مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6467|ئىنكاس: 81

(bilgejan) قان ۋە قان تىپلىرى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 11021
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 865 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2014-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 12:25:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قان ۋە قان تىپلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات



ئاپتورى: بىلگەجان






قان ناھايتى مۇھىم بولغان بەدەن سۇيۇقلۇقى بولۇپ، ئاساسلىق رولى ئوكسېگىن ۋە ئوزۇقلۇقلارنى بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملارغا يەتكۈزۈش ۋە بەدەننى ئىممۇنىت ھۆجەيرىلىرى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. قان تۆرەلمە يېتىلىشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە يىلىك ئىشلىگۈچى غول ھۆجەيرىلەردىن ئىندۇكسىيەلىنىش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. بىز تۇغۇلۇشتىن خىلى بۇرۇنلا قانغا بىر ئۆمۈر مۇھتاج بولۇشىمىز باشلانغان بولىدۇ، قان بولمىسا بىز تۇغۇلمايمىز ۋە ھايات قالالمايمىز. بىز ئىسپىرما ھۆجەيرىسىنىڭ تۇخۇم ھۆجەيرىسىنى ئۇرۇقلاندۇرۇشى بىلەن شەكىللىنىشكە باشلايمىز ۋە ئانىمىزنىڭ قورسىقىدا يىتىلىش جەريانىدا ئەڭ دەسلەپتە كىشىلەر بىزنى تۆرەلمە دەپ ئاتايدۇ. بىز تۆرەلمە مەزگىلىدە ھايات قىلىشىمىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان قان ۋە قان تومۇرلىرىنى ئەڭ دەسلەپ شەكىللەندۈرىمىز ۋە يىتىلىپ بالا ھەمرىيىمىز ھاسىل بولۇپ بىزنىڭ كۆچۈپ كىرىشىمىزگە تەييار بولغاندا، بىزنى بېقىپ ئۆستۈرىدىغان بالا ھەمرىيى ئىچىگە ئورۇنلىشىپ ئۆز قېنىمىز ئارقىلىق ئانا قېنىدىن بالا ھەمرىيىمىزنىڭ ۋاستىسى بىلەن بۇلىۋالغان ئوزۇقلۇقلارنى بەدىنىمىزگە بىمالال يەتكۈزۈپ چوڭ بولۇشقا باشلايمىز چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بىز ئاللىقاچان 50 كۈنلۈك بولغان بولىمىز ۋە ئانىمىزنىڭ قېنىدىكى ئىممۇنىت ھۆجەيرىلىرى بىزنى بايقاپ قالغىلى تاس قالغان ۋاقىت بولىدۇ. ئۇلار بىزنى بايقاپ قالسا ئىش چاتاق بولىدۇ، گەرچە كىشىلەر ئانا بەدىنى بىزنى باقىدۇ دىسىمۇ ئەمەليەتتە ئانىمىزنىڭ بەدىنى بىزنى يەكلىمەكچى بولىدۇ، يۇ - لىكىن بالا خىسلەتلىك بالا ھەمرىيىمىزنىڭ قوغدىشى ئاستىدا ھىچقانداق ئامال قىلالماي گىپىمىزنى شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئاڭلاشقا مەجبۇر بولىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇلارنى بوزەك قىلىشىمىز تۇغۇلۇپ قېرىغىچىمۇ توختىمايدۇ. ئەلۋەتتە، بىز بۇنى بىر ئۆمۈر پەخىرلىنىپ تىلغا ئالىمىز. بىز بالا ھەمرىىي دىگەن ئېسل قەسىرىمىزگە كۆچۈپ كىرگەندىن باشلاپ كىشىلەر بىزنى ھامىلە دەپ ئاتايدۇ. بىزنىڭ مۇۋاپىققىيەتلىك ھالدا ھامىلە باسقۇچىغا بارالىشىمىز بىزنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئاچالىشىمىزنىڭ ئاساسەن مۇمكىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بىز بالا ھەمرىيى ئىچىدە جىددى ھەرىكەتنى باشلاپ تىز چوڭىيىشقا باشلايمىز، بۇ ئەلۋەتتە قېنىمىزىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. بىز بالا ھەمرىيمىزنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئانا بەدىنىدىكى بارلىق قاننىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى بالياتقۇغا باشلاپ كىلىمىز ۋە بالا ھەمرىيىمىز ئانا قېنىدىكى ئوكسېگىن ۋە بارچە ئوزۇقلۇقلارنى كىندىك ئارقىلىق بىزنىڭ قېنىمىزغا ئەۋەتىدۇ ۋە بىز بۇ ئوزۇقلارنى سۈمۈرۈپ نەچچە ئاي ئىچىدىلا ھەجىمىمىزنى نەچچە يۈز ھەسسە چوڭايتىمىز. گەرچە ئانا قېنىنىڭ يېنىمىزغا كىلىشىگە ئېھتىياجىمىز بولسىمۇ، ئەمما ئانا قېنىنى خاتالىشىپمۇ بەدىنىمىزگە كىرگۈزمەيمىز چۈنكى بىز ياخشىمۇ ئانا قېنىدا كۆزىنى مىت قىپمۇ قويماستىن بىزنى قىرىپ تاشلايدىغان جەڭچىلەرنىڭ تەييار تۇرىدىغانلىقىنى بىرسىدىن ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاپ قالغان.  