتېماتىكىلىق چۈشەنچىلەر بىلەن چۈشەندۈرۈپ بەرسىمۇ بولۇۋېرىدۇ.

5. سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەرۋاسىزلىقىنى بىلىشى كېرەك.

سىز دەرس ئۆتۈۋاتقاندا ياكى كۆنۈكمە ئىشلىتىۋاتقاندا بەزى ئوقۇغۇچىلار يېنىدىكى ساۋاقدىشىغا گەپ قىلىدىغان ياكى بېرىلگەن دەرس كۆنۈكمىلەرنى ئىشلىمەي ئۇنۇڭ-بۇنۇڭغا قەغەز قاتارلىقلارنى ئېتىپ ئويناش قىلمىشلىرى يۈز بېرىدۇ. بۇنداق ۋاقتىدا ئەگەر دەرس ئۇتۇۋاتقان بولسىڭىز دەرسىڭىزنى تېزرەك تۈگىتىپ ئوقۇغۇچىلارنى گۇرۇپپىلارغا بولۇپ ئۇلارنى كۆنۈكمە ئىشلەشكە يول قويۇڭ. ئەگەر ئوقۇغۇچىلار كۆنۈكمە ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا بۇنداق قىلمىشلار يۈز بەرسە بۇنداق ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچى ئاشۇ بىپەرۋا ئوقۇغۇچىلاردىن سوئال سوراش ياكى مەلۇم بىر كۆنۈكمىنى سىنىپ دوسكىسىدا ئىشلىتىپ بېقىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشى كېرەك. سىز بۇنداق بىپەرۋا ئىشلارنى سىنىپتا كۆرسىڭىز چوقۇم ئۇنىڭ ئالدىنى ۋاقتىدا ئېلىشىڭىز كېرەك. سىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىپەرۋالىق ئىشلىرىنى بىر نەچچە قېتىم توسسىڭىز ئوقۇغۇچىلار ئۆزلۈكىدىن بۇنداق ناچار پەرۋاسىزلىقتىن ئۆزىنى تارتىدىغان بولىدۇ.

6. سىنىپتا ئايلىنىپ مېڭىپ دەرس ئوتۇڭ ياكى سوئال سوراڭ.

سىز سىنىپتا دەرس ئۆتكەندە چوقۇم سىنىپتا ئايلىنىپ مېڭىپ دەرس ئوتۇڭ. بۇنداق قىلسىڭىز سىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپتىكى ياخشى بولمىغان قىلىقلىرىنى توسالايسىز چۈنكى سىز ئوقۇغۇچىغا يېقىن كەلگەنلىكىڭىز ئۈچۈن ئۇلار ئۆزىنىڭ ناچار ھەرىكەتلىرىدىن ۋاز كېچىدۇ. ھەرگىزمۇ سىنىپتا ئولتۇرۇپ دەرس ئۆتمەڭ. دوسكىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپلا دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلىمۇ ياخشى ئەمەس.

7. مەۋسۇم ئوتتۇرىسىدا ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمتىھان ئېلىڭ.

مەۋسۇم ئوتتۇرىسىدا ياكى ئۇنۇڭدىن بۇرۇن ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمتىھان ئېلىشنى ئۇنتۇماڭ. ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ نېمىگە ئېھتىياجى بارلىقىنى ياكى ئۇلارنىڭ قايسى ئۆتۈلگەن مەزمۇنلاردا ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستە بىلەلمەي قالغان يەرلىرىنى بالدۇر ئۇقۇۋالىسىز. نەتىجىسى توۋەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن بالدۇر سۆزلىشىپ ئۇلارغا قوشۇمچە ياردەم قىلىشقا ئۈلگۈرەلەيسىز. بۇ ئوقۇغۇچىلار ھەقىقەتەن سىزنىڭ ئوتكەن دەرسىڭىزنى بىلەلمەي كېتىپ بارغان بولسا ئۇلارنى مەكتەپنىڭ دەرس تەكرارلاش سىنىپلىرىغا يوللاپ بېرىڭ ياكى ئۆزىڭىز ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلارغا دەرسىڭىزنى قايتىلاپ ئۆتۈپ بېرىڭ. دەرسنى چۈشىنەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ ياخشى دەرس ئۆزلەشتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەيلا بولۇپ كېتىش ئەھۋاللىرىدىن ساقلىنىڭ.

8. ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىڭىزنىڭ دەرس ئۆتۈش قائىدىلىرىڭىزنىڭ چوقۇم ئەسكەرتىپ قويۇڭ.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە كېلىشى بەكلا مۇھىم بولۇپ، ئوقۇغۇچى دەرسكە بىر قېتىم كەلمىسە ئۇلارنىڭ ئۆتۈلگەن مەزمۇنلارنى ئۆزلەشتۈرۈشىگە كوپ توسالغۇ بولىدۇ. مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس تاشلىماسلىقى بەك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بىر ئوقۇغۇچىڭ دەرسكە كېلىش كەلمەسلىكى ئۇنىڭ نەتىجىسىگە ئالاھىدە تەسىر قىلىدىكەن. شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ دەرسكە قاتنىشىش تۈزۈملىرىنى ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ تۇرۇشى لازىم. ئەگەر بىر ئوقۇغۇچى دەرسكە بىر نەچچە قېتىم كەلمىسە ئۇنۇڭ بىلەن ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ پاراڭلىشىش كېرەك. يەنى ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ نېمىشقا دەرسكە كەلمىگەنلىكىنى ئېنىقلاپ يۈز بەرگەن مەسىلەرنى ئوز ۋاقتىدا ھەل قىلىش كېرەك. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە كەلگەن كەلمىگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇرسا ئوقۇغۇچىدا بۇ ئوقۇتقۇچى ماڭا ھەقىقەتەن كۆيۈنىدىكەن، دېگەن چۈشەنچە پەيدا بولىدۇ-دە، دەرس تاشلاشتىنمۇ ئۆزىنى تارتىدىغان بولىدۇ.

9. تۇنجى دەرسنى ئالاھىدە ياخشى ئوتۇڭ ھەم ئۇنى ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇڭ.

ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن تۇنجى قېتىملىق دەرس بەك مۇھىم ئورۇننى تۇرىدۇ. بىرىنچى كۈنلۈك دەرستە سىز شۇ مەۋسۇمدا ئۆتمەكچى بولغان دەرس جەدۋىلىنى، سىزنىڭ قائىدە تۈزۈملىرىڭىز، ئۆتمەكچى بولغان دەرسلىك كىتابىڭىزنى، قانچە قېتىم ئىمتىھان ئالىدىغانلىقىڭىزنى، پايدىلىنىش ماتېرىياللارنى، ئىمتىھان نەتىجىلەرنى قانداق رەتكە تۇرغۇزۇش قاتارلىقلارنى ئوقۇغۇچىلارغا ئېنىق چۈشەندۈرۈپ چىقىڭ. بىرىنچى كۈنلۈك دەرستە ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇشنى ھەم ھەر بىر ئوقۇغۇچى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئامال بار بىرىنچى كۈنلۈك دەرستە بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى ئىسىملىك جەدۋىلىگە قارىماي ئېيتىپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن تونۇشۇشنى قولغا كەلتۈرۈڭ. بۇنداق قىلسىڭىز سىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىسىز. مەن بىرىنچى كۈنلۈك دەرستە نېمە ئۈچۈن ماتېماتىكىنى ئۆگىنىمىز دېگەننى ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرۈپ ئوتىمەن. بۇنىڭغا ئۇلاپلا ئوقۇغۇچىلارنى گۇرۇپپىلارغا بولۇپ تۆۋەندىكى سوئاللارنى مۇزاكىرە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىمەن.

1. سىز ئۆز تۇرمۇشىڭىزدا قەيەردە ھەم قانداق قىلىپ ماتېماتىكىنى قوللىنىسىز؟
2. ماتېماتىكا ئۆگىنىشتە سىزدە قايسى قورقۇنچلۇق ئەھۋاللار يۈز بەرگەن؟ سىز نېمە ئۈچۈن ماتېماتىكىنى ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرمەيسىز؟
3. سىز ئۆگەنمەكچى بولغان كەسىپتە قانداق خىزمەت ئورۇنلىرى بار؟ ماتېماتىكىنى سىز كۆرسەتكەن ئاشۇ خىزمەت ئورۇنلىرىدا قانداق قوللىنىدۇ؟

سىزنىڭ بىرىنچى كۈنلۈك دەرسنى ياخشى ئۆتۈش ياكى ئۇنى ياخشى ئۆتەلمەسلىكىڭىز سىزنىڭ شۇ مەۋسۇمدىكى دەرسىڭىزنىڭ ياخشى بولۇش بولماسلىقىغا ئالاھىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىرىنچى كۈنلۈك دەرستە ئۆزىڭىزنىڭ كەسىپچانلىقىڭىز كۈچلۈك ھەم قالايمىقان ئىشلارغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىڭىزنى ئوقۇغۇچىلارغا بىلدۈرۈڭ.

