مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1319|ئىنكاس: 22

كالتىسي ھەققىدە ساۋات [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈركلان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8232
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10097
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 591 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 01:07:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                         كالتىسي ھەققىدە   ساۋات     



  يېقىندا   مۇئەللىم بىزگە كىلنكا ئۇزۇقلۇقشۇناشلىقى ھەققىدە ماتىرىيال  تىپىپ  كىلىپ  ،ماقالە  يېزىشقا  ئۇرۇنلاشتۇرغان ئىدى  ،تاپقانلىرىمدىن  ئىشەنچىلىك  دەپ   قارالغان مەزمۇنلارنى سىلەر بىلەن   ئورتاقلىشاي دەپ بۇ يەرگە   ئېلىپ كەلدىم .

1.كالتىسىي   ھەققىدە ئاساسىي ساۋات :
               قورامىغا يەتكەن ئادەم بەدىنىدە ئادەتتە  1000گىرامدىن 1200گىرامغىچە كالتىسىي  بۇلىدۇ .
         تەخمىنەن  ئادەم بەدىنى ئېغىرلىقىنىڭ  1.5-2.2%نى    تەشكىل قلىدۇ.
         99%كالتىسىي سۆڭەك ۋە چىشتا بۇلىدۇ.ئۇلار كىرىستال شەكىلىدە  مەۋجۇت  بۇلۇپ   تۇرىدۇ .قالغان 1%كالتىسىنىڭ بىر قىسىملىرى ئاقسىللارنىڭ بىرىكىشى قاتارلىق مۇھىم  بولغان فىزىئولوگىيلىك رىئاكسىيەلەرگە   قاتنىشىدۇ.يەنە بىر قىسىملىرى يۇمشاق تۇقۇلما ۋە قان سۇيۇقلۇقلىرىغا تارقالغان بۇلىدۇ،ئۇلار  ئۇمۇملاشتۇرۇلۇپ (miscible pool calcium)دەپ  ئاتىلىدۇ(ئۇيغۇرچە تەرجىمە  قىلساق ئارلاش كالتىسىي كۆلچىكى  بۇلىدىكەن.)

2.كالتىسىينىڭ فىزىئولوگىيلىك ئىقتىدارى
       ----ئۇ سۆڭەك  ۋە  چىشنىڭ ئاساسلىق تەركىبى   قىسمىدىن ئىبارەت.
     ------ھەر خىل فىزىئولوگىيلىك ئىقتىدارلارنىڭ نۇرمال بولغان تەرتىپىنى  ساقلاشتا كەم  بولسا بولمايدىغان ماددىدۇر.مەسىلەن:نىرۋا ھۇجەيرىلىرىنىڭ نۇرمال ھەرىكىتى ،مۈسكۈللەرنىڭ قىسقىرىشى،يۈرەكنىڭ سۇقۇشى قاتارلىق  فىزىئولوگىيلىك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ.ئۇ  يەنە   قان قېتىشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئېلىمىنتى ھېسابلىنىدۇ.
           ئۇ  ھەر  خىل  ئىنىزىم (بەدەنگە كىرگەن ماددىلارنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرىدىغان كاتالىزاتۇرلۇق رولىنى ئۆتەردىغان ماددا.ئاساسلىقى  ئاقسىلدىن تۈزىلىدۇ)لارنىڭ ئاكتىپلىغۇچىسى.       ئۇ   يەنە بىئولوگىيلىك پەردىلەرنىڭ  تەركىبىي قىسمى بۇلۇپ ،ھۇجەيرىلەرنىڭ  بىرپۈتۈنلىكىنى ساقلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان ماددا .

