مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 568|ئىنكاس: 9

ئاتالمىش «چەكسىز تور دېسكىلىرى» نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85969
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 09:58:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورغا چىقىدىغانلاردىن تور دېسكىسى ئىشلىتىپ باقمىغانلار ئاز بولىشى مۇمكىن. بىر چاغلاردا تور دېسكا دېگەنمۇ ئەتىۋار نەرسە ئىدى، 5G بوشلۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن قىمىغانلىرىمىز قالمايتتى. مۇشۇ بۇلۇت تېخنىكىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىشى نەتىجىسىدە، يېقىندىن بىرى تور دېسىكىسى دېگەن كونا تاغاردەك تۆكمە بوپ كەتتى. بۇ خىل ھادىسە بەزى كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىماي قالمىدى ، ئەلۋەتتە. 1TB 2 TB بولغان بۇنچە چوڭ سىغىملىق ھەقسىز بوشلۇقلار نەدىن كېلىدۇ؟ زادى قانداق بىر غايەت زور مۇلازېمىتىر چەكسىز بوشلۇق بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، نامراتلىقىمىزدىن ھەقسىز نەرسىلەرگە ئوبدانلا كۆنۈپ كەتكەن بىزلەر ئۈچۈن، ئاشۇ چەكسىز تور بوشلۇقلىرى پەقەتلا بىزلەرنى جەلىپ قىلغۇچى يالتىراق خالتا بولىشى مۇمكىن.
مودا بولىۋاتقان چەكسىز تور دېسكا بوشلۇقلىرىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى مۇنداق ئىدى:
تۆۋەندە سىزنى تور دېسكا بوشلۇقى تەمىنلىگۈچى تەرەپ، مېنى ۋە بىزنى ئابونت دەپ مىسال ئالىمىز!
سىزدە ھەربىر ئابۇنتقا 1G بوشلۇق تەمىنلىيەلەيدىغان، 1000G لىق بىر مۇلازېمىتىر بولسا، ئۇنداقتا بۇنى قانچە ئابونتقا تەقسىملىشىڭىز مومكىن؟ ئېنىقكى " 1000G/1G=1000 يەنى 1000 ئادەمگىلا تەقسىملەيمەن" دەپ جاۋاب بېرىسىز. ئەمما ئويلاپ باقساق، بۇنداق تەقسىملەنگەندە ھەربىر ئابونتنىڭ 1G بوشلۇقنى تولۇق ئىشلىتىشى ناتايىن. بەزىلەر پەقەت تىزىملىتىپ قويۇپ ئىشلەتمەيدۇ، بەزىلەر ئازراقلا نەرسە يوللاپ تاشلاپ قويىدۇ، ئاز بىر قىسىم كىشىلەر كۆپرەك ئىشلىتىدۇ...ئۇنداقتا بىز ئوتتۇرىچە ھىساب بىلەن ھەربىر ئابونت 50M بوشلۇق ئىشلىتىدۇ دەپ پەرەز قىلايلى، ئۇنداقتا سىز 1000 ئابونتقا تەقسىملەپ بەرگەن 1000G بوشلۇقتىن ئاران 1000*50M=50G ئىشلىتىلگەن بولىدۇ، دېمەك 950G بوشلۇق بىكار تۇرغان، يەنى مۇلازىمىتىرىڭىز ئاساسەن بىكارغا ئىسراپ بولغان بولىدۇ.
ئۇنداقتا بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشىڭىز كېرەك؟
سىز ئاۋۋال تەقسىملەش ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ، 1000G بوشلۇقنى 20000 ئابونىتقا قورقماي بۆلۈپ بېرىڭ( ئەلۋەتتە ھەربىر ئابونىتقا نامدا بېرىلگەن بوشلۇق يەنىلا 1G بولىدۇ). ئەمدى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىشلىتىشى 50M بويىچە ھىسابلىسىڭىز، 20000*50M=1000G بولىدۇ، دېمەك مۇلازىمىتىرنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمى ئاشتى. ئەمما لېكىن بىراق، بۇنداق تەقسىملەپ قويغاندىن كىيىن، ئويلىمىغان يەردىن بىرەر ئابونت كۆپرەك ھۆججەت يۈكلەپ سېلىشى ، ھەمدە ئۆزىگە بۆلۈپ بېرىلگەن تور دېسكا بوشلۇقىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى بايقاپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا يۇقارقىدەك 20000 ئابونتقا بۆلۈپ بەرمەي، 19000 غا بۆلۈپ، قالغىنىنى زاپاسقا ئېلىپ قويسىڭىزلا بولمىدىمۇ؟!. چۈنكى، ئوتتۇرىچە قىممەتتىن ئاشۇرۇپ ھۆججەت يۈكلەيدىغانلار ھامان ئاز نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.
شۇنداق قىلىپ ئوخشاش مۇلازىمىتىرنىڭ ئۈنۈمنى بىردەمدىلا 19 ھەسسە ئاشۇردىڭىز،لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلمايسىز.يەنە ئويلاپ باقايلى!
ئەگەر سىزدە 1000 دانە مۇلازىمىتىر بولسا، ھەربىر مۇلازىمىتىرنىڭ سىغىمى 1000G بولسا، يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە بولغاندا ھەربىر مۇلازىمىتىردا 50G سىغىمنى زاپاس قويىشىڭىز كىرەك، ئۇنداقتا بۇ 1000 دانە مۇلازىمىتىرىڭىزدا 1000 *50G=50000G بوشلۇق بىكارلا قالغان بولدى(50دانە مۇلازىمىتىر بىكار قالغان گەپ)، بۇ نەقەدەر زور ئىسراپچىلىق – ھە!؟ بۇنى ھەل قىلماي بولمايدۇ! كىشىلەر ئاللىبۇرۇن توپلاشتۇرۇپ ساقلاش(计存储集群) تېخنىكىسىنى بارلىققا كەلتۈردى، بۇ تېخنكىا ئارقىلىق بىر ئابونتنىڭ ماتېرىياللىرىنى ئەھۋالغا قاراپ، ئوخشىمىغان مۇلازىمىتىرلارغا بۆلۈپ ساقلاشقا بولىدۇ(يەنى مەن تور دېسىڭىزغا بىر دېتال يوللىغان بولسىام بەزى ھۆججەتلىرى خوتەندىكى مۇلازىمىتىرغا، بەزى ھۆججەتلىرى ئۈرۈمچىدىكى مۇلازىمىتىرغا يۈكلەنگەن بولىشى مومكىن، بۇنى مەن سەزمەيمەن، خالاس). بۇنداق بولغاندا ھەربىر مۇلازىمىتىردا زاپاس بوشلۇق قالدۇرۇشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، ھەتتا كۆپ قىسىم مۇلازىمىتىرنىڭ بوشلۇقىنى 100% ئىشلىتىشكە بولىدۇ(يەنى 10000 ئابونىتقا 1G دىن10000G بوشلۇق بۆلۈپ بېرىلىپ، ئەسلى 10دانە مۇلازىمىتىر ئاجىرىتىلىشى كىرەك بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە 10000 ئابونىتنىڭ يۈكلىگەن ھۆججەت ئومۇمى سىغىمى 1000G بولغان بولسا، ئاران بىر مۇلازېمىتىر ئىشلىتىلگەن بولىدۇ). مۇشۇ ھالەتتە تاكى ھەربىرىنىڭ سىغىمى 1000G بولغان 1000دانە مۇلازىمىتېرنىڭ ئومۇمى سىغىمى 1000*1000G=1000000G تولۇق ئىشلىتىلىپ بولغۇچە تەمىنلەشكە بولىدۇ، ئەگەر سىغىم توشۇپ قىلىش ئىھتىماللىقى يىقىنلاپ، زاپاس بوشلۇق رايونىغا كىرىپ قالسا، ئۈنئالغۇغا لېنتا سالغاندەك مۇلازىمىتىرغا دېسكا سەپلىسىڭىزلا بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ مۇلازېمىتىر بوشلۇقىڭىزنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمنى يەنە ئاشۇرۇلدى، چەكلىك بوشلۇقنى چەكسىزگە يىقىن ئابونىتلارغا تەقسىلەپ بېرىش تامامەن مۇمكىن بولدى.