10. ئوقۇغۇچىلاردىن ئېلىنغان ئىمتىھانلارنى تەكشۈرۈپ بولۇپ ئوز ۋاقتىدا قايتۇرۇڭ.

ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمتىھان ئالسىڭىز ئۇنى تەكشۈرۈپ ئوز ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارغا قايتۇرۇپ بېرىڭ. ئەڭ ياخشىسى بۈگۈن ئالغان ئىمتىھانىڭ نەتىجىسىنى كېلەر قېتىملىق دەرسىڭىزدە ئوقۇغۇچىلارغا قايتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئىمتىھاننى ئېلىپ قويۇپ ئۇنى تەكشۈرمەي ئۇزۇن سوزسىڭىز، بۇ سىزنىڭ مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچى ئەمەسلىكىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرمىسىڭىز سىز قايسى ئوقۇغۇچىنىڭ سىز ئۆتۈۋاتقان مەزمۇنلاردا ياخشى ياكى ناچارلىقىنى بىلەلمەيسىزدە ئوقۇغۇچىلاردا سىز ئۆتۈۋاتقان كەسىپكە قىزىقمايدىغان ئەھۋاللار بارلىققا كېلىشكە باشلايدۇ. ئىمتىھاندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتالىقىنى ئېنىق كۆرسىتىش ئۈچۈن چوقۇم ئۇنىڭغا چۈشەنچە يېزىڭ. چۈشەنچە يازسىڭىز سىزنىڭ بىر مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئوقۇغۇچىلارغا بىلدۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىسىز. ئىمتىھاندا ياخشى نومۇر ئالالمىغان ئوقۇغۇچىلار بولسا ئۇلار بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىپ ياخشى ئۆزلەشتۈرەلمىگەن يەرلىرىنى بىلىشىگە ياردەم قىلىڭ.

11. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئالىغا ئېنىق جاۋاب بېرىڭ.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە ئۇلارنىڭ سىزنىڭ جاۋابىڭىزنى چۈشەنگەن ياكى چۈشەنمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىڭ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە ئۇلاردىن مېنىڭ جاۋابىمنى چۈشەندىڭلارمۇ دەپ سوراشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ. ئەگەر ئوقۇغۇچى سىزنىڭ جاۋابىڭىزغا چۈشەنمىگەن بولسا جاۋابنى قايتا تەكرارلاپ چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ. قايتا جاۋاب بەرگەندە تېخىمۇ ئىخچام چۈشەندۈرۈش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىڭ. دەرس ئۆتۈۋاتقاندا داۋاملىق ئوقۇغۇچىلاردىن سوئال سوراپ، ئۆتۈۋاتقان دەرس مەزمۇنلارنى چۈشىنىۋاتقان ياكى چۈشەنمىگەنلىكىنى سوراپ تۇرۇڭ. بۇنداق قىلسىڭىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىزنىڭ دەرسىڭىزگە زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈشىگە پايدىسى بولىدۇ.

12. تونۇشلۇق مىساللارنى ئېلىپ ئوقۇغۇچىلارغا ئۆتمەكچى بولغان مەزمۇننى چۈشەندۈرۈڭ.

سىز ئوقۇغۇچىلارغا قائىدە، پرىنسىپ، ئېنىقلىما، تېئورېما قاتارلىقلارنى ئۆتكەندە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئوقۇغۇچىلارغا تونۇشلۇق بولغان مىساللارنى ئېلىش ئارقىلىق ئۇلارغا چۈشەندۈرۈڭ. بۇنداق قىلسىڭىز ئوقۇغۇچىلار ئابستراكت مەزمۇنلارنىمۇ ئاسانلا چۈشىنىپ ئالالايدۇ. مەن دەرس ئۆتكەندە ھەرقانداق بىر چۈشەنچىگە مىسال ئېلىپ چۈشەندۈرىمەن. مېنىڭچە مىسال ئارقىلىق مۇرەككەپ چۈشەنچىلەرنى چۈشەندۈرۈش ئوقۇتقۇچىغا ھەم ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن بەكمۇ مۇھىم.