3.كالتىسىينىڭ سۈمۈرلىشى ۋە ماددا ئالمىشىشى
-----كالتىسىي   بەدەندە  ھاسىل بولمايدىغان ئېلمىنىت بۇلۇپ ،ئۇنى  چۇقۇم  يىمەكلىك  ئارقىلىق   تۇللۇقلاش كېرەك .ئادەتتە  يىمەكلىكتىن كىرگەن كالتىسىينىڭ 70-80%چوڭ   تەرەت يۇلى بىلەن بىر تەرەپ قىلىندۇ.قالغان قىسىملىرى  قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا  كىرىپ قان پىلازما ئاقسىلىنى  شەكىللەندۈرىدۇ.بۇنىڭ  كۆپ  قىسمى سۆڭەك ۋە  چىش تۇقۇلمىلىرى تەرىپىدىن سۈمۈرىلىدۇ.ئاز بىر قىسمى بۆرەك  ئارقىلىق كىچىك تەرەت بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.قالغان قىسىملىرى يۇمشاق تۇقۇلما ۋە ھۇجەيرە سىرىتقى سۇيۇقلىقلىرىغا ئارلىشىپ كىتىدۇ.
  ------كالتىسىينىڭ سۈمۈرىلىشىگە تەسىر  كۆرسىتىدىغان سەۋەبلەر:ياش پەرقى،جىنىس  پەرقى ،بەدەندىكى  فىزىئولوگىيلىك پەرىقلەر قاتارلىقلار.
  ------ سۈمۈرلىشىگە  پايدىلىق  بولغان ماددىلار: ۋىتامىن د
                                                              كالتىسىينى ئىرىتىدىغان يىمەكلىكلەر
                                                             مۇۋاپىق مىقداردىكى كالتىسىي فوسفۇر نىسبىتى(كالتىسىي
                                                                    1 -1.5 :فوسفۇر1)
  -------سۈمۈرلىشىگە پايدىسىز ماددىلار:1.يىمەكلىكلەردىكى بەزى فوسفور كسلاتالىرى كالتىسىي بىلەن بىرلىشىپ ئاسان  ئىرىمەيدىغان  كالتىسىي تۇزلىرىنى  شەكىللەندۈرىدۇ.      2.ياغلار   تەستە ھەزىم بولغاچقا ،بەزىبىر قالدۇق ياغلار كالتىسىي   بىلەن  بىرلىشىپ  بىرىكمە  ماددا ھاسىل  قىلىپ ،كالتىسىينىڭ  ئۈچەي يوللىرىدا سۈمۈرلىشىگە  تەسىر   كۆرسىتىدۇ .

       4.كالتىسىي  كەملىك ئالامەتلىرى
          كالتىسىي    كەملىك   ئاساسلىقى   چىش ۋ سۆڭەكلەرنىڭ نۇرمال  ئۈسۈپ  يىتىلىشىگە  تەسىر كۆرسىتىدۇ.بالىلاردا كالتىسىي   كەمچىل  بولسا راخت كېسىلىگە گىرىپتار بۇلىشى يۇقىرلايدۇ(بەدىننىڭ تۆۋەن تەرىپى  مايماق ئۈسۈپ قالىدىغان كېسەللىكنى كۆرسىتىدۇ.)
        قورامىغا  يەتكەنلەردە بولسا سۆڭەك يۇمشاش ،سۆڭەك  شالاڭلىشىش ئالامەتلىرى  كۆرىلىدۇ.
      قان  تەركىبىدىكى كالتىسىي  مىقدارى  ئازىيىپ كەتسە نىرۋا مۈسكىللىرىنىڭ روھلىنىشى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ -دە ،ئاسانلا  پەي تارتىشىش يۇز  بىرىدۇ.
        كالتىسىي    كەملىك يەنە يۇقىرى  قان  بېسىم ،ئۇچەي  راكى ،ئەرلىك ئىقتىدارى ئاجىزلاش ،ئىسپىرمىنىڭ سۈپىتى قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىشى  مۇمكىن.
         كالتىسىينىڭ كەملىكىمۇ بىر ياخشى  ئىش بولمىغىنىدەك ،كالتىسىينىڭ ئارتىپ  كىتىشىمۇ بەزەن بىر كېسەللىكلەرنى  پەيدا  قىلىدۇ.كالتىسىي  ئارتىپ كەتسە تۆمۈرنىڭ سۈمۈرلىشىگە روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ.سىنىك  ماددىسىنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتىنى تۆۋەنلىتۋاتىدۇ.
  5.كالتىسىي   ئىستىمال مىقدارى:
                بىر ياش ئىچىدىكى  بوۋاقلار400دىن-600مىللىگىرامغىچە(ھەر كۈنى)
                   بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر 600دىن -1000مىللىگىرامغىچە(ھەر كۈنى)
                   قورامىغا  يەتكەنلەر  800مىللىگىرام(ھەر كۈنى)
                    50ياشتىن ئاشقانلار   1000مىللىگىرام(ھەر كۈنى)
                    ھامىلدار ۋە   تۇغۇتلۇق  ئاياللار 1000-1200مىللىگىرامغىچە(ھەر كۈنى)
                                       1گىرام=1000مىللىگىرام
                                       1كىلو=1مىلليون مىللىگىرام

