شۈكرى-قانائەتچان مۇنداق جۆرىڭىز بارمۇ؟
گۆھەرقىز ئىبرايىم
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ b& q' G: v$ R) u4 I! Z( ^ N" ?; G
شۈكرى قانائەت- ئىنسان مەنىۋىتىدىكى بىباھا گۆھەر بولۇپ، ئىنساننىڭ ئولۇغلىغىغا ئۇلۇغلۇق بىغىشلايدىغان خىسلەتتۇر. شۈكرى قانائەت ئادەمنى قەدىر-قىممەتكە ھۆرمەتكە ئىگە قىلىدىغان تۈگىمەس مەنىۋى بايلىق، كىشىنىڭ قەلىب دۇنياسىنى يورۇتۇشتىكى مەشئەلدۇر. شۈكرى قانائەت -يوقسىزلىققا شۈكرى قىلىش، بىئىلاجلىققا شۈكرى قىلىش،تارتقان ئازاپ ۋە ئۇۋالچىلىقلىرىغا شۈكرى قىلىش، ھىسيات ۋە جىنسىي تۇرمۇشقا شۈكرى قىلىش، بەختلىك كۈنلىرىگە شۈكرى قىلىش، كىسەل ۋە ئۆلۈم يىتىم بالا قازا يوقىتىشلارغا شۈكرى قانائەت قىلىش ......قاتارلىق بىرقانچە جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىنساننىڭ شۈكرى قانائەت ئىچىدە ئىلگىرلىشى- ئىنساننى ھايۋاندىن ئايرىپ تۇرىدىغان توساقتۇر.
جەمىيىتىمىزدە شۇنداق بىر كىشىلەر باركى شۈكرى قانائەتنى ئالغا ئىنتىلىش يولىدىكى ئىرادىنى توسۇپ قويىدىغان توساق دەپ قاراپ قانائەتسىز ئىلگىرلەشنى قانات قىلىپ، ناتۇغرا رىقابەت ئىڭى بىلەن باشقىلارغا ھەسەت ۋە ھەۋەس قىلىپ كىچە كۈندۇز تىرىشىدۇيۇ ئاقىبەتتە بىرگە ئىرىشسىمۇ بىردىن ئايرىلىپ قىلىپ، ئازاپلىق نەتىجە ۋە تولىگەن بەدەللىرى ئۈچۈن ئىچىنىدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر شۈكرى قانائەتچانلىق ئىچىدە ئىلگىرلەشنى ئۆزىگە قانات قىلغان بولۇپ، ئوڭۈشسىزلىقلارغا توغرا يۈزلىنەلەيدۇ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنى ئۆزىدىن يۇقۇرلاغا سىلىشتۇرۇپ ئىلگىرلەيدۇيۇ ئۆزىدىن توۋەنلەرگە سىلىشتۇرۇپ شۈكرى قىلىدۇ، باشقىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ ئەتراپىدىكىلەر قەلبىدىدىن ياخشى ئورۇن ئالالىغاچقا يىقىلسىمۇ يۆلىگۈچىلىرىدىن ئايرىلىپ قالمايدۇ.
كىشىلىك تۇرمۇشتا شۈكرى-قانائەتچان جورىغا ئىرىرىشىشنىڭ ئۆزى- ئىنساننىڭ بەخت بوسۇغىسىغا قەدەم قويغىنىنىڭ ئۆزىدۇر، چۈنكى ئادەمنىڭ سەۋىرۋە شۆكرى قانائىتى- قەلىبنىڭ بەرداشلىق بىرىش كۈچى بىلەن ئوڭ تاناسىپ، ھەسەتخورلۇق ۋە ئاچكۆزلۈك بىلەن تەتۈر تاناسىپ تۈزىدۇ. شۈكرى قانائەت قىلغۇچى-ئۆز قەلبىنىڭ مەنىۋى بايلىقىنى كۆپەيتىپ، روھىنى بېيىتىپ، چىدامچانلىقىنى، ئىرادىسىنى ۋە قىزغىن ھىسياتىنى پاكلاشتۇرۇپ، ئالىي پەزىلەت يىتىلدۈرۈپ، جىسمانى ۋە روھى قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىقھەر خىل بالا-قازا ، ئازاب-ئۇقۇبەتلەرگە شۈكرى -قانائەت ئىچىدە يۇزلىنەلەيدۇ. شۈكرى قانائەتچان ئادەم قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدىغان نەرسە شۈكرى قانائەتچانلىق ئىچىدە ئىلگىرلەپ، خاتىرجەملىك، ئازادىلىك، ياخشى روھىي كەيپىيات، ئاددى- ساددا تۇرمۇش، باھاردەك قەلب ۋە ياخشى نەتىجىدۇر .
ئىناق ئائىلە ئىنساننىڭ بەخت بۆشۈكى،ساداقەت، ۋاپا-ھايا شۈكۇر بىلەن تۇتقان ئۆي جەننەتكە تۇتىشىدىغان يول بىز ئىنتىلىدىغان جەننەتتۇر. ئىنساننىڭ شۈكرى قانائەتسىز جۆرىسى ئاقىبەتتە ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ بىشىغا چىقىدىغان خەۋپ- خەتەردۇر. ئىنسان تىرىشىپ مال دۇنياغا، بىلىمگە ئىرشەلەيدۇ بىراق ئىسىل ئەخلاق پەزىلەتكە ئىرشەلمەيدۇ. شۈكرى قانائەتچان كىشى شەخسىيەتچىلىك بىلەن باشقىلارنىڭ قاچىسىغا توپا ، دوپپىسىغا جىگدە سالمايدۇ، بىشىغا ھاياتنىڭ ئىغىر سىناقلىرى كەلسىمۇ ئۆكۈنمەستىن قانائەتچانلىق ئىچىدە توغرا مۇئامىلە بىلەن ئۆتكۈزىۋىتەلەيدۇ، ھەسەت بىلەن باشقىلارنىڭ ئۇلىنى كولىمايدۇ، سىز ئۇچقاندىمۇ يىقىلغاندىمۇ ئوخشاشلا شۈكرى بىلەن يىنىڭىزدا ھەمراھ بولالايدۇ.
ئۇنداقتا شۈكرى قانائەت قىلىشلا خاتىرجەملىكنىڭ بەختنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى بولالامدۇ؟ ئۇنداقمۇ ئەمەس، ھەددىدىن ئاشقان شۈكرى قانائەت ئىدىيىدە بوشىشىشنى، ھورۇنلۇقنى، قالاقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاللاغا ئىتىقاد قىلىش، بىلىم ئىلىش، كەسىپ ئىگەللەش ۋە ئاتا-ئانىغا خىزمەت قىلىشقا قانائەت قىلماسلىق، باشقا ئىشلارغا نىسبەتەن شۈكرى ئىچىدە ئىلگىرلەش ئاقىلانىلىك بولۇپ تۇرمۇشتا بىر شۈكرى قانائەتچان ھەمراھقا ئىرىشىش خاتىرجەملىككە بىسىلغان تۇنجى قەدەمدۇر.
قانائەتسىزلىك دەيۈزلەرگە ئىچىلغان ئىشىك بولۇپ، شۈكرى قىلىشنى بىلمىگۈچى ھەر قانچە ئىقتىدارلىق بولسىمۇ غەلىبە قازىنىشى ناتايىن، چۈنكى قانائەتسىز ھەمراھ -قانائەتسىز ئارزۇ- ھەۋەسلىرىنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن سىزگە كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز تەلەپ ۋە بىسىم بىرىپ، چارچىتىپ ئاخىرىدا سىزنى يىقىتىدۇ. ئاللاھ بەرگەن بەخـت ۋە پۇرسەتنى قەدىرلىمەي بەخـتنى رەت قىلىپ، قانائەتسىزلىكنى قانات قىلىپ قاش-قاپىقىغىدىن مۇز، ئاغزىدىن زەھەردەك ئاچچىق گەپ-سۆز، مىننەت ياغدۇرۇپ، قانائەتسىزلىك ئىچىدە قەغەز پۇلنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ نىكاھنىڭ مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە داۋاملىشىنى چەك ھالىتىگە چۈشۈرۇپ ، بەخىتلىك ئائىلىسىنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنلەر بىر ئۆمۈر پۇشايمان ئىچىدە ئۆتىدۇ.
شۈكرى- قانائەت_ قانائەتسىزلىك، ھەسەت، كۆرەلمەسلىك قاتارلىق جىنايەت پىسخىكىلىرىنى توسۇپ تۇرالايدىغان مەنىۋىي بايلىق بولۇپ، كىشىلەر قەلبىنى پاكلىيالايدۇ؛ تىنىچ تۇرغان نېرۋىڭىزنىڭ ئاراملاندۇرۇپ، مەسىلىلەرگە توغرا پىكىر قىلىشىڭىزغا يول كۆرسۈتۈپ كەيپىياتىڭىزنى تۇراقلاشتۇرۇشتا تېز ئۈنۈم بېرىدىغان يۈرەك دورىسى؛ چۈشكىنلەشكەن كىشىلىك ھايات يولىڭىزنى ئۆزگەرتىدىغان ئەڭگۈشتەر؛ كەڭ قورساق، ئەپۇچانلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان مەشئەل؛ تۇرلۈك زىددىيەت ۋە جىدەل ماجرالارنى تىچ ھەل قىلىشتىكى ئىناقلىق ئاچقۇچى بولالايدۇ.
شۈكرى-قانائەتچان كىشىلەر گۈزەللىكنى قەلبىگە پەزىلەتنى ئىش ھەركىتىگە يىغىنچاقلىغان بولۇپ، ئۆز نىسىۋىسىگە شۈكرى قىلىپ، ساداقەت، ھايا-ۋاپا، دىيانەت، چىداملىق ۋە قانائەتنى قانات قىلىپ ئەتراپىدىكىلەرگە خۇشاللىق خاتىرجەملىك ئاتا قىلىپ، قەلبىنى باھار ئاپتىۋىدەك قىلىپ ياشايدۇ؛ يىقىلغان يىرىڭىزدە سىزنى تاشلاپ كەتمەيدۇ؛ ھەر-تۇرلۈك بالاقازالاردا ئامان قالسىڭىزلا شۈكرى دەيدۇكى باشقىسىنى سۇرۇشتۇرمەيدۇ؛ گاداي بولۇپ كەتسىڭىزمۇ ئۆز كۈنىگە، سىزدەك جۆرىسىنىڭ بارلىغىغا شۈكرى دىيەلەيدۇ؛ سىزگە بىسىم ۋە جىددىلىك ئەمەس ياخشى سەللى كۆتىرەڭگۈ روھ بىغىشلىيالايدۇ؛ تۇرلۈك خاتىرە كۈنلەردە چوڭ سوغات بىرەلمىسىڭىزمۇ تاپقىنىڭزغا؛ تاپالمىسىڭىز ياخشى بىر ئىغىز سۆزىڭىزنىمۇ مەمنۇنىيەت بىلەن قوبۇل قىلالايدۇ؛ سالامەتلىگىڭىز چىكىنىپ ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قالسىڭىزمۇ؛ ھادىسە سەۋەبىدىن مىيىپ بولۇپ قالسىڭىزمۇ؛ جىنسىي تۇرمۇشىڭىز چىكىنىپ كارغا كەلمەي قالسىڭىزمۇ سىزدىن بىزارلىق ھىس قىلماي سىزنىڭ ھايات تۇرۇپ بەرگىنىڭزگە شۈكرى قىلىدۇ؛ نۇرغۇن قەرىزدار بولۇپ كەتسىڭىزمۇ نامراتلىققا شۈكرى دەپ سىز بىلەن جاپادىمۇ سۇغا ئاياق سالالايدۇ؛ باشقىلارغا ئۆزىنى سىلىشتۇرۇپ ئۆزىنىمۇ سىزنىمۇ چارچاتمايدۇ؛ سىز مۇھتاج كۈنلەردە يەنى نامراتلىقىڭىزغا، قايغۇغىڭىزغا، جاپا- مۇشەققتىڭىزگە، ئوڭۇشسىزلىقىڭىزغا ، كىسىلىڭىزگە، بىئىلاجلىقىڭىزغا توغرا يۈزلىنىپ يار-يۆلەك بولايدۇكى پىشىنى قىقىپ كىتىپ قالمايدۇ؛ ھەسەتتىن يىراق تۇرۇپ، دىيانەتلىك بولۇپ تۇرلۈك ھىلە نەيرەڭلەتدىن خالى ياشىيالايدۇ؛ تۇرلۈك جىدەل ماجرالارنى سەۋرىچانلىق ۋە كەڭ قوساقلىق بىلەن توغرا قاراپ ھەل قىلالايدۇ.
شۈكرى- قانائەتچانلاردا كاج تەقدىرگە توغرا يۈزلىنەلىگۈدەك روشەن قەلب كۆزى بار بولۇپ ئەخلاقلىق، دىيانەتلىك بولۇپ، مۇشكۈل ھايات سەپىرىڭىزدە ساداقەتلىك ، ئېسىل پىسخىك روھىي - ھالەتلىك، گۈزەل قەلبلىك ھەمراھىڭىز، مەنىۋىي پەخىرىڭىز بولالايدۇ. سىزنىڭچە: سىزنىڭ مۇشۇنداق شۈكرى-قانائەتچان جۆرىڭىز بارمۇ؟
مەنبە: ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1263318936 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-20 10:37 AM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 L# K$ Z0 @$ k
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. k5 ?' E" X6 L: ^& U0 f