ogdulmux يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 01:31 PM 
بۇ تىمىنى يۇللۇغۇچى ،مەھزۇن ، قىرىندىشىمىزەغا چىن كو ...
ئالدى بىلەن ئىنكاسىڭىزغا رەھمەت، قوللىغىنىڭىزغا ھەم كۆپ رەھمەت. ئەمما تالىبان ھەققىدە يېتەرلىك ۋە ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئىگە بولماي تۇرۇپ، ئۇلار ھەققىدە بىر نىمە دېيىش ئانچە ئاقىلانىلىك ئەمەس دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ھازىرقى مېدىيەلەرنىڭ مىڭە يۇيۇش رولى بەزى ھاكىمىيەتلەردىن قىلىشمىغۇدەك دەرىجىگە يەتتى. شۇڭا خاتا ھۆكۈم قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنالماسلىقىمىز مۇمكىن.
تالىبانلارنىڭ ھىچبولمىسا يېتەرلىك ھەربىي كۈچى ۋە سىياسىي غايىسى بار، ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بىزدىكى قىسمەن كىشىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ كەينىدىن قارىقويۇق ئەگىشىشتىن باشقا نىشانى يوق، ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلغۇدەك ئىقتىدارى تېخى يوق. شۇڭا باشتا شۇلارغا كۆڭۈل بۆلسەكمىكىن.