بىزنىڭ ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇقلارنى ئانا قېنىدىن يۇلۇپ ئالىمىزيۇ، ئانىمىزغا ھىچقانداق پايدا يەتكۈزمەيمىز. ئانا قورسىقىدا بىزگە لازىمەتلىك ھەممە نېمەتلەر تەييار بولسا ئۇ ھالدا خاتىرجەم ۋە ساغلام يىتىلىمىز، لىكىن ئۇ ئۆز قېنى ئارقىلىق دىگىنىمىزنى بەرمىسە ياكى بىزگە لازىم ئەمەس ئەخلەت نېمەتلەرنى ئەۋەتسە ياكى بىزنى ھەر قانداق ئۇسۇلدا بىئارام قىلسا ئۇنى ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى دىئابىت كېسىلى دەيدىغان كېسەلگە گىرىپتار قىلىپ قويالايمىز، ئەمما بىز تۇغۇلۇپ بولساقلا ئۇ ساقىيىپ كىتىدۇ. بەكرەك ئاچچىقىمىز كەپ قالسا، ئانىمىزنى ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى يۇقىرى قان بېسىمى قىلىپ قويىمىز، ئەپسۇسكى ئۇ بىز تۇغۇلغاندىن كىيىنمۇ بىر ئۆمۈرۈ بىزنى قېيناپ قويغاننىڭ جاجىسىنى يەپ مەڭگۈ يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلالمايدۇ. نېمە دىسىڭىز مەيلى، ئىشقىلىپ بىز ھامىلىلەر ھەرگىز شەخسىيەتچى ئەمەس! دىمەك، بىز تۇغۇلۇشقا ئاز قالغۇچە ئېنىرگىيە ئىشلىشىمىزنىڭمۇ ھاجىتى يوق، ھەتتا ئۆپكىمىزنى ئاۋارە قىلىپ ئۆپكىمىز ئارقىلىق نەپەسلىنىپمۇ يۈرمەيمىز، پەقەت ئانىمىزنىڭ بالياتقۇسى كىچىك كىلىپ بالا ھەمرىيىمىز بىزگە ياقماي قالغاندا ئاستا ئۆپىكىمىزنى پىشىپ يىتىلىدۈرىمىز ۋە سىرتقى دۇنيانى كېزىپ بىقىشىنى خىيال قىلىمىز. تۇغۇلىمىزيۇ، لىكىن بۇرنىمىزنى بىرى تۇتۇۋالغاندەك ھېس قىلىپ نەپەس ئالالماي پۇشايمان قىلىشقا باشلايمىز ۋە ئاخىرى تۇنجى قېتىم ئۆپكىمىز بىلەن نەپەس ئالىمىز. نېمىدىگەن قورقۇنچلۇق؟! مانا قاتتىق يىغلاپ بىئاراملىقىمىزنى ئىپادىلىسەكمۇ، ئەپسۇس ئىلگىرىكى ئاسان تۇرمۇشىمىزغا قايتالمايمىز، بالا ھەمرىيىمىزمۇ تۈگەشتى ئەمەسمۇ؟  تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، تېخى پەقەت يىغلاش ئارقىلىقلا ئانىمىزنى دىگىنىمىزنى قىلغۇزغاندىن باشقا ئۇنى بۇرۇنقىدەك خالىغانچە كونتىرول قىلمىقىمىز تەس بولۇپ قالىدى. بۇرۇن باكتىرىيەلەرگە تولغان مۇھىتتا ياشىساقمۇ، ئەمما ئۇلۇغ قوغدىغۇچى بالا ھەمرىيى بىزنى ھەر ۋاقىت قوغداپ تۇرغاچقا باكتىرىيە، ۋىرۇس دىگەندەك پاسكىنا جانلىقلار بىلەن ھەپىلىشىپمۇ يۈرمەيتتۇق. ئەڭ يامان بولغىنى، ئەمدى بىز ئۆزىمىزنى قوغداشنى ئۆگەنمىسەك بولمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىز يەنە قانغا ئىلتىجا قىلىمىز، ۋە تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا نۇرغۇن بىزنى قوغدايدىغان ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان قاننى جىددى قوراللىنىپ ھەر ۋاقىت ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇشقا بۇيرۇيمىز ۋە يۈگۈرۈپ يۈرگۈدەك چوڭمۇ بولۇپ قالىمىز. ئەگەر قاندىكى ئاق قان ھۆجەيرىلىرى دەمدۇ ئەيتاۋۇر، شۇنداق بىر جەڭچىلەر بىزنى قوغدىمىغان بولسا ھازىرغىچە ھاۋادا، يەردە، سۇدا، ئىشقىلىپ ھەممىلا يەردە پۇتلىشىپ يۈرىدىغان قورقۇنچلۇق باكتېرىيە ۋە ۋىرۇس دىگەندەك كىچىكلىكىدىن كۆزگىمۇ كۆرۈنمەيدىغان مەخلۇقلارنىڭ دەستىدە بۇ چاققىچە ھايات قالالامتۇق. قانداق دەمسىز؟ ۋاي-ۋۇي، مەندىن مۇرەككەپ سۇئاللارنى سورىماڭ! يەنىلا 12 يىلدىن بىرى قىلغىلى ئىشى يوقتەك مۇشۇنداق نەرسىلەرنى ئۆگەندىم دەپ يۈرگەن بىلگەجان دەيدىغان بالا سىزگە دەپ بەرسۇن، مەندەك بىلەمدۇ-بىلمەمدۇ، ئۆزىڭىز قاراپ بىر نېمە دەڭ.