        6.كالتىسىينىڭ يىمەكلىك  مەنبەسى:سۈت ۋە  سۈتتىن  ياسالغان يىمەكلىكلەر كالتىسىينىڭ ئەڭ ياخشى مەنبەسى  ھېسابىنىدۇ.بۇلۇپمۇ  قېتىق ،قېتىق   ئاز ساندىكى  ئاشقازىنى  ئاجىز كىشلەرنى ۋە  بوۋاقلارنى ھېسابقا   ئالمىغاندا ،كۆپ سانلىق كىشلەرنىڭ  ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ.قېتىق تەركىبىدىكى كالتىسىي بەدەن  تەرىپىدىن  ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ.بۇلۇپمۇ ياشانغانلارنىڭ كالتىسىي تۇللۇقلىشى ئۇچۇن ئەڭ ئىسىل تاللاش ھېسابلىنىدۇ(قېتىق باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كىتىشى  شۇ سەۋەبلەردىن ئىكەندە)
             سۈت  بوۋاتلارنىڭ ئەڭ ياخشى كالتىسىي تۇللۇقلاش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.
             كۆكتاتلاردا،بۇلۇپمۇ سېرىق پورچاق ،خەيدەي قاتارلىق كۆكتاتلاردا مول مىقداردا كالتىسىي بار.

                                          مەنبە:ئۈزۈم توپلىغان ماتىرىياللار.
                                                   كلىنكا ئۇزۇقلۇقشۇناسلىق ئىلمى نامىلىق  كىتاب
     
   تۆمۈر ،سىنىك ،ئاقسىل  ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىمنى تېمام تەسقلانغاندىن كىيىن ئىنكاس شەكىلدە يوللايمەن.






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turklan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-20 01:13 PM  


مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1887
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5064
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1252 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 03:17:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر
كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 03:38:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت. مەن تىما ئىگىسىدىن بىر سۇئال سوراي، كالتسىي، سىنىك، تۆمۇرنى بىرلا ۋاقىتتا تەڭ تولۇقلايدىغان  دورا بارمۇ؟ بىر چاغلاردا 锌钙铁 دەيدىغان بىر خىل تابلىت دورىنى ماختاپ ئۇچۇرىۋەتكەن ئىدى، لېكىن بەزىلەر بۇ ئۈچىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا بەدەنگە سىڭىشى مۇمكىن ئەمەس دەيدىكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-20 03:39 PM  


ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 05:23:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلۋالدىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-20 05:26 PM  


ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

كىتابخۇمار

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96203
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1943
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2013-7-21
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 05:26:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرادرە ئىغىر ئالماي بۇ ساھەدە بىر تەپسىلى ،ئىنىق توختالسىڭىز.بۇ بىر بوشلوق ئىدى .ئارىمىزدا شۇئارۋاز ئەمۋايچىلاردىن باشقا ئوزوقلوق توغورلوق گەپ قىلىدىغانلار بولمىغان ئاساسەن.مومكىن بولسا كەڭ دائىرلىك تىخمۇ تەپسىلى ۋە تولوقراق توختالسىڭىز ...
بەك موھىم ساھەگە قەلەم ئاپسىز.رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5776
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 05:39:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ  تولۇقلاۋاتىمەن ،

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93794
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 971 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 07:19:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەيدەي دىگەننى بىلەلمىدىم .

ناماز بىلەن رامزان ئادەمگە قالقان › ئۇنى تېشەر غەيۋەت بىلەن يالغان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 11:14:54 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرادەر تورداشلار سورىغان سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز.بىزمۇ بىر بىلىمگە ئىگە بوپ قالاتتۇق.

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 11:14:55 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرادەر تورداشلار سورىغان سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز.بىزمۇ بىر بىلىمگە ئىگە بوپ قالاتتۇق.

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90866
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 949
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2013-1-30
ئاخىرقى: 2013-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 11:28:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوللىرىڭىزغا دەت بەرمىسۇن،رەخمەت سىزگە قىرىندىشىم!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش