|
|
|
|
قىشلىق مۇشائىرەگە مەيلى بارلار كىرىڭلار
قىزىققىنە چىيىمنى ئىچىپ ئولتۇرۇپ،
مۇشائىرە باشلىدىم قۇرنى توشقۇزۇپ.
مۇنبەرداشلار يىقىندىن مەدەت بىرەرمۇ؟
ياكى يالغۇز قالارمەنمۇ بويۇن قىستۇرۇپ......
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوسلىرىم، چارچىغان ۋاقىتلىرىمىزدا ئارام ئالغاچ بىردەم-يىرىمدەم سىردىشايلى دىگەن ئۈمىدتە بۇ مۇشائىرەنى باشلىدىم.
مۇز يالتىرار ئېرىق-ئۆستەڭدە،
تەبىئەت ياساپتۇ تەبئى ئەينەك.
قىشنىڭ ھۆسنىدە قارلارمۇ يىغىپ،
گۈلىستان يۇرتۇمغا تاقاپتۇ بىزەك.
قىزىپ كەتتى قارلىق ئويۇنى،
يۇرتۇم ياشلىرىمۇ بوش كەلمەس.
مەشرىپىمىزگە يەتسە قەدىمىڭ،
سەنمۇ دىلدىن قىلىسەن ھەۋەس.....
شۇ مەشرەپكە ئالدۇق قەدەملەر،
ئالەمچە مىھىرگە تولۇپ كۆڭۈللەر.
ھەتتا ئاسمانمۇ قارشى ئالغاندەك، چاچتىغۇ باشلارغا كۈمۈشتەك زەرلەر.....
جان-تەنلەرنى لەرزىگە سالار، مەشرەپتە ئوقۇلغان نەزمە، رىسالە. شائىر بولۇپ كىتىسەن چوقۇم، ئىلھام قانات قىقىپ زىيادە.
ئاخىرقى مىسرانى باش قىلىپ داملاشتۇرساڭلار بولىدۇ.مەيلى بار دوسلىرىم قىنى مەرھەمەت........
|
|
|
|
|
|