قان




قان ئىنسان بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن 7%نى تەشكىل قىلىدىغان سۇيۇقلۇق بولۇپ زىچلىقى سۇدىن سەللا چوڭراق (1.06 ھەسسە)، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن چوڭلار بەدىنىدە 5 لىتىر ئەتراپىدا قان بولىدۇ. قان پلازما ۋە بىر قانچە خىل ھۆجەيرىلەردىن تۈزۈلىدۇ. قاننىڭ 55% پلازما بولۇپ، ئاساسلىقى قاننىڭ سۇيۇق قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. قان پلازمىسىنىڭ 92% سۇ بولۇپ، قالغان قىسمى بىر قىسىم ئاقسىللار، گلۇكوزا، ماي كېسلاتالىرى ... قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. باشقا مۇھىم تەركىبلىرىدىن قان قېتىشتۇرغۇچى فاكتۇرلار، ئىممۇنىت ئاقسىللىرى، ياغ ئاقسىللىرى ۋە باشقا ئىئونلار (ئاساسلىقى خىلور ۋە ناتىرىي) بار.


قان ھۆجەيرىلىرى ئۈچ چوڭ تۈردىن تەشكىل تاپىدۇ:
1. قىزىل قان ھۆجەيرىلىرى: ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان قان ھۆجەيرىسى بولۇپ تەخمىنەن 4-6 مىليۇن ئەتراپىدا تىپىلىدۇ. قىزىل قان ھۆجەيرىسىدە كۆپ مىقداردا ھىموگلوبېن دەپ ئاتىلىدىغان ئاقسىل بولۇپ، بۇ ئاقسىل دەل ئوكسىگېن توشۇيدىغان ئاقسىلنىڭ ئۆزى شۇ. ھىموگلوبېن (hemoglobin) مولىكۇلىسىنىڭ مەركىزىدە تۆت دانە تۆمۈر ئاتومىدىن تۈزۈلگە ھىمو گۇرۇپپىسى بولۇپ ئوكسىگېنغا بىرىكىش خۇسۇسىيتىگە ئىگە ۋە مۇشۇ گۇرۇپپىنىڭ مەۋجۇتلۇقى تۈپەيلى، قاننىڭ رەڭگى قىزىل رەڭدە بولىدۇ. مەخسۇس مۇسكۇلدا تىپىلىدىغان يەنە بىر ئوكسىگېن يەتكۈزىدىغان ئاقسىل بار بولۇپ، مىيوگلوبېن (myoglobin) دەپ ئاتىلىدۇ. قىزىل قان ھۆجەيرىلىرى توختىماي يىڭىدىن ئىشلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، يېڭىدىن ئىشلىنىشى بۆرەكتىكى ئوكسىگېن مىقدارىنى سەزگۈچى ھۆجەيرىلەرنىڭ قىزىل قان ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ئاقسىللارنى ئىشلەپچىقىرىپ يىلىككە ئۇچۇر بىرىشى ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. شۇڭىلاشقا، ئوكسىگېن شالاڭ بولغان يۇقىرى ئىگىزلىكتە ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكى قىزىل قان ھۆجەيرىلىرىنىڭ مىقدارى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەب بىر قىسىم تەنھەرىكەتچىلەر ئىگىز تاغلىق جايلاردا مەشىق قىلىدۇ ۋە دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى تۆۋەن جايغا كەلگەندە خىلىلا تىز يۈگۈرەلەيدۇ چۈنكى بەدەننىڭ ئوكسېگىن بىلەن تەمىنلىشى ئاشقان بولىدۇ. قىزىل قان ھۆجەيرە پەردىسىدە يەنە قان تىپىنى بەلگىلەيدىغان ساخارىدلانغان ئاقسىللار (glycoprotein) يەنى ئازراق قەنىت رادىكاللىرى ئۇلانغان ئاقسىللار بار بولۇپ، قان تىپىنى بەلگىلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ نۇقتىدا سەل تۇرۇپ تەپسىلىي توختىلىمەن.

2. ئاق قان ھۆجەيرىلىرى: ئەڭ مۇھىم بولغان ئىممۇنىت ھۆجەيرىلىرى بولۇپ، تەخمىنەن 4000-11000 ئەتراپىدا مەۋجۇت بولىدۇ. ئاق قان ھۆجەيرىلىرى سانى كۆپىيىپ كېتىدىغان راك كېسىلى ئاق قان كېسىلى ياكى قىسقىچە قان راكى دەپ ئاتىلىدۇ. ئاق قان ھۆجەيرىلىرى ئىچىدە ئەڭ مۇھىملىرىدىن B ۋە T ھۆجەيرىلەر بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە B ھۆجەيرە ئۆزىگە يات بولغان ئاقسىللارنى پارچىلايدىغان ئاقسىللار يەنى ئانتىبودى (antibody) ئىشلەپچىقىرىپ بەدەننى قوغدىسا، T ھۆجەيرىلەر ئۆزىگە يات بولغان تاجاۋۇزچى ھۆجەيرىلەرنى پۈتۈن يۇتۇش ئارقىلىق ئىممۇنىت رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ئەيدىز ۋىرىسى (HIV) ئاساسلىقى دەل T ھۆجەيرىلەرگە ھۇجۇم قىلىدىغان بولغاچقا، بەدەن ئىممۇنىت كۈچىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

3. قان پلاستىنكلىرى: بۇلار ئاساسلىقى قان قېتىشىشتا رول ئوينايدىغان ھۆجەيرىلەر بولۇپ، سانى 200 مىڭدىن 500 مىڭغىچە ئەتراپتا بولىدۇ.

قان توغرىسىدا بىلىملەر ناھايتى كۆپ بولۇپ، ۋاقىت ئىتبارى بىلەن مۇشۇنچىلىك يازاي. ئەمدى قان تىپلىرى ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆزلەپ بىرەي.

قان تىپلىرى


قان تىپى ناھايتى قىزىق نۇقتا بولۇپ قالغان تېما بولۇپ، بۇ توغرىدا تارقالغان «ئەپسانىلەر» ئاز ئەمەس. بەزى كىشىلەر ھەتتا، قان تىپىغا ئاساسەن نېمىنى يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئۆزىگە ئەڭ ماس كىلىدىغان سۆيگۈنىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قالىمىز. گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا، بۇ گەپلەرنىڭ كۈلكىلىك دەرىجىسىگە گەپ توغرا كەلمەيدۇ. بەلكىم، توي قىلىشتىن بۇرۇن قان تەكشۈرۈپ قان تىپىنى يېزىپ قويدىغان بولغاچقا، كشىلەر مۇشۇنداق «قىززىق» پاراڭلارغا چۈشكەن بولۇشى مۇمكىن. كىشىلەر يەنە قانداق قان تىپىدىكى ئاتا-ئانىدىن قانداق قان تىپتىكى بالا تۇغۇلمايدۇ، دىگەنلەرنى يادلىۋالىدۇ. تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇسىڭىز بۇلارنى يادلمايمۇ سىزمۇ چۈشىنىۋالغاندىن كىيىن باشقىلارغا دەپ بىرەلەيسىز. كۆپچىلىك تونۇشلۇق بولغىنىدەك ھازىر دوختۇرخانىلاردا قان تەكشۈرتكەندە ئاساسلىقى ABO قان تىپى ۋە Rh (ئېر ئەيچ) قان تىپىنى قوشۇپ يازىدۇ، ھىچبولمىغاندا بىر قىسىم دوختۇرخانىلاردا شۇنداق. قان تىپلىرىنى ئايرىشنىڭ ئۇسۇللىرى بەك كۆپ بولسىمۇ، لىكىن بىزگە ئەڭ مۇناسىۋەتلىك بولغىنى ۋە دائىم ئىلشىلتىلىدىغىنى ABO قان تىپى ۋە Rh (ئېر ئەيچ) قان تىپى بولغاچقا، مۇشۇ ئىككىسى ئۈستىدە توختىلىمەن.


ABO قان تىپى سىستىمىسى بويىچە كىشىلەر A, B, AB, O دىن ئىبارەت تۆت خىلنىڭ بىرىگە تەۋە؛ Rh (ئېر ئەيچ) قان تىپى سىستىمىسى بويىچە Rh مۇسبەت ۋە Rh مەنفىي قان تىپلىرىنىڭ بىرىگە تەۋە بولىدۇ. مەسىلەن، مەن +O, Rh تىپلىققا كىرىمەن.



ABO قان تىپى سىستىمىسى



بۇنى چۈشەندۈرۈشتە يەنە بىر مىسال ئالاي: سىز كۆز ئالدىڭىزغا ئۈستىگە كۈنجۈت باشقان گىردىلەرنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. ئەگەر گېردىنىڭ ئۈستىدە ئاق كۈنجۈت چېچىلغان بولسا بۇنى A تىپلىق دەيلى، قارا كۈنجۈت بېسىلغان گېردىنى B تىپ دەيلى،  ئۇ ھالدا ھەر ئىككىلىسى بېسىلغان گېردە تەبئىي ھالدا AB تىپلىق بولغان بولىدۇ. ئەمدى ھىچقانداق كۈنجۈت بېسىلمىغان بولسا بۇنى نۆل تىپ يەنى O تىپلىق دەپ ئاتىساق بولىدۇ. يەنى بۇ يەردە كۈنجۈت دىگىنىمىز دەل قىزىل قان ھۆجەيرىلىرىنىڭ ھۆجەيردە پەردىسىگە ئورۇنلاشقان ساخارىدلانغان ئاقسىللاردىن ئىبارەت بولۇپ، O قان تىپىغا كىرىدىغان كىشىلەرنىڭ قېنىدا ئەڭ ئاددىي ساخارىدلار بولىدۇ، A قان تىپىغا كىرىدىغان كىشىلەرنىڭ بۇ خىل ئاقسىلىغا بىر گلاكتوزا مولىكۇلىسى قوشۇلغان بولىدۇ؛ B تىپلىق كىشىلەرنىڭ قېنىدا بۇ ئاقسىلغا ئاتسىتىل گلاكتوزامىن مولىكۇلىسى قوشۇلغان بولىدۇ؛ AB تىپلىق كىشىلەرنىڭ بۇ ئاقسىلىغا ھەر ئىككىلى قەنىت مولىكۇلىسى قوشۇلغان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، A تىپلىق كىشىلەرنىڭ قىزىل قان ھۆجەيرىلىرىدە پەقەت A ئانتىگېن، antigen (گېردىنى مىسال قىلغاندىكى ئاق كۈنجۈت) بولىدۇ؛ B قان تىپلىق كىشىلەردە بولسا پەقەت B ئانتىگېن (گېردىنى مىسال قىلغاندىكى قارا كۈنجۈت) بولىدۇ؛ AB قان تىپلىقلاردا بولسا ھەر ئىككىلى ئانتىگېن (ئاق ۋە قارا كۈنجۈت) بولىدۇ؛ O قان تىپلىق كىشىلەردە بولسا ھىچقايسى ئانتىگېن بولمايدۇ. دىمەك، مۇشۇ كىچىككىنە پەرق تۈپەيلى كىشىلەر ئوخشىمىغان قان تىپىغا ئىگە بولىدۇ.



