مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2996|ئىنكاس: 3

ئىسلاھات بايرىقىنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرەيلى!  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94927
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2013-4-16
ئاخىرقى: 2014-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 12:50:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
        شىنخۇا ئاگېنتلىقى 18-نويابىر «ئىسلاھات بايرىقىنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرەيلى» دېگەن تېمىدا تەپسىلىي خەۋەرنى چىقىرىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر قانچە مەسىلە ھەققىدىكى قارارىنىڭ بارلىققا كېلىش خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى. ماقالىدا پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان بۇ قارارنىڭ كېڭىشىش، تەييارلاش، شەكىللىنىشىنىڭ پۈتۈن جەريانى تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ باش سېكرېتارلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىدىيە، كۆز قاراشتىكى چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ تاشلاش، مەنپەئەتنى قاتتىقلاشتۇرۇشتىكى توساقلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئىرادىسى ۋە جاسارىتى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىسلاھات مەسىلىسىدىكى يۈكسەك ئاڭلىقلىقى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يول ئىشەنچىسى، نەزەرىيەسى ئىشەنچىسى، تۈزۈم ئىشەنچىسىدە چىڭ تۇرۇشى نامايان قىلىندى.
      پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قانداق مۇھىم تېمىنىڭ تاللانغانلىقىغا پارتىيە ئىچى، سىرتى، دۆلەت ئىچى، سىرتى ناھايىتى دىققەت قىلدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ باش سېكرېتارلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چوڭقۇر تەپەككۇر يۈرگۈزدى ۋە تەتقىق قىلدى.
      پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئاياغلىشىپ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، باش سېكرېتار شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم سىرتقا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا چىقتى، ئۇ شېنجېنغا بېرىپ، ليەنخۇاشەن باغچىسىدا، دېڭ شياۋپىڭنىڭ ھەيكىلىگە گۈل قويدى. باش سېكرېتار قەتئىي ھالدا مۇنداق دېدى: بىزنىڭ دېڭ شياۋپىڭنىڭ مىس ھەيكىلىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈشىمىز-بىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئىلگىرىلىشى، يېڭى بۆسۈش يارىتىش، يېڭى پەللىگە قاراپ مېڭىشقا تېرىشىپ تۈرتكە بولىدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەيدۇ.
       جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى بۇ يىل 4-ئايدا تارىخىي تەجرىبە ۋە رېئال ئېھتىياج يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىش ھەم قارار چىقىرىشتىن ئىبارەت زور ئەھمىيەتكە ھەم چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە بىر تارىخىي ھەل قىلغۇچ تەدبىرنى چىقاردى.
       جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يەنە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ھۆججىتىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى تەستىقلىدى، باش سېكرېتار شى جىنپىڭ بىۋاسىتە گۇرۇپپىنىڭ باشلىقى بولدى. بۇ-يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، پارتىيەنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئومۇمىي يىغىن ھۆججىتىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى.
        باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ قەدىمى گۇاڭدۇڭ، خېبېي، گەنسۇ، خېنەن، تيەنجىن، سىچۈەن، خۇبېي، لياۋنىڭ، خۇنەن قاتارلىق جايلارغا يەتتى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش سېكرېتارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ئىزلىرى چاڭجياڭنىڭ شىمالىغىچە يېتىپ، مەھەللە، يېزا، كارخانا، مەكتەپلەرگىچە باردى.
      تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، تونۇشنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ قوللانمىسى تەدرىجىي روشەنلىشىشكە باشلىدى. باش سېكرېتار شى جىنپىڭ ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى يۇقىرىغا سۇنغان نۇسخىنى ماددىمۇ ماددا، جۈملىمۇ جۈملە، خەتمۇ خەت ئەستايىدىل كۆرۈپ، نۇرغۇن مۇھىم تۈزىتىش پىكىرلىرىنى بەردى.
       ئومۇمىي يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇنقى ئالتە ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، باش سېكرېتار شى جىنپىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى، ئىككى قېتىم جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىنى، كۆپ ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، تەييارلاش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، قارار لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىپ قاراپ چىقتى.
       جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىدىكى باشقا يولداشلارمۇ قارار لايىھەسىنى تەييارلاش خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، ئۇلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئايرىم-ئايرىم بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، قارار لايىھەسىنى تەييارلاشقا مۇھىم پىكىرلەرنى بەردى.
     جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، 4-سېنتەبىر قارارنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ئورگانلىرى ۋە يەرلىكتىكى يۈزدىن ئارتۇق ئورۇنغا چۈشۈرۈلۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرى كەڭ دائىرىدە ئېلىندى.
باش سېكرېتار شى جىنپىڭ 17-سېنتەبىر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى، پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلارنىڭ قارار لايىھەسىگە بولغان پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.
ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشقان مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى قارارنىڭ مۇزاكىرە لايىھەسىنى تولۇق مۇزاكىرە قىلدى.
     12-نويابىر چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە، قايتا-قايتا تۈزىتىلگەن قارار لايىھەسى ئومۇمىي يىغىندا بىردەك ماقۇللاندى.
      پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى-جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ كەڭ نەزىرى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فەرھاد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-20 12:53 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
تۇران + 10 تاقاپ ياخشى قىپسىلەر. .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5075
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1266 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 03:16:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاڭلاپ قويساق بولغۇدەك جۇمۇ

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9311
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 04:10:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شى رەئىسنىڭ دېڭشىياۋپىڭ يولىنى تۇتقىنى ناھايىتى توغرا دەپ قارايمەن .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

قەلبى يارا بوپكەتكەن ئەبلەخ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97835
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1065
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2013-9-14
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 04:36:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا ئىنتىزام تەكشۈرۈش كوممىتىتىنى مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق قىلىپ ئۆزگەرتىدىغان گەپلەر بار،ئەگەر شۇنداق بولسا بۇ پارىخىورلۇق ۋە چىرىكلىككە قارشى ئىنتايىن ئاقىلانە تەدبىر ھىسابلىنىدۇ.شى رەئىسنىڭ پارىخورلۇق،چىرىكلىككە قارشى مۇشتۇمى قاتتىق ئوخشايدۇ،ئەمەلى نەتىجىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

بەزىى ئادەملەر ئۈزىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئاۋازنى ئىنىق ئاڭلىيالايدۇ،ھەم شۇنىڭ بىلەن يول تۇتىدۇ،بۇنداقلارنىڭ بەزىلىرى ساراڭغا ئايلىندۇ،بەزىلىرى  رىۋايەتكە.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش