مەن بۇ دەرسلىكنى 2009-يىلى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كومپيۇتېر دەرىجە
ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەيۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ مەخسۇس مۇشۇ ئىمتىھانغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەر بۇيىچە
OFFICE 2003 تىن دەرسلىك تۈزۈپ قويغان ئىدىم ، ئۇ ۋاقىتلاردا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا تور پۈتۈنلەي تىزگىنلەكلىك بولغاچقا تورغا چىقىرىشقا ئىمكان بولمىغان ئىدى، كېيىن تور ئېچىلغاندا بولسا تور سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىقى تۈپەيلى يەنىلا يوللاشقا مۇمكىن بولماي كەلگەن، مانا ئەمدى 12m لىق تورنىڭ راھىتىنى كۆرۈپ ئولتۇرغان مۇشۇ پەيتلەردە بۇنى يوللاشنىڭمۇ پۇرسىتى كەپتۇ.
بۇ دەرسلىك مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار كومپيۇتېر ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، ئىمتىھانغا قانداق تەييارلىق قىلىش، قەيەرنى ئۆگىنىش، قانداق ئۆگىنىش ھەققىدە تەرتىپلىك، سىستېمىلىق تەييارلانغان، دەرسلىك تۈزۈشكە كەتكەن ئومۇمى ۋاقىت بىر ھەپتە.
بۇ قىسىم دەرسلىكىمىزدە سۆزلەنگەن مەزمۇنلار ئاساسلىقى تۆۋەندىكىچە:
1. Office يۇمشاق دىتالىنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە ئۇنى قاچىلاش،
Word تا يېزىق بىرتەرەپ قىلىش، سۈرەت، ئالاھىدە ھەرىپ-بەلگە، ھەرخىل شەكىل ، جەدىۋەل قىستۇرۇش، بەت قېشى ۋە بەت ئاستى لايىھەلەش، بەت نومۇرى ۋە چىسىلا قىستۇرۇش، ئۇلىنىش ۋە خەتكۈچ قىستۇرۇش، دىئاگرامما لايىھەلەش، ماتېماتىكىلىق فورمىلالارنى
ئەپچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش، سېخىما لايىھەلەش، سۇ باسما لايىھەلەش، كۆپ قۇرلۇق تېكىستلەرنى تېز بىر تەرەپ قىلىش ۋە تەھرىرلەش، تېكىستكە پاسۇن لايىھەلەش، يۇشۇرۇن ھۆججەتلەرنى
ئىزدەش، فورمات چوتكىسىنى ئىشلىتىش،... قاتارلىق Wordتىكى ئاساسلىق بىلىملەر
Excel ،
PowerPoint لاردا ئورتاق ئىشلىتىلدىغان قوراللار
ئاۋازلىق ، ھەرىكەتلىك ھالدا تەپسىلىي ۋە سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈلدى .
2. Excel دا يېزىقلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش، جەدىۋەل لايىھەلەش، بەت لايىھەلەش، جەدىۋەلگە سۈرەت، ئالاھىدە ھەرىپ-بەلگە، ھەرخىل شەكىل، ئۇلىنىش قىستۇرۇش، بەت قېشى ۋە بەت ئاستى لايىھەلەش، دىئاگرامما لايىھەلەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش، ھەرخىل فۇنكىسىيە (فورمىلا ) دىن پايدىلىنىپ ھېسابلاش، سىتاتىستىكا قىلىش، ھۆكۈم قىلىش... قاتارلىقلارنى تېز ھەم توغرا بىر تەرەپ قىلىش، كىملىك نۇمۇرىغا ئاساسەن تۇغۇلغان ۋاقتى، يېشى، جىنسىغا ھۆكۈم قىلىش ۋە ئايرىپ چىقىش، ئوقۇغۇچىلار نەتىجىسىنى ھەر خىل ئۇسۇلدا تاللاش ۋە تاسقاش، جەدىۋەلدىكى خالىغان رايۇننى قوغداش، Excel ھۆججىتى بىلەن Word ھۆججىتىنى ئۆز ئارا پوچتىلاپ (باغلاپ ) سانلىق مەلۇماتنى ئاپتۇماتلاشتۇرۇش، ... قاتارلىق مەزمۇنلار ئوخشاشلا ئاۋازلىق ، ھەرىكەتلىك ھالدا تەپسىلىي ۋە سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈلدى .
3. PowerPoint تا پىلاستىنكا لايىھەلەش، تەگلىك ئۆزگەرتىش، يېزىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش، سۈرەت، ئاۋاز، فىلىم، فىلاش، ئالاھىدە ھەرىپ-بەلگە، ھەرخىل شەكىل ، جەدىۋەل قىستۇرۇش، دىئاگرامما بىر تەرەپ قىلىش، پىلاستىنكا ئالمىشىش ئۈنۈمى ۋە يېزىق، سۈرەت، بەلگىلەرگە ھەركەت ئۈنۈمى بەلگىلەش، پىلاستىنكىلار ئارا ۋە سىرتتىكى ھۆججەتلەرگە ئۇلتىرا ئۇلىنىش بەلگىلەش قاتارلىق مەزمۇنلار ئاۋازلىق ، ھەرىكەتلىك ھالدا تەپسىلىي ۋە سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈلدى .
4. Outlook دىن پايدىلىنىپ كۆرسىتىلگەن ئېلخەت( Email ) ئادرىسىغا ئۆزى ئىشلىگەن ھۆججەتلىرىنى قوشۇش ۋە يوللاش-ساقلاش قاتارلىق مەزمۇنلار ئاۋازلىق ، ھەرىكەتلىك ھالدا تەپسىلىي ۋە سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈلدى .
5. Office بىلىملىرىدىن باشقا يەنە كومپيۇتېرنى يېڭىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ۋە كومپيۇتېر ئىمتىھانىغا قاتناشقۇچىلار ئۈچۈن دەسلەپكى ئاساس بىلىملىرى، سىستېما ئاسراش، گۈزەللەشتۈرۈش، بىر قىسىم يۇمشاق دىتاللارنى ئىشلىتىش ساۋادى، توردىن
ناخشا،
كىنو، ھۆججەت
چۈشۈرۈش ئۇسۇلى ، تور بانكىسى ئارقىلىق توردا تېلىفۇنغا پۇل تاپشۇرۇش، توردا پۇل يۆتكەش، توردا مال سېتىۋېلىش ساۋاتلىرى، سىستېمىنى Ghost قورالى ئارقىلىق زاپاسلاش ۋە زاپاسلاپ قويغان ھۆججەتنى ئەسلىگە قايتۇرۇش بىلىملىرى، كومپيۇتېرغا سېلىنغان مەخپى نۇمۇرنى ئۇنتۇپ قالغاندا ئۇنى يېشىشنىڭ كۆپ خىل ئۇسۇلى قاتارلىق مەزمۇنلار ئاۋازلىق، ھەرىكەتلىك ھالدا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلدى .
6. دەرسلىككە ماسلاشتۇرۇلۇپ، 4 يۈرۈش كومپيۇتېر نەزىرىيە ئىمتىھان
سۇئالى، 7 يۈرۈش ئەمەلىيەت ئىمتىھان سۇئالى تەمىنلەندى ( شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئوتتۇرا-
باشلانغۇچمەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كومپيۇتېر سەۋىيسىنى سىناش ئىمتىھانىغا تولۇق ماسلاشقان تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى ) .ئۇنىڭدىن باشقا يەنە BIOS تەڭشەشنى تەقلىدى ئۆگىنىش سىستېمىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار
قانۇنىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى قاتارلىقلارمۇ بىرگە تەمىنلەندى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ماتىرىياللارمۇ بار، مۇندەرىجىنى ئېچىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ .
بۇ قېتىم يوللىنىدىغان دەرسلىك Excel دەرسلىكى، تۈرلۈك مۇھىم قوللىنىشچان فورمىلا، پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى، كومپيۇتېر نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت ئىمتىھان ماتىرىياللىرى، پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى بولۇپ، باشقا دەرسلىكلەر داۋاملىق تارقىتىلىدۇ، دىققتىىڭلار روھلان تور بېكىتىدە بولسۇن.
چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://down.rohlan.com/excel-bilim.aspx
بۇ دەرسلىك ھەر قانداق تور بېكەتتە ھەقسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىلسا بولىدۇ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كومپيۇتېر ئىمتىھانىدىن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىگە ئازراق پايدىسى بولسىلا روھلان تور بېكىتى شۇنىڭدىن خوشاللىق تاپىدۇ.
تارقىتىلىغان مۇناسىۋەتلىك دەرسلىك:
Word ئۆگىنىش ئۇيغۇرچە دەرسلىكى (ھەقسىز)
http://bbs.rohlan.com/thread-26382-1-1.html
PowerPoint ئۆگىنىش ئۇيغۇرچە دەرسلىكى (ھەقسىز)
http://bbs.rohlan.com/thread-26484-1-1.html