ئوقۇغۇچىلىرىم بىلەن سىنىپتا چۈشكەن رەسىم. بىرىنچى رەت ئوڭدىن ئىككىنچىسى مەن.

ت.png


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-20 06:20 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92091
يازما سانى: 678
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2092
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1487 سائەت
تىزىم: 2013-2-22
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 02:26:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت تاشپولات ئاكا. بۇ تىمىڭز، ئوقۇتقۇچى -ئۇستازلىرىمىز ئۈچۈن پايدىلنىش ماتاىيالى بولغىدەك.

يىيىش ئۈچۈن ياشىمايمەن،ياشاش ئۈچۈن يەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92263
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 144
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2013-2-25
ئاخىرقى: 2014-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 02:56:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ماتېماتىكىنى پەقەت ياقتۇرمايتىم ،شۇڭا تازا كۆڭۇل قويساممۇ بەزى گەپلەر مەېىماتىكا ئوقۇتقۇچىسغىلا ماس كېلدىغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم ،مەنمۇ ئوقۇتقۇچى بولمىسا بىراق مەن دەرىسخانىدا قەتئقي قاپاق تۇرمەيمەن ....

ئەركىنلىك، ئىتقاد،غورۇر،ئۆزلۇك

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55283
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4950
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 477 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2014-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 03:17:33 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەققىقەتەن ئىسىل ئۆرنەكلەركەن...

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 783
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2641
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2014-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 03:23:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى بالىلارغا تاقابىل تۇرماقمۇ ئۇنداق ئاسان ئەمەس جۇمۇ

ئى رەببىم،ماڭا كۆڭۈل خاھىشىمنىڭ تۇمشىقىغا سېلىنغان يۈگەننىڭ چۇلۋۇرىنى ئەقىل ئىدراكىمنىڭ قولىغا تۇتقازغۇدەك جۈرئەت ۋە ئىقتىدارنى مەندىن ئايىمىغايسەن.........

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 2066
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9156
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5166 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2013-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 03:55:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ياخشى تېما يوللاپسىز ئۇستاز، ئۇقۇغۇچىلىق ۋاقىتلىرىم ئىسىمگە كىلىپ قالدى.
مەن ماتىماتىكىغا بۇرۇندىنلا قىزىقاتتىم، تۇلۇقسىز ئۈچۈنچى يىللىقتا مۇئەللىم 5 مىنۇتتا بۇ ھىساپنى كىم ئىشلىيەلەيدۇ شۇنى مۇكاپاتلايمەن ، يالغۇز ئىشلىيەلمىسەڭلار بىرلىشىپ ئىشلىسەڭلارمۇ بولىدۇ دەپ دۇسكىغا يېزىپ قۇيۇپ سىرتقا چىقىپ كەتكەن،  مەن شۇ چاغلاردا ئاكامنىڭ ماتېماتىكىدىكى قىيىن مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنى ئىشلەش ئۇسۇللىرى دىگەندەك بىر  كىتابىنى  بىكا بولساملا بىلگىنىمچە ۋاراقلايتىم ھەم بەزى مىساللارنى قايتا قايتا ئىشلەپ جاۋابىنى ئۇخشاش چىقىرالىسام بەكلا خوش بۇلۇپ كىتەتتىم ، شۇنۇڭ تەسىرىدىنمۇ ئەيتاۋۇ 3.5 مىنۇتتا ئۇ ھىساپنى ئىشلەپ بۇپتىمەن ، ھەم يىنىمدىكى ئەڭ يىقىن دۇستۇمنىڭ تۇختاپ تۇر مەنمۇ كۆرۋالاي دىگىنىگە قارىماي، ئۇچقاندەك  يۈگۈرگەن پىتىم مۇئەللىمنى ئىزدەپ ئۆزەمنى سىرتقا ئاتقان، ئەسلى مۇئەللىم مەندىن ئۆمۈت كۈتمەپتىكەن بىرسىدىن كۈچۈرىۋالمىغانسىز دىگەنتى شۇ چاغدا، ۋاقىت تۇشقىچە مۇئەللىم ئۆمۈت كۈتكەن يەنە بىر بالىمۇ ئىشلەپ بولدى، بىر خاتىرگە ئېرىشىپ شۇنداق خوش بولغانتىم. كىيىن تولۇق ئۇتتۇردا خۇلاسە ئىمتىھاندىنمۇ ماتېماتىكىدا a  ئالغان ، ئەمما نىمىشقىدۇ ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا ماتېماتىكا نۇمۇرۇم بەك تۆۋەن ، ھەقىقەتەن تەسكەن بۇ پەن ، ھازىرقى كەسپىم مالىيە بۇغالتىرلىق يەنىلا ھىساپقا مۇناسىۋەتلىك ! ئىشقىلىپ دەرس ئۆتكەن مۇئەللىملەرنىڭ ئۇقۇتۇش مېتوتى قانچە يۇقۇرى بولسا ئۇقۇغۇچىلار شۇ دەرسكە ئالاھىدە قىزىقىدىكەن،  جۇغراپىيەگە شۇنچىلىك ئۆچتىم، مۇئەللىمنىڭ كىتاپقا قاراپ  ئۇقۇپ بېرىشلىرىنى قەتئىي ياقتۇرمايتىم! تارىخقىمۇ سەل ئۆچتىم، ئەمما مۇئەللىمنى دەپ ئەمەس، شۇ زېرىكىشلىك بىلىنەتتى بۇ دەرس