ئۇنداقتا ئۈنۈمنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغان باشقا ئامال بارمۇ – يوق؟
بىركۈنى مۇلازىمىتىر ئاسىرىغۇچى خادىمىڭىز توساتتىن بىر ئىشنى بايقاپ قالدى: گەرچە تور دېسكا بوشلۇقىغا تىزىملاتقان ھەربىر ئابونتقا نامدا 1G ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرىچە 50M بوشلۇق تەقسىملەپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بەزىلەر نەچچە KB نەرسە يوللاپ قويۇپ، بىر نەچچە ئاي ھەتتا نەچچە يىل يوقاپ كەتتى. بۇنداق بىكار تەلەتلەر ئۈچۈن قىممەتلىك مۇلازىمىتىرنى بىكار قويۇشقا بولمايدۇ – دە! بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەقىللىق ئىنژىنىرلىرىڭىز تۆۋەندىكى لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويدى:
" بىر ئابونتنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئوخشىمىغان مۇلازىمىتىرغا بۆلۈپ ساقلاشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق،تارقاق ۋە توپلاشتۇرۇپ ساقلاش تېخنىكىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردۇق، شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمامدۇق؟ ئىنتايىن ئاسان، بىز قورقماي ئابونىتلارغا 1G بوشلۇق بەردۇق دەپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە دەسلىپىدە 0M بوشلۇق تەقسىملەيلى، ئاندىن ئۇلار قانچىلىك نەرسە يوللىغىنىغا قاراپ ئاپتوماتىك بوشلۇق ئاجىرىتىپ بىرەيلى!"
بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بىر دانە 1000G لىق دېسكىڭىز بىلەن تەخمىنەن 1000000 ئابونتنىڭ ئىھتىياجى قاندۇرۇلىدىغان بولدى(دۆلىتىمىزدە 4000000000 ئادەم بار دەپ قاراپ، ھەمىسىى تور دېسىكىىڭىزنى ئىشلەتتى دېسەك، ئۇنداقتا تەخمىنەن 4000000000/1000000=4000 ھەربىرى 1000G بولغان دسكىدىن پەقەت 4000 دانە بولسىلا يىتەرلىك،ئەلۋەتتە 4مىليارد ئادەمنىڭ تور دېسكىڭىزنى ئىشلىتىشى ئاساسەن مومكىن ئەمەس). دېمەك بەيدۇ، 360 تور دېسكىلىرىنىڭ پونى زەڭ سالماي ئېتىپ، بوشلۇق تۆكمە قىلغىنى ئانچە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس!
ئاتالمىش تور دېسكا مەخپىيەتلىكلىرى موشۇنىڭ بىلەن تۈگىدىمۇ؟
ياق، ياق... ئېلىخەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن يۇقىرىقىلار يىتىپ ئاشىدۇ، ئەمما تور دېسكىسى ئۈچۈن يەنە باش قاتۇرۇشىڭىز كىرەك! چۈنكى، ئېلىخەت مۇلازىمىتىرىدا ئۇچۇرلار ئاساسەن ئوخشىمايدىغان ۋە ئىجادىي بولىدۇ. بىراق تور دېسكىسىدا بولسا ئوخشاش بىر ھۆججەتنى نەچچە ياكى نەچچە مىڭ ئادەم يوللايدىغان ئەھۋال ئىنتايىن كۆپ. مەسىلەن:
مەمەت مەلۇم تور بەتتىن "گۈلەمخان" ناملىق كىنونى چۈشۈرۈپ، تور دېسكىڭىزغا تىزىملاتقاندىن كىيىن ساقلاپ قويدى. سەمەتمۇ ئوخشاش كىنونى چۈشۈرۈپ تور دېسكىڭىزغا ساقلاپ قويدى. موشۇ بويىچە مىڭ ئابونت ئوخشاش بىردانە ھۆججەتنى 1000 قېتىم تور دىسكىڭىزغا يۈكلىدى. ئەگەر بۇنداق كىتىۋەرسە نەچچە ئايغا قالماي تور دېسكىڭىزنى تاقاپ، قېچىپ كەتمەي ئامالىڭىز يوق.
شۇنىڭ بىلەن ئىنژىنىرلىرىڭىز يەنە ئامال تېپىشقا باشلىدى:" ئەخمەق ئابونتلار ئوخشاش ھۆججەتنى تەكرار يوللاۋەرگەندىكىن بىزمۇ "ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ " قىلىپ، ئوخشاش ھۆججەتتتىن دېسكىمىزدا بىر نۇسخىلا ساقلايلى. ئاندىن ئابونتقا سەزدۈرمەستىن دېسكىمىزدىكى ئوخشاش ھۆججەتنى تېپىپ، ئۇ يوللىغان ھۆججەت ئورنىدا تىزىملىكىنى كۆرسىتىپ بىرەيلى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 'بۇ ھۆججەتنى ئۆزۈم يوللىدىم' دەپ خۇش بولسۇن، بىز بولساق قىممەتلىك دېسكىمىزنى تىجەپ قالايلى. لېكىن – زە، ئەگەردە ئۇ بىردىنبىر نۇسخا ھۆججەتنى مەلۇم ئابونت ئۆچۈرىۋەتمەكچى بولسا قانداق قىلىمىز؟بۇنىڭمۇ ئامالى بار، بىز پەقەت ئۇنىڭ خاھىشى بويىچە ھۆججەت تېزىملىكىنى ئۆچۈرۈپ بەرسەكلا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئابونت ئۆچۈرگەن ھۆججەت شەكىلدە ئۆچۈپ، ئەمەلىيەتتە دېسكىمىزدا ساقلىنىپ قالىدۇ. دېمەك، بىرەر ئابونىتىڭ ھۆججەتنى ئۈچۈرۋېتىشى سەۋەبلىك، باشقىلارنىڭ ساقلىۋالغانلىرى يوق بولۇپ كەتمەيدۇ. پەقەت مەزكۇر ھۆججەتنى ساقلىغۇچۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆچۈرىۋەتكەندىلا ئاندىن بىز ئالدىرىماي دسكىمىزدىن تازىلىۋەتسەكلا بولىدۇ".
ئابونىتلارنىڭ كۆپىيىشى، يوللانغان ھۆججەتلەرنىڭ ئاۋۇشى بىلەن دېسكىڭىز گوياكى چەكسىز ئوكيانغا ئايلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يىڭىدىن يوللانماقچى بولغان ھۆججەتلەرنىڭ تەكرارلىقىغا ھۆكۈم قىلىشمۇ، ئۇنىڭ دېسكىدىكى تەييار نۇسخىسىنى ئىزدەپ تېپىشمۇ قولايلىقلىشىپ ماڭىدۇ. دېمەك، بىر زامانلارغا بارغاندا ئابونىتلار ساقلىۋالغان ئاساسلىق ھۆججەتلەر دېسكىڭىزدا تولۇق بىر قامۇس شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇچاغلاردا "بۇلۇت بوشلۇقى" دېمەي "ھاۋا بوشلۇقى" دېسىڭىزمۇ باشقىلار ئىشىنىدۇ. موشۇ بويىچە ھىسابلىغاندا ھەربىر ئابونىت ئەمەلىيەتتە پەقەت 1M ئەتىراپىدا ھەقىقىي ھۆججەت يوللىغان بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن دېسكىڭىزنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى يەنە ئاز دېگەندە 50 ھەسسە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ۋاقىت ئۆتكەنسېرى خادىملىرىڭىز يەنە بىر قانۇنىيەتنى بايقاپ قالدى: مەمەت يۈكلىگەن "گۈلەمخان" ناملىق ھۆججەت بىلەن سەمەت يۈكلىگەن " ئۇيغۇرچە كلاسسىك كىنو - گۈلەمخان" پەقەت ھۆججەت نامى ئوخشىمايدىغان ئوخشاش ھۆججەت ئىكەن. "ئەجىبا، بىز موشۇنىمۇ ئايرىيالماي، ئابونتلار ئۈچۈن ئوخشىمىغان نامدا بىر ئوخشاش ھۆججەتنى تەكرار ساقلاپ يۈرەمدۇق؟ نەدە ئۇنداق ئەخمەقلىق بولسۇن! پەقەت بىر نەچچە قۇر ئىپادە( مەسىلەن: MD5 قىممىتى) ئارقىلىق ھەربىر قىسقۇچ ئىچىدىكى نىشان ھۆججەتنىڭ شەكلى ۋە يۇشۇرۇن خاسلىقلىرىنى پەرىقلەندۈرسەكلا ئىش پۈتمەمدۇ؟! چاپىنى ھەرخىل بولسىمۇ ئىچىدىكىنى بايقىۋالىمىز، ئاندىن تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەكرار يۈكلەشتىن ساقلىنىمىز. پەقەت ئابونت ئۈچۈن ئۆزى قويىۋالغان نامنى كۆرسىتىپ بەرسەكلا ئىش پۈتىدۇ" – خادىملىرىڭىز شۇنداق دەيدۇ.
بىراق كىيىنچە يەنە باش ئاغىرىقى چىقتى. ھەربىر ھۆججەتنىڭ MD5 سىنى ئايرىم ھىسابلىغاندا ئىېنىقلا باش ئاپپارات CPU سىنىڭ يۈكىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. يەنە كېلىپ ئوخشاش ھۆججەتلەرنىڭمۇ ئوخشاشلىقىنى قايتا تەكشۈرۈش، زور دەرىجىدە ئىقىم خورىتىدۇ. ئەمىسە قانداق قىلغۇلۇق؟
ئەقىللىق پروگراممىرلىرىڭىز كىچچىككىنە بىر دېتال ياكى قىستۇرما يازسۇن – دە، ئابونتلار ھۆججەت يۈكلەشتىن ئاۋۋال شۇنى قاچىلاپ قوزغىتىش تەلەپ قىلىنسۇن(ياكى يۇشۇرۇن قاچىلىنىپ ئىشنى پۈتتۈرسۇن). شۇنىڭ بىلەن MD5 ھىسابلاشلىرى پۈتۈنلەي ئابونىتنىڭ كومپىيوتېرىدا ئاشۇ دېتال ياكى قىستۇرما ئارقىلىق ھەل قىلىنسۇن. ئەگەر يۈكلەشتىن ئاۋۋال نۆۋەتتىكى ھۆججەتنىڭ دېسكا بوشلۇقىدىكى مەلۇم ھۆججەت بىلەن ئوخشاشلىقى بايقالسا، نۆۋەتتىكى ھۆججەتنى ئەمەلىي يۈكلەشتىن توختىتىپ، پەقەت ئابونىتقا يۈكلەۋاتىمەن دەپ قويسۇن، ئاندىن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە " XX ھۆججەت نەچچە سكۇنتتىلا يۈكلەندى" دەپ پو ئېتىپ قويۇپ، ئارقا سەھنىدە تەييار ھۆججەتنىڭ ئۇچۇرلىرىنى رەتلەپ، شۇ ئابونىتنىڭ ھىساۋاتىغا پەيدا قىلىپ بەرسۇن.
يۇقارقى بىر قاتار نەيرەڭلەر ئارقىلىق بۇرۇن پەقەت 1000 ئابونتقىلا تەمىنلەشكە بولىدىغان بوشلۇقنى، ئابونىت تەرەپتىكى 1G بولغان بوشلۇق قىممىتىنى ئۆزگەرتمەستىن 1000000 ئابونىتقا تەمىنلەيدىغان بولدىڭىز. شۇنىڭ بىلەن ياخشى چۈش كۆرۈپ قالغان بىرەر كۈنى قوپۇپ" دەرھال 1TB لىق ھەقسىز تور دېسكىسى ئېلىۋېىلىڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت بىزنىڭ بىرنەچچە دېتاللىنىلا قاچىلاپ، ئۇچىرىغانلارغا ماختاپ بەرسەڭلارلا بولىدۇ" دەپ تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغاڭ، ھەقسىزگە كۆنگەن تالايلىغان ئادەملەر بەس – بەستە بۇ خەۋەرنى تارقىتىپ، 1TB لىق بوشلۇققا ئىرىشپ تىرىسىگە سىغماي قالسۇن. بىراق ئۇلارنىڭ ھۆججەت يوللاش ئوتتۇرىچە سىغىمى 50M دىن ئازراقلا ئاشىقان بولىدۇ . تور دېسكىڭىزنىڭ سېغىمغا بولغان ئىھتىياجنىڭ بۇنچىلىك ئېشىشى ئىرىشكەن پايدىلىڭىز ئالدىدا ئادەتتە تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ. ئەمما نامدا "چەكسىز بۇلۇت بوشلۇقى" بىلەن "ھەقسىز" تەمىنلەپ دەۋىر بۆلىگۈچ ئۆزگىرىش قوزغىغان بولىسىز.
ئەلۋەتتە جاپاكەش ئىنژىنىرلىرىڭىز توختىماستىن قانداق قىلغاندا تور دېسكا بوشلۇقىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىدۇ. بەلكىم بىر كۈنى كومپىيوتېرىمىزنىڭ سېستىمىسىنمۇ تور دېسكڭىزغا قاچىلاپ قويۇپ، نەچچە مىليون ئابونت ئورتاق ئىشلىتىدىغان بوپ كېتىشىمىز مۇمكىن!
مەنبە: تەشنا بلوگى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   teshnayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-20 10:00 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95433
يازما سانى: 727
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2044
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 02:46:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى، ئېسىل تىما بوپتۇ. مانچە  ت بوشلۇق، چەكسىز بوشلۇق دىگەنلەرنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى تەپسىلى تولۇق چۈشەندۈرۈپسىز، ئەجىرىڭىزگە رەھمەت. (ئۆزىڭىز تەھلىل قىلىپ ئۆزىڭىز يازغان بولىسڭىز تېخىمۇ كۆپ رەھمەت، ئەگەر باشقىلارنىڭ يازغىنىنى تەرجىمە قىلىپ بىزگە بىلدۈرگەن بولسىڭىز يەنىلا كۆپ رەھمەت، ئەگەر باشقىلار يازغىنىنى باشقىلارمۇ كۆرۈپ پايدىلانسۇن دەپ يوللىغان بولسىڭىزمۇ يەنە رەھمەت)

ئاجىزلارنىڭ ھەتتا قانداق چۈش كۆرۈشىمۇ باشقىلارنىڭ ئىنژېنىرلىقىدا لاھىيەلەنمەكتە چىڭغىز ئايتىماتوف ‹ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن›
مۇنبەردە خەق بىلەن گەپ تالاشقانلىق قانجۇق ئىت بىلەن سۆڭەك تالاشقانلىق دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگەhttps://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5071
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1261 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 03:02:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر .ھارمىغايسىز

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

http://barhan88.blogbus.com/

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5568
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9315
تۆھپە نۇمۇرى: 357
توردا: 596 سائەت
تىزىم: 2010-8-4
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 04:03:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭمۇ 360 تور دىسكىسىدا 36T بوشلۇقۇم بار،ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ يوللىغان نەرسەم 10mb ،قالغىنى باشقىلارنىڭكىدىن ساقلىۋالغىنىم نەچچە GB ئەتراپىدا.مۇشۇ بويىچە بولسا يوللىغان 10mb نەرسىنىمۇ مەن يوللىمىغان بوپتىمەنغۇ؟

سەن سەل قاراپ ئۆتۈپ كەتكەن تىكەن چاتقال بولۇپ ئەۋلادلىرىڭنىڭ يولىنى توسىدۇ.

