دوست دىگەن نىمە؟
دوست دىگەن نىمە؟
بۇ دوست دىگەن سۆزقارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنگىنى بىلەن،لىكىن بۇمەسئۇلىيەتنى ئۆزئۈستىگەئالغان ئادەمگەنىسبەتەن بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ناھايىتى قىيىن.
مىنىڭچە،دوستلۇق-دوست دەپ قارىغان ئادەم ئۈ چۈن جىنىنى پىدا قىلىش،دوستنى يامان يولدىن توسۇپ،ياخشى يولغاباشلاش،دوستنىڭ بىشىغا كۈن چۈشكەندە ئۇنىڭغاسايىۋەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەرئىلىش، دوستنىڭ قايغۇسىغاتەڭ قايغۇرۇ پ،يىغىسنى تەڭ يىغلاش،خۇشال بولغاندائۇنىڭ خۇشاللىقىغاجۆربولۇش،ھەرقانداق چاغدا دوستىنىڭ ئىناۋىتىگەتەسىريىتىدىغان گەپ-سۆز،ئىش-ھەركەتلەرنى قىلماسلىق، دوستىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىش، دوستى بىلەن جاپادىمۇ،راھەتتىمۇ بىللە بولۇش،دوستىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاقلاش دىگەنلىكتۇر.
بۇ دوستلۇقنىڭ مۇكەممەل تەبىرى بولالماسلىقى مۆمكىن.لىكىن ھىچ بولمىسادوستلۇق ھەققىدىكى تەبىرنىڭ مەلۇم تەركىبى قىسمى بولالايدىغانلىقى ئىنىق.
يۇقىرىقى مەسئۇلىيەتنى ئۆزئۈستىگەئالغان ئادەم ئۈچۈن، بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماق ناھايىتى قىيىن.بۇنىڭ ئۈچۈن ئىغىربەدەل تۆلەشكەتوغراكىلىدۇ.بىرچاغدا بىر قىز ئۆزىنىڭ ناھايىتتى خۇشال ئىكەنلىكىنى ئىيىتتى.مەن نىمە ئۈچۈنلىگىنى سورىغىنىمدا ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ كۈنى نۇرغۇن دوست تاپقانلىقىنى، شۇڭاخۇشال بولغانلىقىنى ئىيىتتى. مەن ئۇنىڭغاتونۇشقان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دوست بولۇۋەرمەيدىغانلىقىنى،دوستلۇققايارايدىغان ئادەملەرنى ئاندىن دوست تۇتۇش كىرەكلىگىنى ئىيىتتىم.
ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ خۇشاللىق ئىش سەمىمىي دوستلۇققائىرىشىش،ئەڭ ئازا پلىنارلىق ئىش دوستىدىن ئايرىلىپ قىلىش بولسا كېرەك.
دوستلارئارىسىدا ھەممەئىش بىر- بىرىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولىۋەرمەسلىگى مومكىن. شۇڭابەزىدە دوستلارئارىسىدىمۇسەل كۆڭۈل ئاغرىقى بولىدىغان گەپ-سۆز، ئىش-پائالىيەتلەربولۇپ قالىدۇ. ئاشۇنداق چاغدادوستلاركەڭ قورساق، ئەپۇچان بولۇشى، ھەرگىزمۇ ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن دوستلۇقنى بۇزماسلىقى ،دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كىرەك.
دوستلۇق ئىنسان ھاياتىدا كەم بولسابولمايدىغان موھىم نەرسە.ھەقىقى دوستلۇق مىھرىنى بىرەلەيدىغان ، دوستلۇق مەسئۇليىتىنڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئادەملەرلائاندىن ھەقىقى دوستلۇققايارايدۇ. ئاشۇنداق ئادەملەرئۈچۈن ھەرنىمەقىلسائەرزىيدۇ.
بىز ھەممىمىز دوستقا مۇھتاجمىز .شۇڭا دوست تۇتقان ۋاقتىمىزداقارا-قويوقلا ھەممىسىنى دوست تۇتىۋەرمەسلىكىمىز، دوستلۇققا يارايدىغان،ۋاپادار،كۆيۈمچان،ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنى تاللاپ دوست تۇتىشىمىزكېرەك.دوست تۇتۇپ بولغاندىن كىيىن كەڭ قورساق ،ئەپۇچان،ئىغىر-بىسىق بولۇپ،دوستلارنىڭ كۆڭلىنى ئايىشىمىز،دوست كۆڭلىنى چۈشىنىشىمىز،ھەمدەمدە بولىشىمىزكېرەك.
قىسقىسى ،ھەرقاچان دوستلۇق مەسئۇلىيتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولىشىمىز كېرەك.
ھەممەيلەنگە سادىق،كۆيۈمچان، ئاقكۆڭۈل،ۋاپاداردوستلار يار بولسۇن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقۇت511 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-19 09:28 PM