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97835
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 337
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2013-9-14
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 04:18:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەسئۇلىيەتچان ئۇقۇتقىچىلار پايدىلانسا بۇلىدىغان نادىر تىمىكەن. رەھمەت! قەلىمىڭىز ھارمىغاي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97835
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 337
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2013-9-14
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 04:21:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gulbaxikar يوللىغان ۋاقتى  2013-11-20 03:55 PM
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ياخشى تېما يوللاپسىز ئۇستاز، ئۇق ...

مىنىڭمۇ ماتىماتىكىغا خۇشۇم يوقتى،مۇئەللىم  چەمبەر توغرىسىدا دەرىس ئۆتكەندە،بېشىم چەمبەرگە،كۇنۇس توغرۇلۇق سۆزلىسە، بېشىم كۇنۇسقا ئوخشاپ قالغاندەك بىئارام بولىدىغان.
لېكىن ماتىماتىكا ئوقۇتقىچىللىرغا بەك ھۆرمەت قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1454
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9094
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 919 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2014-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 04:50:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز .
مەنمۇ ئۇقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنۋاتقىلى بۇيىل توپ-توغرا 16-يىلى .
مەن ئىشلەۋاتقان مەكتەپ بىز يېزا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى .
سىزنىڭ تىمىڭىزدىكى 1-نوختا: «ئوقۇتقۇچى سىنىپقا ئوز ۋاقتىدا كېلىشى ھەم دەرسخانىدىن ئەڭ ئاخىرىدا ئايرىلىشى كېرەك»دىگەن تىمىغا قارىتا مەنمۇ ھىس قىلغىنىمنى سۆزلەپ باقسام :
سىز بۇ مەزمۇندا ئوقۇتقۇچى بولسا دەرسخانىغا بىر ئىككى مىنۇت بالدۇر كىرىشى كېرەك دەپسىز . بىزنىڭ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى دەل ۋاقتدا سىنىپقا كىرىش ۋە چىقىش ،بالدۇر كىرىۋېلىش ياكى دەل ۋاقتىدا چىقىپ كەتمەي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارام ئېلىش(تەنەپۈس)ۋاقتىنى ئېلىۋالماسلىق كېرەك دىگەن بەلگىلىمىمىز بار.مىنىڭچە بولغاندىمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارغا نىسپەتەن 45مىنۇت دەرستىن كىيىن 10مىنۇت تولۇق ئارام ئېلىپ سىرىتقا چىقىپ ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش،تازلىق ئۆيىگە بېرىپ ئۆز ھاجىتىنى راۋا قىلىش مۇھىم دەپ قارايمەن .ئوقۇتقۇچى سىنىپقا بالدۇر كېرۋالغاندىم كىيىن ئوقۇغۇچى مۇقەرەر ئادەتتىكى ۋاقىتتىكىدەك ئەركىن بولالمايدۇ،بۇمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىنكى ئۆسۈپ يىتىلىشىگە قىسمەن سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن .تولۇق ئوتتۇرا ،ئالى مەكتەپلەردە مىنىڭچە كۆپ تەسىرى يوق دەپ قارايمەن .
ئارتۇق سۆزلەپ قويغىنىمنى كەچۈرۈڭ ئاكا!

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 2884
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 18553
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1009 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2014-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 05:10:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت تاشپۇلاتكا...........نادېر تېمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش