ۋاڭ دافاڭ
ھونلار جۇڭگۇنىڭ شىمالىدا ئەڭ بۇرۇن كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىمپىريىسىنى قۇرغان مىللەت.ھونلارنىڭ قۇدرەتلىك ئاتلىق قۇشۇنى بۇلۇپ،ئۇلار شىمالىي يايلاقلاردا دەۋران سۈرۈپ،جۇڭگۇ ۋە دۇنيا تارىخىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن.
ھونلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5-ئەسىردە باش كۆتۈرۈپ چىققان بۇلۇپ،ئۇلارنىڭ پاسىبانى «تەڭرىقۇت» (تەڭرىنىڭ ئەركىسى) دەپ ئاتالغان.تەڭرىقۇتنىڭ قول ئاستىدا 24 دەرىجە بويىچە ئەمەلدار تەسىس قىلىنغان بۇلۇپ،ھەر بىرسى 10 مىڭ چەۋەندازغا باشچىلىق قىلغان.
يېغىلىق،چىن،خەن سۇلالىرىدىن باشلاپ ھون چەۋەندازلىرى دائىم شىمالدىن جەنۇپقا يۈرۈش قىلىپ چوغاي تاغلىرى،خواڭخې دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى خەنزۇلار رايۇنىغا بېسىپ كىرىپ كەڭ-كۆلەمدە پاراكەندىچىلىك سېلىپ تۇرغان.ھونلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن يېغىلىق دەۋرىدىن تارتىپ چىن،خەن دەۋرىگىچە بولغان سۇلالىلەر شىمالدا كۆپ قېتىملاپ سەدىچىن سېپىلىنى ياسىغان. كېيىن خەنۋۇدى ئەسكەر چىقىرىپ،ھونلارنى مەغلۇپ قىلدى.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1-ئەسىردە ھونلار ئىككىگە بۈلۈنۈپ كەتتى.بىر قىسىم ھونلار جەنۇپقا كۈچۈپ خەن سۇلالىسى بىلەن دوستلۇق ئورناتتى.يەنە بىر قىسىملىرى غەرپكە كۈچۈپ ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان يايلاقلارنى بويلاپ،ياۋروپاغا قاراپ مېڭىپ،ئاستا-ئاستا ياۋرۇپاغا يېتىپ كەلدى.مىلادى 5-ئەسىرگە كەلگەندە ياۋروپاغا كۆچكەن ھونلار قايتا قۇدرەت تېپىپ،مىللىي قەھرىمانى ئاتىللا (406-453) نىڭ رەھبەرلىكىدە ھون ئىمپىريىسىنى قۇردى.كاسپىي دېڭىزىدىن بالتىق دېڭىزىغىچە ۋە رېيىن دەرياسى بويلىرىغىچە بولغان جايلار ھونلارنىڭ ئىلكىدە بۇلۇپ،شەرىقى ۋە غەربىي رىم ئىمپىريىسى ئۇلارغا مەجبۇرىي ئولپان تاپشۇراتتى.بۇ ھون ئىمپىريىسىنىڭ تازا گۈللەنگەن دەۋرى ئىدى.مىلادى 451-يىلى ھونلارنىڭ بۈيۈك قۇشۇنى رېيىن دەرياسىدىن ئۈتۈپ گاللىيە،ئىتالىيىگە ھۇجۇم قىلىپ،غەربىي رىملىقلارنى نۇرغۇن ئالتۇن بىرىپ سۈلھى تۈزۈشكە قىستىدى.بۇ چاغدا ھونلارنى رىملىقلار «تەڭرىنىڭ قامچىسى» دەپ ئاتىغانىدى.بۇ تولىمۇ ۋەھىمىلىك گەپ ئىدى.مىلادىيە 453-يىلى ئاتىللا ۋېنگىريىدىكى بازىسى باننونىيىدە كېسەل (ئەمىليەتتە زەھەرلەندى-مەندىن) بىلەن ۋاپات بولدى.شۇنىڭدىن كىيىن ھون ئىمپىريىسى تىز سۈرئەتتە پارچىلىنىپ كەتتى.ئۇزۇن ئۆتمەي غەربىي رىم ئىمپىريىسى گىرمانلار تەرپىدىن ھالاك قىلىندى.ياۋروپادىكى ھونلار بۈگۈنكى كۈندە ۋېنگىرىيە ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمى بۇلۇپ قالدى.
بىپايان ئىچكى موڭغۇل يايلاقلىرى ھونلارنىڭ ئانا ماكانىدۇر. «تارىخىي خاتىرىلەر،ھونلار تەزكىرىسى» دە ھون تەڭرىقۇتلىرىنىڭ «ھەر كۈنى سەھەردە قارارگاھىدىن چىقىپ كۈنگە،ئاخشىمى ئايغا تەزىم قىلىدىغان» ئادىتى بارلىقى قەيىت قىلىنغان.ئىچكى موڭغۇلدىكى چوغاي تاغلىرىنىڭ تىك قىيالىق چوققىلىرىدا ھونلار ئويۇپ سىزغان كۈن ئىلاھى بىلەن ئاي ئىلاھى تەسۋىرلەنگەن قىيا تاش رەسىملىرى ساقلانماقتا.ھونلار لەشكىرىي يۈرۈشكە ئاتلانغاندا ئاي تولغاندا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇمغا ئۆتكەن،ئاي تۇتۇق بولغاندا ھەركەت قىلمىغان.«تارىخىي خاتىرىلەر،ھونلار تەزكىرىسى» دە ھونلارنىڭ يايلاقلاردا تۇرمۇش كەچۈردىغانلىقى،گۆش بىلەن سۈتنى ئۇزۇق قىلدىغانلىقى،كالا،ئات،قويلارنى بېقىپ سۇ،ئوت قوغلىشىپ كۈچۈپ تۇردىغانلىقى،چېدىر تىكىپ ماكان تۇتىدىغانلىقى،بەدىنىگە ھىم كېلىدىغان تېرە كىيىملەر ۋە ئۇزۇن قونجىلۇق ئۈتۈك قاتارلىق « ئوغۇزچە كىيىم-كېچەك» لەرنى كىيدىغانلىقى قەيىت قىلىنغان. ھونلار ئات مېنىپ ئوقيا ئېتىشقا ناھايىتى ماھېر بۇلۇپ،ئوغۇللىرى 4-5 ياشقا كىرگەندىلا قوي مىنىپ ئوڭيا بىلەن ئۇچار قۇش ۋە چاشقانلارنى ئوۋلايتتى،ئون نەچچە يېشىدىلا چەۋەندازلار قۇشۇنىغا قاتنىشاتتى.ئاياللىرى قۇشۇن بىلەن بىللە يۈرۈپ ئارقا سەپ لاۋازىمەت ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن.چارۋا-ماللارغا قارىغان،چېدىر تىككەن. شۇڭا،گەرچە ئۇلارنىڭ ئادىمى ئاز بولسىمۇ،ئەمما،ناھايىتى قۇدرەتلىك ۋە جەڭگىۋار ئىدى.بۇلۇپمۇ ئۇلار ئات مېنىپ ئوقيا ئېتىشقا ناھايىتى ماھىر بۇلۇپ جاپا-مۇشاقەتلەرگە چىداملىق ئىدى.ئۇلارنىڭ بۇنداق ئەنئەنىسىگە كىيىنچە موڭغۇللار ۋارىسلىق قىلدى ھەم ئۇنى جارى قىلدۇردى.
ھونلار يولۋاس بىلەن بۈركۈتكە چوقۇنغاچقا يولۋاس يۇلتۇزى تۇرۇشلۇق شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزلار تۈركۈمىنى ئۇلۇغلايتتى.قىممەت باھالىق ئالتۇن بىزەكلەرگە قەھىرىلىك يولۋاس ۋە بۈركۈتلەرنىڭ ئوبرازىنى ئۇياتتى.
ئىچكى موڭغۇلنىڭ يىغېچۇ ئايمىقى خاڭجېن خۇشۇتىدىكى ئارۇ سەيدىن قۇملۇقىدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە بىر قېتىمدىلا ھونلارنىڭ ئالتۇن،كۈمۈش بىزەكلىرىدىن 233 ى تېپىلغان.بۇ تېپىلمىلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىرگە تەئەللۇق بۇلۇپ،ھون ئاقسۆڭەكلىرى ۋە ھون تەڭرىقۇتلىرىنىڭ بۇيۇمى ئىكەن. بۇ قېزىلمىلار بۈركۈت شەكلى چۈشۈرۈلگەن ئالتۇن تاج،ئالتۇن كەمەر، يولۋاس بىلەن بۇقىنىڭ ئېلىشىۋاتقان كۆرۈنىشى نەقىشلەنگەن ئالتۇن بېزەك بۇيۇمى ھەم ئات،بۇقا،قوچقار،كىرپە،يولۋاس قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ئوبرازى چۈشۈرۈلگەن ئالتۇن،كۈمۈش بېزەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئالتۇن تاج ھازىرغا قەدەر ئېلىمىز ۋە چەتئەللەردە بايقالغان بىردىنبىر ھون تەڭرىقۇتىنىڭ تاجىدۇر.ئومۇمىي ئېغىرلىقى 1394 گىرام بۇلۇپ،تاج چوققىسى ۋە پىشانە چەمبىركىدىن تەركىب تاپقان،تاج چوققىسى يېرىم شار شەكللىك بۇلۇپ،ئۈستىگە پەر قېقىپ ئۇچۇش ئالدىدا تۇرغان بۈركۈتنىڭ ئوبرازى قوندۇرۇلغان.بۇ ھون خاقانىنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يايلاققا نەزەر سېلۋاتقان پادىشاھقا خاس ئوبرازىغا سىمۋول قىلىنغان.ئالتۇندىن ياسالغان بۈركۈتكە يېشىل تاشتىن باش ۋە بويۇن چىقىرىلغان بۇلۇپ قۇيرۇقى ھەركەتلىنىدۇ. ئالتۇن تاجنىڭ پېشانە چەمبىركى ئۈچ ئالتۇن كەمەردىن تەركىب تاپقان بۇلۇپ،ھەر بىر كەمەرگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ياتقان يولۋاس،ياتقان قوي ۋە ياتقان ئاتنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن.شۇ ئارقىلىق يايلاقلاردا ياشايدىغان ھونلار دائىم كۆرۈپ تۇردىغان ھايۋاناتلارنىڭ ئوبرازى يارتىلغان.
يەنە ئالايلۇق،ئالتۇن تاجقا ماسلاشتۇرۇپ ياسالغان يولۋاس بىلەن بۇقىنىڭ ئېلىشىۋاتقان كۆرنىشى نەقىشلەنگەن ئالتۇن بېزەك جەمئىي تۆت پارچە بۇلۇپ،ھون تەڭرىقۇتلىرى ئۇنى كۆكرىكىگە تاقىغان بۇلۇشى مۇمكىن،بۇ ئالتۇن بېزەككە يولۋاس بىلەن بۇقىنىڭ ئېلىشۋاتقان كۆرۈنىشى ئۇيۇپ چىقىرىلغان.ئالتۇن بېزەكنىڭ ئوتتۇرسىدا ناھايتى كۈچتۈڭگۈر بىر بۇقىنىڭ تۇرغانلىقى،تۆت قەھىرلىك يولۋاسنىڭ بۇقىنىڭ بۇيۇن ۋە بېقىنىنى چىشلەۋاتقانلىقى،بۇقىنىڭ يولۋالار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشۋاتقانلىقى،بۇقىنىڭ بىر جۇپ ئۇچلۇق مۈڭگۈزىنىڭ بىر يولۋاسنىڭ قۇلقىغا كىرىپ كەتكەنلىكى تەسۋىرلىنىپ،ھونلارنىڭ ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەيدىغان روھىغا سىمۋول قىلىنغان.يايلاقلاردىكى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يەپ كېتىدىغان بۇ خىل تەبىئىي تاللاش ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن زىننەت بۇيۇملىرى «يىرتقۇچ ھايۋانات ئۇسلۇبى» دەپ ئاتالغان بۇلۇپ،ئۇنىڭ خەلىقئارادىكى تەسىرى ناھايىتى زور بولغاچقا، نۇرغۇن داڭلىق موزېيلار بۈ تۈردىكى بېزەكلەرنى يىغىپ ساقلاۋاتىدۇ.
ئەمما ئۇلارنىڭ ھىچقايسىسى نەپىسلىك جەھەتتە ئىچكى موڭغۇلدىن تېپىلغان بۇ تۆت ئالتۇن بېزەكتەك كۆركەم ھەم رىۋايەت تۈسىگە ئىگە ئەمەس.ئىچكى موڭغۇل رايۇنىدىن يەنە مىستىن ياسالغان يولۋاس، قوچقار،بۇغا قاتارلىق ھونلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى ئەكىس ئەتتۈردىغان مېتال بۇيۇملار تېپىلدى.ھەربىي يۈرۈش قىلۋاتقان ئاتلىق ھون چەۋەندازلىرىنىڭ ھەيكىلىمۇ بايقالدى.بۇ ئاددى-ساددا چەۋەندازلارنىڭ مىس ھەيكىلى ھون لەشكەرلىرىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشۈنۋېلىشىمىزنى ماددىي پاكىتلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
ئىچكى موڭغۇلدىكى باۋتۇ شەھرىنىڭ ماچى كەنتىدىن «تەڭرىقۇت بىلەن دوسىت بۇلدۇق»،«تەڭرىقۇت تەڭرى يولىنى تۇتتى» دىگەندەك خەنزۇچە خەتلەر ئۇيۇلغان فار-فۇر بۇيۇملار تېپىلدى.بۇ جەنۇبىي ھونلار بىلەن خەن سۇلالىسىنىڭ دوستانە مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ ماددىي ئىسپاتىدۇر.خەن سۇلالىسى بىلەن ھونلار دوستانە مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن شىمالىي قىسىمدىكى يايلاقلار ۋە چۇغاي ئېتەكلىرىدە «ئات-كالىلار يايلار خىرامان،چىگرا يۇرتى بولغاچقا ئامان»،«ئۆتتى سانسىز يىللار قانچىلاپ،تۇرلاردىن بەلگىلەر كۆرۈنمەس ھامان» دىگەندەك تىنىچلىق مەنزىرىسى شەكىللەندى.ھون مىللىتى قەدىمكى جۇڭخۇا مەدەنيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان.
خەنزۇچە «يىپەك يولى» ژورنىلىنىڭ 2000-يىللىق 1-سانىدىن ئۆمەرجان ھەسەن بوز قىر تەرجىمە قىلدى.
مەنبە:مۇنبەر ژورنىلىنىڭ 2002-يىللىق 2-سانى
مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئېلكىتاب نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادىرىسى:
http://ishare.iask.sina.com.cn/f/38111526.html