قەلبى يارا بوپكەتكەن ئەبلەخ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97835
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1065
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2013-9-14
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 04:53:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا چىكىپسىز،رھمەت!
ئاسماندىن غاز گۆشى چۈشمەيدۇ،ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق دىگەن ماقال تەمسىلنىڭ روھى بۇيىچە،ھەقسىز دىگەن نەرسىگە ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيمەن.شۇڭا ھازىرغىچە تور دىسكىسى دىگەندەك نەرسىلەرنى تىزىملىتىپ باقمىدىم.

بەزىى ئادەملەر ئۈزىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئاۋازنى ئىنىق ئاڭلىيالايدۇ،ھەم شۇنىڭ بىلەن يول تۇتىدۇ،بۇنداقلارنىڭ بەزىلىرى ساراڭغا ئايلىندۇ،بەزىلىرى  رىۋايەتكە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85969
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 05:25:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sewdaye1 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-20 02:46 PM
ھەقىقەتەن ياخشى، ئېسىل تىما بوپتۇ. مانچە  ت بوشلۇق، چەك ...

مەكتەپتە موشۇ توغرىسىدا بىر لېكىسىيە ئاڭلىغان ئىدىم، شۇ لېكىسىيە ئاساسىدا تەھلىل يۈرگۈزۈپ باقتىم. ئاۋۇ مەنبە دېگىنى مېنىڭ بلوگىم بولىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85969
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 05:25:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
barhan88 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-20 04:03 PM
مىنىڭمۇ 360 تور دىسكىسىدا 36T بوشلۇقۇم بار،ئۇنىڭغا ئۆزۈم ...

شۇنداق، بەلكىم  نەچچە  KB لا نەرسە يوللىغان بولىسىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37456
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8049
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 2504 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 06:50:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر بايقىشىم، تۈركىيەنىڭ بىر تور بېكىتى بارتى، ئىسلامىي قىسقا فىلىملەر بار. ئۆزۈم ھەممىسىنى چۈشۈرەي دېسەم چەت ئەل تور بېكىتى بولغاچقا سۈرئىتى بەك ئاستا، بەيدۇ بىلەن 360 نىڭ 离线下载  دېگەن ئىقتىدارىنى ئىشتىلىپ بېقىپ تور دېسكىسىغا چۈشۈپ بولغاندا ئاندىن چۈشۈرمەيمۇ دەپ، بەيدۇنىڭ بۇ ئىقتىدارىنى ئىشلەتسەم سۈرئىتى 50دىنمۇ ئاشالمىدى، 360 نى سىناپ باقسام ھەر سېكونتىغا3-5 Mb لىق سۈرئەت بىلەن تور دېسكىسىغا بىردەمدە چۈشۈرۈپ بولدى. 360 نېمىشقا چەتئەل تور بېكىتىدىكى نەرسىنى شۇنداق تىز چۈشۈرگەندۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47175
يازما سانى: 302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4662
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 3959 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 10:03:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمسە تۇر  دىسكىسى تارقاتقۇچىلار تو دىسكىسدىن قانداق نەپ ئالدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97836
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 144
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-9-14
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 03:08:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنچە بۇ خىل ئەندىزە بىزگە ھىچقانداق تەسىر قىلاممايدۇ.ئورگان تەرەپ مەن يوللىغان نەرسىلەرنى ساقلىۋىلىپ كىين بېرەمدۇ نىمە كارىم.مەن ئىشلەتكەندە كارغا كەلسە بولدى ئەمەسمۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش