|
|
|
|
ئالتۇن زىبۇ- زىننەت ئالايمۇ ؟ خام ئالتۇنمۇ ؟
بىر قىسىم دوسىتلار چ چ ياكى ئۈندىداردا ئۇچۇر يوللاپ ئالتۇن باھاسى چۈشۈپ كەتكەچكە ئالتۇنغا مەبلەغ سىلىپ قۇيۇش ئويى بارلىقىنى شۇڭا زىبۇ -زىننەت سىتىۋالساقمۇ بولامدۇ ؟ دىگەن سۇئاللارنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپتۇ . مەن بۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرىپ ئۆتەي ؛
ھازىر تاۋارلار ئىچىدە ئالتۇن ئۆز قىممىتىنى تۇتۇپ تۇرالايدىغان ئالاھىدە بۇيۇم . گەرچە ئالتۇن باھاسى چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ سىتىۋىلىپ ساتسىڭىزمۇ كۆپ ئارقىغا يانمايدۇ . ئالتۇندىن باشقا تاۋارلارنى بىر ھەپتىدىن كىيىن ساتسىڭىز سىز ئالغان پۇلنىڭ يىرىمىغىمۇ ئالمايدۇ .زىبۇ -زىننەت ئالسىڭىزمۇ پۇل لازىم بولۇپ سىتىپ قالسىڭىز شۇ سىز ساتقان ۋاقىتتىكى بازار باھاسىدىن ھەر گىرامىدا 20--30 يۈەنگىچىلا پەرق بولىدۇ .
دىمەك سىز 10 گىرام ساپ %99 زىبۇ -زىننەتنى ھازىرقى بازار باھاسى بويىچە 2700 يۈەنگە سىتىۋالسىڭىز دەماللىققا سىزگە پۇل لازىم بولۇپ قىلىپ ساتسىڭىز بازار باھاسى سىز ئالغان ۋاقىتتىكى باھا بىلەن ئوخشاش بولسا 2500 يۈەنگە ساتالايسىز . 10 گىرام زىبۇ -زىننەتتە 200 يۈەنلا زىيان تارتىسىز دىگەن گەپ . ( شۇ سىز سىتىۋالغان زىبۇ -زىننەت قانچىلىك بۇزۇلۇپ كونىراپ كەتسۇن يەنىلا ساتسىڭىز شۇ ۋاقىتتىكى بازار باھاسىدىن ھەر
گىرامىدا 20--25 يۈەنگىچە پەرىقلا بولىدۇ . كۆپتۈرمە زىبۇ -زىننەتلەر بۇنىڭ سىرتىدا )
قىسقىسى پەقەت ئىش ھەققىنىلا زىيان تارتىسىز باشقا تاۋارلار ۋاقىت ئۇزارسا ياكى كونىراپ بۇزۇلۇپ كەتسە قىممىتنى يۇقتىدۇ . بىراق ئالتۇن زىبۇ -زىننەت ئۇنداق ئەمەس . قانچە كونىراپ ياكى بۇزۇلۇپ كەتسۇن ئىش ھەققىنى چىقىرۋىتىپ خام ئالتۇن نەرقىدە ساتالايسىز .
ئىشىنچە پۇلىڭىز ئاز بولسا ئالتۇن زىبۇ -زىننەت ئىلىپ قۇيۇڭ . ناۋادا ئىشىنچە پۇل كۆپرەك بولۇپ ئالتۇنغا مەبلەغ سىلىپ قۇيۇش نىيتىڭىز بولسا خام ئالتۇن ئىلىپ قۇيۇڭ . چۈنكى زىبۇ -زىننەتنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىغا مۇئەييەن جەريان كىتىدۇ . شۇنداقلا ئىش ھەققى قۇشۇلىدۇ . خام ئالتۇننى زىبۇ -زىننەت قىلىپ ئىشلەش جەريانىغا تەننەرخ قۇشۇلىدۇ . ئادەتتە زىبۇ -زىننەت باھاسى خام ئالتۇن باھاسىدىن ھەر گىرامىدا 20---30 يۈەنگىچە يۇقۇرى بولىدۇ .
سىز ناۋادا ئالتۇنغا كۆپرەك مەبلەش سىلىشنى ئويلىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى خام ئالتۇن سىتىۋىلىپ ساقلاپ قۇيۇڭ . خام ئالتۇنغا ئىش ھەققى قۇشۇلمىغاندىكىن باھاسى مۇۋاپىق . بازار ئازراقلا ئاشسا پايدا كۆرۈلىدۇ .
مەنبە ؛ بىر مىسقال مۇنبىرى www.1miskal.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1miskal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-19 05:58 PM
|
|
|
|
|
|