ئەقىللىق ئەر ياشلىغىدىلا ئايالىنى قەدىرلەيدۇ بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 A a3 C! d# {, ~8 z
گۆھەرقىز ئىبرايىم
ئەر - ئاياللار ھەر بىر تال خىشى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قوپۇرۇلغان قەلئە ئىچىدىكى ھاياتى بىر -بىرىگە چىتىلغان ھاياتلىق يولىدا ھەمكارلاشقۇچى سەپەرداشتۇر. ئۇلار قۇرغان ئائىلە- ئۇلارنىڭ كۆڭۈل سىرلىرىنى تۆكىدىغان ئىللىق ماكانى، ئائىلە ئەزالىرى تەلپۇنىدىغان جەننەتتۇر. ئەر - ئاياللار بىر-بىرىگە مەرھەمەت ۋە مىھرى-مۇھەببەت نەزىرى بىلەن قارىسا، پۈتكۈل گۇناھلىرى بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدىن تۆكۈلۈپ كېتىدۇ، بىر -بىرىگە ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن بىلەن قاراپ، تىرناقنىڭ ئىچىدىن كىر ئىزلىسە ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ جەننەت كىشىنى مەنىۋىي جەھەتتىن ئازاپلاپ تىزىتىۋىتىدىغان دوزاققا ئايلىنىپ، ئىچىدىكى كىشىلەرنى ئازاپتىن راك قىلىۋىتىدۇ.
قىزلار قەلبىدىكى كىشىسىنى مۇھاببەت بۇلىغۇم؛ ئىشەچلىك يۆلەنچۈگۈم؛ بەخت بۆشۈگۈم، مەنىۋى تايانچىم، كەلگۈسى ئائىلەمنىڭ مەزمۇت تۈۋرۈكى، بەخت يۇلتۇزۇم ۋە مەڭگۈلۈك قوغدىغۇچۇم دەپ ئىشىنىپ ئۆز تەقدىرىنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ، بارلىقىنى ئائىلىگە بېغىشلاپ جان كۆيدۈرۈپ ، يىڭى ئۆيدىكى تۇرلۈك توساقلىرىنى يىڭىپ يىڭى تۇرمۇش مۇھىتىغا ماسلىشىپ يىڭى تۇرمۇش مەنزىلىنى باشلايدۇ. بۇ جەرياندا ئۇلار يىڭى ئائىلىدىڭىلەرنىڭ نازارەتلىك كۆزىدىن، تۇرلۈك تەنبىھلىرىدىن، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىتتىرىپ بىرىشى..... تۇرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا يىنىدىكى يولدىشىنىڭ قوللىشى ۋە مەدەت بىرىشىگە مۇھتاج بولىدۇ. بىر قىسىم يىگىتلەر بۇنى چۈشىنىپ، ئۆز تەقدىرىنى تاپشۇرغان قىزلارنى قەدىرلەپ، ئۇلارنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن يۈكسەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئىلىپ يىڭى ئائىلىسى ئۈچۈن مۈشكۈل ھايات كۈرەشلىرىگە شۇڭغۇپ كەتسە يەنە بىر قىسىم يىگىتلەر دەيۇزلەرچە ئەرلىك مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماستىن ئاتالمىش "خوتۇندىن قورقمايدىغان" ئەرلىك غورۇرىنى كۆرسىتىش ۋە "تومۇر تۇتقۇزماي كۆندۇرۋىلىش" ئۈچۈن ئايالىنى توي قىلغان كۈنىدىن باشلاپ ئۇرۇپ تىللاپ سىلكىپ خورلاپ، نامەھرەملەر بىلەن ئىچ-پەش تارتىپ، ئىبلىس يوللىرىدا قاتراپ، پايدا مەنپەت ھوقۇق ۋە بايلىق ئۈچۈن ۋاستە تاللاپ ئولتۇرماي ھەتتا نىكاھلاپ ئالغان ئايالىنى دەسمى سالىدۇ.
ئۆينىڭ ئۆرنىكى بولغان ئاياللار ئىرىنىڭ مۇھاببىتىدىن ئىبارەت بايلىغىغا ئىرشەلمەي ئەپسۇسلىنىش، ئۈمىدسىزلىنىش، ئازابلىنىش، نەپرەتلىنىش ئىچىدە پۇشمان دەرياسىغا سەكرەشكە مەجبۇر بولۇپ، دەردۇ ئەلەم ئازاپ ئىچىرە يۈرىگى سىسىپ، چىھرىدىن خاپىلىق ۋە قايغۇ ئەلەم قۇيۇلۇپ، كۈنلىرى ئازاپلىق چارچاش ئىچىدىلا ئۆتىدۇ دە بۇنىڭ بىلەن پۇتۇن بەدىنىدىكى ياخشى ھۈجەيرىلەر ئۆلۈپ ، ناچار ھۇجەيرىلەر كۆپىيىدۇ.
ئەلۋەتتە كىسەل بىر كۈندىلا پەيدا بولمايدۇ، كىسەلنىڭ پەيدا بولىشىدا روھىي ئامىل بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ. سىز دوختۇرخانىغا كىرگىنىڭزدە دوختۇرلارنىڭ "ئايالىڭىزنىڭ روھىي كەيپىياتى ياخشى بولسۇن، خاپىلىق كۆتۇرەلمەيدۇ" دەپ تاپىلاۋاتقىنىنى ئاڭلاپ ئاياللىرىدىن ئايرىلىپ قىلىشتىن ئەنسىرىگەن ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەرنىڭ كىسەل ئايالىنىڭ ھالىدىن سەمىمى ۋە چىن ئەقىدىسى بىلەن خەۋەر ئىلىۋاتقىنىنى ؛ ئۆلۈمگە بارسىڭىز "مىنىڭ دەردىمنى كۆپ تارتتىڭ، خاپىلىق بىشىغا چىقتى، بۇرۇن كىتىشىڭنى بىلسەم قەدىرلىمەسمىدىم، سىنىڭ جىنىڭغا مەن زامىن بولدۇم....." دەپ يىغلاۋاتقىنىنى؛ قەبرە بىشىدا : "بار قەدرىڭنى بىلمەپتىكەنمەن، سەن يوق بۇنداق سورۇقچىلىق تارتىشىمنى بىلسەم مەن ساڭا خىزمىتىمنى قىلدۇرماستىن، سىنىڭ ھالىڭدىن مەن خەۋەر ئالماسمىدىم....." دەپ يىغلاۋاتقان ئەرلەرنى ئۈچرىتىسىز.
ئۆلۈم ۋە كىسەلنى ئاللاھدىن كەلدى دەپ شۈكرى ئىيتىمىز، بىراق ئاللاھمۇ يارىتىشنى مەن ياراتتىم يارالمىشىڭ ئۆزەڭدىن دىگەنغۇ؟ ئەرلەرنىڭ ئازاۋى ئۆلۈمگە سەۋەپ بولمىسىمۇ كىسەلنىڭ ۋاستىلىق سەۋەبى بولالايدىغۇ؟ تۇغرا، خۇددى ئەرلەر ئاغزىدىن چۈشۈرمىگەندەك كونىسى ئۆلسە يىڭىسى كۆپ، بىراق كىيىن كىرگەن ساھىپجاماللار ئۇ سىزگە قەدىناستەك كۆيىنەرمۇ؟ جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا، ئۇنىڭ قەستى سىزنىڭ پۇلىڭىز ۋە جەمىيەتتىكى كىشىلىك ئورنىڭىز تۇرسا، پۇلىڭىز تۈگەپ كىسەل كارۋىتىغا چىققىنىڭىزدا ئۇنى ئىزلەپ قارىسىنىمۇ تاپالامسىز؟ قەدىناسقا لازىمى سىزنىڭ سالامەتلەگىڭىز ، خاتىرجەملىگىڭىز ، رۇناق تىپىشىڭىز ۋە باللىرىنىڭ لاياقەتلىك دادىسى، شۇڭا ئۇ ھەتتا ئەزىز جىنىنىمۇ سىزگە قۇربانلىق قىلىشقا يارايدۇ. لىكىن سىز ئۇنىڭ قەدرىنى بىلمەيسىز، ئۇنىڭ ئەقىدىسىنى؛ دىيانىتىنى؛ تۆلىگەن بەدەللىرىنى كۆرىدىغان كۆزىڭىز خىزمەت ۋە ئويۇن تاماششا بىلەن ئالدىراش خالاس.
ئۇ پەقەت كىسەل بىلەن يىقىلىپ ياتقاندىلا ھۇشىڭىزنى تاپىسىز بىراق ئۆلگەندىن كىيىن ياسىن ئۇقىغاننىڭ نىمە پايدىسى؟ سىز ئۇنى خاپىلىقىڭىزغا ئەمەس خۇشال كۈلكىڭىزگە، ئازاپلىرىڭىزغا ئەمەس بەختىڭىزگە جۆر قىلىپ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئىلىپ مەنىۋىي دۇنياسىنى بىيىتسىڭىز ئۇ مۇشۇنداق بۇرۇن يىقىلارمىدى؟ سىزمۇ بەخىتلىك ئائىلىڭىزنىڭ ، سادىق ، مېھرىبان ئايالىڭىزنىڭ قەدرىگە يەتمىگىنىڭىز ئۈچۈن پۇشمان ئوتىدا ئۆرتىنەرمىدىڭىز؟ ئىغىر كىسەل راسخۇدى ۋە جۇدالىقتىكى غىرىپلىقتىقا قالارمىدىڭىز؟ باللىرىڭىزنىڭ قولىغا تەلمۇرۇپ، يىتىم بالىلار ۋە بىر ئائىلىنىڭ پۇتكۈل يۈكىنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئىلىپ ھىرىپ چارچاشقا قالارمىدىڭىز؟ بۇ ئۆلەم سىزنىڭ جاپالىق ، مۇشكۈل ۋە ئازاپلىق ھاياتىڭىزنىڭ باشلىنىشى ئەمەسمۇ؟ ۋاپادار ئايالىنى قۇل قىلىپ ياشىغان ئاتالمىش"خوتۇندىن قورۇقمايدىغان بايۋەچچىلەر" ئايالىنىڭ ئۆلىمى بىلەنلا كىيىنكى خوتۇننىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ، قىرىغاندا خارلىنىپ ، ياش ۋاختىدىن تارتىپ ئايالىنى قەدىرلەپ تەڭ ياشاپ تەڭ قىرىغان قەدىردانلارغا ھەۋەس قىلىپ، پۇشمان ئوتىدا كويۇپ ياشايدىغىننى كۆرمىدىڭىزمۇ؟
بۇ گەرچە بىر قىسىم ئەرلەر بولسىمۇ بىراق سىز ئەشۇ بىر قىسىم ئەرلەر قاتارىغا كىرىپ قالماڭ،
ياشلىغىدا ھەممىلا ئادەم ئۆز ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقالايدۇ، قىرىغاندا مۇھتاجلىق يامان. كىيىن كىسەل كارۋىتىدا ۋە قىرىپ پۇت -قولنىڭ ماغدۇرى قالمىغاندا خار بولۇپ قالماي دىسىڭىز ھازىردىن باشلاپ ئايالىڭىزنى قەدىرلەپ ياشاڭ.
مەنبە : ئۆز قەلىمىم