قان تىپى ئېرسىيەت قالىدىغان بىر ئېرسىي ئالاھىدىلىك بولۇپ، قان تىپىنى ئىككى ئەمەس بەلكى ئۈچ خىل تەڭ ئورۇنلۇق گېنلار بەلگىلەيدۇ. يەنى ئاتا ۋە ئانىنىڭ ھەر بىرىدىن كەلگەن بىر گېنغا ۋارسىلىق قىلىمىز، شۇنداق بولغاندا ھەر بىر قان تىپىنى بەلگىلەيدىغان گېن مۇناسىپ ئانتىگېنلارغا كود يازىدۇ. قىسقىچە، A ئانتىگېننى بەلگىلەيدىغان گېننى A (ئاشكارا گېن) دىسەك، B ئانتىگېننى بەلگىلەيدىغان گېننى B (ئاشكارا گېن) دىسەك، O نى بەلگىلەيدىغان گېننى i دىسەك (بۇ يوشۇرۇن گېن بولۇپ بىر نۇسخىسىلا بولسا قان تىپىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ)، ئۇ ھالدا بۇ ئۈچ خىل گېننى ئىككى-ئىككىدىن گۇرۇپپىلىساق تۆۋەندىكى ئالتە خىل بىرىكىش شەكلىگە ئېرىشىمىز: AA, AB, Ai, BB, Bi, ii. بۇنىڭ ئىچىدە AA ياكى Ai غا ئىگە بولغان ئادەم A قان تىپىلىق بولىدۇ؛ BB ياكى Biغا ئىگە بولغان ئادەم بولسا B قان تىپلىق بولىدۇ؛ AB غا ئىگە بولغان ئادەم بولسا AB تىپلىق بولىدۇ؛ ii غا ئىگە بولغان ئادەم O قان تىپى بولغان بولىدۇ. مۇشۇ ئۇسۇلدا قانداق قان تىپىدىكى ئىككى ئادەمنىڭ پەرزەنتى قانداق قان تىپلىرىغا ئىگە بولۇش-بولماسلىقىنى ئاسانلا ئېنىقلىغىلى بولىدۇ.



1. ھەر ئىككەيلەن A قان تىپلىق بولسا، بالىلىرى پەقەت A ياكى O تىپلىق بولۇشى مۇمكىن.



2. ھەر ئىككەيلەن B قان تىپلىق بولسا، بالىلىرى پەقەت B ياكى O تىپلىق بولۇشى مۇمكىن.


3. ھەر ئىككەيلەن AB قان تىپلىق بولسا، ئۇ ھالدا بالىلىرى پەقەت A, B, O لار بولۇشى مۇمكىن.


4. بىرى A تىپلىق، يەنە بىرى B تىپلىق بولسا ئۇ ھالدا تۆتىلى قان تىپلىق بالا تۇغۇلۇشى مۇمكىن.


5. O قان تىپنىڭ بەلگىلەش رولى يوق بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ قان تىپى نېمە بولسا، بالىلارىنى قان تىپى شۇ ياكى O بولۇشى مۇمكىن (قارشى تەرەپ AB تىپلىق پەقەت A ياكى B بولىدۇ)؛ ھەر ئىككىلى تەرەپ O قان تىپلىق بولسا پەرزەنتى چوقۇم پەقەت O تىپلىق بولىدۇ.



ئادەم بەدىنىدە ئەگەر ئۆزىدە بولمىغان تۈزۈلۈشكە ئىگە ئاقسىللار كىرسە، ئۇ ھالدا ئادەم بەدىنى بۇ خىل ئاقسىلنى تونۇمايدۇ ۋە بۇ خىل ئاقسىلنى يات ئانتىگېن (يەنى يات ئاقسىل دىگەن مەنىدە) دەپ تونۇيدۇ ۋە شۇ ئانتىگېنغا قارشى تۇرىدىغان ئاقسىللار يەنى ئانتىبودىلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. دىمەك، A قان تىپلىق ئادەملەردە B ئانتىبودى شەكىللىنىدۇ، شۇڭا B ئانتىگېنغا ئىگە قاننى سالغىلى بولمايدۇ. شۇنداقكەن A قان تىپلىق كىشىلەرگە B ياكى AB قاننى سالغىلى بولمايدۇ.  O تىپلىق ۋە A تىپلىق قان ماس كىلىدۇ.  O تىپلىق كىشى ئۈچۈن پەقەت O تىپلىق قانلا ماس كىلىدۇ. قالغانلىرىنىمۇ شۇنداق قىلىپ كەلتۈرۈپ چىقارساق بولىدۇ. O تىپلىق كىشىلەردە ھىچقانداق ئانتىگېن بولمىغاچقا O قاننى ھەممە ھەر قانداق كىشىگە سالغىلى بولىدۇ؛ شۇڭا O قان تىپىلىقلار ئورتاق قان تەقدىم قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ، ئەمما  ئۆزىگە پەقەت ئوخشاش تىپتىكى كىشىلەرنىڭ قېنىلا ماس كىلىدۇ. ئەكسىچە، AB قان تىپلىقلارغا ھەممە قان تىپىنى سالسا بولىدۇ، شۇڭا بۇ خىل قان تىپىدىكىلەر ئورتاق قوبۇل قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئۆزلىرى پەقەت AB قان تىپىدىكى كىشىلەرگىلا قان بىرەلەيدۇ.

Rh قان تىپى سىستىمىسى

بۇ خىل قان تىپىنىڭ بەلگىلىنىشى بىر قەدەر ئاددى بولۇپ، پەقەت قىزىل قان ھۆجەيرىسى پەردىسىدە Rh دىن ئىبارەت بىرلا ئانتىگېننىڭ بار يوقلۇقىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ؛ بار بولسا ئۇ ھالدا Rh مۇسبەت، بولمىسا Rh مەنفىي بولغان بولىدۇ. پەرزەنىت Rh مۇسبەت قان تىپى بولۇش ئۈچۈن ئاتا ۋە ئانىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە ياكى پەقەت بىرىدە مۇشۇ خىل گېن بولسىلا بولىدۇ؛ Rh مەنفىي بولۇشى ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپ مەنفىي بولۇشى كىرەك. شۇنداق بولغاچقا Rh مەنفىي قان تىپى ناھايتى ئاز ئۇچرايدۇ. Rh مەنفىي قان تىپىغا تەۋە كىشىلەر ئاق تەنلىكلەردە 15% تىن يۇقىرى بولىدۇ، ئامرىكىدىكى قارا تەنلىكلەردە 7% ئەتراپىدا، ئامرىكا ئىندىئانلىرىدا 1% ئەتراپىدا، ئاسىيالىقلار ۋە ئافرىقىلىقلار ئارىسىدا بولسا 1% تىنمۇ ئاز.

ئەمدى بۇ قان تىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر چاتاق ئىش بار بولۇپ، ئاساسلىقى يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزگە ئوخشاش قائىدە بويىچە Rh مۇسبەت تىپتىكى كىشىلەردە Rh ئانتىگېنى بولىدۇ، Rh مەنفىي تىپلىق كىشىلەردە بولسا بۇ ئانتىگېىن مەۋجۇت ئەمەس، دىمەك شۇنداق قانغا ئۇچراشسا دەرھال قارشى تۇرغۇچى ئانتىبودىلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. مۇشۇ سەۋەپ، ئەگەر بىر Rh مەنفىي تىپلىق ئايال بىر Rh مۇسبەت تىپلىق ئەر بىلەن توي قىلغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ پەرزەنتى چوقۇم Rh مۇسبەت تىپلىق بولىدۇ ۋە ئانا بەدىنى تۇنجى بالىنى تۇغۇش جەريانىدا ھامىلىنىڭ قېنى ئانا بەدىنىگە كىرىدۇ ۋە ئانا بەدىنىدە دەرھا ئىممۇنىت ئىنكاسى پەيدا بولۇپ ئۆزىدە بولمىغان بۇ خىل Rh مۇسبەت ئانتىگېنغا قارشى ئانتىبودىلارنى ياسايدۇ. بۇ تۇغۇلۋاتقان بالىغا دەرھال تەسىر قىلمايدۇ، ئەمما ئىككىنچى قېتىم قورساق كۆتۈرگەندە ئانا بەدىنىدە Rh مۇسبەت ئانتىگېنغا قارشى ئانتىبودىلار شەكىللىنىپ بولغان بولغاچقا ئىككىنچى بالىنىڭ قېنىغا ئانا قېنىدىن بۇ خىل ئانتىگېنلار ئۆتۈپ ھامىلىنىڭ قىزىل قان ھۆجەيرىلىرىگە ھوجۇم قىلىدۇ، ۋە قىزىل قان ھۆجەيرىسىنىڭ پارچىلىنىپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە ھامىلە ھاياتىغا ئېغىر تەھدىت ئىلىپ كىلىدۇ. شۇڭىلاشقا، مۇشۇنداق ئەھۋالغا ماس كەپ قالغان ئاتا-ئانىلار ئىككىنچى پەرزەنتى بولۇشتىن بۇرۇن ئوبدان تەييارلىق قىلىشى لازىم. ھازىر بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا ئانىلارغا Rh مۇسبەت ئانتىگېنغا قارشى ئانتىبودىنى ئۆلتۈرىدىغان قاننى ھامىلدارلىقنىڭ 28-ھەپتىسى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق بالىنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يىتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. دىققەت قىلمىسلا، بۇنداق ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىككىنىچى پەرزەنتىنى ساغلام تۇغۇشى تەسكە توختايدۇ. بۇ كېسەلنى بوۋاقلاردىكى قان ئېرىشچانلىق كېسىلى دەپ ئاتايمىز.

ئاز كۆرۈلىدىغان بومباي قان تىپى

بۇ خىل قان تىپى يەنە hh ياكى Oh قان گۇرۇپپىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ قان گۇرۇپپىسىغا ئىگە تۇنجى كىشى ھېندىستاننىڭ بومباي شەھىرى (ھازىر مومباي دەپ ئاتىلىدۇ) دە بايقالغان بولغانلىقى ئۈچۈن، بومباي قان تىپى دەپ ئاتالغان. بۇ كىشىگە قان سالغاندا ABO قان تىپى سىستىمىسدىكى بارلىق قان تىپلىرىغا قارشىلىق شەكىللەنگەن بولۇپ، ABO قان تىپى سىستىمىسىدا گەرچە O قان تىپىدا A ياكى B ئانتىگېننىڭ ھىچقايسىسى بولمىغان بىلەن، بۇ قان تىپىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ قىزىل قان ھۆجەيرىسىدە h دەپ ئاتىلىدىغان باشقا بىر ئانتىگېن ئورتاق مەۋجۇت. بومباي قان تىپىدىكىلەردە بولسا A ياكى B ئانتىگېنىلار يوق بولۇپلا قالماي، يەنە h ئانتىگېنمۇ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەتتا ھەممىگە باپ O قان تىپىمۇ بۇ كىشىلەردە رىئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل قان تىپى ھەر بىر مىليون كىشى ئىچىدە پەقەت 4 ئادەمدە ئۇچرايدىغان بولۇپ، دۇنيا بومباي قان تىپى بىرلەشمىسى مەخسۇس مۇشۇ قان تىپىدىكى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە ياردەم قىلىشى ئۈچۈن قۇرۇلغان.

ئەسكەرتىش: قان توغرىسىدىكى بىلىملەرنى چۈشەنچىلىرىم ئاساسىدا ناھايتى ئاممىباپ قىلىپ ئەڭ ئاددى تىلدا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن قىسقا ۋاقىتتا بۇ يازمىنى يېزىپ چىقتىم. بۇ بىر ئىلمىي ماقالە ئەمەس، پەقەت چۈشەندۈرۈشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن زاغرا تىلدا يېزىلدى. ئەگەر خاتالىقلار بولسا ئىنكاس قالدۇرساڭلار بولىدۇ.

بىلگەجان

2013-يىلى ئوغلاقنىڭ 19-كۈنى (سان ئانتونىيو، ئامېرىكا)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-20 01:57 PM  


ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
iltebir + 59 ماختاشقا تېگىشلىك
hokumran + 400 تەپەككۇرى كۈچلۈك
suzuk-ay + 500 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
barnakiz886 + 300 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1259   باھا خاتىرىسى

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 4425
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 19068
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 1412 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2014-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 02:15:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاللاھنىڭ سالىمى سىزگە بولسۇن .!
تېمىڭىزغا تەشەككۈر.....
بۇ مەزمونلارنى ئانا تىلىمدا ئوقۇپ قەلبىم يايراپ كەتتى....
مەن قان ۋە قان تىپ توغرىلىق كۆپ نەرسە بىلىمەن دەپ يۈسەم مەن ئاڭلىمىغان
بومباي چىقىتى.... بىر بىلىمگە ئېرىشتۈرگىنىڭىزگە رەھمەت....
ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلىق بەرسۇن....

سۆيۈلۈشنى كۈتۈپ يۈرۈپ ، كۈتۈشلەرنى سۈيۈپ قالدىم . (تۈرۈك ھېكمەتلىرى)

قانداق گەپ بۇ

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98499
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1216
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 256 سائەت
تىزىم: 2013-10-7
ئاخىرقى: 2013-12-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 02:16:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
دۇنيا ئۇيغۇر دىگەن مېللەت بىر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94058
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 324
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 240 سائەت
تىزىم: 2013-3-29
ئاخىرقى: 2013-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 02:22:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت بىلگەجان دوكتۇر ، ناھايتى پايدىلنىش قىممىتى بار بىلىملەردىن بەھىرلەندۇرگىنىڭىزگە.      
بىر سۇئال سوراپ باقسام ، كىچىك بالىلاردا كۆۈلۈپ قالغان ئاق قان دانچىسىنىڭ كۆپيىپ كىتىشى قانداق ئەھۋال ؟  بۇنداق بولغاندا چوڭ بولغاندا قان راكىغا ئايلىنىپ كىتەمدۇ ؟   سىزنى ئاۋارە قىلدىم ، ئاللاھ رازى بولسۇن .

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 2069
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9062
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5166 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 02:43:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ئاجايىپ چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ يېزىپسىز ماۋۇ تېمىنى،  ئەڭ باشتا كۆرۈۋالدىم ، ئۇتتۇرا مەكتەپ  بىئولوگىيە دەرسىدە مۇشۇ قان تىپلىرىنىڭ بىرىكىشلىرى ھەم تۇغۇلغان بالىنىڭ قان تىپىنى بەلگىلەش دىگەندەك مەزمونلار سۆزلەنگەندە خېلى چۈشەنگەن،  ئەمما ئۇزاق ۋاقىت بولغاچقا ئۇنتۇپ كىتىپتىكەنمەن ،  بۈگۈن قايتىدىن دەرس ئاڭلىغاندەك تەسىراتقا كەلدىم. بىز ئۆگەنگەندە 4 خىل قان تىپىلا سۆزلەنگەندەك قىلغان، ئېر ئەيچ قان تىپىنى مۇشۇ يىقىندىن ئاڭلىغاندەك قىلساممۇ بىلمەيتىم ،  بۈگۈن بۇ قان تىپىنىمۇ بىلىۋالدىم!
بىلگەجان مۇئەللىم دەپ ئاتايچۇ بۇندىن كىيىن سىزنى .
ھە راس مۇئەللىم سىزنىڭ قان تىپىڭىز ھازىرغىچە ئاز ئۇچرايدىغان قان تىپىكەن ،  مۇرەككەپ قان تىپلىقلار ئەقىللىق كىلىدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم، بۇ گەپنىڭ ئاساسى بارمۇ قانداق؟   مىنىڭ ab

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92091
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2098
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1490 سائەت
تىزىم: 2013-2-22
ئاخىرقى: 2014-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 02:52:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بىلگە جان ، قان ۋە قانتىپىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى ئوقغانلىكى ئادەم چۈشنەلەيدىغان ئاممىباپ تىلدا بايان قىلىپ بىزنى قان ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە قىلدىڭىز،رەھمەت سىزگە.يەنە داۋاملىق مۇشۇنداق ئېسىل يازمىللىرىڭىز بىلەن ئۇچرۇشىشنى ئۈمۈت قىلمەن.سىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەتقىقاتىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قۇمباغ79 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-20 02:53 PM  


يىيىش ئۈچۈن ياشىمايمەن،ياشاش ئۈچۈن يەيمەن.

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1847
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4905
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1862 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2013-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 03:01:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tuba يوللىغان ۋاقتى  2013-11-20 02:22 PM
رەھمەت بىلگەجان دوكتۇر ، ناھايتى پايدىلنىش قىممىتى با ...

مەن بىلگىنىمنى  دىگەچ تۇراي ،  ئاق قان ھۆجەيرىسى ئادەمنىڭ ئىممۇنىت سېستىمىسى بىلەن بىۋاستە مۇنەسىۋەتلىك ،  ئاق قان ھۆجەيرىلىرى  بەدەنگە زىيانلىق مىكروپلارنى  يىيەلەيدۇ ،  بالىلاردىكى ئاق قان دانىچىلىرى كۆپىيىپ قالغان بولسا مېنىڭچە بالىنىڭ بەدىنىدە مەلۇم كىسەللىك ئەھۋال بار ۋە شۇ كىسەللىككە قارىتا ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنى كۆپلەپ ئىشلەپ چىقىرىپ ، بەدەندە كىسەللىككە قارىشى تەڭشەش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقنىڭ ئىپادىسى .   

بالىنىڭ بەدىنىدە زادى قانداق كىسەللىك بار تەكشۈرۈپ شۇنى ھەل قىلسا ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ئۇنچىلىك كۆپ ئىشلەپ چىقىرىلمايدۇ ،  بولمىسا نورمىدىن كۆپ بۇلۇپ كەتسە  ناچار ئاقىۋەت كىلىپ چىقىشى مۈمكىن .

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2669
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2014-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 03:14:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ۋە ئىنكاسلار بىر-بىرىدىن ياخشى ئىكەن ساقلىۋالسام بولغۇدەك

ئى رەببىم،ماڭا كۆڭۈل خاھىشىمنىڭ تۇمشىقىغا سېلىنغان يۈگەننىڭ چۇلۋۇرىنى ئەقىل ئىدراكىمنىڭ قولىغا تۇتقازغۇدەك جۈرئەت ۋە ئىقتىدارنى مەندىن ئايىمىغايسەن.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95484
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1044
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2013-5-29
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 03:16:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kvndiz-kiche يوللىغان ۋاقتى  2013-11-20 02:16 PM
قايسى كۈى خەۋەردە مۆشۈكئىيق قان تىپى دەپ بىر گەپ ئاڭلا ...

ئاتىكاچىلىق قىلىدىغان بولدۇم ، مۆشۈكئېيىق قان تىپى دىگەن دەل ئاشۇ ئاز تېپىلىدىغان Rh مەنفىي قان تىپى شۇ .بۇنداق قان تىپىدىكى كىشىلەر بەك ئاز بولغاچقا ،بۇ قان تىپىنى يەنە مۆشۈكئېيىق قان تىپى دەپ قويىدىكەن .

قانداق گەپ بۇ

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98499
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1216
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 256 سائەت
تىزىم: 2013-10-7
ئاخىرقى: 2013-12-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 03:19:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
دۇنيا ئۇيغۇر دىگەن مېللەت بىر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش