|
|
|
|
جەمئىيىتىمىزدە نۇرغۇن كىشىلەر بار جىسمى ساق ئەمما روھى ، مىيىپ ، يەنە بەزىبىر كىشىلىرىمىز بار جىسمى مىيىپ ئەمما روھى ئىنتايىن بېجىرىم ، بۇنداق كىشىلىرىمىزنى كۆرگەندە بىز ھەردائىم ئۇلارغا ئاپىرىن ئىيتماي ۋە ئۇلارنى قوللىماي تۇرالمايمىز !
تورداشلارغا مەلۇم ئۇيغۇر سەنئەت ئاسمىنىدا نۇرلۇق يۇلتۇزلار خىلى كۆپ بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزگىچە پارلاۋاتقان بىر قىسىم چولپانلىرىمىز بار ئۇلارنىڭ باشقىلاردىن پەرىقلىنىدىغان يىرى گەرچە كۆزى كۆرمىسىمۇ ئەمما قەلبى دۇنيانى رۇشەن كۆرىدۇ ، گەرچە جىسمى ئاجىز بولسىمۇ ئەمما روھى ئىنتايىن بىجىرىم ۋە ساغلامدۇر . چىمبۇلاق تورىدا دائىم يېڭى ناخشىلىرى ۋە قىزىقارلىق يۇمۇر - چاقچاقلىرى ئېلان قىلىنىپ تۇرىدىغان بىر سەنئەتكارىمىز بار. گەرچە كۆزى كۆرمىسىمۇ ئەمما كۆڭلى پۈتۈن جاھاننى كۆرىدىغان بۇ مىيىپ سەنئەتكارىمىز دەل - ئەزىمەت مۇھەممەد ، ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلىساق يۈرەك تارلىرىمىزنى چېكىدۇ ، ئۇنىڭ چاقچاقلىرىنى ئاڭلىغاندا ئىچ - ئىچىمىزدىن كۆلكە چىقىدۇ ، شۇنداق ۋاقىتلاردا بەلكىم ئۇنىڭ مىيىپ ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشىڭىز ھەتتا گۇمانلىنىشىڭىز مۆمكىن .
يېقىندا مىيىپلارنىڭ سەنئەت ئىشلىرىنى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن "ئەلنەغمە شىركىتى " نى قۇرۇپ ، مىيىپلار سەنئەت ئۆمىكى تەشكىللەۋاتقان ، ھەمدە 29- نويابىر سەنئەت يۇرتىدا بىر مەيدان سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزمەكچى بولىۋاتقان بۇ قەيسەر يىگىتنىڭ قانداق يۈرەك سۆزلىرى بارلىقىنى ئاڭلاپ باققىڭىز بارمۇ ؟ ئۇنداقتا دېققىتىڭىز تۆۋەندىكى فىلىمدە بولسۇن !
فىلىم مەزمۇنى ھوزۇرۇڭلار بولسۇن
رەسىملەر تۆۋەندىكىچە
چىمبۇلاق تور خىزمەتخانىسى
|
|
|
|
|
|